|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىمداشلار ، يېقىندىن بىرى مۇنبەردە تۈزۈك تىما يوللاپ بولالمىدىم ، بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمەدىن كىيىن جۈمەگە ئاتاپ يازغان بۇ بىر پارچە شىئېرنى سالام ئورنىدا ئالغاچ كەلدىم ،يەنە بىرنەچچە پارچە تىلفۇنۇمدا تارتقان سۈرەتلەر ، ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ئەمدى كەچ بولسىمۇ سالام ئورنىدا كۆرگەيسىزلەر ....
جۈمە بايان
تۇرسۇنبەگ ياسىن
جۈمە ئۇلۇغ ,خاسىيتى كاتتا ، ئاللاھ بەرگەن ئىسىل بىر نىئمەت . كىمكى قىلسا دىلىدىن ئىخلاس ، تاپار شۇنچە تۈگىمەس بەرىكەت .
ئىمان - دىمەك دىلدىكى چىراق ، چىراقسىز ئۆي شۇنچىلىك زۇلمەت . ئىتىقادتىن نۇرلىنار دىلمۇ ، دىمەك ئىتقاد شۇنچىلىك قىممەت . ئۆيگە بىر تال شام ياقماق مىسال - يورىتىدۇ خۇددى كۈندۈزدەك . دىلدا ئىمان يانغان كىشىنىڭ ، قەلبى نۇرلۇق گوياكى كۈندەك .
بىر قۇدرەتتە ئايلىنار جاھان ، ئاسمان ھەتتا بارچە كائىنات . شۇ قۇدرەتنى ھىس قىلسا كىشى، ئىمان دىمەك بىر نۇرلۇق ماياك. شۇ قۇدرەتنىڭ ئىگىسى بىزگە ، بىرەر رىسىق ،بىرەر ھەممىنى . دۇئاھ قىلىپ تىلىسەك چوقۇم ، بىرەر يەنە گۈزەل ئەتىنى . 2014-01-17 قەشقەر
مەنبە : ئۈندىدار دوسلۇق چەمبىرىكىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-18 01:45 AM
|
|
|
|
|
|