مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4717|ئىنكاس: 21

ناھىيىمىزدىن چىققان تۇنجى ئايال سەركەردە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15548
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8907
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 5415 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 12:40:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناھىيىمىزدىن چىققان تۇنجى ئايال سەركەردە
(مۇئاۋىن ھاكىم،مەرھۇم ئايشەم مەمەت توغرىسىدا ئەسلىمە)



ئايشەم مەممەت دۆلتىمىز ئەمدىلا ئازات بۇلۇپ ،يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلغىنىغا تېخى ئون يىلمۇ بولمىغان ، فېئوداللىق ئۆرپ-ئادەتلەر ،دىنى خۇراپاتىلىق ،مۇتئەسىپلىك قەدەمدە بىر پۇتلىكاشاڭ پەيدا قىلىپ ،يېڭى ھاكىميەت تۈزۈلمىسى بىلەن كۈچ سىنىشىپ ،ئۆزنىڭ جەننەت چۈشىنى كۆرىۋاتقان ،يېڭى جۇڭگونىڭ ئىچكى –تاشقى دۈشمەنلىرىمۇ جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى جوڭگوغا ئىغۋاگەرچىلىك ۋە ئاغدۇرمىچىلىق قىىلۋاتقان ۋاقىتلاردا ،ئۇزۇن مەزگىل بىكىنمە ھالەتتە تۇرۇپ كىلىۋاتقان جاي باي ناھيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىملىقىدىن ئىبارەت ئىنتايىن مۈشكۈل ھەم شەرەپلىك ۋە مۇھىم ۋەزىپىىنى ئۈستىگە ئالغان .باي ناھىيىسىدە تارىخىتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ،پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدە بولسا بارماق سانىۋالغۇدەكلا ،يەنە كىلىپ ناھايتى ئاز ساندىكى كىشلەرگە نىسىپ بۇلىدىغان ،ئاز سانلىق مىللەتتىن كىلىپ چىققان ئايال ھاكىملارنىڭ بىرى ئىدى. شىنجاڭ جۈملىدىن ناھىيىمىز تىنىچ يول بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدە يۇشۇرۇنۋالغان ئەكىسيەتچى كۈچلەر ئۆز مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي ،يۇشۇرۇن ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ۋەقە تۇغدۇرۇپ ،يېڭى قۇرۇلغان خەلق ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلشۋاتقان، ئىجتىمائى تەرتىپنى بۇزۋاتقان چاغلار ئىدى ،يېڭىدىن قۇرۇلغان خەلق ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ زىممىسىدە داۋالغۇپ تۇرۋاتقان ئىجتىمائى تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇش ،خەلق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ،ئەكسىلئىنقىلابى ھەركەتلەرنى قەتئى باستۇرۇش فېودال مۈلۈكچىلىكنى بىكار قىلىش ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ، قالاق ئىقتىسادى قىياپەتنى تېزراق ئۆزگەرتىپ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قورسىغى توق كىيىمى پۈتۈن بۇلۇشىغا ،بېيىشقا يېتەكلەش قاتارلىق بىر –بىرىدىن مۇھىم ھەم مۈشكۈل خىزمەتلەر كۈتۈپ تۇردىغان چاغلار ئىدى.
بۇ چاغلاردا جوڭگو جەمئيىتى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كىلۋاتقان ۋە دىنى ئورىپ –ئادەتلەر بۇيۇنچە ئاياللار ئەزەلدىن ھەر دەرىجىلىك ھاكىميەت ئورگانلىرىدا ھوقۇق تۇتمىغان ،تۇتۇشقىمۇ بولمايدىغان ھەتتا سىرتقا ،جامائەت سورۇنلىرىغا ئاشكارە چىقالمايدىغان زامانلار ئىدى ،بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلاردەك قۇيۇق دىنى مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى ،ئايشەم مەممەتتەك ئاياللارنىڭ ئۇ چاغدا ناھىيىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىملىقى ئەمەس بەلكى يۈزىگە چۈمبەل تارتىپ يۈرۈشى كېرەك بولغان زامانلار بولسىمۇ لېكىن ئايشەم مەمەت دىنى ئەسەبى كۈچلەرنىڭ توسقۇنلىغى ،قارشىلىقى ۋە پىتنە پاساتلارغا پىسەنىت قىلماي مەردانە قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىپ ،دادىل ئىشلەپ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنى قايىل قىلىغان ۋە خەلق ئاممىسى بەرگەن، پارتىيە بەرگەن خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىققان ئايال رەھبەر ئىدى،بۇلۇپمۇ خەلق ھاكىمىيىتى يېڭىدىن تىكلەنگەن چاغدا پارتىيە ، ھۆكۈمەت  ئۇرۇنلىرىدىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ يېڭىدىن ھەر خىل ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىلىۋاتقان ئاكتىپلارنىڭ قىلدىغان ئىشلىرى بەكمۇ تۇلا ئىدى،چۈنكى ھەر مىللەت خەلقى يېڭىدىن ئازات بۇلۇپ ،قەد كۈتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بۇلۇشتەك دىمكۇراتىك ھوقۇقنى نامايەن قىلىش ،ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئىجتىمائى ،سىياسى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ،باندىت ئىشپىيۇنلارنى تازلاش ،خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش،يەر،سۇلارنى تەڭشەش دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشتەك نۇرغۇن ئىشلار بۇلارنى كۈتۈپ تۇراتتى.ئەنە شۇ نۇرغۇن ئىشلارنى بۇلار قىلىشى كېرەك ئىدى.ئايشەم مەممەت مۇشۇ خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىۋاستە باشلامچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى.چۈنكى ئۇ يېزا-سەھرانى، دېھقانلارنى ،دېھقانچىلىقنى، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى تولۇق چۈشىنەتتى.ئۇ دىگەن يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەقىقىي سەھرا قىزى ئىدى.ئۇ 1928-يىلى باي ناھيىسىنىڭ سايرام يېزىسىغا قاراشلىق جېسەك قايغۇ كەنتىدە تۇغۇلغان. 1936-يىلغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان.ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىن  جېسەك قايغۇ كەنتىدىكى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ، 1947-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،ناھيىدە ئېچىلغان دارىلمۇئەللىمىن سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنىپ،ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش كۇرسسىسىدا ئوقۇغان. كۇرسسنى تاماملىغاندىن كېيىن ناھيىلىك قىزلار باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.1949-يىلى شۇ چاغدىكى ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى بىلەن ناھيىلىك قىزلار باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى بولغان ۋە بۇ ۋەزىپىنى 1952-يىلغىچە ئۆتىگەن.
ناھيىدە ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش،زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش،يەر ئىسلاھاتى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھەركەتلەر باشلانغاندا ھەر قايسى تارماقلاردىن،كارخانا،كەسپىي ئورۇنلاردىن ۋە دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاكتىپلاردىن مەخسۇس خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتكەندە ئايشەم مەممەتمۇ بۇ خىزمەتكە ئاجىرتىلغان ،بۇ پۈتۈن شىنجاڭ جۈملىدىن باي تەۋەسىدە تېخى ھىچكىم ئىشلەپ باقمىغان مەسئۇليەتچانلىقى كۈچلۈك دوست دۈشمەننى ئېقىن ئايرىپ ،توغرا-خاتاغا توغرا دادىل ھۆكۈم قىلىش تەلەپ قىلندىغان سىياسى ۋەزىپە ئىدى ،لېكىن بۇ ساھەدە ھىچقانچە سىياسى ۋە ئەمەلى خىزمەت تەجىربىسى بولمىغان ئايشەم مەممەت ئۆزنىڭ ياشلىقى ،تەجىربىسزلىكىگە قارىماي ،بىلمىگەننى باشقىلاردىن ،پىشقەدەملەردىن ،ئەمىليەتتىن ئۆگۈنۈپ ،تېزلا پىشىپ يىتىلگەن ۋە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىققان ،يۇقىرى رەھبەرلىك ئايشەم مەممەتنىڭ ئاكتىپلىقىنى ،ئەمىلى خىزمەت نەتىجىلىرىگە ئاساسەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلغان .بۇ بىر باسقۇچلۇق خىزمەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ناھىيىلىك پارتىكوم ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى  ئايشەم مەممەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارارپ تەربىيىلەش ،چېنىقتۇرۇش مەقسىدىدە 1953-يىلى ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ بىيۇرۇ كادىرلار مەكتىۋىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ،ئايشەم مەممەت بۇ ئالى بىلىم يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن خۇددى بېلىق سۇغا تەشنا بولغاندەك بارلىق ۋۇجۇدى ۋە زېھنى قۇۋۋىتىنى ئۆگۈنۈشكە قارتىپ ،ۋاقىتنى غەنىمەت ھەم پۇرسەت بىلىپ ،تىرشىپ ئۆگەنگەن ، ئۇقۇشنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ناھىيىلىك پارتىكوم ئايشەم مەممەتنى ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىگەن،ئەينى يىللىرى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ جاپالىق ھەم مۇرەككەپ ئىدى ،چۈنكى جېنى بارراق ،يېڭىلىققا ئىنتىلدىغان ،ئاق –قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ئىلغار پىكىرلىك ،ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان ئاياللارنىڭ ئائىلىسى مۇتئەسىپ ،فېئوداللىق ئىدىيىسى ئېغىر ،ئەرلىرى زوراۋان ،ھاكاۋۇر ،مەنمەنچى ،ئاياللارنىڭ ئەرلەر قاتارىدائولتۇرۇپ خىزمەت ئىشلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ،ئاساسەن ئاياللار دىگەن ئۆينىڭ ئادىمى ،شۇڭا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆي ئىشىنى قىلىشى، ئېرىنى كۈتىشى ،بالا بېقىشى ،كۆيۈمچان ئانا ،ۋاپادار خۇتۇن بۇلىشى سىرتقا چىققاندا يۈزىگە چۈمبەل تارتىپ چىقىشى كېرەك دىگەندەك يېڭى ئىدىيە ،يېڭى پىكىر ۋە قاراشكارغا زىت ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇردىغان چاغلار بولغاچقا ئاياللار خىزمىتى ھەقىقەتەن قول تۇتىدىغان ،باش ئاغىرىقى جىق خىزمەت ئىدى ،لېكىن نەچچە يىللىق ئەمەلى خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە ئايشەم مەممەت مۇنداق ئوڭۇشسىزلىق پۇتلىكاشاڭلار ئالدىدا تەۋرنىپ قالمىدى ،چېكىنمىدى،بەلكى كۆكرەك كېرىپ باتۇرلارچە ئالغا باستى ۋە جان پىدالىق بىلەن ئىشلىدى ،نەتىجىدە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ناھىيە بۇيىچە ھەر قايسى يېزا بازارلاردىمۇ دىمكۇراتىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى .ناھيە بۇيىچە%60ئايال ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىگە ئەزا بولدى ،قىسقىسى ئايشەم مەممەت ناھىيىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە مۇدىر بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئەمەلى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇن ۋە ناھىيىلىك پارتىكوم ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى ۋە خىزمەتتىكى جانلىقلىغى كەڭ خەلق ئاممىسىغا بەرگەن ياخشى تەسىرى ۋە ئوبرازى ئارقىلىق 1956-يىلى 2- ئايدا چاقىرىلغان  باي ناھىيىلىك 2 - نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مۇئاۋىن ھاكىملىقىغا سايلاندى. مۇئاۋىن ھاكىملىق تەختىگە ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنىڭ ئاخىرقى چىكى ۋە يۇقىرى پەللىسى ئەمەس،بەلكى،مۈشكۈل ھەم جاپالىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمدىلا باشلىنىشى ئىدى.چۈنكى،بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلەردە تېخىمۇ تىرىشىشى،جاپالىق ئىزدىنىشى، ئۆگىنىشى، ئەمەلى ئىشلىشى كېرەك.بۇرۇن كىچىك دائىردىكى بىر ئۇرۇننىڭ خىزمەت پىلانىنى تۈزىگەن بولسا،ئەمدى پۈتۈن بىر ناھىيىنىڭ خىزمەت پىلانىنى تۈزىشى،پۈتۈن ناھىيە خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىشى،باشلامچى بۇلۇشى ھەم جاۋاپكار بۇلۇشى كېرەك ئىدى.شۇڭا جاپالىق ئۈگەندى،ئەمەلى ئىشلىدى. ئايشەم مەممەت مەسئۇل بولغان مەدىنيەت ،مائارىپ ،سەھىيە ،تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئىدئىولوگىيە ساھەسى بولۇپ،باشقا ساھەلەرگە باشلامچى بولالايدىغان،گېزى كەلسە پۈتۈن چاتاق مۇشۇ ساھەدىن چىقىپ،بىر كېچىدىلا ئوق مەركىزىگە ئايلىنىپ كۈرەش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ساھە ئىدى.لىكىن ئايشەم مەممەت بوش كەلمىدى.ھەممىنى تەڭ تۇتۇپ،ياخشى ئىشلەپ،ھەممىنى قايىل قىلدى. باي ناھىيىسى 1949-يىل تىنىچ يول بىلەن ئازاد بولغان مەزگىلدە ناھىيە تەۋەسىدە ئارانلا 30 نەچچە باشلانغۇچ مەكتەپلا بار بولۇپ، بىرەرمۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى يوق ئىدى. 1955-يىل ناھىيىلىك پارتىكوم ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ ھەر تەرەپتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغان ئىدى. لىكىن باي ناھىيىسىدەك دائىرسى كەڭ،ئاھالىسى تارقاق ئولتۇراقلاشقان چوڭ يېزائىگىلىك ناھىيىسى ئۈچۈن ناھىيە مەركىزىدە قۇرۇلغان بىرلا ئوتتۇرا مەكتەپ تەلەپنى قاندۇرالمايتتى.ئوقۇش تەلىپى شۇنچە كۈچلۈك ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ ناھىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شۇنچە يىراق يېزا قىشلاقلاردىن ناھىيە بازىرىغا كىلىپ ئوقۇش ناھىيە مەسئۇللىرىغىمۇ،ھەر دەرىجىلىك مەمۇرى تارماقلارغىمۇ،ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگىمۇ نۇرغۇن بېسىم،قىيىنچىلىق،قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن باشلانغۇچ مائارىپىنى تېزدىن راۋاجلاندۇرۇش ،ئوموملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ھىچبولمىغاندا ھازىرچە شەرق ۋە غەرىپتىكى يېزىلارنى ئاساس قىلىپ يەنە ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇش زۈرۈر ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئايشەم مەممەت مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئىرىنمەي ئىزدەندى،يۇقىرى تۆۋەن چاپتى.
بىزدە قەدىمدىن قالغان‹‹ئىش ئادەمگە باغلىق››دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار.يېڭى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئايشەم مەممەت ناھىيىلىك پارتىكومغا تەكلىپ بىرىش ئارقىلىق ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزا قىشلاقلاردىكى شەرت –شارائىتى پىشىپ يىتىلگەن جايلاردا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قۇرۇش بىلەن بىرگە سايرام ۋە ياقېرىقتىن ئىبارەت يېزا مەركەزلىرىدە يەنە بىردىن ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇشقا ئاساس سالدى ۋە 1958-يىلى بۇ ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ تەڭلا قۇرۇلدى. سايرام ئوتتۇرا مەكتىۋى ناھىيىلىك2- ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالدى ۋە قېيىر،قىزىل،سايرام،توقسۇن(شۇ چاغلاردا قىزىل،سايرام،توقسۇن يېزىلىرى بىر يېزا ئىدى)يېزىلىردىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلدى. ياقېرىق ئوتتۇرا مەكتىۋى ناھىيىلىك3- ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالدى ۋە ياقېرىق،داۋانچى،قارۋاغ،نەسىللىك قوي فېرمىسى(ھازىرقى چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى بىلەن داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى بىر يېزا ئىدى)قاتارلىق جايلاردىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلدى.شۇنداق قىلىپ ئازاتلىقتىن كىيىنكى قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم يۇرتىدىن ئۈچى قۇرۇلدى.ئەمدىكى مۇھىم ۋەزىپە ناھىيىدە بىر سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇش ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئايشەم مەممەت ناھىيىلىك پارتىكومغا تەكلىپ بىرىپ ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن بۇ ئىشقا جىددىي تۇتۇش قىلدى.ئەسلىي ئاساسىي1936-يىللىرى ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قارمىقىدا قۇرۇلغان.ئازاتلىقتىن كىيىن قايتا تەشكىللىنىپ بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن،لىكىن1959-يىل قىش 1960-يىلى ئەتىياز پەسلىدە يۈزبەرگەن ئاش ۋەقەسى مەزگىلىدە تارقىتىۋىتىلگەن سەنئەت ئۆمىكىنى قايتىدىن قۇرۇپ،ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى ئىدى. ناھىيىلىك پارتىكوم ئايشەم مەممەتنىڭ پىكىرىنى قوللاپ رەسمىي قاراردىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن،بۇ خىزمەتنىمۇ ئايشەم مەممەتنىڭ بىۋاستە بىجىرىشكە تاپشۇرۇشتى.شۇنداق قىلىپ ئايشەم مەممەت بۇ ئىشقا بىۋاستە مەسئۇل بولدى ۋە 1961-ۋە 1962- ئوقۇش يىلىدىكى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە 1-2-3- ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى.كۆرەككە 3ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھەر قايسىسىدىن 15-20 كىشلىكتىن بولۇپ بىردىن ئەترەت قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 3 كۈن داۋاملاشتۇرۇلغان. كۆرەككە قاتناشتۇرۇلغان نۇمۇرلار يالغۇزكىشلىك ناخشا،ئۇسۇللۇق ناخشا، يالغۇزكىشلىك ئۇسۇل،ئېيتىشىش،كومىدىيە قاتارلىقلار بولۇپ،سەھىنىنىڭ ئالدىدا ئايشەم مەممەت باشلىق باھالىغۇچىلار ئويۇننى باشتىن ئاياق كۆرۈپ،ئويۇن نۇمۇرلىرىغا ۋە ئورۇندىغۇچىلارغا نۇمۇر قويۇپ چىققان ۋە شۇ ئارقىلىق قايتىدىن قۇرۇلماقچى بولغان سەنئەت ئۆمەككە خادىم تاللىغان.1962-يىل5- ئايغا كەلگەندە كۆرەكتە تاللانغان ئوقۇغۇچىلار ۋە 1959-يىل تارقىتىۋىتىلگەن سەنئەت ئۆمەكنىڭ بىر قىسىم پىشقەدەم رېجسور،مۇزىكانتلىرىنى قايتا تەكلىپ قىلپ،باي ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكنى قايتا تەشكىللىگەن.
مۇشۇ سەنئەت ئۆمەكنى قۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى تەييارلىق بولغان كۆرەك ئۆتكۈزۈش،كۆرەككە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن سەنئەت ئۆمەككە قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارالغانلىرىنى تاللاش،  ئۆمەكنىڭ مەسئۇللىرىنى بىكىتىش ،پائالىيەت سورونلىرىنى، ئوغۇل-قىزلارنىڭ ياتاق،تاماق ئىشلىرىغىچە ئۆزى بىۋاستە مەسئۇل بولۇپ روياپقا چىقارغان.
سەنئەت ئۆمەك قۇرۇلغاندىن كىيىنمۇ ئۆمەكنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى،تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل كۈڭۈل بۈلۈپ كەلگەن.ۋاقت تاپسىلا ئۆمەككە كىلىپ خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى،ئۆمەكتىكى خادىملارنىڭ خىزمەت،ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تۇرغان.خۇددى ئۆز پەرزەنتىلىرىنى تەربىيلىگەندەك كۈڭۈل بۆلگەن.ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلپ بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەت يۇرتى ۋە كۈتۈپخانىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىزدىنىپ، يۇقىرى تۆۋەن چېپىپ يۇرۇپ، يەر ۋە مەبلەغ ھەل قىلىپ ھازىرقى ئەسىر مەيدانىنىڭ ئورنىدا بىر خىزمەت بىناسى سالدۇرغان. بىنانىڭ ئالدىغا تەنتەربىيە مەيدانى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئىدارە – جەمىيەت،ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بوش ۋاقىتلىردىن پايدىلنىپ ۋالبول توپ ئويناش  ،چېنىقىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىلگەن بۇلۇپ 3-ئايدىن 10-ئايغىچە ھەر كۈنى كەچتە ئىشچى –خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشۈپ ۋە ئارام كۈنلىرى توپ ئوينايدىغان ئادەت يېتىلگەن بۇلۇپ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئالدى ئاجايىپ قىزىپ كېتەتتى ئايشەم مەممەت ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەدىن يەنە ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈنمۇ كۆپ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىىلغان ،ئامبۇلاتۇرىيە بىناسى ،كېسەللەر ياتىقى ۋە كېسەل كارۋىتى دىگەندەكلەردىن كەمچىل بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرشچانلىك كۆرسەتكەن ،گەرچە بۇ ئىشلارنى مۇئاۋىن ھاكىم ئايشەم مەممەت ئۆزى قول سېلىپ بىۋاستە قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن مۇشۇ ساھەگە مەسئۇل بۇلۇشتىن ئىبارەت مۇئاۋىن ھاكىملىقتىن ئىبارەت سالاھىيىتى بىلەن ناھىيىلىك پارتىكومغا ،ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ 1- شۈجىسىگە ،ھاكىمغا ئەھۋال ئېيتىىش،تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق روياپقا چىقارغان ،ئايشەم مەممەتنىڭ تىرشچانلىقىنى ،ئەمەلى ئىشلىگەن خىزمەتلىرنى ،خىزمەتلىرنىڭ نەتىنجىسىنى كۆرگەن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ،بۇلۇپمۇ كەڭ خەلق ئاممىسى ئايشەم مەممەتنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1959-يىلى 1-ئايدا چاقىرىلغان ناھىيىلىك 3-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ،1961-يىلى چاقىرىلغان ناھىيىلىك 4-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋە 1963-يىلى چاقىرىلغان ناھىيىلىك 5-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۇدا مۇئاۋىن ھاكىملىققا سايلاندى ،شۇنداقلا يەنە شۇ يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 3*نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ سايلىنىپ يىغىنغا قاتناشتى .
ئايشەم مەممەت ئۆگىنىشنى داۋاملىق چىڭ تۇتتى ، ماركىسىزىم – لېنىنىزىم نەزەريىسىنى داۋاملىق ئۆگەندى ، ئەمەلىيەتتە ئىشلەتتى ، تەشكىلمۇ ئايشەم مەممەتنىڭ تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلدى ، تەربىيىلەشنى توختاتمىدى ، داۋاملىق كۇرسلارغا ئەۋەتىپ تەربىيىلەپ كەلدى ،1964-يىلى 1-ئايدا شىنجاڭ 1- ئاۋغۇسىت يېزا ئىگىلىك ئىنستىتوتى (ھازىرقى يېزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتىتى) غا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتتى،ئايشەم مەممەت بۇ تەستە كىلدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ،تىرشىپ ئۆگەندى گەرچە شۇ چاغلاردا ئايشەم مەممەتنىڭ يېشى ئوقۇش يېشىدىن ئۈتۈپ 30نەچچىلەرگە كىرىپ قالغان  بولسىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كەسپى بىلىملىرىنى بېرىلىپ ئۆگەنگەننىڭ سىرتىدا خەنزۇچە ئۆگىنىشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتتى ،ئوقۇشنى تاماملاپ كەلگەندىن كېيىن يېڭىچە روھ ،يېڭىچە قىياپەت بىلەن خىزمەتكە كىرىشتى ،ئۆزى مەسئۇل بولغان دائىردىكى خىزمەتلەرنى جان كۆيدۈرۈپ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئايال كادىرلارنى تەربىيىلەش ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلۈپ ،ھەر قايسى يېزىلاردا ،ئورەان كەسپى ئۇرۇنلاردا بىر تۈركۈم مۇنەۋەر ئايال كادىرلارنى تەربىيىلەپ چىقتى ،بۇ ئايال كادىرلارنىڭ بىر قىسمى ھەر قايسى سەپلەردە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىسە بىر قىسىملىرى ھەر قايسى سەپلەردە باشلامچىلىق رول ئويناپ ،سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك  ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئاۋانگارت تايانچىلاردىن بۇلۇپ قالدى ،يەنە بىر قىسىم ئىتىقبالى بار دەپ قارالغان ئايال تايانچى كادىرلارنى تۈرلۈك بىلىم يۇرتلىرىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى.
ئايشەم مەممەت خىزمەتنى بەكمۇ مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئىشلەيتى ،ئۆزى مەسئۇل بولغان سېستىما ۋە خىزمەت دائىرسىدىكى كىشلەرگە ،ھەر قايسى ئىدارە –جەمىيەت مەسئۇللىرىغىمۇ تەلەپنى قاتتىق قۇياتتى ،ئايشەم مەممەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا ،بۇيرىغان ئىشلىرىغا ،تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرىگە ھىچكىم ياق دىيەلمەيتى ،بۇيۇن تولغىيالمايتى  ،خىزمەتتە ئەنە شۇنداق كەسكىن ھەم قاتتىق قول ئىدى ،كىچىكىنە قىستۇرما:
ھازىرقى ئەسىر مەيدانىنىڭ ئورنى 1960-يىلىدىن 1965-يىللىرىغىچە تېرىلغۇ يەر بۇلۇپ ،ھەر قايسى ئىدارىلەرنىڭ كۆكتاتلىغى ئىدى،شۇ يەردە سەنئەت ئۆمىگىنىڭمۇ كۆكتاتلىغى بار ئىدى ،بىر كۈنى ئۆمەك باشلىقى مېنى كۆكتاتلىققا سۇ قۇيىۋېتىشقا بۇيرىدى ،سۇ نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە سۇ ئىدارىسىنىڭ بىر كادىرى پەيدا بۇلۇپ مېنى كىچىك كۆردىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ بىلمىدىم سۇنى مېنىڭ كەينىمدىن كەلگەن بىرەيلەنگە بۇيرۇپ بەردى ،مېنىڭ بۇ يولسىزلىققا ،تەڭسىزلىككە تەن بەرگىم كەلمەي زۇكۇنلاشتىم ،لېكىن پايدىسى بولمىدى ،ئاخىرى ئايشەم ھاكىمنى ئىزدەپ باردىم ۋە ئەھۋالنى ئېيىتتىم .ئايشەم ھاكىم بىر ۋاراق قەغەزگە ‹‹سەنئەت ئۆمەكنىڭ كۆكتاتلىقىغا ئەھۋالغا قاراپ ،كېيىنچە ئەمەس ھازىرلا سۇ بېرىلىشى لازىم ›› دىگەن خەتنى يېزىپ ئىمزاسىنى قۇيۇپ خەتنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ ‹‹بۇ خەتنى ھېلىقى سۇ كادىرىغا بېرىڭ›› دىدى ،خەتنى ئېلىپ ھېلىقى ئادەمگە بەردىم، ھېلىقى ئادەم خەتنى كۈرۈپ بولغاندىن كېيىن سۇ نۆۋىتىنى شۇ ھامان ماڭا بەردى ،بۇ ئىش ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
ئايشەم مەممەت  1928 - يىلى تۇغۇلغان ، 1949 -يىلى ئىنقىلاۋى خىزمەتكە قاتناشقان .دىمەك ئارلىقتا ئارانلا 21يىل ئۆتكەن دىگەپ گەپ ،1949-يىلدىن 1966-يىلغىچە ببىر كومپارتىيە ئەزاسىغا لايىق ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ ،جاسارەت بىلەن ھەم مەسئۇليەتچانلىق بىلەن بېرىلىپ ئىشلىگەن ،ھەر مىللەت كادىر ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئىچقۇيۇن –تاشقۇيۇن بۇلۇپ ،ھەققى تۈردە خەلىقنىڭ چاكىرى بۇلۇپ ئىشلىگەن ،ئىسىق سوغۇق دىمەي كېچە –كۈندۈز تىرشىپ ئىشلىگەن ھەقىقى خەلىقسۈيەر ،جاپاكەش ،تىرىشچان كوممۇنىسىت ئىدى.
باي ناھىيىسىنىڭ تېرتورىيىسى كەڭ ،ئاھاللار تارقاق ئولتۇراقلاشقان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ زامانلاردا ھازىرقىدەك ماتۇرلۇق قاتناش قۇرالى يوق قاتناش ۋاستىلىرىمۇ يوق بۇلۇپ ،ئات قاتناش قۇرالى قىلىناتتى ،ئايشەم مەممەتمۇ تۆۋەنگە چۈشسە ئاتلىق ماڭاتتى .1958-يىلى ئايشەم ھاكىمنىڭ قارۋاغ –داۋانچى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت تەكشۈرۈپ ،خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلۋاتقان چاغلىرى ئىدى ،شۇ چاغدا ئايشەم ھاكىمنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاپىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ بارىدۇ ،ئايشەم ھاكىم خىزمەتلەرنى بىر قۇر ئۇرۇنلاشتۇرۋېتىپلا ئاتلىق يولغا چىقىپ ئۇدۇل جىسەك قايغۇ كەنتىگە يېتىپ بارىدۇ ۋە يەرلىكتە قۇيۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئاپىسىنىڭ سوغۇق يۈزىنى ئارانلا كۈرەلەيدۇ.
ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇسكى ئەكسىلئىنقىلابنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ،ئىنقىلاۋى خىزمەتكە قاتناشقاندا ئارانلا 21 ياشقا كىرگەن بىر قىز ئىنقىلابى خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن بولسا قىزىل بايراق ئاستىدا چوڭ بۇلۇپ ،پارتىيە تەربىيىسىدە ئۈسۈپ يېتىلىپ پارتىيىگە كىرگەن رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان مۇشۇنداق بىرپىداكار ئايال ،ھەققى ۋىجدانلىق خەلق كادىرى ،جان دىل بىلەن ئىشلەيدىغان سادىق كومپارتىيە ئەزاسى ،جاپالىق خىزمەتتىن باشقىنى ئويلىمىغان ،ئەكسىلئىنقىلابى تەشكىلاتقا قاتنىشىش تۈگۈل چۈشىدىمۇ كۈرۈپ باقمىغان بىر ئايال 1966-يىلى قوزغالغان ئېتى ئۇلۇغ ئەمما خەلىققە بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ،مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلدىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ‹‹تارىخى ئەكسلئىنقىلابچى›› دىگەن ئاجايىپ يوغان ۋە ھەيۋەتلىك قالپاق كەيدۈرۈلۈپ كۈرەشكە تارتىلغان ،ئازادلىقتىن بۇرۇن ئارانلا 21 يىل ياشىغان بىر قىز بالىنىڭ تارىخىدا قانداقمۇ تارىخى مەسلە بولسۇن ؟! جىنايەت بولسۇن ؟! ئۈتۈپ كەتكەن بىمەنىلىكتە بۇ ،لېكىن ‹‹تكت كىشلىك گورۇھ›› نىڭ بايدىكى گۇماشتىلىرى مانا شۇ قۇرۇق قالپاقنى ئايشەم مەممەتكە زورلاپ كەيدۈرگەن ۋە 1966-يىلدىن 1969-يىلغىچە 3 يىل ئۈزۈلدۈرمەي كۈرەشكە تارتقان ،قاتتىق قىيىن قىستاققا ئالغان ،ئوتقا قاقلىغان ئاسقان ،ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەرگە سالغان ،ئايشەم مەممەتتە يوق ،ھەتتە ۋۇجۇدىدىنمۇ ئۆتمىگەن ‹‹ جىنايەت ›› لەرگە ئىقرار قىلدۇرالمىغاندىن كېيىن  1969-يىلى قاراباغ يېزسىنىڭ كۆتەكتۇر كەنىت 2-ئىشلەپچىقىرىش ئەتىرىتىگە سۈرگۈن قىلغان .
ئايشەم مەممەت خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ھەممە كىشى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەردىن تارتىپ كەڭ دېھقان –چارۋىچىلارغىچە چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەيدىغان سۈيۈملۈك رەھبىرى بولغاچقا گەرچە رېجىم ئاستىدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ كەنىت مەسئۇللىرى ۋە  كەڭ دېھقان –چارۋىچىلار ئۆز قېرىندىشىدەك ،ھەقەمسايىسىدەك كۆرگەن ۋە بۇرۇنقىدەكلا ھۆرمەتلىگەن ،ئېغىر –يېنىك ئىشلارغا ياردەملەشكەن ،كەم نەرسىلىرى بولسا تۇلۇقلاپ ۋە ھەل قىلىپ بەرگەن ،ئەزەلدىن خەلق بىلەن ئىچ قۇيۇن –تاشقۇيۇن بۇلۇپ كەلگەن بۇ ئەمەلدار ئايال بۇ جايدىكى كىشلەر بىلەنمۇ يەنىلا ياخشى ئۆتكەن .يۇقىردىن يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ،نۇقتىدا تۇرۇشقا كادىرلار كەلسە ئاش تامىقىنى ئايشەم مەممەتنىڭ ئۆيىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ،ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن ،بۇ خۇددى شائىر ئابدۇللا ياقۇپنىڭ ‹‹ بىپەرۋا ›› ناملىق شېئىرىدا:

بىرسى دىدى مېنى ‹‹ زەر -گۆھەر››،
بىرسى دىدى: ‹‹ كېرەكسىز چالما››.
بىرسى دىدى: ‹‹ مىۋىسىز بىر شاق››،
بىرسى دىدى :‹‹ قىزارغان ئالما ››.

ماختىغانغا ئۇچۇپ كەتمىدىم ،
تىللىغانغا قىلمىدىم پەرۋا .
پۈۋلىگەنگە سەمىرىپ كەتمىدىم ،
غاجىغانغا بولمۇدۇم ئەرۋاھ.

ئويلاپ كۆرسەم خىلمۇ-خىل گەپ سۆز،
قىسمەتلەرگە تولغانكەن ئالەم .
بىرىنى ‹‹ياخشى›› بىرنى ‹‹يامان ››دەپ ،
ئۆتكۈزەركەن ئۆمىرىنى ئادەم.

دەپ يازغىنىدەك ئىسىق –سوغاق ،دولقۇنسىمان كۈنلەرنى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن .
كىچىكىنە قىستۇرما:
1970-يىللىرى ،مېنىڭ ناھىيىلىك يىمەك ماللار شىركىتىدىكى ۋاقىتلىرىم ئىدى ،شۇ چاغلاردا ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىق بېجىنى ۋە ھەر قايسى يېزا –كەنىتلەرنىڭ پىلان ئىچىدە سېتىۋالدىغان چارۋىلىرنى سېتىۋېلىشنى يىماك ماللار شىركىتى ۋاكالىتەن سېتۋېلىپ پىلانلىق تەمىنلەيدىغان چاغلار ئىدى ،شۇ ۋەجىدىن يىمەك ماللار شىركىتى ھەر قايسى يېزىلارغا چارۋا سېتۋېلىش خادىملىرنى ئەۋەتەتتى ،1973-يىلى مەن بىر گۇرۇپپا كىشلەر بىلەن قارۋاغ يېزىسىغا باردىم ، ھەر قايسى كەنىتلەردە 3-4 كۈن تۇرۇپ قالاتتۇق ،ئاش تامىقىمىزنى كەنىت مەسئۇللىرى ئاش تاماققا ئۇستىراق ،پاكىزلىقى ياخشى دەپ قارالغان بىرەر ئائىلىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇياتتى ،بىز ئايلىنىپ كۆتەكتۇر كەنتىگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا كەنىت مەسئۇللىرى ئاش تامىقىمىزنى ئايشەم مەممەتنىڭ ئۆيىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدى ۋە ئايشەم ھاكىم تاماققا ئۇستا ،سىلەر شەھەر تامىقى يەپ ئۆگۈنۈپ قالغانلار ،شۇڭا مۇشۇ ئۆيگە ئۇرۇنلاشتۇردۇق دىگەندەك گەپلەر بىلەن بۇ ئۆيگە ئەكىلىپ قۇيۇپ تاماققا كېرەكلىك ئۇن،ماي ،گۆش، سەي-كۆكتات دىگەندەكلەرنى ئىەكىلىپ بېرىپ قايتىشتى،بۇ جايدا 4 كۈندەك تۇرۇپ قالدۇق ،ئايشەم ھاكىم ئۈچ ۋاق تامىقىمىزنى ۋاقتىدا ئېتىپ بېرىپ ناھايتى ئوبدان باقتى ،شۇ جەرياندا ئايشەم ھاكىم  بىلەن ئۇزاق مۇڭداشتۇق ،ھال –مۇڭ بۇلۇشتۇق ،گەپ سۆزلىرىدىن تەققى-تۇرقىدىن روھى كەيپىياتى شۇنداق ياخشى ،پارتىيە-ھۆكۈمەتتىن ھىچقانداق ئاغرىنىش يوق بەلكى ئۈمىدۋار ياشاۋاتقان بۇلۇپ ،ئۆزنىڭ بۇ ناھەقچىلىقلاردىن قۇتۇلدىغانلىقىنى ،ئاقلىندىغانلىقىنى ،پارتىيىنىڭ بۇ قالايمىقان ۋەزىيەتنى ئوڭشايدىغانلىقىغا ئىشندىغانلىىقنى ئېيتقان ئىدى،ھەمدە ئۆزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ھىچقانداق يەكلەشلەرگە ئۇچۇرمىغانلىقنى ئېيتقان ئىدى .
ئايشەم مەممەت ئاشۇ مۇدھىش چاغلاردا ئىشەنچىنى يۇقاتمايلا قالماستىن بەلكى بۇرۇنقىدەكلا خۇشخۇي ،چىقىشقاق مىجەزىنى يۇمۇرلۇق چاقچاقلىرىنى تاشلىمىغان ئىكەن ئايشەم ھاكىم ياش ۋاقىتلىرىدا چاقچاققا شۇ قەدەر ھېرىسمەن ۋە ماھىر ئىدىكى باشقىلارنىڭ لەقىمىنى باشقىلارغا ئوخشاش  ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەپ ئەمەس بەلكى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ چەقچاق قىلىشاتتى ،مۇبادا چاقچاقلىشۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ لەقىمىنى بىلمىگەنلەر بولسا بۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەيتى ،بىلگەنلەر بولسا قاقاھلاپ كۈلۈشەتتى.
1965-يىلنىڭ 11-ئاي مەزگىلى ئىدى ،بىر ئەتىگىنى ئۆي بازار تەرەپتىن مەرھۇم ئەمەت راشىدىن بىلەن پاراڭلىشىپ كىلۋاتاتتۇق،شۇ چاغدا ھازىرقى مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئورنىدا ناھىيىلىك رادئىو-ئوزىلى بۇلىدىغان ،بىز پاراڭلىشىپ شۇ جايغا كىلىشىمىزگە بىز تەرەپكە قاراپ كىلۋاتقان ئايشەم ھاكىم بەش ئالتە قەدەم قالغاندا ئەمەت راشىدىننى كۈرۈپلا چوڭ يۇلى بىلەن ئورمان بەلبىغى ئوتتۇرسىدىكى سىمۇنىت ئېرىق تەرەپكە ئۈتۈپ خۇددى بىر نەرسە ئىزدىگەندەك سىنچىلاپ  قاراشقا باشلىدى.بۇنى كۆرگەن ئەمەت راشىدىن ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۈتۈپ ئورمان بەلبىغىدىكى دەرەخلەرنى ئارلاپ مېڭىشقا باشلىدى.مەن  بۇ ئىككىسىنىڭ نېمە قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قاپتىمەن ،بۇلار شۇنداق بىرى ئېرىققا ،بىرى ئورمانلىققا يەر تىمسىقلاپ مېڭىپ ئۇدۇلغا كەلگەندە تەڭلا قاقاقلىشىپ كۈلۈپ كەتتى بىر ھازا كۈلۈشكەندىن كېيىن ئاندىن تىنىچ ئامانلىق سوراشتى كېيىن بىلسەم ئۇلار لەقەم سۈرۈشتۈرۈپ چاقچاق قىلىشىپتۇ.ئۆز گىپىمگە كەلسەك ،مەن بىر ئاز پالاكەت ھەم ھۇرۇن بولسام كېرەك شۇڭا ھەپتە ئون كۈنلەپ ساقىلىمنى ئالمايدىكەنمەن ،كۆپىنچە باشقىلارنىڭ دەۋېتى ۋە سەمىمگە سېلىشى بىلەن ساقىلىمنى ئالىدىغىنىم ئېسىمدە شۇڭا ئايشەم مەممەتنىڭ ئۈيىدە يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساقىلىم شۇنداق ئۆسۈپ كىتىپتۇ ،بۇنىڭدىن ئايسەم ھاكىمنىڭ بەكلا ئىچى پۇشسا كېرەك ‹‹چۈنكى ھاكىم بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ھۆكۈمەتتىكى كادىرلار ۋە بىر قىسىم ئىدارە مەسئۇللىرنىڭ ساقىلى سەللا ئۈسۈپ كەتسە ئايشەم ھاكىمنىڭ چاقچاققا يۈلەپ بۇلامدۇ ياكى ئاچىققا يۈلەپ بۇلامدۇ كىشلەر ئالدىدا ئوسال قىلدىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم ›› تاماقتىن كېيىن بىر پىڭزىغا ئسىق سۇ ئېلىپ سۇپۇن بىلەن قېشىمغا كىلىپ ماۋۇ ساقال ئۈسۈپ بىر باغ بىدىدەك بۇلۇپ قاپتۇ بىر دەزمال سېلىۋەتسىلە ،ياش بالىلار دىگەن ساقالنى پات پات ئالدۇرۇپ پاكىز سالاپەتلىك يۈرۈيدىغان دەپ سۇنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى مەن قىزىرىپ تاتىرىپ بىر تەرەپتىن چاندۇرماي كۈلۈپ ئايشەم ھاكىمنىڭ دىگىنىنى قىلغان ئىدىم ،شۇنىڭدىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى  ئايشەم مەممەت پارتىيە ۋە خەلىققە بولغان سەمىمى سادىقلىغى بىلەن خېلى -خېلى ئەرلەر بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان تەن جازاسى خورلاشلارغا ،روھى بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ ئۈمۈتۋار ياشىغان ناھايىتى قەيسەر، چىداملىق، يۈرەكلىك ئايال بولغاچقا ھاياتنى قەتئى داۋاملاشتۇرغان ،بىر قىسىم ئىرادىسىز ئەرلەردەك ئۆز ئۆزىنى نابۇت قىلىش خىيالىدا ئەسلا بولمىغان ئەسلىدىكى خىسلىتىنى قىلچە يۇقاتمىغان ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگەن ،تۇرمۇشى باياشات بولمىسىمۇ قۇلىدا ۋاقتىنچە ھوقۇق بولمىسىمۇ يەنىلا ھاكىمدەك ياشاپ ئالتە يىلنى بىر كۈندەك ياشاپ ئۆتكۈزگەن .1975-يىلى 5-ئايدا قاراباغ يېزا كۆتەكتۇر كەنىتتىن قايتۇرۇپ كىلنىپ ناھىيلىك تەجىرىبە پونكىتىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ۋە بۇ جايدا 1979-يىلغىچە تۇرغان ،1979-يىلى نامى ۋە خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىسى بۇيىچە مۇئامىلە قىلنىغان نامى ۋە خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاياللار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان .1983-يىلى پىنسىيىگە چىققان ،ئايشەم مەممەت ئۇزۇن يىل رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ ئائىلىدە يەنىلا كۈيۈمچان ئايال ،مېھرىبان ئانا ئىدى .ئىككى قىز بىر ئوغۇل پەرزەنتىگە بولغان تەربىيىنى قىلچە بوشاشتۇرمىغان ،ئۇ خىزمەتتە قاتتىق قول كۆزگە كۈرۈنگەن رەھبەر بولسا ئائىلىدە مېھرىبان ئانا ،ۋاپادار ئايال بۇلۇپ ئائىلىسى ئالدىدىكى مەجبۇريەت ۋە مەسئۇليەتنى تۇلۇق ئادا قىلغان تەلەپچان ئۇستاز ئىدى ،شۇڭا بۇ ئۈچ پەرزەنتنىڭ چوڭى دىلەيسەم ناھىيىلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ ئارامغا چىقتى ،بىر قىزى ‹‹تۆت كىشلىك گوروھ›› نىڭ تەسىرى بىلەن ناھىيىدە ئىشقا ئۇرۇنلىشىش مۇمكىن بولماي ئۈرۈمچىدىن خىزمەتكە قۇبۇل قىلغىلى كەلگەنلەر خىزمەتكە تاللاپ ئەكەتتى ،بىر ئوغلى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدە ئىشلىمەكتە .
دىمەك ،ئايشەم مەممەت ئۆزنىڭ بارلىغىنى پارتىيە خەلىققە بېغىشلاپلا قالماستىن بەلكى ،پەرزەنتىلىرنىڭمۇ بىر ئۆمۈر خەلق ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلسۇن دەپ تەربىيىلىگەن ياخشى ئانا .
مانا شۇنداق بىر ئۆمۈر خەلقىم دەپ چاپچىغان يۈرەك بىر ئۆمۈر پارتىيە ئۈچۈن سوققان سادىق يۈرەك 1992-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت تۆتتە چىڭمىسۇ رېئاكسىيە قىلدى دىگەن سەۋەپ بىلەن 64يىشىدا يۈرەك سۇقۇشتىن توختىدى.مەرھۇم ئەبەدى ئۇيقىغا كەتتى ئايشەم مەممەتنىڭ خۇشخۇي سىماسى ،چىقىشقاق، يۇمۇرلۇق ،سالاپەتلىك تۇرقىنى بىلگەنلەرنىڭ ،كۆرگەنلەرنىڭ كۆز قارچۇقىدا قېتىپ قالدى.


2012-يىلى 2-ئاي


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1255 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 04:27:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 05:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا ئارسلانلار ئىتلارغا باش،
بولور ھەممە ئىتلار ئارسلانسىمان.
بولسا ئىتلار ئارسلانلارغا باش،
بولور ھەممە ئارسلانلار ئىتسىمان.  دىگەندەك باشلىق بولغۇچى خەلىقپەرۋەر بولىشى كىرەك.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 05:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى   تېما  بوپتۇ   .    بۇنىڭدەك   ئايال     ھاكىملىرىمىز   ئاز  ئۇچرايدۇ   

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 05:49:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. مۇشۇنداق كۈمۈلۈپ قالغان مەشھۇر زاتلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئەۋلاتلارغا ئۈلگە قىلىش كېرەك

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 06:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھىيمىزدە يەنە ئايشەم ھاكىمغا ئوخشاش يەنە بىر ئايال ھاكىممۇ چىقتى ، ئۇ بولسىمۇ ئاينۇر ھاكىم . ھاكىم دىگەن بىر يۇتنىڭ ئاتامىنى بولغاندىن كېيىن خەلقىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ،ھالىغا يىتىدىغان بولسا كېيىن مەنسەپ تونىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ خەلق ئەسلەپ، ياد ئېتىپ يۇردىغان گەپ ،ھەي ھازىرقى كاتېۋاشلارنىزە يېغىنى تۇلا ئاچقان بىلەن خەلق ئۈچۈن ئېغىزدا خىزمەت قىلىپ ئەمەلىيتىدە قىلچىلىك خىزمەت قىلمايدۇ. بەك بىيۇكىراتلىشىپ كەتتى جۇما.

ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 07:46:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دېگەن جاسارەتلىك، نىمە دېگەن غەيرەتلىك ئايال ھە؟  قارىسام باي ناھىيسىنىڭ ھاكىمى بولۇپ زايە كېتىپ قاپتۇ، ئەسلى سەئۇدى ئەرەبسىتانغا ئاپىرىپ مەككە شەھرىگە شەھەر باشلىقى قىلىدىغان ئايالكەنتۇق.

Welihan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 09:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 09:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھبىرى كادىرلارنىڭ تۆھپىسىنى ئالاھىدە كۆرسىتىش ئۈچۈن رەھبىرى كادىرلار ياشاۋاتقان دەۋرنى مۇدھىش، قاراڭغۇ، دۈشمەنلەر ھەممە يەردە تىمسىقلاپ يۈرگەن قىلىپ تەسۋىرلەش ئوردا يازغۇچىلىرىدىكى ئورتاق ئەدەبى ماھارەت بولسا كىرەك. يۇقارقى  يازمىدا ئېيتىلغىنى بويىچە باشتا بۇ مۆھتەرەم رەھبەرنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشىغا پۈتۈن ناھىيدىكى ھەممە ئادەم جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدىغان مۇدھىش بىر دەۋرنى تەسۋىرلەشنىڭ نىمە زۆرۈرىيتى ،خەلق كوممۇناسى يېڭىدىن قۇرۇلغان مەزگىلدە رەھبەرلەر ۋەزىپىگە تەيىنلەنمەيىتتى، بەلكى خەلق تەرىپىدىن سايلىناتتى.فىئودال خوراپاتلىق ئىددىيەلىرىگە چۇڭقۇر چۆككەن شۈنچە  كۆپ خەلق يەنە ئۇنىڭغا ئاۋاز بىرىپتۇ دېسە.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-19 09:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77239
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3201
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 09:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى ئېسىل ئايال ئىدى رەھمەتلىك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش