مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2566|ئىنكاس: 18

ئايرىلىش(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16035
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3473 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 04:02:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                           ئايرىلىش(ھېكايە)

                                            ئاپتورى: پادىشاھ

ئالىيە يۈزلىرى يۇمۇلاق،قوي كۆزلىرىدىن  ھۇشيارلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان،ئاق پىشماق،قىرقىما چېچى دولىسىغا تاشلىنىپ تۇرىدىغان ،ئوتتۇرا بوي،زىلۋا قىز بولۇپ .گۈزەللىكتىلا ئەمەس ئۆگىنىشتىمۇ سىنىپنىڭ ئالدى ئىدى.ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان يىگىتلەرنىڭ قوغلىشىدىغان ئوبېكتىغا ئايلانغادى،بىراق قىز ئۇلارنىڭ بىر-بىرلەپ رەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى...

كەچىلىك مۇزاكىرىدىن يېنىپ،ساۋاقدېشى ئەرشىدىن تۇيۇقسىزلار ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلدى-دە،سەل ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە:

ــ ئالىيە سىزدە«ئانا يۇرت»رومانى بارمۇ دەپ سورىدى.

ــ بار دېدى قىز جاۋابەن.

ــ بېرىپ تۇرسىڭىز بوپتىكەن،ئوقۇۋالاي دېگەندىم!

ــ بولىدۇ سىز سەل ساقلاپ تۇرۇڭ ھازىرلا ئەچىقىپ بېرەي،قىز شۇنداق دېگىنىچە ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتى.ئەرشىدىن قىزنىڭ ئارقىدىن سايىسى  غايىپ بولغۇچە قاراپ تۇرۇپلا قالدى...

  قۇياش پاتتى، رەڭگارەڭ  كەچكى  شەپەق نۇرى ئاستا-ئاستا خىرەلىشتى.ياتاق ئىچىنى  بارا-بارا قاراڭغۇلۇق قاپلاپ ھەش-پەش دېگۈچە تۈن پەردىسى يېيىلدى.بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلغان بولىسمۇ ئەرشىدىن خىيال بۈركۈتلىرىنى ئەركىن قويۇۋېتكەندى.بۇ كېچىمۇ يەنە ئۇيقۇسىز كېچە بولىدىغانلىقى ئۆزىگە ئايانىدى.يېرىم كېچە بولغاندا ئۇنىڭ تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىپ كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى شۇنداق قىلىپ ئۇيقۇغا كەتتى...

     ئۇپۇق ئاقىرىشقا باشلىدى،مەكتەپ بېغى تەرەپتىن دەسلەپتە ئۇيغانغان قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تاڭدىن خەۋەر بەردى. نېمىشقىدۇر ئەرشىدىننىڭ بېشى گويا چېقىلىپ كېتىدىغاندەك زىڭىلداپ ئاغرىۋاتاتتى.ئۇ ناشتىدىن كېيىن ياستۇقۇنىڭ ئاستىدىن ھېلىقى بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ قايتا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن ،

چىرايلىق قاتلاپ كىتابىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرغىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى.بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۇلارغا دەرس يوق ئىدى.ئۇ تۈرلۈك خىياللار بىلەن كۈتۈپخانا تەرپكە يول ئالدى.كۈتۈپخانىغا كىرىشى بىلەن ئۇنىڭ كۆزى ئالدىنقى رەتتە كىتاب كۆرۈۋاتقان قىزغا چۈشتى.ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دېگۈدەك قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ كىتابنى ئۇنۇڭغا ئۇزارتتى.قىز ئەرشىدىننىڭ قولىدىن كىتابنى ئالغاچ ئۇنىڭغا لاپپىدە قارىدى شۇ ئەسنادا ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرى قايتا ئۇچۇراشتى،ئەرشىدىننىڭ ھۇجۇدىدا پەيدا بولغان ھېلىقى يالقۇن يېلىنجاشقا باشلىدى.شۇ ئان ئۇنىڭ چىرايى ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى،قىز ھەيرانلىقى بىلەن:

ــ مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟كۆزلىرىڭىز قىزىرىپ كېتىپتۇ دېدى قىز كۆزنى ئۇنىڭدىن قاچۇرغاچ.

ــ شۇنداق بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ،دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقيمىكىن دەيمەن دېگىنىچە ئارقىغا ياندى.

ــ بىرگە بارايمۇ؟

ــ ياق،ئۆزۈم باراي شۇنداق دېگىنىچە ئۇ كۈتۈپخانىدىن چىققىنىچە ئۇدۇل ياتاق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

   قىز چۈشكە يېقىن ياتىقىغا قايتىپ،ئۇ قولىدىكى روماننى ساندۇققا سېلىپ قويۇش ئۈچۈن تەمشىلىۋىدى كىتاپنىڭ ۋارىقى ئارىسىدا بىر نەرسە تۇرغانلىقىنى بايقىدى.«بۇ نېمىدۇ»دېگەن خىياللار بىلەن ھېلىقى قەغەزنى قولىغا ئالدى قەغەز شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن قاتلانغاندى قىز تەسلىكتە يېشەلىدى.قىزنىڭ كۆزى قەغەزنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېزىلغان «كۆيگەن يۈرەكتىن ،كۆيدۈرگەن يۈرەككە سالام»دېگەن قۇرلارغا چۈشتى شۇ ئان ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتى...

بۈگۈن ئۇلار جەنۇبىي تاغقا ساياھەتكە چىقتى،بۇ قاينىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ ھەيۋەتلىك قارىغايلار كۆك بىلەن بوي تالاشقان قىياپەتتە مەغرۇر قەد كۆتۈرگەن،

ئەتراپ مەخمەلدەك ياپيېشال ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان،قارىغايلىقتا تۈرلۈك قۇشلار زوق-شوخ بىلەن ناخشا ئېتىشىغا چۈشكەن،گۈل بەرگىلىرىگە قونۇشۇۋېلىشقان كېپىنەكلەر قۇشلارنىڭ نەغمىسىگە جۈر بولۇشۇپ شادىيانە ئۇسۇلغا چۈشۈكەندى.چۈشلۈك تاماقتىن يېنىپ ئالىيە بىلەن ئەرشىدىن ساۋاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ تاغقا يامىىشىقا باشلىدى.قارىغايلار،قارىغايلىقتىكى تۈرلۈك قۇشلار گويا بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغىنىغا نەغمە قىلىشقاندەك تېخىمۇ زوق –شوخ بىلەن ناخشىلىرىنى ياڭرىتىشقا باشلىدى.بۇ بىر جۈپ ياش تۇنجى مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە باشلىدى...

كۆز باغلىنىشقا ئاز قالغاندا، ئىككىيلەن خۇددى بوينىدىن سۆرىگەندەك قارىغايلار ئارىسىدىن چىقىپ ساۋاقداشلىرىنى تاپقاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىشقا مەجبۇر بولۇشتى.

ۋاقىت بىلىمەي يورغىلاپ ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەكتەپ ھاياتىمۇ ئاخىرلاشتى.ئەرشىدىن يۇرتىغا قايتماي كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارە ئېلىپ خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدى.بىراق دەماللىققا كۆڭلىدىكىدەك خىزمەت تېپىلمىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا شۇ بىچارە ئاتا-ئانىسىدن كەلگەم ئازغىنە پۇل بىلەن تۇرمۇشنى قامداپ كېلىۋاتاتتى.

ئالىيەمۇ  مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەم لەشكەچ خىزمەت ئىزدەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندى.ئۇ  نەچچە كۈندە  بىرەر قېتىم ئەرشىدىن بىلەن توردا پاراڭلىشاتتى،خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇراتتى.

ئەرشىدىننىڭ ئۆيىدە كومپىيوتېر بولمىغاچقا سۆيگىنى بىلەن مۇڭدېىشىش ئۈچۈن تورخانىغا كىرەتتى.بۈگۈن ئۇ خىزمەت ئىزدەش بىلەن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى،تەلىيىگە يارىشا بىر شىركەتتىن خىزمەت تاپتى ھەم سۆيگىنىنى خەۋەردار قىلىپ قويغاندىن كېيىن ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى،ئاق قۇۋۇق،بۇلاق بېشى مانا ئۇ ئۆيىگىمۇ ئاز قالدى.تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا بېغى ئۈزۈلگەن بىر قارا سومكا پەيدا بولدى.ئەرشىدىن ئەتراپقا بىر قۇر سەپ سالغاندىن كېيىن سومكىغا قولىنى ئۇزارتتى،سومكا خېلى ئېغىر ئىدى.ئۇ دەررۇ سومكىنى قوينىغا سالدى-دە،قەدەملىرىنى تېزلەتتى.ئۇ ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن غۇۋا چىراق يورۇقىدا سومكىنىنىڭ سېرتمىسىنى ئاچتى،ۋە ھەيرانلىق بىلەن قېتىپلا قالدى.ــ ئاھ!بۇ چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ ؟دېگىنىچە گېزىتكە ئورالغان 100سوملۇق پۇللارنى ساناشقا باشلىدى.مىڭ،ئىككى مىڭ،بەشمىڭ ،ئالتەميەتتە،سەككىز،ئون،يىگىرمەى مىڭ شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەكلا قىلاتتى، يىگىرمە بەش مىڭ يەنە تېخى پار-پۇراتلىرىمۇ بار، نېمە دېگەن كۆپ پۇل بۇ؟شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىدا پۇلدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.ئۇ پۇللارنى ئاۋايلاپ ياستۇقىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرغاندىن كېيىن ئۆي ئىچىگە قايتىدىن بىر قېتىم سەپ سالدى ۋە يۈزىنى بوشقىنە چىمداپمۇ باقتى،ياق بۇ چۈشۈم ئەمەس ئوڭۇم ئىكەن :-سومكىنى قانداق قىلسام بۇلۇر؟يىرتىپ ئەخلەت ساندۇقىغا سېلىۋېتەي،ئۇ ئاستا قولىغا بىرىتنى ئالدى-دە،سومكىنى كېسىشكە باشلىدى.بىر ئازدىن كېيىن ئۇ قىلغانلىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلغاندەك ئۇنى  بىر خالتىغا سالغاندىن كېيىن سىرتقا چىقتى،ئادەم يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئەخلەت ساندۇقۇغا تالىشىدى ۋە ئەتىراپنى قايتا بىر نەچچە قېيىم كۈزەتكەندىن كېيىن كىرىپ كەتتى.

     چۈشكە يېقىن يېغىشقا باشلىغان يامغۇردىن كېيىن، شەھەرنىڭ بۇ ئاۋات كوچىسى خۇددى يېغىسىنى توختۇتۇپ ئۇيقۇغا غەرق بولغان بوۋاقلاردە تىنجىپلا كەتتى.ئەرشىدىن ئىشتىن كېلىپ قۇرسىقىنى ئەستارلىۋالدى-دە،كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ qqنى ئاچتى.ئالىيەنىڭ qqسىمۇ ئۇچۇق ئىدى :

ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ .

ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام خېلى ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟

ــ يامان ئەمەس.

ــ تورخانىدىما؟

ــ ياق ،ئۆيدە.

ــ تولا يالغان سۆزلىمەڭ.

ــ يالغان سۆزلەپمۇ ئىشمۇ.

ــ ئۆيىڭىزدە كومپىيوتېر يوق ئىدىغۇ.

ــ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىرنى سېتىۋالدىم.

ــ نەدىكى پۇلغا؟ يەنە ئاتا-ئانىڭىزنى ئالدىمىغانسىز؟

ــ ياقەي،ئۇنداق قىلمىدىم.

ــ ئەمىسە نەدىكى پۇلغا ئالدىڭىز؟

ــ خۇدايىم بەردى،بەرگەندىمۇ خېلىلا بەردى.

ــ نېمە خۇدايىم بەردى،بۇ قانداق گەپ؟.

ــ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بىرى  كەچ قۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ كېتىۋاتسام ،بىر سومكا ئۇچىراپ قالدى ،شۇنۇڭ بىلەن مەن ئۇنى قوينۇمغا سېلىپ ئۆيگە قايتتىم،قارىسام ئىچىدە دەل 25مىڭ سوم بار ئىكەن شۇنۇڭ بىلەن ئۈستى-بېشىمنى بىر قۇر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن،كومپىيوتېردىن بىرنى سېتىۋالدىم.

ــ نېمە دەپ جۆيۈلۈۋاتىسىز!تېپىۋالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك ئىدىغۇ؟ئەجەبا سىز بۇنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟

ــ مەن يا ئەخمەق بولمىسام ئۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇرىدىغان،بۇنى دېگەن ماڭا خۇدايىم بەردى،«خۇدا بەرسە بەندە غىڭ قىلالماپتۇ »دېگەن شۇ دەڭا.

ــ پۇل ئىگىلىرى قانچە بائارام بولغاندۇ؟سىزنىڭ بۇ  قىلىقىڭىز بولماپتۇ.ئۆتكەن نۆۋەتمۇ بىردانە تېلىفوننى تېپىۋېلىپ سېتىپ خەجلەپسىز،يەنە نومۇس قىلماي بۇ قىلىقلارنى قىلغىنىڭىز نېمىسى ؟ئىسىت سىزنى قانداقمۇ ئادەم دېگىلى بولىدۇ؟

ــ خاپا بولماڭ سۆيۈملۈكۈم بۇ جاھانداــ «سەن بول»نىڭ ئاتىسى ئاللىقاچان ئۆلگەن،بىلىپ قويۇڭ سەن ئۆل مەن ياشاي دەيدىغان جاھان ـ بۇ، پۇلىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلار  نامرات كىشىلەر ئەمەس،ئەگەر نامرات بولسىدى،سومكىسىدىن شۇنچە كۆپ پۇل چىقمىغان بولاتتى.ھە راست تېخى سىزگە بىر دانە ئۈزۈكمۇ ئېلىپ قويدۇم.ئەتە كۆرۈشكەندە بارمىقىڭىزغا سېلىپ قويىمەن.راست ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغۇرلۇق چوڭلار نېمە دەيدۇ؟

  ئالىيە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى،ئۇ يا كۈلۈشنى يا يېغلاشنى بىلەلمەي قالدى ــ توۋا مەن ئۇنىڭ بۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كېتىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن،ئۇ ئىچ-ئىچىدىن ئۆكۈنۈشكا باشلىدى. بىر پەستىن كېيىن كونۇپكا تاختىسىنى بېسىشقا باشلىدى ،ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن سىرغىغان ياش تامچىلىىرى  مەڭزىنى بوييلاپ ئېقىشقا باشلىدى .شۇ تاپتا ئۇنىڭ بارماقلىرى تىتىرەيتى،كۆزلىرى قاراڭغۇلىشاتتى،ئۇنىڭ ئۆسۈپ-ئۆسۈپ قانغۇچە يېغلىۋالغۇسى كېلەتتى...

ــ كەچۈرۈڭ چوڭلار بىزنىڭ ئىشىمىزغا قوشۇلمىدى،مېنىڭ ئۇلارنى نارازى قىلغۇم يوق، بىز موشۇ يەردە توختاپ قالايلى، خەير-سىزگە بەخت -ئامەت يار بولسۇن!ـ ئالىيە يۇقارقى قۇرلارنى يوللاپ بولۇپلا كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋەتتى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 04:04 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( W6 m; ?6 J0 r) }6 k+ w# m

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& N% y3 p$ Y+ H0 B3 e

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىچارىلەرگە  ۋىسال نىسىپ بۇلماپتۇدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72877
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:02:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل مال ئالدىدا ئادىمىلىكنى يوقاتقان ئۇنداق ئادەمنىڭ قولىدىن ھەر بالا كىلىدۇ ....زېرەك قىز ئىكەن .....ئۇنداق ئادەمدىن يىراق تۇرۇش كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72877
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل مال ئالدىدا ئادىمىلىكنى يوقاتقان ئۇنداق ئادەمنىڭ قولىدىن ھەر بالا كىلىدۇ ....زېرەك قىز ئىكەن .....ئۇنداق ئادەمدىن يىراق تۇرۇ

توغرا يول ھەمىشە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12811
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 289 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىيە ئەقىللىق قىزكەن ، ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولساممۇ شۇنداق قىلاتتىم ، بىرىنجىدىن ؛ كىشىنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغان ئادەم ئۆز يېقىنلىرىنىڭمۇ ھەققىگە خىيانەت قىلىدۇ ،ئىككىنچىدىن : باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بىرىشنى خالىمىغان يەنى ئۆز قەدر قىممىتىنى تونىمىغان بىلمىگەن ئادەم كىيىنكى كۈنلەردە يېنىدىكى سۈيۈملۈك ئادىمىنىمۇ خار قىلىدۇ ، ئۈچىنچىدىن :خىيانەتكار ۋە قەدر بىلمەس ئادەم بىلەن ياشاشنىڭ ئۆزى بىر نۇمۇس ، ئالىيە تولىمۇ توغرا ھۆكۈم قىپتۇ . «ئەرشىدىن » 25مىڭ يۇەننى تېپىۋالغان بىلەن تولىمۇ زور قىممەتتىكى نەرسىدىن مەھرۇم بۇلۇپ قاپتۇ ، ئەگەر ئۇ كاللسىنى سىلكىمەيدىكەن ،ئۆمرىنى پاراكەندىچىلىكتە ئۆتكۈزگىدەك ............

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101922
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىنىڭ نەتىجىسىدە يەنە بىر نەرسە كامدەكلا، ئەرشىدىن ھېچقانداق بەدەل تۆلىمىدىغۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 686
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4477
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ نەچچە قېتىم پۇل تېپىۋالغان ،لىكىن جىق ئەمەس ، ئۇ پۇللارنى ساھىللارغا بېرىۋەتكەن ، ئىگىسىگە قايتۇرمىغىنىم ئۇچۇن يامان بولارمۇ ؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 06:40 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. ^2 n1 i2 d9 @% o" v1 J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 r3 D+ ~% x( q9 z* z* i* H

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 705
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:53:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا  بەك ئەقىللىق   قىزكەن  .     ھازىر   خەقلىرىمىز  كىشىنىڭ    ھەققىدىن   قوقماس  بوپ كەتتى  ....        

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 07:11:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ana يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 06:40 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% h! A6 s9 j3 W5 }# }
مەنمۇ نەچچە قېتىم پۇل تېپىۋالغان ،لىكىن جىق ئەمەس ، ئۇ  ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( s; l  H. f$ ?9 R" n$ v; q
نىيىتىڭىز دۇرۇسلا بولسا يامان بولمايدۇ قېرىندىشىم

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8924
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1584 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2014-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 08:15:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىشاھ ئەپەندىم. ھېكايىڭىزنى ياقتۇردۇم. مىكرو فىلىم قىلىپ ئىشلىسەم بولامدۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 V* {. J5 T6 n# W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 D1 b' n6 Y' `8 \
ئۈندىدار: 764146950

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش