مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 989|ئىنكاس: 3

خۇرۇچلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94172
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 03:26:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.خىمىر تۇرۇچ-تەركىبى قىسمىدا.ئاقسىل.كاربون سۇبىرىكمىلىرى ۋە ۋىتامىنلار مول،مەزكۇر خۇرۇچتا مايلىق-مايسىز نان،يۈتازا،مانتا ۋە ھەرخىل ئۆي تائاملىرى.ۋە ھەرخىل پۇشۇرۇقلارنى تەييارلاشقا بولىدۇ،
2.مىۋە قىياملىرى-تورىت.پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلىقلارغا سىلىقلاپ ھەرخىل گۈل چىقىرىشقا ۋە ئۈستىەە سۈكەپ ھەرخىل شەكىلگە كەلتۈرۈشكە ئشلىتىلىدۇ،بۇنى يەنە بىۋاستە ئستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ،تۇرى كۆپ.ھەرخىل مىۋىلەرنىڭ شىرنىلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ئشلەپ چىقىرىلغان.
3.ھەرخىل يىمەكلىك رەڭلىرى-سۇيۇق ھالەتتىكى ۋە ئۇن ھالەتتىكى دەپ ئىككى تۈرگەبۆلىنىدۇ.يىمەكلىك رىڭى ئارقىلىق ھەرخىل تەملىك رەڭلەرنى.ۋە ھەرخىل رەڭلىك شەكىللەرنى چىقىرىشقا ،يىمەكلىكلەرنىڭ سىرتقى كۆرنىشىنى ھەرخىل رەڭگارەڭ كۆركەم قىلىشقا ئشلىتىلىدۇ،ئاساسلىق تەركىۋى ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىۋىلىنغان تەبىھى مەھسۇلات،
4.سىرىق ماي-ئۆسۈملۈك مىيىدا تەييارلانغان يىمەكلىك خام ماتىريال.مەزكۇر مەھسۇلات خۇشپۇراق .مىزلىك بولۇپ تەركىبىدىكى ماي ۋە ئاقسىل ئادەم بەدىنىگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ.پۇشۇرۇقلارغا ئشلىتىلدىغان مايلار .سىرىق ماي.سۇسىز سىرىق ماي.ئاق ماي.كات-كات ماي.خۇشپۇراق سىرىق ماي دەپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ.مايلارنىڭ ھەرخىل تۈرىگە قاراپ ئىشلىتىلىش رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.سىرىق ماي تەركىبىدە تۇز بولغان ۋە تۇز بولمىغان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ،تەركىبىدە تۇز بولمىغان سىرىق ماينىڭ تەمى ئۆزگىچە تاتلىقراق بولىدۇ.تەركىبىدە تۇز بولغان سىرىق مايلارنى ئشلەتكەندە پۇشۇرۇقلارغا قوشىدىغان تۇز مىقدارىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىش كىرەك. سۇسىز سىرىق ماينى پۇشۇرۇقلارغا ئىشلەتكەندە پۇشۇرۇقلارنىە تەركىبىدىكى .سۇ ۋە ماي مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىش كىرەك، سۇسىز سىرىق ماينى پۇشۇرۇقلارغا ئىشلەتكەندە ئاسان قىتىۋالمايدۇ.يۇمشاق ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا بولىدۇ ،
5.تاتافىن-ئاق رەڭلىك بولۇپ ئاساسلىقى تورىتلاردىكى تۇخۇم ئىقىنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .تۇخۇم ئىقىنىڭ ئىشقارلىقى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇنىڭ ئىشقارلىقى تىخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ.شۇڭا تۇخۇم ئىشلەتكەن يىمەكلىكلەرنىڭ ئاسانلام رەڭگى سارغىيىپتەمى ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ ،يىمەكلىكلەرگە تاتافىن قوشۇش ئارقىلىق پۇشۇرۇقلارنىڭ ئىشقارلىقىنى تەڭشەش .رەڭگىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
6.قوش كۆپتۈرۈش ئۇنى (پودافىن)-يىمەكلىكلەرنى تىز سۈرەتتە كۆپتۈرۈشرولىغا ئىگە.بۇ خۇرۇچ ئارقىلىق تىز سۈرەتتە بولدۇرماقچى بولغان يىمەكلىكلەرگە ۋە پۇشۇرۇقلارغا.ئۇن تائاملىرىغا.كۆپتۈرگۈچ.بولدۇرغۇچ رولىنى ئوينايدۇ.ئادەتتە كۆچتۈرۈش سۈرىتى تىز كۇچ ۋە ۋاقىتنى تىجەيدۇ.ئىشلەپ چىقارغان يىمەكلىكلەرنى تەبىھى يۇمشاق قىلىپ ئۆزگىچە تەم كىرگۈزۈش رولىغا ئىگە.
7.جىشىفىن- سۇس سىرىق.ئاق.رەڭدە بولۇپ.قويۇق سۈت پۇرۇقى ۋە مىۋە پۇرىقىغا .ئىگە.غەرىپچە تائاملارنى ۋە ھەرخىل تۈردىكى پۇشۇرۇقلارنى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.تەييارلانغان يىمەكلىكلەرنىڭ پۇرۇقىنى.رەڭگىنى.ئىلاستىكىلىقىنى. ئاشۇردىغان يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.ئۇنىڭ  يەنە يۇقىرى تىمپىراتۇرۈغا بەرداشلىق بىرىش خۇسۇسىيتىمۇ بار،
8.قوناق  ئۇنى كىراخمالى-بۇنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسيتى بولسا .بۇنىڭ ئالاھىدە ئىشلىتىلىشىنى بەلگىلىگەن.بۇنى ئپۇشۇرۇقلارغا ئىشلەتكەندە يىپىشقاقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.پۇشۇرۇقلار سوۋۇپ قالغاندىن كىيىنمۇ قىتىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،
9.ھەسەل-بۇ بولسا ساپ تەبىھى.ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتىريال.ئاساسلىق تەركىۋى بولسا گىلىكوزا.گۈل-گىياھ.ۋە مىۋىلەرنىڭ شىكىرى.بولغان ئاددىي بولغان مەھسۇلات.تەركىبىدە ھەتتاكى باشقا بەدەنگە پايدىلىق بولغان ئالاھىدە تەركىبلەر مۇجەسسەملەشكەن.كىلىش مەنبەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن .رەڭگى .تەمى .ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.بۇنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئوزۇقلۇق قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپىنچە مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدۇ،
10.ئۇن- ئۇنلار ئادەتتە بولكا ئۇنى.تورىت ئۇنى.1-دەرجىلىك ئۇن.2-دەرجىلىك  ئۇن.ئارپا ئۇنى.سىرىق.ئاق قوناق ئۇنى. دەپ بىرقانچىە خىلغا بۆلىنىدۇ،بولكا ئۇنى كۆپ ھاللاردا بولكا ئىشلەپ چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.قول بىلەن ئۇنى تۇتۇپ  قويۋەتكەندە دەرھاللام ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ تارقىلىدۇ.ئادەتتە تەييار بولغان خىمىرنىڭ قولغا چاپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، 1-دەرجىلىك ئۇن بۇ  ئادەتتە ھەرخىل ئۇن تائاملىرى پۇشۇرۇق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ،بۇ ئۇن ئادەتتە ئۇننىڭ جەۋھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،2-دەرجىلىك  ئۇن ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن تورت.پىچىنە-پىرەنىك.قاتارلىقلارنى ياساشتا ئاساس قىلىنىدۇ،قول بىلەن سىقىپ قويۋەتكەندە كاللەك ھاسىل قىلىدۇ.ئاسان چىچىلمايدۇ،
11.شىكەر ئۇنى-بۇ ئادەتتە شىكىەرنى خام ماتىريال  قىلغان ئۇششاق ئۇن ھالەتتىكى بىرخىل ماتىريال  بولۇپ.بۇنۇڭغا 3پىرسەنىت كىراخمال قوشۇپ كاللەكلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.ئادەتتە يۇمشاق بولغان  پۇشۇرۇقلارغا ئىشلىتىلىدۇ،
12.ئۇششاق شىكەر-ئادەتتىكى شىكەرگە قارىغاندا دانچىسى ئۇششاق كىچىك بولىدۇ.بۇ غەرىپچە پۇشۇرۇقلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇن بىلەن ئارلاشتۇرغاندائاسان ئىرىيدۇ.پۇشۇرۇقلاردىكى ماي تەركىۋىنى ئۆزىگە سۈمۈرۋالىدۇ.ئۇنىڭ كوپتۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى.
12.قارا شىكەر-بۇشىكەردە قىنىق بولغان ھەسەلنىڭ رەڭگى پۇرۇقى بار.ئادەتتە پۇراق قىنىق بولغان پۇشۇرۇقلارغا ئىشلىتىلىدۇ،
13.نەملىشىشكە قارشى شىكەر-مۇۋاپىق مىقداردا كىراخمال قوشۇلغان بولۇپ.نەملىشىشكە قارشى تۇرالايدۇ.ئادەتتە پۇشۇرۇقلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىزەشتە .ئىشلىتىلىدۇ،
14.سۈت-بۇ ھەرخىل قىيام ۋە پۇشۇرۇقلارغا قوشۇپ قىنىقلىقىنى ئاشۇرۇشقا تەمىنى كۈچەيتىشكەسۇ تەركىۋىنى تەڭشەشكە تۈزۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
15.قايماق-


16.سۈت پاراشۇكى-ئاق رەڭدە بولۇپ.كۆپتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.پۇشۇرۇقلارۈا قوشقاندا ئىستىمال قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ،پۇشۇرۇقلارنىڭ تەمىنى.سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.ھەمدە ئالاھىدە كۆپتۈرۈش رولىغا ئىگە.پۇشۇرۇقلارنىق ئىچكى تۈزۈلۈشىنى ياخشىلاپ.سۇپەت ئۆزگۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،
17.تۇخۇم-پۇشۇرۇقلارنى تەييارلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەھسۇلات.تۇىۇم ئىقىنى ئادەتتە كۆپرەك تورت ۋە پۇشۇرۇق ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.تۇخۇم سىرىقى بولسا پۇشۇرۇقلارنىق يۇزىنى سىلىقلاشتا كوپرەك ئىشلىتىلىدۇ.تۇىۇم ئىقى بولسا ھۆل سوغۇق.تۇخۇم سىرىقى بولسا ئىسسىق،
18.تۇز-تەم تەڭشۈگۈچلەرنىڭ بىرى .خىمىرنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
19.سۇدا-ئادەتتە دانچىسى كىچىك ئۇن ھالەتتە بولىدۇ.سۇغايولۇققاندا.قىززىتقاندا.كىسلااتا قوشقاندا.كاربون تۆت ئوكسىد ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ،ئادەتتە پۇشۇرۇقلارغا ۋە كىسلاتالىقى كۈچلۈك بولغان مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدۇ.بۇنى قوشۇش ئارقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشقارلىقىنى تەڭشەيدۇ.مەھسۇلاتلارنىڭ رەڭگىنى قىنىقلاشتۇرۇش.رەڭ كىرەۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ،
20.شاكىلات-ئادەتتە ماي .كىكىفىن.شىكەر قاتارلىق ماددىلاردىن تۈزىلىدۇ.باشقا تەم تەڭشۈگۈچىلەرنى قوشقاندا.ئاچچىق-چۈچىمەل.سۈت.قاتارلىقلارنىڭ تەمىنى ئۆزگەرتىدۇ،
21.ئۇششاق رەڭلىك شاكىلات-ئىشلىتىشكە قولايلىق .باشقا ئىش قوشۇش ھەجەتسىز.ھەرخىل پۇشۇرۇقلارنىڭ شەكلىنى كۆركەملەشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.
22.ئاق شاكىلات-ئاق ھالەتتە بولۇپ ئادەتتىكى شاكىلاتقا سۈت.شىكەر.خۇش پۇراق ماتىرياللارنى قوشقاندىن كىيىن ياسىلىدۇ.تەمى بىرئاز تاتلىق بولىدۇ،
23.ئىسسىقلىققا چىداملىق شاكىلات-پۇشۇرۇقلارنىڭ تەركىۋىگە.سىرتقى يۈزىگە قوشۇپ پۇشۇرغاندا ئىرىمەيدۇ.تەمىنى ياخشىلايدۇ.رەڭگىنى كۆركەم چىرايلىق قىلىدۇ،
24.تەم تەڭشىگۈچ شاكىلات-بۇ شاكىلاتقا ياغ. شىكەر.سۈت پاراشۇكى.ۋە رەڭلىك خۇرۇچلار قوشۇلغاندىن كىيىن ھەرخىل تەملەرنى ھاسىل قىلىدۇ.قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ.بۇنى ئۇششاق كىسىپ پۇشۇرۇقلارنىڭ يۈشىنى سەنئەتلىك بىزەشتە ئىشلىتىلىدۇ،
25.كىكىفىن- شاكىلاتنىڭ تەركىۋىدىكى ماي مىقدارىنى .ئارىۋىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۇن.تەركىۋىدە شىكەر مىقدارى يوق.پۇشۇرۇقلارنىڭ تەمىنى تەڭشەشتە.سىرتقى يۈزىنى بىزەشتە. پۇشۇرۇقلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.
26.سۈت پۇراقلىق ئۇن-、ئاق ۋە سىرىق پاروشۇكسىنان تىتقۇ بولۇپ.ئەڭ ياخشى تەم تەڭشىگۈچ ماتىريالدۇر.يىمەكلىكلەرنىڭ تۇراقلىقىنى ئاشۇرۇپ .يىمەكلىكلەردىكى غەيرىي پۇراقلارنى يوقتۇش ئالاھىدىلىككە ئىگە.يىمەكلىكلەرگە قوشۇش ئارقىلىق سۈت تەملىك قىلغىلى بولىدۇ.ھەرخىل يىمەكلىكلەرگە پۇراق تەم كىرگۈزۈش رولى بار،
27.تورت مىيى-يەككە گىلىستىرىن.سىستارات ئىستىل.سۇربىك ئالىكوھول.پىروپاندىئول.قاتارلىق ماددىلارنى خام ئەشيا قىلىپ يۇقىرى پەن تىخنىكابىلەن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.ھەرخىل تورت پىچىنە-پىرەنىكلەرنى.ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تورتنىڭ كۆپۈشۈنى قىسقارتىدۇ.كۈچنى تىجەيدۈ پۇشۇرۇقلارغا قوشقاندا تىخىمۇ يۇمشاق .ئۆزگىچە تەمگە ئىگە قىلىدۇ.ئەمما ھەممە تۈردىكى پۇشۇرۇقلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
28.خىمىر جەۋھىرى(گەيلىياڭجىي)-كىسلاتا تۇزى سولفات كىسلاتا.قاتارلىقلارنى قوشۇپ ياسىلىدۇ.غەرىپچە.ياۋروپاچە بولكىلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا مۇھىم رولغا ئىگە.ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئۇننىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ.خىمىرنىڭ خۇسۇسىيتىنى تەڭشەيدۇ.ئۇننىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش.ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇھەم بولكىلارنىڭ تۇراقلىقىنى ئاشۇرۇش.تەركىبىدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقتىش.ۋاقىتنى ئۇزارتىش.تەم رەڭ كىرگۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ.
29.يىمەكلىك رەڭلىرى-سۇيۇق ھالەتتىكى ۋە ئۇن ھالەتتىكى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.يىمەكلىك رەڭلىرى ئارقىلىق تورت.ۋە ھەرخىل پۇشۇرۇقلارغا  ھەرخىل رەڭلەرنى ۋە ھەرخىل رەڭلىك شەكىللەرنى ئىشلەپ چىقىرىشقا.سىرتقى كۆرنىشىنى ھەرخىل رەڭگارەڭ كۆركەم قىلىشقا  ئىشلىتىلىدۇ.ئاساسلىق تەركىۋى ئۆسۈملۈكلەردىن  ئايرىۋىلىنغان
1.لىس- تورت .بولكا ۋە پىچىنە-پىرەنىكلەرنى پۇشۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئەسۋاپ
2.ھەرخىل شەكىللىك قىلىپلار-تورت.پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلىقلارنى ھەرخىل كۆركەم شەكىلگە كىرگۈزۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.
3.تور شەكىللىك سىم تور-بۇئاساسلىق پۇشۇرۇقلارنى ئىلىشتا.ئۆرۈشتە.سوۋۇتۇشتا.ئىشلىتىلىدۇ.
4. كىچىك  تىپتىكى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى-بۇ ئاساسلىق ئائىلىلەردە.ۋە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىشكە  ۋە ئىلىپ يۈرۈشكە قولايلىق ئەسۋاپ.سۈرئىتى ئاستا.ئۈنۈمى بىرقەدەر تۆۋەن .ئائلىە ئاياللىرى ئىشلىتىشكە ئەق ئەپلىك ۋە قولايلىق بولغان كىچىك تىپتىكى ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى
5.تارازا-بۇ ئاساسلىق خۇرۇچلار نىسبىتىنىڭ  مۇۋاپىق توغىرا بولۇشىنى ئۆلچەيدئىغان ئەڭ مۇھىم ئەسۋاپ
6.ئۆلچەم قوشۇقى-شەكلى ھەرخىل.مۇۋاپىق مىقداردا ئۆلچەم بىرلىكىنى ئاساس قىلغان ئاددىي تىپتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى
7.خىمىر يايغۇچ-ئادەتتە خىمىرلارنى يىيىشتا.شەكىلگە كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.شەكلى ھەرخىل چوڭ-كىچىك تىپتىكىلىرى بار.ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.
8.قىرىغۇچ-تورت.ۋە پىچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ  سىرتقى يۈزىنى سىلىقلاشتا.پۇشۇرۇقلارنىڭ ئەسۋاپلىرىنى ئەمبەل.لىس.قاتارلىقلارنى تازلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
9.ھەرخىل شەكىلدىكى پىچاق-بۇ ئاساسلىق تورت.پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلقلارنى كىسىشتە .مىۋە-چىۋىلەرنىى كىسىشتە ئىشلىتىلىدۇ.  
10.ئۇن تازلاش ئەسۋابى(ئەلگەك)-بۇ ئاساسلىق تورت.پىچىنە –پىرەنىك.بولكا قاتارلىقلارنى تەييارلاشتا ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئەسۋاپ
11.چاپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قەغەز-بۇ ئادەتتە يۇقىرى تىمپىراتۇرغا چىداملىق تازلاشقا قولايلىق قايتا-قايتا  ئىشلىتىشكە بولىدىغان ماتىريال.بۇنى يەنە لىسنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ
12.پۇشۇرۇشقا چىداملىق قەغەز- ھەرخىل شەكىلدىكى  پۇشۇرۇقلارنى پۇشۇرۇش ئەسۋابى.مەھسۇلاتلارنى قويۇپ پۇشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.ۋاقىتنى تىجەيدۇ.
13.چوڭ-كىچىك تىپتىكى جاۋۇر-بۇنىڭ تۈرلىرى كۆپ بۇ ئاساسلىق پۇشۇرۇقلارنىڭ خۇرۇچىرىنى
قول بىلەن تەييارلاشتىكى قولايلىق ئەسۋاپ
14.كوكۇس ئۇنى(يىروڭ)-بۇ ئاساسلىق پۇشۇرۇقلارنى بىزەشتە ھەم ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.
15.چوتكا-بۇ ئاساسلىق پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە پۇشۇرۇق قىيامى.سۈت.ماي قاتارلىقلارنى سۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.
16.گۈللۈك ئايلانما پىچاق-بۇ  خىمىرلارنى كىسىشتە ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ
17.باۋشيەنمو-مەھسۇلاتلارنى سوغۇق ساقلىغاندا.ئورىغاندا ۋەمەھسۇلاتنىڭ سۇتەركىۋىنىڭ ھورلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
18.تورت خالتىسى ۋە قىلىپلىرى-تورىتلارغا.پىچىنە-پىرەنىكلەرگە ھەرخىل سۇيۇقلۇق ئارقىلىق گۈل چىقىرىشتا،شەكىلگە كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ،
19.ئۈستەل شەكىللىك ئارلاشتۇرۇش ماشىنىسى-بۇ تورت.پىچىنە-پىرەنىك.بولكا قاتارلىق پۇشۇرۇقلارنىڭ خام ماتىرياللىرىنى  ئارلاشتۇرۇشتا.خىمىر يۇغۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.بۇ  ۋاقىتنى.كۈچنى  تىجەيدۇ.ھەم ناھايتى قولايلىق.
20.تورت قىلىپى-تورتلارنى ھەرخىل شەكىلگە كەلتۈرۈشتە.ئىشلىتىلىدۇ.ئىشلىتىشكە قولايلىق
21. ھەرخىل شەكەلدىكى قىلىپلار-ھەرخىل رەڭگارەڭ شەكىللەرنى چىقىرىشقا.كۆركەم نۇسقىلارغا كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.
22.ھەرخىل  مىچە-چىۋە-ھەرخىل سەنئەتلىك شەكىللەرنى چىقىرىشقا تەركىۋى قىسمىغا قوشۇپ ھەرخىل تەملەرگە ئىگە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
23- ھەرخىل مىۋە سۈيى-پۇشۇرۇقلارنى ھەرخىل رەڭ ۋە ھەرخىل تەملەرگە ئىگە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

[بىزارمەن لاپ بازلىق تۇزى يوق گەپتىن،
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ساختا ئەدەپتىن.
مىڭ ئەلا بال ھەرە پىلە قۇرتى،
ئاشتا بار ئىشتا يوق بىكار تەلەپتى      
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كىلۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 02:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
سىزمۇمۇشۇكەسىپنىڭ ئەھلى ئوخشىمامسىز،‹‹فودافېن››دىگەننى ئۇيغۇرچەنىمەدەپ ئاتاشنى بىلمەي يۈرگەنتىم،تېمىڭزدىن يىكى بىربىلىمگەئىگەبولدۇم.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3069
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 09:22:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتە ئۆيلەردە  ھىيتلىق پۆشكەل سالساق، شىكەرنى سۇدا ئىرىتىپ قۇيسا ياخشىمۇ ياكى بىراقلا ئۇنغا تۆكۈپ يۇغۇرسىمۇ بۇلىۋىرەمدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80187
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3164
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 11:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خۇرۇچلارنى قەيەردە ،كىملەر ئىشلەپ چىقىرىدۇ؟ مۇسۇلمان چىمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش