رەيخان چۇك-چۇك
(ھىكايە)
تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق
دەرۋازا ئالدىدىكى يوغان قاپاق تىرەكنى كېسىش ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. بۇ قاپاق تىرەك يوغان بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى ئۆتەتتى. دەرۋازا تەرەپكە يىقىتايلى دىسەك، نەچچە مىڭ سوم خەجلەپ ياساتقان ھەشەمەتلىك دەرۋازىمىز ۋە ئۇنىڭ نەقىشلىك تاملىرى بۇزۇلۇپ كىتەمىكى دەپ ئەنسىرەيتۇق. ئۆيدىكلەر بىلەن دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ھەرە ۋە پالتىلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ، قانداق قىلىش توغرىسىدا باش قاتۇردۇق. مەھەلىدىن ئۆتكەن ھەر بىر ئادەم بىزگە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بىرەتتى. لىكىن ئۇلارنىڭ پىكرى ئورۇنلۇق ۋە ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. شۇ چاغدا ھاسىسىنى توكۇلدۇتۇپ، مەھەللىمىزدىكى روزاخۇنكام يىتىپ كەلدى.ئۇمۇ قاپاق تىرەك ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ ئۇ قېتىدا تۇرۇپ،
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، — دەپ سالام قىلدى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، — سالامغا جاۋاپ قايىتتۇردۇق بىز.
يېشى توقسانلاردىن ئاشقان، ئۇزۇن ئاپپاق ساقاللىق پەرىشتە سۈپەت بۇ بوۋايغا قېرىلىق يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىز گەۋدىسى سەل مۈكچىيىپ ئالدىغا ئىگىلگەن بولۇپ، ئۇ ھەسىرەپ بىر دەم دېمىنى ئېلۋالغاندىن كىيىن، بىزنىڭ دەرۋازىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ياتقۇزۇپ قويۇلغان چوڭ ياغاچتا ئولتۇردى.
— ھە باللىرىم، بۇ تىرەكنى كەسمەكچىمۇ؟ — دەپ سوردى ئۇ.
— ھەئە، — دەپ جاۋاپ بەردى ئاكام، — لىكىن قايسى تەرەپكە ئۆرىشنى بىلەلمەي قالدۇق تاغا.
بوۋاي بىردەم قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن،
— بالا قىلغان ئىشى چالا دىگەن شۇ دە، كونىلاردا، ئىشنى كاداڭدىن سورا دەيدىغان گەپ بار.
بوۋاي قانداق كىسىش توغرىسىدا يول كۆرسەتتى. ئۇ ھەر بىر ئىش ھالقىسىغىچە تەپسىلى چۈشەندۈرەتتى. مانا نەچچە كۈن بېشىمىزنى قاتۇرغان قاپاق تىرەكنى ناھايىتى مۇۋاپىقيەلىك ئۆرۈپ، شاخلىرنى ھويلىغا توشىۋالدۇق. ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغۇچە، كۈنمۇ تىكلىشىپ، چۈشمۇ بولۇپ قالغان ئىدى. ئۆيدە چۈشلىك تاماقمۇ پىشىپ قالغان ئىدى، بىز روزاخۇنكامنى تاماققا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ باشتا سەل نېزىقىدى. بىز چىڭ تۇتقاندىن كىيىن،
— بوپتۇ، قىرغىزلاردا، كۆتەكنى يارغۇچىغا ئون سوم بەرسەڭ، يول كۆرسەتكىنىگە 20سوم بەر دەيدىغان ماقال بار، بوپتۇ، مەنمۇ ئەتىگەننىڭزى ئاز ئەقىل كۆرسەتتىممۇ؟ — دىدى.
بىز ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۈلۈپ كەتتۇق. مەن بارلىق مىھمانلارنىڭ قولىغا سۇ تەڭلىدىم، بوۋاينى پىشايۋان سۇپۇسىغا سېلىنغان كىگىز ئۈستىدىكى كۆرپىگە تەكلىپ قىلدۇق. ئائىلدىكى ھەممەيلەن قىزغىن پاراڭ بىلەن بىيە سېلىنغان پولۇغا ئېغىز تەگدۇق. تاماق يىيلىپ، دۇئادىن كىيىن، داستىخان يىغىلىپ بولغاندىن كىيىن،
— روزاخۇنكا، بالىلارنىڭكىدە تۇرۋاتاملا، قايسى ئوغۇلنىڭكىدە جىقراق تۇرۋاتىدىلا؟ — دەپ سوردى دادام.
— بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك دىگەندەك ئۇكام، بالىلارنىڭ خۇي پەيلى، مىجەز خاراكتىرى ئوخشاش بولمايدىكەن،چوڭ ئوغلۇمغۇ بەك ياخشى مىجەزى شۇنداق ئوبدان، لىكىن خوتۇنىنىڭ مىجەزى ئوسال، قېرىپ ياش توقسانغا كەلگەندە، ئوشۇق گەپنى قۇلاق كۆتىرەلمەيدىكەن، ئوتتۇرانجىسىنىڭ بالىلىرى جىق، ئۇلارغا يۈك بولۇپ قالماي دەپ تازا كىرگۈممۇ يوق، كىچىكىنى ئالدىغان بولساق، ئويۇنچى، ئانچە - مۇنچە مەيدە مۇشلاپ قويىدۇ(قىمار ئوينايدۇ)،ئەمما كاساپەتنىڭ ھېلىقى تۇغماس خوتۇنىنىڭ قولى تاتلىق، ئۆيىنى پاكىز تۇتىدۇ، شۇنى بىر ئادەم بولۇپ قالارمىكى دەپ تولاراق شۇنىڭ قېشىدا تۇرۋاتىمەن، قېزىم بىچارىمۇ نىمە ئەتسە گېلىدىن ئۆتمەي توشۇپ تۇردۇ، ئۆيۈمگە ئەككىتىپ باقاي دەيدۇ، بەكلا ئىنساپلىق بالا بولدى،ئېرىمۇ شۇنداق ياخشى، لىكىن مۇشۇ ياشانغانلارمۇ ئۆزىمىزنى ئايىمىساق بولمايدۇ، كىيئوغۇلنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالسام، ماۋۇ ئوغۇللۇرۇم مەھەللىدە قانداقمۇ بېشىنى كۆتىرىپ يۈرۈيدۇ.شۇڭا بارمىدىم. ئەي مۇسىراخۇن، ئادەم قېرىغاندا مۇشۇ قەدىناسىدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدىكەن، بالىلارمۇ دەيدىكەن، يەنىلا بىر –بىرسىگە ھەمنەپەس بولۇپ، دەردىگە دەرمان بولدىغىنى يەنىلا قەدىناسى ئىكەن، — بوۋاينىڭ ئاۋازى پەسلەپ، كۆزىدە سەل - پەل ياش لىغىرلىدى. ئۇ يانچۇقىدىن قول ياغلىقىنى ئېلىپ، كۆز يېشى ۋە بۇرنىنى چىڭ مىجىپ ئېرتىۋەتكەندىن كىيىن سۆزىنى باشلىدى.
— رەھمەتلىك رەيخاننى 13 يېشىدا ئاپتىمەن. مەن ئۇنىڭدىن ساقمۇ ساق ئون ياش چوڭ ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن 67يىل ئۆي تۇتۇپتىمەن، رەھمەتلىكنى ئاللا يارتىپ ئەپكەتتى. بىزلەر مانا سۆرىلىپ يۈرۈيمىز.
— قانداق قىلاتتۇق، — دەپ قوشۇمچە قىلدى دادام، — ھەممەيلەننىڭ بارىدىغان ئاخىرقى بىكىتىمز شۇ روزاخۇنكا، شۇ ئىلگىر – كىيىنلىكىمىز ئوخشىمايدۇ.
— شۇنداق، ئۇ مەزلۇمنى بىلىلا، شۇ چۇك- چۇك كىسلى بارتى، تولا گەپ قىلدىغان . رەيخان ئاغزىڭنى يۇم، گاچا بولۇپ قالغان بولساڭمۇ بوپتىكەن دەپ قوياتتىم. خەپ مۇشۇنداق دىگەنلىرىگىمۇ تويالا، ئۆلەپ كەتسەم، خۇيلۇق بۇقىدەك مۆرىمەستىن بىرنى ئېلىپ، جېنىم رەيخان سەن ئەسلى بۇلبۇلگويا ئىكەنسەن دەپ قالالا دەيتى. ھەي بىچارىنىڭ ئاغزىدىن سەئەت چىقىپ كەتكەندەك، ئۇ مىنى بالدۇرلا تاشلاپ كىتىپ قالدى. بىر كۈنى كەچتە كىرسەم ئۇ خۇيلىنىپ باتناپ ئولتۇردۇ، تاماقمۇ ئەتمەپتۇ، ئۇنى دەپ باقىمەن گەپ قىلمايدۇ، بۇنى دەپ باقىمەن گەپ قىلمايدۇ، خۇيلۇنۇپ بۇلۇڭغا بېرىپ يېتىۋالدى، باللا كىچىك ئىدى. ئامالسىز چاينى قاينىتىپ، تاشتەك قېتىپ كەتكەن ناندا چاي ئىچتۇق. كەچتە ئوران سال، بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى كەپكەتتى دىسەم، ئۇ كەينىگە شاققىدە بۇرۇلۇپ، «قارىسىلا، ئاۋۇ يۇقارقى مەھەللىدىكى نوچى ئىمىنجانمۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، نامازغا چىقىشتىن بۇرۇن، دەرۋازىنى ئىچىدىن چىڭ تاقاپ، ھويلىنى سۈپۈرۈپ، مۇزدەك سۇ سېپىپ، چاينى قاينىتىپ نامازغا چىقىپ كىتىدىكەن، باغدىكى ئوتنى ئالغاندىن باشقا، ھەر كۈنى تاماقنى ئۆزى ئىتىدىكەن، قولۇڭلىنى سۇغا سالماڭلار دەپ، چىنە قازان قومۇشلارنى ئۆزى يۇغاندىن باشقا، كىرغىمۇ قولىنى تىققۇزمايدىكەن، شۇڭا ئايالى ژۇقۇيخاننىڭ چىرايى توغاچتەك، بىر تال قورۇقمۇ يوق، مەندىن بەش ياش چوڭ بولسىمۇ، ئەينى چاغدا ئەلچى كىرگۈزسە،مەن پەقەتلا ئۇنىڭغا ماقۇل دىمەپتىكەنمەن » دەپ كۆزلىرىدىن مۇنچاق مۇنچاق ياشلارنى ئېقىتىپ يىغلاپلا كەتتى. مەن ئۇنى بىر ھازا بەزلەپ، قورسىقىغا چاي ئىچكۈزۈپ، ياتقۇزدۇم. ئەتىسى باققا بارغۇچە يولدا ئىمىنجان ئۇچراپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا «ئاداش رەيخانغا نىمە دىگەنتىڭلار» دىسەم، «چاقچاق قىلىپ ، نىمانداق قېرىپ كەتتىڭ، روزاخۇن بوزەك قىلۋاتامدۇ، مەن ئۆي ئىشلىرنىڭ ھەممىسىنى مەن قىلىمەن » دەپ ساپتىكەنمەن ، خاپا بولماڭلار، بۇدا ئۇچرىسا نەسىھەت قىلىپ قوياي دىدى. كەچتە ئۆيگە كىرسەم پەرەڭدەك ئېچىلىپ كىتىپتۇ.«ئىمىن ساراڭ چاقچاق قىلسا، بىلمەي سىللىنى ئاخشام خاپا قىپتىمەن » دەپ. يەنە چۇكۇلداپلا كەتتى. مانا ئۇنىڭ چۇكلدىشىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن 67 يىل ئۆي تۇتۇپتىمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغىلى 10 يىل بولۇپتۇ، ھەپتىدە بىرەر قېتىم چۈشۈمگە كىرىپ قالىدۇ، يەنىلا لىكىن ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ، ئۇنىڭ چۇكۇلدىشىنى بەكلا سېغىندىم. ھازىر بولغان بولسا، «بىر دەم كاسىلداپ بىرە دەتىم» ئۇنىڭ چۇكۇلداشلىرنى بەكلا سېغىندىم، ئۇنىڭ ھەر بىر ئىشلىرى خۇددى داڭلىق ئەرتىس ئورۇنلىغان ئىتوتتەك تۇيۇلۇپ كىتىدۇ.
بوۋاي ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرنى سۆزلەپ بىرىپ، نامازدىگەرگە ئەزان چىققاندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ،
— تولا چۇكۇلداپ سىلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويدۇممۇ، ئادەم قېرىغاندا، باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقۇسى كىلىپ قالدىكەن، — دەپ ھاسىسىنى توكۇلداتقانچە سىرىتقا قاراپ ماڭدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-21 09:48 PM