|
|
|
|
ئۈرۈمچى ئەركان ئىمپورت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
2014- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00دە، شىنجاڭ ئىلىم - پەن ئىنىستىتۇتى يىغىن زالىدا شىنجاڭ كىنارە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى - ئۈرۈمچى ئەركان ئىمپورت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى مەركىزى ئورۇنلاشتۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىنغا مىسرانىم تورى، كۆكتۇلپار تورى، ئانا تۇپراق تورى، ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى ۋە ھەر قايسى شىركەتلەر ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرىدىن ۋەكىللەر قاتناشتى. يىغىندا شىركەتنىڭ لىدىرى ئالىمجان ئابدۇقادىر ئەپەندىم نۇتۇق سۆزلىدى. نۇتۇقتا ئۇ «ئەركان» نامىدىكى بىر تۈركۈم ئىمپورت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ۋە شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تېبابەت ئىنىستېتۇتى مۇدىرى، پروفىسسور، تەتقىقاتچى نۇرمەمەت دوكتۇر بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئەقراپ كاپسۇلى» ۋە «ئەفى» كاپسۇلىنى بازارغا سالغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن خەلققە ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇنۇشنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان تالانتلىق ئارتىس مەمەتجان روزى سايىت رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىل قابىلىيىتى ئارقىلىق زالنى قىززىتتى. شىركەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى ئۆمەرجان ئالىم، يەنە شۇنداقلا خەلق ياقتۇرۇپ سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزدىن ئابلىمىت مامۇت، ئەيسابەگ مەمەت، قۇربانجان ئابدۇكېرىم، رەنا روزى، ئۇسسۇلچى شاراپەت راخمانلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ئابلىكىم كەلكۈن ئاكىمىزمۇ بۇ يىغىن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى كىشىلەرگە تەقدىم ئەتتى. كىيىم لايىھەچىسى نۇرىمانگۈل ھەدىمىزمۇ ئۆزى لايىھەلىگەن بىر قانچە چىرايلىق، مىللىي ھەم زامانىۋى كىيىملەرنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلدى. سەنئەتكار ئۇستاز، تالانتلىق شائىر مۇختەر بۇغرا ھاجىمۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن سۆز قىلدى.
تۆۋەندە مەن مىسرانىم ۋە كۆكتۇلپار تورىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىپ، نەق مەيداندا تارتقان سۈرەتلىرىمنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
مەنبەسى: كۆكتۇلپار
پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر:
شىركەت لىدىرى ئالىمجان ئابدۇقادىر
مىسرانىم ئۇيغۇرچە ئۇنۋېرسال تور بېكىتى
2014 - يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuktulpar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-17 12:31 AM
|
|
|
|
|
|