|
|
|
|
ھاياتقا كۈلۈپ باققان ياش-ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم
2014-يىلى 15-يانۋار ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ‹‹چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر پىرۇگراممىسى››دا مىسرانىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئىرادىلىك تىرىشچان ياش، ھايات كەچۈرمىشىدە تۇرمۇشتىكى ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلاردىن غالىپ كېلىپ خۇسۇسىي تاراتقۇ بولغان مىسرانىم تورىنى بۈگۈنكى ھالەتكە ئەكەلگەن، ئەل ئۈچۈن نۇرغۇن خالىس ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتقان تىرىشچان دوستۇم ئابابەكرى مۇختار مىسرانىمنى زىيارەت قىلغان فىلىم قۇيۇلدى.فىلىم ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانىسدا قۇيۇلغاندىن كېيىن،ئانا تۇپراق تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمتىمىن ئابدۇۋەلى تۈنۈگۈن كەچتە تېلۋۇزۇردىن چۈشۈرۈپ فىلىمنى تورغا يوللاپ قۇيۇپتۇ.شۇ ۋەجىدىن دوستىمىز مەمتىمىنگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. تېلىۋۇزۇردىن كۆرەلمەي قالغان تورداشلارنىڭ مەزكۇر فىلىمنى ئەستايىدىل كۆرۈپ دوستىمىز ئابابەكرىنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋار كەيپىياتى،تىرىشچانلىقىنى،قىلىۋاتقان ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.فىلىم تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدا بولسۇن:
فىلىم نورمال قۇيۇلمىسا مەزكۇر ئادرىستىن كۆرۈڭ:
http://v.youku.com/v_show/id_XNjYyNjQwMDYw.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-17 08:31 PM
|
|
|
|
|
|