سىرلارنى قورغانلار تۇتالماس پىنھان
ئارزۇنىڭ رەيھانى چېقىلدى چاك-چاك،
تەقدىرنىڭ قىسمىتى مۇستەھكەم كېلىپ.
ئىنسانغا بويسۇنماي نېمە ئامال با،!
قورغانلار ئىچىدە باغرى تىلىنىپ.
ھەر تەرەپ شۇنچە-شۇنچە تار دىمىق،
ۋاقىرساڭ چىقىدۇ بىر ساراڭ دەپ بىلىپ.
قەلىبتە ئۈمۈتلەر بولسىمۇ چەكسىز،
ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول تار كىلىپ.
ھەرقەدەم نىشاندا ساناقسىز قورغان،
ئۆز تۇپراق دىياردا بۇلىمىز چاشقان.
كۆزىمىز كۆرمەس قۇلىقىمىز گاس بۇپ،
ئۆتتۇق بىز دۇنيادا بۇلۇپ بىر قالقان.
سىرلارنى قورغانلار تۇتالماس پىنھان،
مۆكچىيىپ قالسىمۇ نى-نى ئەزمەتلەر.
مۈشكىلات جەبرىنى يىڭىدۇ ھامان،
جاسارەت ،غورورغا تولغان قەلىبلەر.
مەنبە :قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-20 11:00 PM