مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 571|ئىنكاس: 3

ئەجىر-مېھنەت كۈچ (ئابلەت ئابلېكىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102220
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:44:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                 ئەجىر ـــــــ مېھنەت كۈچ
                                     ئابلەت ئابلىكىم
                 (غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ)

ھويلامدىكى دەرەخ شېخىدا يېقىملىق سايراۋاتقان بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى مېنى شېرىن ئۇيقۇدىن ئويغاتتى.ئادىتىم بويىچە ھويلامنىڭ ئارقىسىغا چىقتىم.شۇئان كۆز ئالدىمدا چەكسىز يېشىللىق دۇنياسى نامايەن بولدى.سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى روھىمنى كۆتۈرۈپ،ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدا كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان بىر خىل نازۇك ھېسسىيات قەلبىمنى لەرزىگە سالدى.
سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى كىشىگە نەقەدەر ھوزۇر بەخىش ئېتىدۇ-ھە؟مەن يىراقلارغا نەزەر تاشلىدىم.خېلى يىراقتا بىرقانچە دېھقان قوناق ئوتاۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ رېتىملىق ھەركەتلىرى،چەبدەسلىگى دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى. نىمىشقىدۇر مېھنەت قىلىۋاتقان دېھقاننى كۆرسەملا ھاياجانلىنىمەن.ئىھتىمال بۇ ئاتا-ئانامنىڭ دېھقان بولغانلىقى، دېھقاننىڭ ھال-كۈنىنىڭ ماڭا بەكرەك تونۇش ئىكەنلىگىدىن بولسا كىرەك.
دېھقان جاپاكەش ئىنسان.ئۇ ھالال قان-تەرى بەدىلىگە ئىنسانىيەتكە ماددىي بايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. قىيىن،ناچار شارائىت ئاستىدىمۇ مىننەت قىلمايدۇ.مانا بۇنىڭدىن بىز مېھنەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ،قۇدرەتلىك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز.لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،قىسمەن كىشىلەر مېھنەتنىڭ ئەھمىيىتى،خاسىيىتىنى ماددىي ئۆلچەملەرگە سېلىپ،ئۇنىڭ ئىنسان مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كىلىدىغان قۇدرىتىگە سەل قارايدۇ.بۇ بىرتەرەپلىمە خاتا قاراش. چۈنكى، مېھنەت ئارقىلىق ئېرىشكەن نىمەتنىڭ تەمى،لەززىتى ئۆزگىچە بولىدۇ.مەسىلەن:بازاردىن سېتىۋالغان ئالما بىلەن ھويلىڭىزدىكى ئۆزىڭىز پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن ئالمىنىڭ تەمى ئوخشىمايدۇ.شۇنىڭدەك بازاردىن سېتىۋالغان كۆكتات بىلەن ئەتكەن تائامنىڭ تەمى بىلەن ھويلىڭىزدىكى ئۆزىڭىز پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن كۆكتات بىلەن ئەتكەن تائامنىڭ تەمى ئوخشىمايدۇ.
ئىنسان مېھنەت قىلىپ تۇرۇشى كىرەك.مېھنەت كىشىگە ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىگىنى ئەسلىتىپ،ئىنساننى ھالاللىققا،ئىزگۈلىككە،ئادىمىلىككە ئۈندەيدۇ.ئەنە،ئادەملەر مىغىلداپ يۈرگەن يول بويىدا بىر تىلەمچى ئالقىنىنى ئېچىپ،ئادەملەردىن سەدىقە تىلىمەكتە.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاماگەرلىك،بىچارىلىك،ئىلاجىسىزلىق،يېلىنىش ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.ھورۇنلۇق،ئىرادىسىزلىك،لايغەزەللىك،غورۇرسىزلىق ئۇنى ئىنسانى قىممەتتىن مەھرۇم قالدۇرغاچقا، كىشىلەر تىلەمچىگە ئەپسۇسلىنىش،نەپرەتلىنىش،ھەيران بولۇش،يىرگىنىش نەزىرىدە قارىماقتا.
ھەردائىم كوچا دۇقمۇشىدا بىر قانچەيلەننىڭ سائەت-سائەتلەپ قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرۈمەن. ۋاقىتقا ھاتەمدەك سېخى بۇ كىشىلەرگە قاراپ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېچىنىمەن.ئۇلارغا:‹‹ئەي دوقمۇش شەيدالىرى، ھاياتىڭلارنى مۇنداق بىمەنىلىككە يەم قىلماڭلار،ھاياتنى،ۋاقىتنى قەدىرلەڭلار،ھاياتنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىغىدا ئەمەس،بەلكى مەنە ۋە سۈپىتىدە.شۇڭا،ھاياتىڭلار مەنىلەرگە باي بولسۇن. تىرىشچانلىق، ھالاللىق، پاكلىق سىلەرگە ئەبەدى يار بولسۇن››دېگۈم،ئۇلارغا ئۈنسىز ئېچىنىۋاتقان دۇقمۇشقا: ‹‹ئۇلارنىڭ ۋاقىتقا بولغان مەسئۇليەتسىزلىگىنى كەچۈرگىن،ئۇلار بىر كۈنى سەگىدەپ،ئىسراپ قىلغان ھەر بىر دەقىقە ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يېتەر، ئۇلار ئادەم بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىگىنى،تىرىشچانلىق ۋە ھالاللىقنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ مۇقەرەر يولى ئىكەنلىگىنى چۈشۈنەر›› دېگۈم كىلىدۇ.
جەمئىيەت بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەتنىڭ قان-تەرى،ئەقىل-پاراسىتى،مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى،دىيىشكە بولىدۇ.تارىخقا نەزەر تاشلىساق،ئۇلۇغ ئالىم،مۇتەپپەككۈر،يازغۇچى-شائىرلارنىڭ زور بەدەل،جاپالىق مېھنەت قىلىش ئارقىلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغانلىغىنى بىلىمىز.
ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى 15 يىل ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئىككى يىل جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۆلمەس ئەسىرى ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››نى يېزىپ چىققان.فىرانسىيە يازغۇچىسى ژىيۇل ۋېرىن ‹‹ئايغا ساياھەت ››ناملىق ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ،فىرانسىيە كۈتۈپخانىسىدىكى 500 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ،ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرغان.
ماركىس ‹‹كاپىتال›› نى جەمئى يەتتە قېتىم ئۆزگەرتىپ،ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن.زوردۇن سابىر ‹‹ئانا يۇرۇت›› رومانىنى يېزىش ئۈچۈن 30 يىلغا يېقىن ماتىريال توپلىغان،تەن-سالامەتلىگى ناچارلاپ،كۆرۈش قۇۋۋىتى زىيادە ناچارلاپ كەتكەن شارائىت ئاستىدىمۇ،يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقاپ،جىسمانى ئىنىرگىيە،زور بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ نادىر ئەسەرنى يېزىپ چىققان. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق بۇنداق مىساللارنى تالايلاپ ئـۇچراتقىلى بـولىدۇ.يـۇقۇرقىلارنىڭ جـاپا-مۇشەققەتتىن قـورۇقمايدىغان،تىرىشچانلىق بىلەن تىنىمسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان،ئىجدىھات بىلەن بېرىلىپ تەتقىق قىلىدىغان مېھنەت سۆيەر روھىي بۈگۈنكىلەرگە ئىلھام –مەدەت بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرۈتكە بولماقتا.
مېھنەت ھاياتقا قىممەت،روھىيەتكە ساغلاملىق بەخىش ئېتىدۇ.ئادەمسىز ئارالدا يىگانە ياشاشقا مەجبۇر بولغان روبىنزۇن كىرۇزۇ دەسلەپ ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ.يالغۇزلۇق،ئىچ پۇشۇغى ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۋىتىدۇ.ئەمما ياشاش ئىستىگى ئۇنى ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ.ئۇ ئۆي ياساپ،ئەتراپنى قاشالايدۇ،مال باقىدۇ،ئوۋچىلىق،تېرىقچىلىق قىلىدۇ،ساپال بۇيۇملارنى ياسايدۇ،مېۋىلەرنى قۇرۇتۇپ قاق سالىدۇ... قىسقىسى،ئۇ ئۆزى قىلىپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ.تىنىمسىز ھەركەت قىلىش،مېھنەت قىلىش روبىنزۇننىڭ ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىنى ئۇلغايتىپ،ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قىممەت ۋە مەنە ئاتا قىلىدۇ.
ئۇ 27 يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىدا ئىنساندا غايەت زور يوشۇرۇن ئىنىرگىيە مەۋجۇتلىغىنى،راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ ئىنساننى مەنىۋى جەھەتتىن زەئىپلەشتۈردىغانلىغىنى،قىيىن شارائىتنىڭ ئىنسان خارەكتىرىنى تاۋلاپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ نامايەن بولۇشىغا تۈرۈتكە بولدىغانلىغىنى تونۇپ يېتىدۇ.بۇ ئىنسانغا زۆرۈر بولغان ياخشى شارائىت، ماددى قولايلىقلارنى چەتقە قاققانلىق ئەمەس،بەلكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ‹‹ھەرىكەتتە ــ بەرىكەت›› دېگەن پەلسەپەسى بويىچە تىرىشچانلىق ۋە مېھنەتنىڭ ئىنسان روھىيىتىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر.        
ئابدۇللا توقاينىڭ ‹‹تاشچى ھەققىدە››ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ:بىر تاشچى قىلىۋاتقان ئىشىدىن دائىم ئاغرىنىدىكەن،ئۇ بىر كۈنى تەڭرىگە ــ ئەي قۇدرەتلىك تەڭرىم، مىنى مال ــ دۇنياسى زىيادە بىر بايغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولساڭ،ــ دەپ ئىلتىجا قىپتۇ.تەڭرى ئۇنىڭ تىلاۋىتىنى ئىجابەت قىپتۇ.ئۇ كاتتا بايغا ئايلىنىپ ئەيىش –ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.لىكىن يەنىلا تۇرمۇشىدىن قانائت تاپماپتۇ.
بىر كۈنى ئۇنىڭ ئىشىگى ئالدىدىن ھەشەمەتلىك تەختىراۋاندا ئولتۇرغان پادىشاھ ئۆتۈپتۇ.ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن نەۋكەرلەر ۋە كېنىزەكلەر بار ئىكەن،بۇنى كۆرگەن تاشچى تەڭرىگە:
ــ مەنمۇ   پادىشاھ بولۇپ باقسام،ــ دەپ نالە قىپتۇ
تەڭرى تاشچىنى شۇ زامان قۇدرەتلىك پادىشاھقا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ.ئۇ تەخىتتە ئولتۇرۇپتۇ،كۈندە دېگۈدەك كەيىپ-ساپا سۈرۈپ،ھاياتنىڭ قەنتىنى چېقىپ ياشىسىمۇ ئەمما ئىچ پۇشۇغىدىن قۇتۇلالماپتۇ.قۇياش زىمىننى تازا قىزدۇرغان بىركۈنى ئۇ قۇياشنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىپتۇ ۋە  تەڭرىگە:
ــ ئاسماندىكى قۇياش بولسام ئارمىنىم يوقتى،ــ دەپ نالە قىپتۇ.
مېھىر-شەپقەتلىك خۇدا ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى قاندۇرۇپتۇ.ئۇ قۇياشقا ئايلىنىپ يەر-جاھاننى راسا قىزدۇرۇپتۇ،شۇ چاغدا بىر پارچە قارا بۇلۇت ئۇنى توسىۋاپتۇ،ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ قىززىق نۇرلىرىنى زىمىنغا تۆكەلمەپتۇ،بۇلۇتنىڭ كارامىتىدىن ھەيران بولۇپ تەڭرىدىن بۇلۇتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى تىلەپتۇ،تەڭرى ئۇنى بۇلۇتقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىكەن،ئۇ دىڭىزغا بېرىپ كۆپلەپ سۇ ئىچىپ كىلىپ،زىمىنغا يامغۇرنى تۆكۈۋىتىپتۇ،يامغۇر بىرنەچچە كۈن چېلەك بىلەن قۇيغاندەك يېغىپتۇ،كەلكۈن كىلىپ ئۆيلەر ئۆرۈلۈپتۇ،ئېتىز-ئېرىقلار ۋەيران بوپتۇ،لېكىن ھەيۋەتلىك تاغ يەنىلا قەددىنى پۈكمەي مەغرۇر تۇرغىدەك.
ــ دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك نەرسە تاغ ئىكەن،ــ دەپ ئويلاپتۇ تاشچى،ھەم تەڭرىدىن ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنى تاغقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ،ئۇ تاغقا ئايلانغاندىن كىيىن‹‹ ئەمدى ماڭا جاھاندىكى ھىچ نەرسە ماڭا تەڭ كىلەلمەيدۇ›› دەپ ئويلاپتۇ.
بىر كۈنى بىر توپ تاشچىلار بىتۇن،بازغانلىرىنى كۆتۈرگىنىچە كېلىپ،ئۇنى يونۇپ،پارچىلاپ،ئۇنىڭ گەۋدىسىدىكى نۇرغۇن تاشلارنى ئېلىپ كېتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن تاغ تولىمۇ ئەپسۇسلىنىپتۇ ۋە تاشچىلارنىڭ ئەڭ قەيسەر كىشىلەر ئىكەنلىگىنى بىلىپتۇ. شۇنداقلا ئۆز كەسپىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ،بىر ئۆمۈر تاشچى بولۇپ ئۆتۈپتۇ.
يۇقۇرقى ھېكايىدىن دۇنيادا تولۇق قانغان ئارماننىڭ بولمايدىغانلىغىنى،ئىنساننىڭ ئارمان چەكسىزلىگىدىكى بىر يولۇچى بولۇپ، مېھنىتى ئارقىلىقلا ھەقىقى بەخىتكە ئېرىشەلەيدىغانلىىغىدىن ئىبارەت ئىدىيىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.مېھنەتنىڭ ئۇلۇغلۇغى توغرىسىدا خەلىق ئارىسىغا مۇنداق بىر رىۋايەت تارقالغان: بىر ئۇلۇغ زات يولدا كىتىۋاتسا،ئىشىك ئالدىدا ئاپتاپسىنىپ خىيالچان ئولتۇرغان بىر ئادەم ئۇچراپتۇ.
ــ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم،ــ دەپ سالام قىپتۇ ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ.
لىېكىن ئۇلۇغ زات ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالماي كىتىپ قاپتۇ.ئۇلۇغ زات قايتىشىدا ھىلىقى ئادەمنىڭ يەرگە بىرنىمىلەرنى سىزىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇ ئادەمگە،ــ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم،ــ دەپ سالام قىپتۇ.بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ھېلىقى ئادەم ئۇلۇغ زاتتىن دەسلەپ سالىمىنى ئىلىك ئالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ.
ــ بايا سەن قۇرۇق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپسەن،شۇڭا،سالىمىڭنى ئىلىك ئالمىدىم.كېيىن سېنىڭ ھەركەت قىلىپ ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرۈپ سالام قىلدىم،ــ دەپتۇ ئۇلۇغ زات.
شۇڭا،بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەمگەك قىلىشنى،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى ئۆگىتىش كېرەك.پەرزەنت ئاتا-ئانا ئوبرازىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىدۇ.ئاتا-ئانىنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، تىرىشچانلىق، ھالاللىق ،ئاددى-ساددىلىق، مەرتلىك،مېھنەت سۆيەرلىك،چىداملىق قاتارلىق ئېسىل خىسلەتلەر بالىلارغا تەسىر كۆرسۈتىپ،ئۇلارنىڭ قەلپ تۇپرىغىدا ئادىمىلىكنىڭ يۇمران بىخلىرىنى كۆكلىتىدۇ.
ئاتا-ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇغى پەرزەنتىگە ياخشى كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ،ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ،پەرزەنتىنى كۆز قارچۇغىدەك ئاسرىغانلىقىدىلا ئەمەس،بەلكى پەرزەنتىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئادىمىلىك ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى قانچىلىك دەرىجىدە يېتىلدۈرەلىگەنلىكىدە ئۆلچىنىدۇ.ھەر بىر دەۋىرنىڭ ئاتا-ئانىلارغا قويىدىغان تەلىپى ئوخشىمايدۇ،رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دەۋىر ئاتا-ئانىلارغا بالىلاردا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئىنسان بەخىتلىك كۈنلەردە بەخىتسىزلىكنى،خوشال پەيتلەردە قايغۇنى،باياشاتچىلىق ئىچىدە مېھنەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىغى كىرەك.مېھنەت قىلش ھاياتنىڭ ماددى كاپالىتى ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى ئادەم بولۇش ئۈچۈندۇر.
ئەنە،يېقىنلا يەردە يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ‹‹بەخىت ناخشىسى››ياڭرىماقتا.
                                        ‹‹بەخىت كىلىدۇ نەدىن،
                                         پىشانەڭدىكى تەردىن.
                                          بەخىت گۈلى ئېچىلار،
                                        جاپالىق ئىشلىگەن يەردىن.››
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arustan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 12:47 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
owchi. + 100 ياخشى ھىكايىكەن رەخمە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:06:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىز غا رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 11:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيرەڭ سەخرا،ئەجرەڭ كەسىرا.دىگەن گەپ بار،ھەرقانداق ئىشقا ئەجىر-مىھنەت قىلىش كىرەك.شۇ چاغدىلا نەتىجىسىنى كۆرەلەيدۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93701
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 10:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىلغانكەن تىمېڭىزغا رەخمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش