مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9352|ئىنكاس: 45

[ بوزقىر] ئاقسۇدا نېمە گەپ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 10:42:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەرجىمان ئىلاۋىسى :

پارتىيە18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز يولغا قويغان « يولۋاس ھەم چىۋىن يوقۇتۇش ھەركىتى »ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ يېقىندىن دىققەت ئېتىبارىغا ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپكەلمەكتە. جۈملىدىن كىشىلەر ئۆز ئەتراپىدىكى « يولۋاس، چىۋىن» لەرنىڭ ئەھۋالىنىبىلىشكە تېخىمۇ قىزىقماقتا. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئۇيغۇر ئاپتونومرايونىمىزدىن ھازىرغىچە 1174 « يولۋاس ۋە چىۋىن« لەرگە دېلو تۇرغۇزۇلۇپتەكشۈرۈلگەن. بەلكىم مەزكۇر تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان  ۋاڭ شۇجىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولسا كېرەك.مەنبۇ خەۋەرنى بىر ئاي بۇرۇن يانفونۇمدىن كۆرۈپ «ئاقسۇ» دېگەن ئىسىمنىڭ شىياڭگاڭدىكى« سۇمرۇغ تورى» داتىلغا ئېلىنغانلىقىدىن سۆيۈنسەممۇ ئەمما، ماقالە مەزمۇنىنى ئوقۇپچىقىپ نومۇس ھېس قىلىپ تەرجىمە قىلىشتىن يالتىيىپ قالغانىدىم .ئەمما، ئەمدىلىكتەقانداقلا بولمىسۇن بۇ تېمىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ كېچىكىپ بولسىمۇ تەرجىمەقىلىپ يوللاپ قويدۇم.   تېمىغا « ئاقسۇدانېمە گەپ ؟ » دەپ ماۋزۇ قويۇشۇمنىڭ باشقا ئالاھىدە سەۋەبىمۇ يوق ھەم ئاقسۇدا باشقائالاھىدە چوڭراق گەپمۇ يوق.  پەقەت تېمىدائاقسۇدىكى ۋاڭ شۇجىنىڭ گېپى بولغاچقا يەنە كلىپ ۋاڭ شۇجى «ئاقسۇ» دېگەن ئىسىمبىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقىلا شۇنداق ماۋزۇ قويۇشقا توغرا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭئۈستىگە ئەسلى تېمىدىكى ماۋزۇمۇ بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا مۇنبەر يۈزىگە پاتماسلىقنىكۆزلەپ شۇنداقراق ماۋزۇ قويۇلۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىندى .

ئاقسۇشەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شۇجىسى جىنايەتچىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن قويۇۋەتتى ،  ئىنتىزامتەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بېرىپ جىنايەتچىنى باشلاپچىقتى

بوزقىرتەرجىمىسى

قانۇنغامۇراجەت قىلىش ، مۇتەخەسىلەردىن مەسلىھەت سوراش ، بىر قانچە گۇمانلىق مەسىىلە

     جاڭ يەنبىننىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەردىنمەسلىھەت سوراپ  ۋە قانۇنىي ماددىلارغاسېلىشتۇرۇپ ئېرىشكەن يەكۈنىگە قارىغاندا ، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شۇجىسى جىنايەتچىنى قويۇپ بېرىشھەققىدە ھېچقانداق ئاساس بولمىغان ، شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ« قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى « قانۇنىيتەرتىپلەر بويىچە يەتكۈزۈلمىگەن ۋە « جىنايەتچىنىڭ دادىسى كېسەل بولغاچقا قىسقامۇددەتلىك رۇخسەت سورىغان » دېگەن قويۇپ بېرىش سەۋەبى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىشنىتەستىقلاشنىڭ قانۇن  بەلگۈلىمىلىرىگەئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشئورنىدىكى جىنايەتچىنى ئۆز ئالدىغا قويۇپ بەرگۈزىۋەتكەن. تېخى شۇ سوتمەھكىمىسى   ئىنتىزام تەكشۈرۈشگۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئاتايەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بېرىپ جىنايەتچىنى باشلاپ چىققان.

       جاڭ يەنبىن  بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي «قويۇپبېرىلگەن »جىياڭ شوۋخېنىڭ ماڭغان-تۇرغىنى ھەققىدە ئىنچىلىك بىلەن  تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم تەكشۈرۈشنەتىجىسىدىن ھەيران قالغان :   جىنايەتچىجىياڭ شوۋخې   تۈرمىدىن رۇخسەت سوراپچىققاندىن كېيىن ئۇدۇل يۇرتىغا بېرىپ دادىسىنى يوقلىماستىن بەلكى ئۆزىنى تۈرمىدىنباشلاپ چىققان  ۋۇ فامىلىلىك ئىنتىزامتەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كارخانىسى تۇرۇشلۇق بايناھىيەسىگە ئاندىن كورلا ھەم  كۆمۈر سېتىشنۇقتىسى بار ئىلىنىڭ كۆنەس ناھىيەسىگە بارغان. 4-ئاينىڭ 28- كۈنى ئىككىسىئۈرۈمچىدە ئۇچرۇشۇپ ، ئايرۇپىلان بىلەن ئەنخۇينىڭ خېفېيگە بارغان. 5-ئاينىڭ2-كۈنىئۈرۈمچىگە قايتىپ ، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قاق سەھەردە ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ، يەنە تۇتۇپتۇرۇش ئورنىغا كىرگەن.

   تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى ، جىياڭ قويۇپ بېرىلىپ10كۈندىن كېيىن يەنە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قايتىپ كىرگەن. ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇشئورنىدىن  چىققانلىقىنى ھېچقانداق بىرەرئورگان ئۇقمىغان .ئۇنداقتا جىياڭ بۇ قېتىم نېمىگە ئاساسەن يەنە قايتا تۇتۇپ تۇرۇشئورنىغا سۇلىنىدۇ؟ ئارخىپتىن مەلۇم بولۇشىچە ، ۋۇ فامىلىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈشگۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قانۇن-تۈزۈم بۆلۈمىدىن قولغا ئېلىشھەققىدىكى بىر ئۇقتۇرۇشنامىنى چىقارغۇزۇپ ، جىياڭ شوۋخېنى 2-قېتىم تۇتۇپ تۇرۇشئورنىغا سۇلىغان.

    جىياڭ يەنبىن بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ مۇنداقگۇمانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ :

1-«سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرى بولغان ئادەمبۇنداق قىلىشنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەقەللىي  ساۋادنىمۇ بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. بۇ قاراپتۇرۇپ قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇننى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۇنداق بولمىسا ‹ قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى› نەدىن پەيدا بولغان ؟ ئاقسۇ شەھەرلىكخەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسىنى كىم باسقان ؟ « .

   2-« تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ ئادەم قويۇۋېتىشىقانۇن ساقچىلىرىنىڭ ئىچكىي ئىشى . ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىنتىزام تەكشۈرۈشگۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شەخسەن ئۆزى بېرىپ بۇ ئىشنى بېجىرىدۇ ؟ يەنە كېلىپ ئەتەيتەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرۇشلۇق نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشئىشخانىسىدىكىلەر ئىشتىن چۈشۈپ بولغان پەيىتنى تاللاپ ئاندىن ئادەم ئالغىلى بارىدۇ؟» .

  

3-« ‹قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى› نىڭ قانۇنبەلگۈلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكىلەر يەنەنېمىدەپ يېنىكلىك بىلەن ئادەم قويۇۋېتىدۇ ؟ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى جىنايەتگۇماندارلىرىنى مۇشۇنداق خالىغانچە قويۇۋېتىدىغان ئىش بولسا ئۇنداقتا ئۇلارچەقانداق ئادەملەرنى قويۇپ بەرسە بولمايدىغاندۇ ؟ » .

      4-« جىياڭ شوۋخېنى قويۇپ بېرىلگەنمۇ دەيلىبوپتۇ ، ئۇنداقتا   ۋۇ فمىلىلىك ئىنتىزامتەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى  نېمىشقائۇنىڭغا سوڭدىشىپلا يۈرىدۇ ؟  ۋۇ فمىلىلىكئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا باشلىقى  بۇيەردە قانداق رول ئالغان ؟«.

      5-«  جىياڭ شوۋخې ئېغىركېسەل دادىسىنى يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان ئەمەسمىدى ؟ ئۇ نېمىدەپ ئۇدۇل يۇرتىغاقايىتماي مۇناسىۋەت باغلاپ ۋە كارخانىلىرى ئارا قاتراپ يۈرىدۇ ؟بۇ زاڭ ماللىرىنىيۆتكىۋېتىش ۋە ئارقا تېرەك تېپىش ئۈچۈنمۇ قانداق ؟» .

     6-«شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نېمىگە ئاساسەن 2-قېتىملىق قولغا ئېلىش ئۇقتۇرىشىنى چىقىرىدۇ ؟ «  .  

  -7 ، «بۇ ئىش ھېلىمۇ بايقىلىپتۇ. بايقالمىغان بولسا جىنايىتى  بار جاۋاپكارنىبىردەم قويۇۋېتىپ ، بىردەم سۇلاپ قويىدىغان بۇنداق ئىشنى ئىنسى-جىنمۇ ئۇقماسكەن شۇنداقمۇ ؟».

       4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ جاڭ يەنبىن بۇئىشنى تەكشۈرۈپ دەللىللىگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمى بىلەن پاش قىلىشماتېرىيالى تەييارلاپ ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىكسېياسىي قانۇن تارماقلىرىغا ، تەپتىش ، سوت مەھكىمىلىرىگە يوللاش بىلەن بىرگەئىنتېرنېت تورىغا چاپلىغان.

ھەقىقىئىسمىبىلەنپاشقىلدى،رەھبەرلەرتەستىقسالدى،ئىنتىزامتەكشۈرۈشكومىتېتىدېلوتۇرغۇزۇپتەكشۈردى

« مايمۇن ئويۇنى ئويناۋاتقان زادى كىم ؟ مەن بۇنى چوقۇم تېپىپ چىقماي قويمايمەن « . جاڭ يەنبىن قەتئىي ئىرادىگە كەلدى. 4-ئاينىڭ 28- كۈنىدىن باشلاپ ھەقىقى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن پاش قىلىش يولىغا ئاتلاندى. ئۇ ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىنى ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك سېياسىي قانۇن كومىتېتى ، تەپتىش ، سوت تارماقلىرىغا پاش قىلىش بىلەن بىرگە ئىنتېرنېت تورىغا چاپلىدى.

      جاڭ يەنبىڭ مۇنداق دەيدۇ : «-2013يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار كوللىگىيىسىنىڭ باشلىقى ، قوشۇمچە مۇشۇ دېلوغا مەسئۇل سوتچى ماڭا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ ، شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ دېلو ھەققىدە كېڭىشىشكە چاقىردى. نەق مەيداندا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ دوڭ فامىلىلىك مۇئاۋىن باشلىقى، جىنايى ئىشلار كوللىگىيىسىنىڭ فەن فامىلىلىك باشلىقى ، كېڭەشمە سوت كوللىگىيىسىنىڭ ئىككى خادىمى ۋە كېسىم كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى باركەن . جىنايى ئىشلار كوللىگىيىسىنىڭ باشلىقى ماڭا مۇنداق دېدى : ‹ بۇ قېتىمقى يۈز كۆرۈشۈشنى رەھبەرلىك ئورۇنلاشتۇرغان. سىز ئەمدى ۋاڭ شۇجىنى تىللاۋەرمەڭ. كېلەر ھەپتە ھۆكۈم چىقىدۇ. تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ دېلو ھەققىدىكى ئەيىپلەشنامىسى چوقۇم ئادىل بولىدۇ. خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭ › دېدى. مەن : ‹ پەقەت دېلوغا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلسىلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلمايمەن › دېدىم« .

بىر ھەپتە ئۆتۈپ راستىنلا ھۆكۈم كەلدى. ئەمما ، جاڭ يەنبىڭ ھۆكۈمگە مۇنۇ جەھەتتىن قايىل بولمىدى : ج خ ئىدارىسى رازۋېتكا قىلىپ قولغا چۈشۈرگەن زور مىقداردىكى دەلىل-ئىسپاتلار ھۆكۈمنامىدە تىلغا ئېلىنمىغاننىڭ ئۈستىگە » بوغالتىرلىقنى ئەدلىيەلىك باھالاشنامىسى« دىنمۇ بىرەر خەت كىرگۈزۈلمىگەن. يالغاندىن كېسىلگەن ئاشۇرۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونىدىكى 520 مىڭيۇەندىن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 290 مىڭ يۇەننىلا ئېتراپ قىلىپ ، ئاران 5 يىل كەسكەن . تېخى ھۆكۈمنامىگە بۇ « ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىۋېلىشقا ياتىدۇ، شۇڭا جىنايەتسىز« دەپ يېزىلغان.

جاڭ يەنبىڭنىڭ بوشاشماي پاش قىلىشى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ۋىلايەتلىك سېياسىي قانۇن كومىتېتى بۇ ئىشنى دەرھال ۋىلايەتلىك پارتكوم رەھبەرلىرىگە دوكلات قىلدى، ۋىلايەتلىك پارتكوم رەھبەرلىرى تەستىق سالدى. ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەندىن كېيىن بۇ « قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرىشى« نى قانۇنسىز قويۇپ بېرىش ؛ قويۇپ بېرىش تەرتىپىنىمۇ بەلگۈلىمىگەئۇيغۇن ئەمەس دەپ قاراپ ، دەرھال شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى قاراشلىق ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىغا« قانۇنغاخىلاپ قىلمىشىنى تۈزىتىش ئۇقتۇرىشى » چۈشۈردى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى سوت ۋە ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىمۇ مەخسۇس خادىم ئەۋەتىپ تەكشۈردى.

10-ئاينىڭ28-كۈنى «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئاقسۇغا كېلىپ ج خ، تەپتىش ، سوتتارماقلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى



  ۋىلايەتلىك تەپتىشمەھكىمىسى ئەيىپلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يوڭ ۋە ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن-تۈزۈم تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ چىڭخۇالار ئايرىم –ئايرىم ھالدا «جۇڭگو ياشلار گېزىتى « نىڭ مۇخبىرىغا توغرا بولغان قويۇپ بېرىشنىڭ يوللىرىنى شەرھىلەپ مۇنداق دېدى : بىرىنچىدىن ، جىنايەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان ئەھۋالدا سوت مەھكىمىسى ج خ ئورۇنلىرىغا « قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى« چۈشىرىدۇ. ج خ ئورۇنلىرى ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن ، كېپىللىككە قويۇپ بېرىشكە توغرا كەلگەندە ئۇ چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى« دىكى شەرىتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەم ج خ تارماقلىرىنىڭقويۇپ بېرىشنى ئىجرا قىلىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇ دېلوغا نىسبەتەن « جىنايەتچىنىڭ دادىسى كېسەل بولغاچقا قىسقا مۇددەتلىك رۇخسەتسورىغان »دېگەن سەۋەپ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. ئەگەر بۇ قانۇنسىز قىلمىش بولمىغان بولسا تەپتىش مەھكىمىسىمۇ ئالدىراپ « قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تۈزىتىش ئۇقتۇرىشى«نى چۈشۈرمىگەن بولاتتى.

             تەكشۈرۈش جەريانىدا شۇنىسى ئايان بولغانكى ، جىاڭ شوۋخېنىڭ قولىدىكىسى » قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى» بولسا ، شەھەرلىك سوتتىكى جاڭ شوۋخېنىڭ دېلو ئارخىپىغا سېلىنغىنى » كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى » بولۇپ چىققان. ھۆكۈمنامىگە بولسا : » جىاڭ شوۋخې 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى كېپىللىككە بېرىلىپ ، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قولغا ئېلىنغان » دەپ يېزىلغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، ئادەتتە بۇنداق ئۇقتۇرۇشلار بىرخىل مەزمۇندا تۆت نۇسخا چىقىرىلىپ بىر نۇسخىسى ئارخىپتا ساقلىنىدىكەن، بىر نۇسخىسىى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بېرىلىدىكەن ، بىر نۇسخىسى شۇ كىشىگە بېرىلىدىكەن ، يەنە بىر نۇسخىسى دېلو ئارخىپىغا سېلىنىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ قانداقسىگە ئاران ئىككى نۇسخىا بولۇپ قالىدۇ؟ يەنە كېلىپ 2-نۇسخىسى بولغان » كېپىللىككەقويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى »نىڭ كەينىگە سوتچى فەننىڭ ، مەسئۇل سوتچى لى نىڭ ئىمزاسى چۈشكەن. ئۇنداقتا بۇ خىل » كېپىللىككەقويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى » نى قانداق شەكىللەنگەن دېيىش كېرەك ؟ ئۇندىن باشقا » ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىۋېلىشقا ياتىدۇ،شۇڭا جىنايەتسىز«دېگەن ھۆكۈمگە قارىتا تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شەھەرلىك سوتنى ئەيىپلەپ ، قايتا سوتلاشنى بۇيرۇغان.

     10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىۋە سېياسىي قانۇن كومىتېتى بىرلىكتە باش بولۇپ ، ئىككى دەرىجىلىك ئىنتىزامتەكشۈرۈش كومىتېتى ، سېياسىي قانۇن كومىتېتى، ج خ ئىدارىسى ، تەپتىش ، سوتمەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتناشقان بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ ، مۇخبىرنىڭزىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

ھەرقايسى تەرەپ بىردەك ، ئاقسۇ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسنىڭ » قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرىشى « قانۇنلۇق ئەمەس شۇنداقلا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنىڭ قويۇپ بېرىشىمۇ تەرتىپتىكى بەلگۈلىمىگە خىلاپ ، دەپ قارىغان. مۇخبىر يىغىندا 10-ئاينىڭ20- كۈنى شەكىللەنگەن » ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ۋاڭ نىڭ ئىنتىزامسىزلىق مەسىلىسىگە دېلو تۇرغۇزۇش » ھەققىدىكى قارارىدىن ۋاقىپ بولغان. ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گو تەيجۈن يىغىندا : » كۆپچىلىكنىڭ بۇ دېلوغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى بۇ دېلودا ئەمەل، پۇل سودىسى مەۋجۇتمۇ-يوق ، دېگەن مەسىلىدۇر. مانا بۇ دەل مۇشۇ دېلودىكى تەكشۈرۈشنىڭ موھىم نۇقتىسىدۇر« دېگەن. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ، سېياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۈ شۆ ۋېي ئىپادە بىلدۈرۈپ : » بۇ مەسىلىگە قارىتا پاش قىلغۇچى ۋە پاش قىلىنغۇچىنىڭ ھەر ئىككىسىگە تەڭ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە لىللا مەيداندا تۇرۇپ ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ، تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز. تەكشۈرۈشكە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. ، سېياسىيقانۇن كومىتېتى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى تېزرەك تاماملاپ ، جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ« دېگەن.


مەنبە :


http://news.ts.cn/content/2013-11/11/content_8918470.htm


ئەسلى مەنبە :

http://www.xahtur.com/bbs/forum.php

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 07:16 PM  


قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2554
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21664
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9892 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 01:55:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەتنىڭ تېنچ- ئامان بولۇشى ئۈچۈن ئاۋال قانۇن سېپىدىكى زىيانداش قۇرتلارنى ۋاقتىدا تازىلىۋېتىش كېرەك.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان  رەئىس شىجىنپىڭ يادرولىقىدىكى مەركىزى كومىتىت ئەزالىرى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.

ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ پاش قىلىنغىنى بىلەن يەنە تۇتۇلماي قالغان ‹‹يولۋاس››، ‹‹چىۋىن››لەر تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. قانۇن سېپىدىكى خادىملارنىڭ ئاۋام بىلەن ئىچ-قۇيۇن تاشقۇيۇن بولۇپ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە بوشاشماي ئېلىپ بېرىشىنى چىن-دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 03:22:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىركا قەشقەرغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ . تەرجىمە قەشقەرگىمۇ يۈزلەنسۇنسۇن دىمەكچى .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100198
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 09:51:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 06:48 AM
ئاقسۇنىڭ تۈرمىلىرىدە بىر مەزگىل يېتىپ چىقىدىغان ئىشمۇ ...

سىزنىڭمۇ يۇقارقى جىنايەتچىدەك ناھىيە بازارلىرىدا زاۋۇتىڭىز ، باشقا يەرلەردە كۆمۇر قىزىش ۋە سىتىش كان بايلىقىڭىز بولسا ، ئەڭ چوڭ پارىخورباشلىق ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولسا يىتىپ چىقىڭسىڭىز بولىدۇ . چاقچاق جۇمۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:16:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 03:22 AM
بوزقىركا قەشقەرغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ . تەرجىمە قەشقەر ...

قەشقەردە جىنايەتچى ئۆزىنى تۈرمىدىن ئەچىقىپ قويغان ئەمەلدارنى قولتۇقلاپ ئايرۇپىلان بىلەن شەمۇ-شە پەرۋاز قىلىدىغان ئىش يوقتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:20:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 06:48 AM
ئاقسۇنىڭ تۈرمىلىرىدە بىر مەزگىل يېتىپ چىقىدىغان ئىشمۇ ...

بۇنداق ئامەت تىقىلىپ كەتكەن كۆمۈركان خوجايىنلىرىغا نېسىپ بولغان بىلەن سىز-بىزگە ئۇنداق تەلەي نېسىپ بولماسمىكىن

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 12:46:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozqir يوللىغان ۋاقتى  2014-1-17 11:20 AM
بۇنداق ئامەت تىقىلىپ كەتكەن كۆمۈركان خوجايىنلىرىغا ن ...

سىز ئاقسۇدىنمۇ قېرىندىشىم؟
ئىقىلىپ بىزنىڭ بۇ ئاقسۇنىڭ يەرلىك سىياسىتى ھېچيەرنىڭكىگە ئوخشىمامدىكىن دەيمەن،داۋاملىق مۇشۇنداق ئىشلارنى پاش قىلىپ تۇرغايسىز

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 01:26:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«21-ئەسىر ئىقتىساد خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېبېي ئۆلكىسىدە چاقىرىلغان «ئىككى يىغىن» غا قانىشىۋاتقان ئىككى نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
       
     بۇنىڭ بىرى   خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ، بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار خۇجۇلۇق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىياڭ شۇلىن بولۇپ، ئۇ ئۆي-مۈلۈك قۇرۇلۇش تۈرىگە چېتىلىپ قالغانمىش. يەنە بىرى خېبېي ئۆلىكىلىك ئىسلاھاەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىيۇ شۆكۇ بولۇپ ، ئۇنى ئاشنىسى پاش قىلغانمىش.

http://news.sohu.com/20140117/n393658649.shtml?adsid=1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 01:32:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھەممىگە مەلۇمكى ، يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان «ئىككى يىغىن » ھەر قايسى ئۆلكە-شەھەر ،  ئاپتونوم رايونلارنىڭ سېياسىي ھاياتىدىكى موھىم پائالىيەت ھېساپلىنىدۇ. ئىنتىزامسىزلىق قىلمىشىغا چېتىلىپ قالغان ئەمەلدارلارنى ھەممىنىڭ دىققەت نەزىرى مەركەزلىشىۋاتقان ئەشۇنداڭ چوڭ يىغىندىن  ئېلىپ چىقىپ كېتىش بۇ خىل كۆرەشنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىشارەتلىشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86336
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 03:47:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل بولسا چىقىدۇ پۇل بولمىسا ياتىدۇ ، ئۇستامنىڭ ئىنىسىمۇ 17ياش ۋاقىتتا بىر ساۋاقدىشىنى قەستەن ئۆتۈرۈپ قۇيۇپ 5 يىلدا يىنىپ چىقتى پۇلنىڭ كۇچىدە . . .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Azizan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش