مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2955|ئىنكاس: 25

سىڭلىمنىڭ خېتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100902
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 715
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 12:39:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



سىڭلىمنىڭ خېتى




(ھېكايە )


    دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرقى چېلنىش بىلەن  فاكۇلتتىمىزنىڭ مەخسۇس خەت -چەك تۇشۇيدىغان  خادىمى سىنىپىمىزغا كىردى ،ئەمما مەن ئېرەنسىزلىك بىلەن ئۆز ئىشلىرىم بىلەن بەنىت ئىدىم ،تۇيۇقسىز ساۋاقدىشىم ئېلشات:
- ئەلى، ساڭا خەت كەپتۇ.
ساۋاقدىشىم ئىلشاتنىڭ قولىدىن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، كونۋېرىت ئۈستىدىكى سىڭلىمنىڭ ئىسمىنى كۆردۈم - يۇ، ئۇ ماڭا قانداقلارچە خەت يېزىپ قالغاندۇ، دېگەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆز ئورنۇمغا كېلىپ  خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلدىم:
خەت دانە-دانە قىلىپ مۇنۇ مەزمۇنلار بىلەن باشلانغان ئىدى:

- ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاكا، ياخشىمۇسەن؟ تېنىڭ سالامەتمۇ؟ ئۆگىنىش ئەھۋالىڭ قانداقراق؟ بەلكىم ماڭا قانداقلارچە خەت يېزىپ قالغاندۇ دەپ ھەيران قېلشىڭ مۇمكىن. جېنىم ئاكا بۇ خەتنى ساڭا ئامالسىزلىقتىن يازدىم. مەندەك بىر مېيىپ سىڭلىڭنىڭ يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ قوي، ئاكا، سەن ئىلگىرى بەك تىرىشچان ئىدىڭ. جاپا - مۇشەققەتلەردىن پەقەت قورقمايتتىڭ، مەھەللىمىزدە ھەممە ئادەم سېنى ماختىشاتتى، ھۆرمەتلەيتتى. ھەتتا مەندەك بىر مېيىپ سىڭلىڭمۇ ساڭا قايىل ئىدى. ( تىرىشقان يەردە قالماپتۇ )دېگەندەك داڭلىق ئالي مەكتەپكە ئۆتتۈڭ. بۇنىڭدىن ھەممىمىز شۇنداق خۇشال بولدۇق، سەندىن پەخىرلەندۇق، لېكىن سەن ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدىڭ. ئالىي مەكتەپكە بېرىپ نەچچە ئاي ئۆتمەيلا ئون كۈندە بىر قېتىم كارتىغا پۇل سېلىشنى تەلەپ قىلدىڭ. دەسلەپتە بىز تۇنجى يىلى بولغاچقا چوڭ شەھەرنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىۋالسۇن، دەپ تەلەپلىرىڭنى ئورۇنداپ بەردۇق، ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، سېنىڭ بىزگە قويغان ئورۇنسىز تەلەپلىرىڭ بىزنى ھالسىراتتى.
ئاكا، بىز سېنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمىز، سىنىپ مەسئۇلىڭدىنمۇ بىر نەچچە قېتىم سېنى ( ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكىپ مەكتەپ ئىنتىزامىنى بۇزدى، ئۆگىنىشتە چېكىنىپ كەتتى، نەسىھەت قىلساق ئاڭلىمىدى... ) دېگەندەك مەزمۇندا تېلېفون قىلدى. ئۆيدىكلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن ئەنسىرىدۇق...
جېنىم ئاكا، ئاشۇ جاپاكەش ئاتا - ئانىمىزنى ئويلاپ قويغىن، ھېچبولمىغاندا ئۆزۈڭنى ئويلاپ قويغىن، مەن مېيىپ بولغاچقا ئوقۇيالمىدىم، ھازىر ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى سەندە، ئويلاپ باققىن، سەن ھېچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەي يۇرتقا قايتىپ كەلسەڭ، دوسىت - بۇرادەرلىرىڭ، ساۋاقداشلىرىڭنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ بېشىڭنى تىك كۆتۈرۈپ قارىيالايسەن؟ بىزچۇ؟
مەن ئاتا - ئانىمىزنىڭ خىيالغا پاتقان ھالىتىگە قاراپ، ساڭا بۇ خەتنى يېزىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن، بىز ھەممىمىز سېنىڭ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن بىزنىڭ يۈزىمىزنى يورۇق قىلىشڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ساڭا ئىشىنىمەن ئاكا، سەن چوقۇم شۇنداق قىلالايسەن.
خەير، ئامان بولغىن ئاكا. - سىڭلىڭ گۈلنۇر )
خەتنى ئوقۇۋېتىپ شۇنداق بىئارام بولۇپ كەتتىم. ئۆزۈمنىڭ قىسقىغىنا بۇ بىر يىلدا شۇنچىلىك كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىمگە ھەيران قالدىم، پۇشايمان ئىلكىدە خىيالغا پاتتىم. بالىلىقىمدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئىشلار كىنو لېنتىسىدەك خىيال ئېكرانىمدىن بىر - بىرلەپ ئۆتتى. كۆز ئالدىمغا پىژغىرىم ئاپتاپتا، يۈز - كۆزلىرىدىن ئاچچىق تەر ئېقىپ تۇرسىمۇ، گۈرسۈلدىتىپ كەتمەن چېپىۋاتقان ئاتام، مېھرىبان ئانام، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان سىڭلىم گۈلنۇر كەلدى. ئۇلار ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.
ئۆز - ئۆزۈمگە خىتاب قىلماقتىمەن:
( مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن، ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن! )

مەنبە :قەلبىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-20 03:29 PM  


تولمۇ تەتۈر تاناسىپ ھايات،
خىل-خىلغا كەلمىگەن ئەجەپ.
بۇلبۇل ئاشىق زۇۋانسىز گۈلگە،
كۈيچى كاككۇكنى قاقشىتار زەينەپ.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1357 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 12:27:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياىشخ يېزىپسىز قېرندىشىم
سىڭلىڭىزنىڭ ىېتىدىگە ئازراق ۋەقەلىك قوشۇپ سەل ئۇزارتىپ شۇ مېيىپنىڭمۇ ئۈمىد ئارزۇلىرىنى ئەكىس ئەتكۈزگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاركەن
ھارمىغايسىز
ئالدىنقى يازمىڭىز بەك پەچەت ئىدى

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 01:11:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، مۇشۇ ئالىي مەكتەپ كېلىپلا ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلارغا ھەيران قالىمەن دىسە ، تولۇق ئوتتۇرىدا ھەممىدىن ئەقىللق ھەممىدىن تىرشچان بولغاچقا ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىگەن بولغىيتى ؟! مۇشۇنداق تۇرۇپ نىمدەپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپلا كاللىسى ئىشلىمەن بۇلۇپ قالدىغاندۇ دەيمەن ؟!

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 04:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ana يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 01:11 PM
ياخشى يېزىپسىز ، مۇشۇ ئالىي مەكتەپ كېلىپلا ئۆزگىرىپ كې ...

جەمىيەتكە     ۋە     ساۋاقداشلىرىغا    قاراپ     شۇنداق     بوپ  قالغاندۇ   .  «  ئۆرۈك   ئۆرۈكنى   كۆرسە   ئالا   بوپتۇ  »   دىگەن    گەپ  بارغۇ   بىزدە   .....

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101769
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 05:38:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپتىكى كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 06:01:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز:
ماۋۇ ناخشىنىڭ ئىسمى نېمە، ئەگەر چۈشۈرۈش ئادېرىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى، بەك لازىم بۇلۇپ قالغانىدى.
http://changba.com/s/3x1w61xrBSxZdLpDnUdTsg?ac=web
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   handanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-20 06:02 PM  


مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1367 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 06:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SaBa_002 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 04:04 PM
جەمىيەتكە     ۋە     ساۋاقداشلىرىغا    قاراپ     شۇنداق     ب ...

ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولمايدۇ . غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ دىسەك توغرا بۇلىدۇ . غورا ئالدى بىلەن ئالا  بۇلۇپ ئاندىن سارغىيىپ پىشىپ ئۆرۈك بولىدۇ .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1367 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 06:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى مەكتەپكە بارغان ئوقۇغۇچىلارنى بىر ئاي پىسخىكىلىق تەربىيلىسە بۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 06:27:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 06:04 PM
ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولمايدۇ . غورا غورىنى كۆرۈپ  ...


يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99293
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2013-11-6
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 06:57:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭز ئەمەلىي چىقىپتۇ...ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنىم ئالى مەكتەپكە كېلىپ ئاتا-ئانىسنى قاقتى سوقتى قىلدىغان بىر نىملەر

باشقىلار سىزگە قانداق مۇئامىلدە بولسۇن،ئەخلاق بىلەن ئۇلارنى بويسۇندۇرۇڭ،چۈنكى سىز بارچە گۈزەل ئەخلاق ئىگىسنىڭ ئۈممىتىدۇرسىز..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش