[tr][td]
ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتتىم .... سېغىنىشنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرى قەلبىمدىن يوقالماي تۇرۇپلا،يەنە يېڭى ئازاپلارغا موپتىلا بولغىنىم قىززىق... بەزىدە تەقدىرىمگە كۈلگۈم كىلىدۇ،مەيلى قانداقلا قىلماي،قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي ئەسلىىمىلىرىمنىڭ...ياق...ياق...ئۇنىڭ ئالقانلىرىدىن چىقىپ كىتەلمەپتىمەن،قەلبىمدە يەنىلا ئۇنىڭ سۆيگۈسى ھۆكۈمران ئىكەن
.
ئۇنىڭ سىماسى غىل-پال چېقىندەك كۆرۈنۈپ قويسىمۇ،قەلبىم باغلىرىغا ئاتەش يامرايدىكەن،ھەر بىر سۆزلىرى....شۇنچىكى ئەھمىيەتسىز سۆزلىرىمۇ قەلبىم رۆجەكلىرىگە مەھكەم ئورنايدىكەن. ئۇنى ئەسلىمىلىرىمدىن يۇيۇپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغانسىرى،ئۇ قەلبىم قەسىرىگە شۇنچە ئىچكىرلەپ كىرىدىكەن...مەندە چارىسىزلىقنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ياڭراتماقتىن باشقا ئامال قالمىغان ئوخشايدۇ.
بىر چاغلاردا ياپراقلىرى تۆكۈلگەن قەدىرسىز گۈلدەك تاشلانغان ئىدىم.قەلبىم شىۋىرغان ھوۋلىغان باھاردەك يۆلەكسىز قالغان ئىدى،شۇ ۋاقىتلاردا ئەمدى ئۇنى سۆيمەيمەن دەپ ئۆزۈمگە تۈمەنمىڭ قېتىملاپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم، قېنى ئۇ ۋەدىلەر؟ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىرىم ئۇ ۋەدىلەرنى شامال ئۇچۇرغان ياپراقتەكلا ئۇچۇرۇپ كەتتى،مەن نىمانچە يارامسىز؟؟؟
مەن زىمىستاننى ياقتۇرمايتتىم،لىكىن ئۇنىڭ قارغا ئامراقلىغىنى بىلىپ قىش كەلسىكەن ،قار ياغسىكەن دەپ تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم، مەن مۇزىكىنى ياقتۇرمايتتىم،ئۇنىڭ مۇزىكىغا قىزىقىدىغىنىنى بىلىپ ئۇ ياقتۇرىدىغان مۇزىكىلارنى دائىم ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئەجىبا شۇنىڭ ئۆزى مۇھاببەتمىدۇ
مۇھاببەت دىگەن شۇنچە قاتتىق ئازاپلاردىمۇ يوقالمايدىغانمىدۇ؟
ھىجراننىڭ پايانى يوق،ھەسرەتنىڭ چېكى،ھىسلىرىمغا شۇنداق ئىلتىجا قىلىمەن: يۈرۈگۈمدىكى ئۆچەي دەپ قالغان چوغلارنى ئەمدى يالقۇنلاتمىغىن! قەلبىمدە ئۇخلاپ قالغان مۇھابەتنى ئەمدى ئويغاتمىغىن! دىلىمدىكى ئەمدى ئۇنتۇلاي دەپ تۇرغان سېغىنىشنى ،قىيانغا ئايلاندۇرمىغىن! ئۆتىنەي قەلبىم سەندىن،مىنى ئەمدى سۆيگۈ قەلەندەرى قىلمىغىن!!!
مەن كىپىنەككنى ياقتۇرمايمەن
بىر چاغلار سۆيگۈ بابىدا سۈلتان ئىدىم،زىمىستاندىمۇ قەلبىم باھار ئاپتىۋىدىن مەھرۇم ئەمەس ئىدى،ھەر تاڭدا سانسىز سۆيگۈلەر ھەدىيە قىلىنغان مەكتۇپلىرىڭنى تاپشۇرۇپ ئالاتتىم...مەڭىزلىرىمدە بەخىت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەن ھالدا سەۋرىسىزلىك بىلەن ئوقۇشقا باشلايتتىم...نەقەدەر بەخىتلىك مىنىۇتلار ئۇ؟ئاھ...شۇ ۋاقىتلار كەلمەسكە كەتتىمۇ ئەمدى؟ئەمدى سۆيگۈ مەكتۇبى ئەمەس ،بىرەر ئېغىز سۆزىڭنى ئاڭلاش ئىستىگىدە قەلبىڭ روجەكلىرىگە ئىنتىزارلىق بىلەن تەلمۇرىدىغان بولدۇم ،بۇ سۆيگۈ قەلەندەرى بولماي نىمە؟
شۇنداق بىر ۋاقىتلاردا سۆيگۈ ساخاۋەتچىسى ئىدىم،تەلمۇرۇپ تىكىلگەن كۆزلىرىڭگە،بىچارىلارچە تۇرقۇڭغا قاراپ يۈرەكلىرىم سىرىلاتتى،ئاخىرى مەھكەم تاقالغان دىل قەسىرىمنى سەن ئۈچۈن ئاچتىم،قەلىپ خانەمنىڭ تۆرىگە...بەكمۇ تۆرىگە جايلاشتىڭ...ئۇۋاقىتلاردا ھەر ئىككىلىمىز بەخىت لەزىتىدىن مەسخۇش ئىدۇق،جاراڭلىق كۈلكىمىز بىلەن ياۋلارنىڭ كۆكسىگە خەنجەر ئۇرغان ئىدۇق...
ئەپسۇس...تولىمۇ ئەپسۇس... سىنىڭ گۈللەردىن گۈللەرگە قونۇپ يۈرىدىغان كىپىنەك خۇمارلىقىڭنى خىيال قىلىپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن،رەڭگا-رەڭ گۈلزارلىق سىنىڭ سۆيگۈ مەنزىلىڭ ئىكەن ئەمەسمۇ؟مەن پەقەت ۋە پەقەت شۇ گۈلزارلىقىدىكى بىر گۈل ئىكەنمەن،سىنىڭ گۈلزارلىقىڭدا مىنىڭدەك گۈللەر تولۇپ يېتىپتىكەن ئەمەسمۇ؟
مەن كىپىنەكنى ياقتۇرمايمەن،پەقەت ساداقەتمەن پەرۋانە بولسىلا مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىرىپ تۈگەيدىغان شام بولۇشقا رازى،پەرۋانە كىپىنەكتەك جەلىپكار بولمىسىمۇ ،لىكىن ساداقەت بابىدا بۈيۈك داستانلارنى پۈتەلەيدۇ،ھاياتى بەدىلىگە مۇھابەت قورغىنى ياسىيالايدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-19 02:11 PM
|