مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1196|ئىنكاس: 14

فىليەتونلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 07:56:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                              ھەق تاپشۇرۇش پونكىتى

ھەق تاپشۇرۇش پونكىتى دۆلەت تاشيول ئىدارىلىرىنىڭ قاتناش ۋاسىتلىرىدىن يول ھەققى ئالىدىغان  بىر ھەق يىغىش ئورنى بولۇپ ئۇنىڭ كۇنسايىن جىقلاپ كېتىشى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .دۆلەت پۇقرالارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۇزىمىز دەيدۇ يۇ ، ئالدىن بېيىغان ،ماشىنا سېتىۋالغان بايلاردىن مۇشۇ ئارقىلىق باج ئېلىشنى قانات يايدۇرىدۇ.
بۇلارنىڭ ئېسىۋالغان شۇئارلىرىچۇ تېخى؟  «قەرىز ئېلىپ يول ياساپ ،ھەق ئېلىپ قايتۇرىمىز» نىمىدىگەن يېقىملىق ،نىمىدىگەن ياخشى ئاڭلىندىغان گەپلەر ھە بۇ؟ ئەجىبا ،بىر ھەق ئېلىش ئورنىدىن بىر كۈندە نەچچە -ئونمىڭ ماشىنا ئۆتىدۇ ،5كويدىن -80 كويغىچە ھەق بىلەن ،،،،،،، مۇشۇنداق ھېساپلىغاندا 6 ئاي ئىچىدە نۇرغۇن پۇل يىغىۋالمامدۇ؟ قەرىز نى تۇگىتىپ يولنى ئېچىۋەتسە بولمامدۇ ؟ قاچانغىچە تۇگىمەيدۇ ئۇ قەرىز ؟
يامان يېرى ،ھازىر ناھىيە بىلەن ناھىيە ئوتتۇرسىغا ،مىليۇن يۇئەنلىك قۇرۇلۇش بىلەن ھەق ئېلىش پونكىتى قۇرۇپ بولدى ...بولۇپمۇ بۇ جەنۇبى شىنجاڭدا بەك ئەۋىجىگە چىىقىپ كەتتى . .بۇ،،،  ھەق ئېلىش پونكىتى قۇرۇش مودا بولدىمۇ ئەمدى ؟
بۇندىن كىيىن يېزا بىلەن يېزا ،كەنىتلەر ئارا ھەق يىغىش ئورنى قۇرۇلسا قانداق بوپ كېتەر؟
قېنى ، بۇنداق بولمايدۇ دەپ قايسىڭلار ئېيتالايسىلەر؟


                                                       گۇل ۋەزىپىسى

مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ،بىر تەشتەكتىن گۈل ئەكىلىشنى ۋەزىپە قىلدى .بالىلار ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانىسىغا دىگەن بولسىمۇ ،لىكىن كۆپلگەن ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە باشقا تىجارەت ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ بۇ ئىشقا ئانچە ئىرەنشىپ كەتمىدى.بالىلار مەكتەپكە ،مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا گۈل ئالماي بېرىشتىن قورىقسا ،ئۆيىدىكى دەرىزىلەرگە تىزىلغان گۈللەردىن خالىغىننى ئېلىپ بېرىشتىنمۇ قورقاتتى.
ئەمما بۇ سىنىپتىمۇ «ئالاھىدە ئىقتىدار»لىق ئوقۇغۇچىلارمۇ يوق ئەمەسكەن . ئۇلاردىن ئىككىسى مەسلىھەت قىلىپ ئاخشىمى كەچتە ،شەھەر كۆكەرتىش ئىدارىسىدىن مەبلەغ سېلىپ شەھەرنى گۈزەللەشتۇرۇش ئۈچۈن يول بويىغا رەتلىك تىزىلغان تەشتەك گۈللەردىن ئەڭ چىرايلىق ،ئەڭ كۆركەملىرىدىن تاللاپ ئەكىلىپ ،ئەتىسى مەكتەپكە ئاپىرىشتى،مۇئەللىم ماختىدى،،،،،
بۇ ئىككى بالا قىلغان ئىشلىرىنى باشقا ساۋاقداشلىرىغىمۇ دەپ بېرىۋىدى ،شۇنىڭ بىلەن گۇل تاپالمىغان ئون -نەچچە بالا   ئەتىسى ئاخشىمى شەھەر يولىدىن گۈللەرنى تاللاپ ئەكىتىپ ،سىنىپقا ئاپىرىشتى ،،،مۇئەللىم ناھايىتى خۇرسەن بولدى،سۆيۇندى .
بەزى ئاتا- ئانىلارمۇ چىقىمدار بولۇپ يۇرمىدى.ئەمما شەھەر كوچىسىدىكى چىرايلىق گۈللەر بىر -ئىككى ئاخشامدىلا ۋار -چۇرۇڭلۇق سىنىپقا يۆتكۇلۇپ قالدى.





              مەخمۇتجان مەمەت تەشنائى                                 
              مەنبە ؛ ئۆز ئىجادىيتىم

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 09:44:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاۋۇ شۇنداق يامان بالىكەن دىسە...................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:23:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما تېمىنى كۆرۈپ ئىنكاس يېزىشتىن سەل تارتىنىپ قېلىۋاتىمەن

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:54:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 10:23 PM
ما تېمىنى كۆرۈپ ئىنكاس يېزىشتىن سەل تارتىنىپ قېلىۋاتى ...

سىزنىڭ شۇنداق گۈل ئوغرىلىغان شەرەپلىك تارىخىڭىز بارمىدى ؟


ئەمما بىرىنچى فىليەتوندىكى ھەق يىغىش ئۇرۇنلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ كىتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلادۇرىدۇ .  

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

غەيرەت قىل!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4599
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10438
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچىسى قالتىس چارىكەن! ھازىرقى جەمىيەت دەل مۇشۇ چارىنى ئەپلىيەلىگەنلەر ئۈچۈن كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ! ھەممىمىز بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك

http://user.qzone.qq.com/275899228/infocenter

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101790
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 301
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:59:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىلگىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ھەق ئىلىش پونكىتلىرىنى كۆرگەن ئىدىم ،ھازىر بولسا ئادەتتىكى تاش يوللاردىمۇ ھەق ئىلىش پونكىتلىرى قۇرۇلۇپ ،ئادەمنى بىزار قىلىۋاتىدۇ.

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:15:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 10:54 PM
سىزنىڭ شۇنداق گۈل ئوغرىلىغان شەرەپلىك تارىخىڭىز بارم ...

ياق ، ئات ئوغۇرلىغان شەرەپلىك تارىخىم بار . سىزگگ قانداق چۈشەندۈرسەم بۇلا ؟ تىخىمۇ خىجىل بۇلىۋاتىمەن دىسە ... قىسقىچە قىلىپ مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بىرەي ھە !!!

ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺋﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭙﺘﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﭙﺘﯘ ﺋﯘ ﺋﺎﺕ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻛﻠﻪﭖ << ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺕ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﭘﺘﯘ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ >> ﺩﻩﭘﺘﯘ ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻤﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺩﻩﭘﺘﯘ . ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯘ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯛﺭﯛﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭙﺘﯘ . ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺧﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭘﺘﯘ . ﺩﻩﭘﺘﯘ ، ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ << ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻤﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺩﻩﭘﺘﯘ . ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﻛﯩﺘﯩﻠﯩﭙﺘﯘ . ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ ... مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ قانداق ھىسياتتا بولىۋاتىسىز كەچۈر خېنىم ؟! سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بىرىڭ ھە ؟ بولمىسا ئىنكاسىڭىزغا دىلو تۇرغۇزۇپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىمەن ...

يەنە بىر گەپ ئېۋۇ قولىڭىزدىكى دوپپا قاچان پۈتۈدۇ . چاۋشىيەنلىك مابىتىمگە سوۋغا قىلاي دىگەن . چاۋشىيەنلىك دىسەم ھەيران قالماڭ ! يىقىندا مابەتنى چىگىرا ئاخلاپ تۇتىدىغان بوپ قالدۇقچۇ .


  


جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ھازىر،دوختۇرلار كىسەلنى ياخشى كۆرىدۇ.
             ساخچىلار ئوغرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
              ئوقۇغۇچىلار تەشتەكتىكى گۈلنى ياخشى كۆرىدۇ.
               باشلىقلار دۆتنى ياخشى كۆرىدۇ.
                قاسساپ جىگەردىن ئۆتنى ياخشى كۆرىدۇ.
                 ------------------

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:17:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ھازىر،دوختۇرلار كىسەلنى ياخشى كۆرىدۇ.
             ساخچىلار ئوغرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
              ئوقۇغۇچىلار تەشتەكتىكى گۈلنى ياخشى كۆرىدۇ.
               باشلىقلار دۆتنى ياخشى كۆرىدۇ.
                قاسساپ جىگەردىن ئۆتنى ياخشى كۆرىدۇ.
                 ------------------

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 11:15 PM
ياق ، ئات ئوغۇرلىغان شەرەپلىك تارىخىم بار . سىزگگ قاند ...

سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاپ بىرىڭ دىدىڭىز ھە . سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆز يۈرەكتىن چىققان ھەقىقى راس گەپ بۇلىدۇ . راس گەپ كۆپىنچە قۇلاققا ئانچە خۇشياقمايدۇ . ئاڭلاڭ .

ھېكايىدىكى ئوغۇلنىڭ تۇتىۋالغان ئېتى بۇ بالىغا دەسلەپتە ئازراق زىيان كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئاخىرىدا ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كىتىشتەك خەۋپتىن قۇتقۇزۇپ قاپتۇ .  دىمەك ، ئوغۇل بالىنىڭ ئاتىسىغا مەسلىھەت سالماي ئۆز ئالدىغا تارتىپ قىلغان كەپسىزلىكى ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى . بەلكىم  يىتىلەپ كەلگەن بۇ ئاتنىڭ ئۆزىگە بۇنداق تەلەي نىسىپ قىلىدىغانلىقىنى بالا ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتى . مىنىڭ قارىشىم : ئوغۇللاردا مۇشۇنداق مۇستەقىل ، تۈرگۈن ، قەتئى مىجەز بۇلىشى كېرەك .
دادىسىغا كەلسەك ، چوڭلارنىڭ ھەر قانداق ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلاپ ، بىزگە يول باشلايدىغانلىقى ، ھەر قانداق ئىشلاردا ، گەرچە بىز خاتا  قىلساقمۇ سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، تۈزىتىۋېلىشىمىزغا پۇرسەت بىرەلەيدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان . بۇ ھېكايىدىمۇ بېشىدىن ئىسسىق سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن ئاتىلارغا خاس تەپەككۈرى ، خارەكتىرى بىلەن بالىسىنى قوللىدى . ئەگەر ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن بالىسىنى ئەيىپلەپ ، سەن نىمىشقا بۇ ئاتنى يىتىلەپ كەلدىڭ دەپ بالىغا قارشى چىققان بولسا بالىنىڭ ھەم دادىنىڭ تەغدىرى باشقىچە بۇلاتتى . مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ دادىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئەركىن ھەم ئەمەلى ئىكەن .
بۇ مىنىڭ ھېس قىلغانلىرىم . بەلكىم سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىز بىلەن ئوخشاش چىقمىغاندۇ ، شۇڭا بېشىدىلا ئىزاھلاپ قويدۇم . راس گەپ قۇلاققا تازا خۇشياقمايدۇ .
  قولۇمدىكى دوپپىنى دەمسىز ؟ بۇ دوپپا پۈتكەندە سىزگە خەۋەر قىلاي ، ئۇ چاغقىچە چاۋشەندىكى مابىتىڭىزنىڭ قىزى بەلكىم 3-4 ياشلارغا كىرىپ قالىدىغۇ دەيمەن . ھې ھې ..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەنجەر + 108 تەپەككۇرىڭىزغا قايىل .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش