|
|
|
|
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 6-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بېلگىيەنىڭ روشېفورت شەھىرىدىكى 30 ياشلىق ئەر Ben Heine يېقىندا ئاخبارات تاراتقۇلىرىدا ئۆزى ئىجاد قىلغان 3D ستېرېئولۇق قېرىنداش سىزمىلىرىنى ئېلان قىلغان، مەيلى «تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋېلىش رەسىمى» بولسۇن، ياكى «ستېرېئولۇق ئۆزىنى ئۆزى سۈرەتكە تارتىش» بولسۇن، ھەممىسىلا ئادەمگە خۇددى رەسسام ئۆزى سىزغان رەسىمنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن، ستېرېئولۇق تۇيغۇ تولۇق بولۇپ، ئىنتايىن ئەينەن كۆرۈنىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېن خېين بۇ 3D ستېرېئولۇق رەسىملەرنىڭ يىرىك (دەسلەپكى) سىزمىسىنى ياغاچ كۆمۈر تاياقچىسى ۋە گرافىت (سۈرمە تاش) قېرىنداش ئىشلىتىپ بىر ھەپتە ئىچىدە پۈتكۈزگەن، ئاخىرقى باسقۇچلۇق ئىشلىرىنى تېخى قىلماپتۇ. بېن 2010-يىلىدىن باشلاپ، 3D ستېرېئولۇق رەسىملەرنى ئىجاد قىلغان، بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان رەسىملەر ئۇنىڭ «قېرىنداش ۋە ئاپپارات» يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. كۆپ قىسىم رەسىملەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن تۆت مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كېلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 3D ستېرېئولۇق سىزمىلارنى ئىجاد قىلغاندا مۇئەييەن ئالاھىدە بۇلۇڭغا ئەمەل قىلىش كېرەك ئىكەن، تاماشا قىلغۇچىمۇ چوقۇم مەلۇم بىر بۇلۇڭدا تۇرۇپ كۆرىدىكەن، شۇندىلا كۆرۈش سەزگۈ ئۈنۈمى ئېشىپ، خۇددى راستتەك ئايان بولىدىكەن.
|
|
|
|
|
|