كارخانا خادىملىرى،يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتچىلىرى،يەككە تىجارەتچىلەر
بىلىشكە تىگىشلىك ئاساسىي بىلىم
ئىشلەتكەن ئادەمدىن گۇمان قىلماسلىق ،گۇمان قىلغان ئادەمنى ئىشلەتمەسلىك
1. ھەرقانداق مەھسۇلاتنى بازارغا سىلىشتىن بۇرۇن بازارغا سالدىغىنىڭىز ئۆزىڭىز
2. مال ساتقۇچىنڭ ئۆزى،مەھسۇلات بىلەن خىرىدار ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم بىر كۆرۈك
3. ھەرقانداق بىر مال ساتقۇچى ۋە ياكى مۇلازىمەتچى ئۆزىنى ئەڭ ياخشى بىر مەھسۇلاتقا ئوخشاش كۆرسىتىش كىرەك
4. مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ياسىنىش،غەلبە قىلىش ئۈچۈن كىيىنىش كىرەك
5. ھەر بىر شەخسنىڭ ھەم ساتقۇچىلارنىڭ .مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەبلەغ سىلىشى بولسا ئۆزنىڭ سالاپىتىگە مەبلەغ سىلىشتۇر
6. سىتىش جەريانىدا سىتىۋالدىغان نەرسە ئىددىيە
7. قىممەت قارشى بولسا خىرىدارلارنىڭ زۆرۈر ياكى زۆرۈر بولمىغان ئىھتىياجىدىن ئىبارەت
8. ئىشەنىچ بولسا ھەر بىر خىرىدارنىڭ نەزىرىدىكى رىئاللىق
9. ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنى خىرىدارغا تونۇتۇشتىن بۇرۇن خىرىدارنىڭ ئىددىيىسىنى چۈشۈنۈش ۋە ماسلىشىش مۇھىم
10.ئەگەر خىرىدارلارنىڭ سىتىۋىلىش ئىددىيىسى بىلەن سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ياكى مۇلازىمىتىڭىزنىڭ ئىددىيىسىدە زىددىيەت بولسا ئالدى بىلەن خىرىدارنىڭ ئىددىيسنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن سىتىش مۇھىم
11.شۇ ئىسىمىزدە بولسۇنكى سىتىۋالماقچى بولغان نەرسىنى سىتىۋالغاندا پۇل چىقىردىغىنى خىرىدارلارنىڭ ئۆزى ھەرگىزمۇ سىز ئەمەس
12.بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خىرىدارلار ئۆزى ئەڭ ماس كىلىدۇ دەپ قارىغان مەھسۇلاتنى سىتىۋىلىشىغا ياردەملىشىش
13.سودا-سىتىق جەريانىدا سىتىۋالدىغان نارسە ھىس-تۇيغۇ
14.ئادەتتە خىرىدارلارنىڭ مەلۇم بىر نەرسىنى سىتىۋىلىش ۋە سىتىۋالماسلىغىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بىر كۈچ يىتەكچىلىك قىلىدۇ ئۇ بولسىمۇ ھس-تۇيغۇ
15.ھىس-تۇيغۇ بولسا كۆرگىلى بولمايدىغان تۇتقىلى بولمايدىغان،كىشىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل
16.ھىس-تۇيغۇ بولسا ئادم بىلەن ئادەم،ئادم ۋە مۇھىت ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا ھەركەتنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى
17.كارخانا،مەھسۇلات ،ئادەم،مۇھىت،تىل، بەدەن ھەركىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىرىدارلارنىڭ ھىس-تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
18.خىرىدارلار پورتمالىنىڭ ئاچقۇچىغا ئىرىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى خىرىدارلارئۈچۈن ياخشى بىر ھىس-تۇيغۇ بارپا قىلىش
19.سودا جەريانىدا خىرىدارلارغا ساتىدىغان نەرسە ئەۋزەللىك
20.ئەۋزەللىك بولسا قارشى تەرەپكە خۇشاللىق ۋە پايدا ئلىپ كىلەلەيدۇ،ئاۋارچىلىق ۋە قىيىنچىلىقتىن ساقلايدۇ ھەم ئازايتىدۇ
21.ئادەتتىكى مال ساتقۇچىلار پەقەت مال ساتىدۇ،تەجىربىلىك مال ساتقۇچىلارنىڭ ساتىدىغىنى بولسا تەجىربە
22.خىرىدارلارغا نىسبەتەن خىرىدارلار بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىگە قانداق پايدا ئەكىلدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ،شۇڭا بىر قىسىم ئاۋارچىلىقلاردىن قۇتلۇش ئۈچۈن سىتىۋالىدۇ
23.ئەڭ ياخشى كارخانا ۋە مال ساتقۇچى ئۆزنىڭ كۆپ ۋاختىنى ئۆزنىڭ قانداق پايدىغا ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى ئويلاشقا سەرىپ قىلمايدۇ،ئەكىسچە ئىستىمالچىلارنىڭ قانداق پايدىغا ئىرىشەلەيدىغانلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ
24. خىرىدارلار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ياكى مۇلازىمتىڭىز ئارقىلق ھەقىقىي بىر مەنپەتكە ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن پۇل تاپشۇرۇدۇ ۋە سىزگە رەھمەت ئىيتىدۇ
25.بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خىرىدارغا ئۆزى ئەڭ ماس كىلىدۇ دەپ قارىغان مەھسۇلاتنى سىتىۋىلىشىغا ياردەملىشىش
26.سىتىش جەريانىدا ھەر بىر خىرىدارلارنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈ ئۆزگارمەيدىغان 7سۇئال،
1. سىز كىم 2.سىز مەن بىلەن نىمىنى پاراڭلاشماڭچى 3.سىزنىڭ چۈشەندۈرمەكچى بولغان مەھسلاتىڭىزنىڭ ماڭا نىمە پايدىسى بار 4.سىزنىڭ دەۋاتقانلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلايسىز 5.نىمىشقا سىزدىن سىتىۋالىمەن 6.نىمىشقا سىزنىڭكىنى سىتىۋالىمەن 7.نىمىشقا ھازىر سىتىۋالىمەن
ھەرقانداق بىر مال ساتقۇچى يۇقارقى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تىپىپ چىقىپ قايىل قىلارلىق سەۋەپلەرنى كۆرسىتەلىگەندىلام خىرىدارلار بۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق دەپ ئويلاپ سىتىۋالىدۇ.
داۋامى بار..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxtar212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-21 03:14 AM