پىچىر - پىچىر مۇھەببەت تۇرسۇنئاي سۇلتان < بەرگىيە> 1 كىشى ھەمىشە ياخشى كۆرۇپ قالغىنى ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ياخشى كۆرگىننىڭ ياخشى كۆرۇشكە ئەرزىمەيدىغان كىشلىكىدىن ئازابلىنىدۇ . كۆڭلۇمگە قىلغان خىتابىم شۇكى: سۆي،سۆيۈشنى بىل !سۆيۈپلا ئۆتۇش ئازاب ،سۆيۈلۈپ سۆيۈشنى بىلمەسلىك جىنايەت. سېنىڭ ئازاب تارتىشىڭغىمۇ ،جىنايەت ئۆتكۈزۈشىڭگىمۇ رۇخسەت قىلالمايمەن! كېلىڭلار ئازاب خاتىرلەنگەن دەپتەرلەرنى كۆيدۇرايلى. 2 ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كىتاب.ئۇنىڭغا ئاچچىق-تاتلىق ۋەقەلەر يىزىلغان . ھايات ئۆزى بىر ئاق دەپتەر،ھەر كىم ئۆز يىغىسى ۋە كۈلكىسىنى خاتىرلەيدىغان . ھايات يا بىزنى كۈلدۈرەلمىسە يا يىغلىتالمىسا ،بىز ئۇنىڭدىن بىزار بولغان بولاتتۇق. ئۇ گاھ يىغلىتىپ ،گاھ كۈلدۈرىشى بىلەن مەپتۇنكاردۇر. 3 يىپەكتەك چاچلارنى سىيلاۋاتقان جۈپ قوللارنىڭ تىتىرەشلىرىگە بۆلەنگەن يۈرەكتىن يەنە نېمىنى تەمە قىلىۋاتىسەن قىزچاق ، ئاشۇ قوللاردىكى مېھىر-مۇھەببەت سېنى بىر ئۆمۇر يۆلەشكە يىتەتتىغۇ ؟! كۆزلىرىم بىلەن سېنى ئۈزىتىپ قويۇپ يۈرەكلىرىمنىڭ پەريادىدىن تاراملاپ تۆكۈلگەن قەتىرىلەرنى ئارقاڭدىن تۆكۈۋەتتىم .سەن ئاق كەپتەر ناخشىسىنى بەك ئۇزاق ئېيىتتىڭ. بەلكىم توزىغان پەيلەرنىڭ زارى يۈرىكىڭنى ئەزگەندۇ !؟ 4 باھارنىڭ شېۋىرلاشلىرىنى ئۇزىتىۋاتىمەن .يازنىڭ مۇھەببەتلىك قۇچاقلىرىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، بىر كۈنى يازنىڭ مۇھەببەتلىك قۇچاقلىرىدىن يۇلقۇنىمەن .كۈزنىڭ نېمەتلىرىگە ئېغىزىمنى لىق تولدۇرۇپ تۇرۇپ، ئوخشاشلا ئۇزىتىمەن. كۈز ياپراقلىرىنى ئاچچىق-ئاچچىق چىقىرتىپ، دەسسەپ-دەسسەپ مېڭىپ ،ئاپپاق قارلار قوينىغا سېڭىمەن . مانا بۇ تۇرمۇش. 5 نېمىلەرنى دېيىشنى بىلمەيمەن ،ئەمما چوقۇم دېيىشىم كېرەك بولغان ھەقىقەت سېنى كۈتمەكتە. گەرچە بۇ كۈتۈش خۇشاللىق بولمىسىمۇ . نېمىلەرنى قىلىشنى بىلمەيمەن، بىراق قىلىشىم كېرەك بولغان بىر ئەمەليەتنى ساڭا كۆرسىتىشىم كېرەك. بۇ ئەمەليەت ئارزۇيۇڭدىكىدەك گۈزەل بولمىسىمۇ . خاتىرەمنى مۇشۇنداق باشلىغانىدىم ، بىراق يىزىلىپ بولمايلا چىكىت قويۇلدى .چۈنكى سەندىن ئاۋۋال ئۆزۈم بەرداشلىق بىرەلمىدىم . 6 سەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى كىم ھېس قىلالىدى ؟ كېچىچە گۈل ئىشقىدا سايراپ چىققان بۇلبۇلمۇ ياكى غۇنچىلارنىڭ بەرگىدە تۇختاپ قالغان شەبنەممۇ ؟ ياق ،چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئازابى بەدىلىگە باشقىلارغا گۈزەللىك يارىتىۋاتقانلار ئىدى. باشقىلار ھۇزۇرلىنىدىغان گۈزەللىكلەر ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگۈچىلەر ھامان شۇ گۈزەللىكلەرنىڭ تامىنى تېتىشتىن مۇستاسناردۇر. 7 ھارغىن دۇنيانىڭ ئاۋايلاپ ماڭغان قەدەملىرى بىزنى شۇ قەدەر مەھلىيا قىلىدۇكى ،بىلىپ- بىلمەي شېرىن ئالدىنىشلارغا قەدەم قويىمىز. شېرىن ئۇيقۇغا ئورالغان مەنىۋى تەشنالىقنىڭ باغرىدا ئۇزاق چۆرگىلىدىم . يا ئۆزۈمنى يارتالماي يا ئۆزگىنى يارىتالماي ئۆتۇپ كېتىشتەك مەغلۇبىيەت مېنى بارا -با ھالسىزلاندۇرۋاتاتتى. مېنى بۇ قەدەر ئېزىۋاتقىنى يۈرىكىمدە مۈكۈشمەك ئويناۋاتقان سوئاللار ئىدى. سوئاللارغا سۈكۈت بىلەن جاۋاب بىرىشنىڭ قىيناقلىرىدا تېتما-تالاڭ بولاتتىم . مەۋجۇتلۇقنىڭ تەگسىز غەملىرىدە ئېزىلگەن روھىمنىڭ پەريادىغا كۈلكىلىرىمنى سېڭدۇرۇپ قويۇۋاتاتتىم .....ھالبۇكى بۇ كۈلكىلەر پۈتۈن ئالەمگە شەبنەم بولۇپ تارىلىۋاتاتتى. ئاۋايلاپقىنا ئاخىرقى شەبنەمنى بەرگىمگە قويدۇم .بىلەتتىم ، ئۇ كۈن نۇرىدا قۇرىماس ،شەپەقتە توزىماس شەبنەم ئىدى. ئەسكەرتىش: ئاپتۇرنىڭ ئىجازىتىسىز ئەسەرنى كۆچۇرۇپ باشقا يەردە ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-18 11:27 AM
|