ئۇخلاشنىڭ ئەدەپ – قائىدىسى
ھەربىر مۇسۇلمان ئۇيقۇنى ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە ئىنئام قىلغان ئەڭ چوڭ نېئمەت دەپ بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر.» (سۈرە قەسەس، 73-ئايەت) يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق.» (سۈرە نەبە، 9-ئايەت)
چۈنكى، ئىنسان كۈندۈزى توختىماي ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن كېچىسى بىرقانچە سائەت تىنىچلىنىش ئارقىلىق جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن زور كۈچلەندۈرۈش ۋە جانلاندۇرۇشقا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ كۈندۈزلۈك ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، بۇ نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان تۆۋەندىكى ئەدەپ – قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
1. خۇپتەندىن كېيىن زۆرۈر بولمىسىلا ئۇيقۇنى كېچىكتۈرمەسلىك
ئەبى بۇرزەتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەندىن بۇرۇن ئۇخلاشنى، ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزلەشنى يامان كۆرەتتى» دەپ بايان قىلغان. (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)
2. تاھارەت بىلەن يېتىشقا تىرىشىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ئورنۇڭغا كەلسەڭ نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن.» (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس)
3. ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش. كېيىن سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا ھېچقىسى يوق.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرراغا مۇنداق دېگەن: «ئورنۇڭغا كەلسەڭ نامازنىڭ تاھارىتىدەك تاھارەت ئالغىن. ئاندىن ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ ياتقىن.» يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئورنۇڭغا كەلسەڭ، پاك بولساڭ ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ يات.»
4. تۆۋەندىكى دۇئالارنى ئوقۇش
بىرىنچى، «سبحان اللە والحمد للە واللە اكبر»نى 33 قېتىم دېيىش، ئاندىن «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، ھوقۇق ۋە مەدىھىيە ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر» دېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى ۋە پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارغا ئۇلار ئۆي خىزمەتچىسى تەلەپ قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى سىلەر سورىغاندىن ياخشى ئىشقا باشلاپ قويايمۇ؟ ئورۇنغا چىققان ۋاقتىڭلاردا 33 قېتىم «سبحان اللە»، 33 قېتىم «الحمد للە»، 34 قېتىم «اللە اكبر» دېسەڭلار ئۇ سىلەرگە خىزمەتچىدىن ياخشى.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
ئىككىنچى، سۈرە فاتىھەنى، سۈرە بەقەرەنىڭ ئەۋۋىلىدىن مفلحون غىچە، ئايەتەلكۇرسىنى ۋە سۈرە بەقەرەنىڭ ئاخىرسىدىن للە مافي السموات دىن ئاخىرغىچە ئوقۇش. بۇ ساۋابقا قىزىقتۇرۇش توغرىسىدا كەلگەن.
ئۈچىنچى، بۇ دۇئالارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكى دۇئانى قىلىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن شۇنداق بايان قىلىنغان: «ئى ئاللاھ، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن يېنىمنى قويدۇم، ئۇنى سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن كۆتۈرىمەن. ئى ئاللاھ، ئۆزۈمنى چىڭ تۇتسام ئۇنى كەچۈرگەيسىز، ئەگەر قويىۋەتسەم ئۇنى سالىھ بەندىلىڭىزنى ساقلىغاندەك ساقلىغايسىز. ئى ئاللاھ، مەن ئۆزۈمنى سىزگە يۈزلەندۈردۈم، ئىشلىرىمنى سىزگە تاپشۇردۇم، سىزگە ئىلتىجا قىلدىم، سىزدىن مەغفىرەت تىلەيمەن. سىزگە تەۋبە قىلىمەن، چۈشۈرگەن كىتابىڭىزغا، ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭىزگە ئىمان كەلتۈردۈم. ئىلگىرى – كېيىنكى ئاشكارا، يوشۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسىز. سىز ياخشى بىلىسىز، سىز ھەممىدىن بۇرۇن بولغۇچى سىز، ھەممىدىن كېيىنمۇ ھەم بولغۇچى سىز. سىزدىن باشقا ئىلاھ يوق. ئى رەببىم، بەندىلىرىڭىزنى تىرىلدۈرگەن كۈنىدە مېنى ئازابىڭىزدىن ساقلىغايسىز.» (ئەبۇ داۋۇد قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان)
تۆتىنچى، ئۇيقۇ ئارلىقىدا ئويغانغان ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك دەيدۇ: «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. ئۇنىڭ شىرىكى يوق، پادىشاھلىق ۋە ھەمىد ئۇنىڭغا خاس. ئۇ ھەممىگە قادىر، ئاللاھ پاكتۇر، بارىلىق مەدىھىيە ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئاللاھسىز كۈچ – قۇۋۋەت مەۋجۇت ئەمەس.» خالىغىنىچە دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىنىدۇ. بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان بار. ئەگەر تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇسا نامىزى قۇبۇل قىلىنىدۇ. ياكى تۆۋەندىكىدەك دېسە بولىدۇ: «سىزدىن باشقا ئىلاھ يوق، سىز پاكتۇرسىز. ئى ئاللاھ، سىزدىن گۇناھلىرىمنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ، بىلىمىمنى زىيادە قىلغايسىز، توغرا يولغا باشلىغىنىڭىزدىن كېيىن دىلىمنى ئازدۇرمىغايسىز. ئۆز دەرگاھىڭىزدىن ماڭا رەھمەت ئاتا قىلغايسىز. سىز ئەڭ ياخشى ئاتا قىلغۇچىسىز.»
5. كېچە ياكى كۈندۈزدە بولسۇن، دۈم ياتماسلىق
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ يېتىشى.» يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان يېتىش.»
6. تاڭ يورىغاندا تۆۋەندىكى دۇئالارنى ئوقۇش
بىرىنچى، ئويغانغاندا ۋە ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن: «بىزنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا مەدىھىيلەر بولسۇن. ھەممىمىز ئۇنىڭ يېنىغا قايتىمىز.» دېيىش.
ئىككىنچى، كېچىلىك نەپلە ناماز ئوقۇشقا قوپقاندا ئاسمان تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ، سۈرە ئال ئىمراننىڭ ئاخىرىسىدىن ئون ئايەتنى ئوقۇش.
ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «مەن ھاممام – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى مەيمۇنەنىڭ قېشىدا قونغان ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇ يەردە قونغان بولۇپ، كېچە يېرىم بولغاندا شۇنىڭدىن بىر ئاز ئىلگىرى ياكى كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قولى بىلەن ئۇيقۇلۇق يۈزىنى سۈرتتى. ئاندىن سۈرە ئال ئىمراننىڭ ئاخىرقى ئون ئايىتىنى ئوقىدى. ئاندىن تاھارەت قاچىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ تاھارەت ئېلىپ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
ئۈچىنچى، تۆت قېتىم «ئى ئاللاھ، سىزنى مەدىھىيلەش بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇم. سىزنى، ئەرشىڭىزنى، پەرىشتىلىرىڭىزنى ۋە بارىلىق مەخلۇقاتلىرىڭىزنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن سىز ئاللاھتۇرسىز، سىزدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد سىزنىڭ بەندىڭىز ۋە پەيغەمبىرىڭىز» دېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۇنى بىر قېتىم دېسە، ئۇنىڭ تۆتتىن بىرىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى تۆت قېتىم دېسە ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)
تۆتىنچى، ئۆيدىن چىقىش ئۈچۈن ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا پۇتىنى قويغاندا: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم. ئاللاھسىز كۈچ – قۇۋۋەت يوق.» دېيىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بەندە بۇنى دېسە، ئۇنىڭغا: <توغرا يول تۇتتۇڭ، توغرا قىلدىڭ> دېيىلىدۇ.» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
بەشىنچى، ئۆيدىن ئايرىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھ سىز ئارقىلىق، ئېزىپ كېتىشتىن ياكى ئازدۇرۇلۇشتىن، خاتالىشىشتىن ياكى خاتالاشتۇرۇلىشتىن، زۇلۇم قىلىشتىن ياكى زۇلۇم قىلىنىشتىن، نادانلىق قىلىشتىن ياكى باشقىلارنىڭ نادانلىق قىلىشىدىن پاناھلىق تىلەيمەن.» ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆيۈمدىن چىقسا، ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتى: <ئى ئاللاھ سىز ئارقىلىق، ئېزىشتىن ياكى ئازدۇرۇلۇشتىن … …تىلەيمەن.>»
http://www.bildur.net/?p=2565
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-18 07:34 PM