ئېلىپبە دەرسى ھەققىدە
ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە سىز مەيلى قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقىغان بولۇڭ ۋە ياكى قانچىلىك ئۇزاق ۋاقىت مەكتەپلەردە مۇشۇ كەسىپتىن دەرس بېرىڭ ھەم بۇ جەھەتتىكى سەۋيىرىڭىز قايسى دەرىجىدە بولۇڭ، سىزگە نىسپەتەن ئېلىپبە دەرسى ئەڭ يۇقىرى ماھارەتنى ۋە ئەڭ ئىنچىكىلىكنى، ئەڭ ئەستايىدىلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل ئوقۇتۇش شەكلى ئىكەن.
مەن دەل مۇشۇ كەسىپ بويىچە بەش يىل ئوقۇپ، 21 يىلدىن بىرى ئىزچىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇشۇ كەسىپ بويىچە دەرس بېرىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يىل يۇرتىمىزدىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپ ماڭا دەرس ئۆتۈپ بېرىش ھەققىدە تەكلىپنامە ئەۋەتىپتۇ. مەن بىر تەتىل بىكار يۇرگەندىن كۆرە باراي دەپ ئويلاپ بۇ مەكتەپكە باردىم. مەكتەپ مەسئولى ماڭا بىر سىنىپقا ئىككى سائەت ساۋات چىقىرىش، ئىككى سائەت دەسلەپكى ساۋاتنى كۆچەيتىش بويىچە دەرس ئۆتۈپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتۇرغا قويغان ئىدى، مەن دەرھال قوبۇل قىلالمىدىم، ئەمما مەن ئېلىپبە ئۆتۈپ باقمىغان دېيىشتىن نومۇس قىلىپ قوشۇلدۇم. ئەمما ئىككى كۈنگىچە قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى تېز چىقارغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم. ئۆزەم تۈزىگەن پىلان بويىچە ‹بىسمىللا› دەپ مۇنبەرگە چىقتىم. مەن پىلان بويىچە دەرسنى مۇنداق شەكىلدە ئۆتتۈم.
1. ئېلىپبە تەرتىۋىنى بۇزۇپ ئاۋال سەككىز سۇزۇق تاۋۇشنى ئۆتتۇم.
2. شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش بولغان ھەرىپلەردىن ‹ن› بىلەن ‹ب› نى بىر قىلىپ، ‹ت› بىلەن ‹ي› نى بىر قىلىپ، ‹ر› بىلەن ‹ز› ھەم ‹د› نى بىر قىلىپ ئۆتۈش پىلانىنى تۈزىدىم ھەم مۇشۇ بويىچە ئۆتىۋاتىمەن.
3. ئىملاسى چىرايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئوقۇشتىن كۆرە يېزىشنى كۆپرەك تەكىتلاۋاتىمەن.
بىراق بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ياخشى ئۇسۇللار بار، مەن تازا ئويلىنىپمۇ تاپالمايۋاتىمەن. شۇڭا كەڭ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئوقۇتقۇچى كەسىپداشلارنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماي قانداق قىلغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك ھالدا ساۋات چىقارغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋە مېنىڭ يۇقىرىدا قوللانغان ئۇسۇلۇمنىڭ قايسىللىرى مۇۋاپىق، قايسىلىرى مۇۋاپىق بولمىغانلىقى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مول تەجىرىبىللىرىنى ئايىماسلىقىنى ئىلتىماس قىلىمەن. مېنىڭچە بۇ شەخسەن مەن ئۈچۈنلا ئەمەس، ساۋات چىقىرىشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۇپ كىلۋاتقان كىشىلەرگىمۇ پادىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
قېنى دۇستلار، يازمىغا مەرھەممەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saptilak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-21 08:57 PM