مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 458|ئىنكاس: 0

تەربىيىنىڭ تەسىرى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 08:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈلىستان

شەيىخ سەئدى (ئىران)

رەھمۇتۇللاھ جارى تەرجىمىسى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)

يەتتىنچى باب

تەربىيىنىڭ تەسىرى توغرىسىدا

ھېكايەت (1)


بىر ۋەزىرنىڭ بىر دۆت ئوغلى بار ئىدى. ئۇنى بىر ئالىمنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، بۇنىڭغا تەربىيە بەرسىڭىز، بەلكىم ئەقىللىق بولۇپ قالار ئىدى، دېدى. ئالىم ئۇنىڭغا ئۇزاق ۋاقىت تەلىم بەردى، ئەمما نەتىجىسى بولمىدى. ئالىم ئاخىرى بالىنىڭ ئاتىسىغا كىشى ئەۋەتىپ: «بۇ بالا ئەقىللىق بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، مېنى ساراڭ قىلىۋەتتى!» دېدى.



تېز يۇقار تەربىيە ئىنسان زاتىغا،

ئەسلى تەبىئىتى بولسا قۇبۇلچان.

پارقىراق بېرەلمەس تۆمۈرگە زادى،

سەيقەلنىڭ سۈپىتى بولسا گەر يامان.

يەتتە رەت يۇيساڭمۇ دەريادا ئىتنى،

يەنىلا ئىپلاستۇر بولسا ئۇ ئامان.

ئىيسانىڭ ئېشىكى مەككىگە بارسا،

قايتقاندا يەنىلا ئېشەكتۇر ھامان.


ھېكايەت (2)


بىر دانىشمەن ئوغۇللىرىغا نەسىھەت قىلاتتى: «جېنىم بالىلىرىم، ھۈنەر ئۆگىنىڭلار، چۈنكى دۇنيانىڭ مال ۋە بايلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ؛ ئالتۇن كۈمۈش (دېگەن نەرسە) بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادا خەتەر ئۈستىدىدۇر، يا ئوغرى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، ياكى ئىگىسى ئاز – ئازدىن يەپ تۈگىتىدۇ. ئەمما ھۈنەر تۈگىمەس – پۈتمەس بۇلاق ۋە ئەبەدىي بايلىقتۇر. ئەگەر ھۈنەرۋەن دۆلىتىدىن يىقىلسا ھېچبىر غەم  قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ھۈنەر بايلىق. نەگە بارسا ھۆرمەت تاپىدۇ ۋە تۆردە ئولتۇرىدۇ. بىھۈنەر ئادەم بولسا تىلەمچىلىك قىلىدۇ. مۇھتاجلىق تارتىدۇ.


ئۆزگىگە بويسۇنسا بەك تەس ئورنىدىن چۈشكەن كىشى،

ئۆگىنىپ راھەتكە، سوڭ ئەلدىن جاپا كۆرگەن كىشى.


بىر زامان شامدا[1] ئىسيان باشلىنىپ،

ھەركىم جايىنى تاشلاپ كېتىشتى.

بىلىملىك، زېرەك دېھقان بالىلىرى،

ۋەزىر بولۇشنى چاغلاپ كېتىشتى.

بىئەقىل نادان ۋەزىر بالىلىرى،

نان تىلەپ يېزا بويلاپ كېتىشتى.


بىلىم ئۆگەن ئاتاڭدىن، كېرەك بولسا مىراسى،

خەرجىڭ بولۇر بىر كۈنلا ئۇنىڭ مالۇ دۇنياسى.


ھېكايەت (3)


بىر ئالىم بىر شاھزادىغا تەلىم – تەربىيە بېرەتتى، بۇ بالىنى ئايىماستىن ئۇراتتى ۋە تولىمۇ ئازابلايتى. بىر قېتىم ئوغۇل تاقەت قىلالماي ئاتىسىنىڭ ئالدىغا شىكايەت قىلىپ كەلدى ۋە يارا قاپلىغان ئۇچىسىدىن كىيىمنى سېلىپ تاشلىدى. ئاتىسىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتتى – دە، ئۇستازىنى چاقىرتىپ دېدى: «سەن ھېچقايسى پۇقرانىڭ بالىلىرىغا مۇنچىلىك جەبىر – جاپا قىلىشنى راۋا كۆرمەس ئىدىڭ، پەقەت مېنىڭ بالامغا راۋا كۆرۈپسەن، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟»

ئۇستاز دېدى: «بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سۆزنى ئويلىنىپ سۆزلەش ۋە ھەرىكەتنى جايىدا قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ ئومۇم خەلققە شۇنداق، بولۇپمۇ پادىشاھلارغا شۇنداق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە ئېيتقان سۆزلىرى تىللاردا داستان بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئاۋام خەلقنىڭ سۆزى ۋە قىلغان ئىشلىرى ئۇنچىلىك ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.


دەرۋىشلەر تۇغدۇرسا نامۇناسىپ ئىش،

دوستلىرىغا بىلىنمەس يۈزىدىن بىرى.

ئەگەر شاھ بىر سۆزنى چاقچاقتىن ئېيتسا،

ئىقلىمدىن ئىقلىمغا كېتىدۇ نېرى.


شۇنداق ئىكەن، شاھزادىنىڭ مۇئەللىمى پادىشاھ ئوغۇللىرىنىڭ ئەخلاقى تەربىيىسىدە — خۇدا ئۇلارنى گۈزەل خۇلق بىلەن ئۆستۈرسۇن — ئاۋام خەلققە قارىغاندا كۆپرەك ئىجتىھات كۆرسىتىشى لازىم.


گۆدەك چاغ تەربىيە كۆرمىسە ھەركىم،

چوڭ بولغاندا ئۇندىن قاچىدۇ ئامەت.

كۆك چىۋىقنى ئەگمەك تولىمۇ ئوڭاي،

قۇرۇسا رۇسلانماس، ئوت كېرەك پەقەت.»


ئالىمنىڭ ياخشى مەسلىھەتلىرى ۋە جاۋاب بېرىشتىكى مۇلاھىزىلىرى پادىشاھنىڭ دىتىغا توغرا كەلدى- دە، ئۇنىڭغا تون كىيگۈزدى ۋە سوۋغاتلار بەردى ھەمدە ئۇنىڭ مەنسەپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.


ھېكايەت (4)


مەغرىب مەملىكىتىدە بىر مەكتەپ مۇئەللىمىنى كۆرگەنىدىم، ئۇ قاپىقى يامان، تىلى زەھەر، خۇيى ئەسكى، زومىگەر، ئاچ كۆز، ئۆزىنى ھېچنېمىدىن تارتمايدىغان بىر نېمە ئىدىكى، ئۇنى كۆرگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ كەيپى بۇزۇلاتتى، ئۇنىڭ قۇرئان ئوقۇشى كىشىنىڭ كۆڭلىنى قاراڭغۇلاشتۇراتتى. بىر قانچىلىغان پاكىز ئوغلانلار ۋە مەسۇمە قىزلار ئۇنىڭ رەھىمسىز قولىغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇلار نە كۈلۈشكە جۈرئەت قىلالىسۇن ۋە نە سۆزلەشكە پېتىنالىسۇن. ئۇ مۇئەللىم گاھى بىرىنىڭ كۈمۈشتەك ئاپئاق مەڭزىگە ئۇرسا، گاھىدا يەنە بىرىنىڭ بىللۇردەك پۇتلىرىنى پەلەققە تارتاتتى. ئاڭلىشىمچە، ئۇنىڭ رەزىللىكىنىڭ بىر قسىىمى كىشىلەرگە مەلۇم بولۇپ قالغاچقا، ئۇنى ئۇرۇپ قوغلىۋەتكەن ، ئۇنىڭ مەكتىپىنى بىر مۆمىن كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇ ئادەم تەقۋادار، ئالىيجاناب، يۇمشاق كۆڭۈل ئىدى. زۆرۈر بولمىغاندا سۆز قىلمايتى، كىشىنى رەنجىتىدىغان گەپ – سۆز ئاغزىدىن چىقمايتى. بالىلار ئاۋۋالقى مۇئەللىمىنىڭ قورقۇنچىسىنى كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، كېيىنكى مۇئەللىمنىڭ پەرىشتىدەك ئەخلاقىنى كۆرگەچ، ھەممىسى بىر – بىرلەپ شەيتان بولۇپ قېلىشتى، ئۇلار بۇ ئادەمنىڭ يۇمشاقلىقىغا تايىنىپ، ئوقۇشنى ئەستىن چىقىرىشتى، كۆپ ۋاقىت ئويناپ ئولتۇرۇشتى، دەرس تاختىلىرىنى بىر – بىرىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ سۇندۇرۇشتى.


مۇئەللىم ياكى ئۇستاز بولسا بەك بوش،

گۆدەكلەر ئوينىشار بازاردا خرسەك.[2]


ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەن ئاشۇ مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنىدىم. قارىسام، ئاۋۋالقى مۇئەللىمنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشىپتۇ. مەن چىن ۋىجدانىمدىن رەنجىدىم – دە، «خۇدا كۆرسەتمىسۇن، بۇ ئىبلىسنى نېمىشقا ئىككىنچى قېتىم پەرىشتىلەرنىڭ مۇئەللىمى قىلىپ قويدۇڭلار؟» دېدىم.

بۇ سۆزۈمنى پاراسەتلىك، جاھان كۆرگەن بىر ياشانغان كىشى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى-دە، دېدى:


«ئوغلىنى مەكتەپكە بەردى بىر پادىشاھ،

بوينىغا ئېسىپتۇ بىر كۈمۈش تاختا.

تاختىغا مۇنۇ خەت يېزىلغان زەردىن،

<ئۇستازنىڭ جەبرى خوپ، ئاتا مېھرىدىن!>»


ھېكايەت (5)


بىر تەقۋادارنىڭ ئوغلىغا ۋاپات بولغان تاغىسىدىن نۇرغۇن مال – دۇنيا قالغانىدى. ئۇ بۇزۇقچىلىققا كىرىشىپ، ئىسراپخورلۇققا بېرىلىپ كەتتى. قىسقىسى، قىلمىغان يامان ئىشلىرى، ئىچمىگەن ئىچىملىكلىرى قالمىدى. بىر قېتىم مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ دېدىم: «ئوغلۇم، كىرىم دېگەن ئاقار سۇ، تۇرمۇش دېگەن چۆرگىلەپ تۇرىدىغان تۈگمەن، يەنى كۆپ خىراجەت قىلىش دائىمىي كىرىمى بولغان كىشىگىلا مۇمكىن.


دارامەت بولمىسا ئاز قىل چىقىمنى،

دېڭىزچىلار مۇنۇ كۈينى ئوقۇيدۇ:

<ئەگەر تاغلارغا يامغۇر ياغمىغاندا،

دەجلەمۇ[3] يىل ئۆتمەي چوقۇم قۇرۇيدۇ.>


ئەقىل – ھوش، ئەخلاق – ئەدەپنى چىڭ تۇت، ئويۇن – تاماشانى تاشلا، چۈنكى بايلىقىڭ تۈگىگەندە قىينچىلىق تارتىپ پۇشايمەن يەيسەن.»

لېكىن ئوغۇل نەغمە – ناۋا ۋە ئەيش – ئىشرەتنىڭ لەززىتىگە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ نەسىھەتلىرىمنى قۇلاققا ئالماي، سۆزۈمگە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە باشلىدى: «بۈگۈنكى راھەتنى كەلگۈسىدىكى ئېغىرچىلىقنىڭ تەشۋىسى بىلەن بۇزۇش ئاقىللارنىڭ پىكرىگە خىلاپ!


بەختىيار، دۆلەتلىك كىشى نېمىشقا،

تارتسۇن يوقسۇللۇقنى، قورقۇپ يوق ئىشقا؟

ئەزىز يار، كۆڭۈل ئاچ، ئوينا، تۇرمىغىن،

ئەتىنىڭ غېمىنى بۈگۈن يېمىگىن.


بولۇپمۇ، مەن سېخىيلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، مەردلىك كەمىرىنى بېلىمگە باغلىغان ۋە خەير – ئېھسانلىرىم ئاۋام خەلقنىڭ ئاغزىدا پۇر بولۇپ كەتكەن بىر چاغدا (يوقسۇللۇقتىن غەم يەمدىمەن؟)


سېخىيلىق ، كەرەمدە نامى پۇر كەتكەن،

كىشىلەر سالمىسۇن دەرەمگە كىشەن.

ياخشى نامىڭ تارالسا تالا – تۈزگە،

ياپالمايسەن ئىشىكنى كىشى يۈزىگە.»


قارىسام، ئۇ نەسىھەتلىرىمنى ھېچ قۇبۇل قىلمايۋاتىدۇ، ئوتتەك نەپەسلىرىم ئۇنىڭ تۆمۈردەك سوغۇق كۆڭلىگە تەسىر قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭا، نەسىھەتنى توختاتتىم، سۆھبەتتىن ئۆزۈمنى تارتتىم ۋە دانالارنىڭ سۆزى بويىچە ئىش قىلماقچى بولدۇم. ئۇلار مۇنداق دېگەنىدى: «يەتكۈزۈشكە تېگىشلىكنى يەتكۈز، ئەگەر قۇبۇل قىلمىسا، كارىڭ بولمىسۇن!»


ئاڭلىماسلىقنى بىلسەڭمۇ ئەگەر،

بىلگىنىڭچە سەن قىل نەسىھەتنى.

كۆرەرسەن تېزدىن: ئىككى پۇت بىلەن،

تۇزاققا چۈشكەن ئۇ ھاماقەتنى.

قولىنى ئۇرۇپ ئېيتىدۇ: «ئېسىت!

ئاڭلىماپتىمەن چوڭقۇر ھېكمەتنى!»


بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولدى: مەن ئۇنى بىچارە ھالەتتە كۆردۈم. ئۇ چاپىنىغا ياماق ئۈستىگە ياماق ساپتۇ، ئاشقان – تاشقان نانلارنى تىلەپ يۈرۈپتۇ، ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىغا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. لېكىن، ئۇنىڭ ئىچكى يارىسىنى تاپا – تەنە تىرنىقى بىلە تاتىلاپ تۇز سېپىشنى ئادەمگەرچىلىك دەپ بىلمىدىم. شۇڭا، ئۆز كۆڭلۈمدە دېدىم:


«ھاراقكەش كەلگۈسىنى كۆزگە ئىلماس،

پېقىرلىقتىن پەقەت ئەندىشە قىلماس.

باھار پەسلى دەرەخ بولغاي باراقسان،

تۆكۈلگەي ياپرىقى كەلسە زىمىستان.»


ھېكايەت (6)


بىر پادىشاھ ئۆز ئوغلىنى بىر داموللىغا ئوقۇشقا بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بالا سېنىڭ بولسۇن، ئۇنىڭغا ئۆز بالاڭدەك تەربىيە بەرگىن!» داموللا: «خوپ، پەرمانبەردارمەن» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، داموللا بىر نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بالىغا تەربىيە يۇقتۇرالمىدى. داموللىنىڭ بالىلىرى بولسا بىلىم ۋە بالاغەت ئىلمىدە كامالەتكە ئېرىشتى. پادىشاھ داموللىنى جاۋابكارلىققا تارتىپ كايىپ كەتتى: «سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلدىڭ، سۆزۈڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدىڭ!»

داموللا دېدى: «يەر يۈزىنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھىنىڭ رەيىگە مەخپى قالمىسۇنكى، تەربىيە بىر خىل بولىدۇ، ئەمما مىجەز – تەبىئەت ھەرخىل!


زەر – كۈمۈش ئەگەرچە چىقسىمۇ تاشتىن،

كۆرگەنلا تاشلاردىن چىقماس ھېچقاچان.

سۇھەيل[4] يەر يۈزىگە زىيا چاچسىمۇ،

بىر جايدا جا[5] ئىشلار، بىر جايدا شەۋران.»


ھېكايەت (7)


ئاڭلىشىمچە، بىر قېرى تەربىيىچى ئۆز شاگىرتىغا مۇنداق دېگەن: «ئوغلۇم، ئەگەر ئادەمزاتنىڭ كۆڭلى ئۆزىنىڭ رىزىق بەرگۈچىسىگە تىرىكچىلىككە بېرىلگەنچىلىك بېرىلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئورنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولاتتى!»


ياراتقان ھەق سېنى ئۇنتۇمىدى ھېچ،

تۆرەلمە چاغدا سەن ياتقاندا پىنھان.

ساڭا جان، ئەقلۇ، ئىدراك، خۇلق، جامال، ھېس،

نۇتۇق – تىل، ئوي – پىكىرنى قىلدى ئېھسان.

قولۇڭغا تىزدى ئون بارماقنى ھەمدە،

بېكىتتى ئىككى قول يەلكەڭگە ئوبدان.

ئۇنتۇغايمۇ بۈگۈن رىزقىمنى ھەق دەپ،

گۇمان ئەيلەمسەن، ئەي نائەھلى ھايۋان!


ھېكايەت (8)


بىر بەدەۋى ئەرەبنى كۆردۈمكى، ئۇ ئوغلىغا مۇنداق دەۋاتاتتى: «بالام، قىيامەت كۈنى سەندىن: <نېمە ئىش قىلدىڭ؟> دەپ سورايدۇ، <سەن قايسى ئۇرۇقتىن؟> دېگەن گەپ بولۇنمايدۇ. يەنە سەندىن: <قىلغان ئەمىلىڭ قانداق؟> دەپ سورايدۇ، <ئاتاڭ كىم؟> دەپ سورىمايدۇ.


كەئبە يوپۇقنى كىشى ئۇپمىگى،

ئەمەستۇر پىلە[6]نى ئەزىز كۆرگەنلىك.

نەچچە كۈن ئولتۇرغاچ بىر ئەزىز بىلەن،[7]

ئۇ ھەم خۇددى شۇنداق بولدى قەدرلىك.»


ھېكايەت (9)


ھۆكۈمانىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، چاياننىڭ تۇغۇلىشى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش مۇئەييەن ئادەت بويىچە بولمايدىكەن، يەنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچ – باغرىنى يەپ، قورسىقىنى يىرتىپ چىقىدىكەن – دە، چۆل – باياۋانغا كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇۋىسىدا كىشىلەر كۆرىدىغان چايان پوستى شۇنىڭ بەلگىسى ئىكەن. بىر قېتىم مەن بۇ ۋەقەنى بىر ئۇلۇغ كىشىنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ بېرىۋىدىم، ئۇ كىشى دېدى: «بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا كۆڭلۈم گۇۋاھلىق بېرىدۇ، باشقىچە بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار كىچىكلىكىدە ئاتا – ئانىسىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغاچ، ئەلۋەتتە، چوڭ بولغاندا شۇنداق سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتلىك بولىدۇ – دە!»[8]


ئاتىسى ئوغلىغا قىلدى ۋەسىيەت،

«ئوغلۇم، بۇ پەندىمنى ئۇنتۇما ھەرگىز.

كىم ئاتا – ئانىنى قىلمىسا ھۆرمەت،

ھېچقاچان بولالماس، بەختىيار، ئەزىز!»


لەتىپە: كىشىلەر چاياندىن سوراپتۇ: «نېمىشقا قىشتا تاشقىرى چىقمايسەن؟» ئۇ دەپتۇ: «يازدا تۈزۈك ھۆرمىتىم بولمىسا، قىشتا چىقىپ نېمە قىلاي!»


ھېكايەت (10)


بىر دەرۋىشنىڭ ئايالى ھامىلدار ئىدى، ئاي كۈنى توشۇپ تۇغۇتى يېقىنلاشتى. بۇ دەرۋىش ئۆمرىدە بالا كۆرمىگەنىدى. «ئەگەر خۇدايىتائالا ماڭا ئوغۇل ئاتا قىلىدىغان بولسا، – دېدى ئۇ، – ئۇچامدىكى مۇشۇ جەندەمدىن باشقا بارىلىق مال – مۈلكۈمنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىمەن!»

دېگەندەك، ئايالى ئوغۇل تۇغدى. ئۇ ۋەدىسىگە بىنائەن كەمبەغەللەرگە داستىخان تەييارلىدى.

بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، مەن شامغا قىلغان سەپىرىمدىن قايتىپ كېلىپ، ئاشۇ دوستۇمنىڭ مەھەللىسىدىن ئۆتۈپ قالدىم – دە، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى كىشىلەردىن سورىدىم.

كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گۇندىخانىغا چۈشۈپ قاپتۇ. سەۋەبىنى سورىغانىدىم، بىر كىشى دېدى: «ئۇنىڭ ئوغلى ھاراق ئىچىپ، جاڭجال چىقاردى ۋە بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئارىدىن يوقالدى. ئۇنىڭ كاساپىتى بىلەن ئاتىسىنىڭ بوينىغا زەنجىر، پۇتىغا ئېغىر كىشەن چۈشتى!»

مەن دېدىم: «ئۇ بۇ بالا – قازانى خۇدايىتائالادىن ئۆزى تىلىگەن!»


ئىشت ئەي زېرەك ئەر، ھامىل ئاياللار،

ئەگەر تۇغسا تۇغۇتتا چار يىلاننى،

ئاقىللار پىكرىچە، مىڭ مەرتىۋە ياخشى،

تۇغقاندىن بىئەدەپ، پەيلى ياماننى.


ھېكايەت (11)


بالا ۋاقتىمدا مەن بىر چوڭ ئادەمدىن بالاغەتكە يېتىشنىڭ ئالامەتلىرىنى سورىغانىدىم، ئۇ كىشى دېدى: «كىتابتا يېزىلىشىچە، ئۇنىڭ بەلگىلىرى ئۈچ: بىرىنچىسى، ئون بەش ياشقا تولۇش؛ ئىككىنچىسى، ئېھتىلام؛ ئۈچىنچىسى، ئالدىغا موي چىقىش. ئەمما، ھەقىقەتتە بىرلا نىشانى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆز نەپسىنىڭ راھىتىگە بېرىلىشتىن كۆرە، كۆپرەك ھەقتائالانى رازى قىلىش كويىدا بولۇش؛ ھەركىمدە بۇ سۈپەت مەۋجۇت بولمىسا، ئۇنى دانىشمەنلەر بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىمايدۇ!»


كېلەر سۈرەتكە ئادەم تامچە سۇدىن،

نىھايەت ياتسا ئۇ قىرىق كۈن قورساقتا.

ئەگەر قىرىق ياشتىمۇ ئەقىل – ئەدەپ يوق،

ئۇنى ئادەم ئاتاشتىن بەك يىراقتا.


سېخىيلىق، لۇتپىدۇر ئادەم نىشانى،

ئادەم دەپ ئويلىما سۈرەتنى زىنھار.

ھۈنەرلا بولسا سۈرەت سىزسا بولغاي،

بېزەپ ئايۋان – ساراينى ئالۇ زەنگار.[9]

كىشىدە بولمىسا بىلىم ۋە مەردلىك،

نە پەرق قىلغاي كىشىدىن نەقشى دىۋار؟[10]

ئەمەس دۇنيا تېپىش خىسلەت، پەزىلەت،

بىراۋنىڭ كۆڭلىنى تاپقىن ئىلاج بار!


ھېكايەت (12)


بىر يىلى پىيادە ماڭغان ھاجىلارنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىققانىدى، پېقىرمۇ شۇ سەپەردە پىيادە ئىدىم. راستتىنى ئېيتقاندا، بىز بىر – بىرىمىزنىڭ باش – كۆزلىرىمىزگە تازا مۇشت چۈشۈردۇق. ھەرقانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلىشتىن يانمىدۇق. شۇ چاغدا كاجۋىدا ئولتۇرغان بىر ھاجىنىڭ ئۆز ھەمراھىغا دەۋاتقان مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلاپ قالدىم: «ئەجەپ بىر ئىش! پىل سۆڭىكىدىن ياسالغان پىيادە[11] شاھمات تاختىسىنىڭ نېرىقى چېتىگە چىقسا پەرزىن بولىدۇ، يەنى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولىدۇ. ئەمما پىيادە ماڭغان ھاجىلار چۆلنى كېسىپ باشقا چىققاندا، يامان بولۇشۇپ كېتىدىكەن!»


ئادەمنى چىشلىگەن، پوستىنى يىرىتقان،

زالىم ھاجىغا ئېيت مېنىڭ نامىمدىن:

«سەن ھاجى ئەمەسسەن، تۆگە ھاجىدۇر،

چۈنكى ئۇ يانتاق يەپ چىقار ھاجەتتىن.»


ھېكايەت (13)


بىر ھىندى نېفىت ئېتىشنى[12] ئۆگىنىۋاتاتتى، بىر دانىشمەن ئۇنىڭغا دېدى: «سېنىڭ ئۆيۈڭ قومۇشتىن ياسالغان تۇرسا، بۇ سەن ئوينايدىغان ئويۇن ئەمەس!»


سەن سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلمىسەڭ، ئېيتما ئۇنى،

بىلسەڭ ھەم ئاچچىق جاۋابنى ئېيتمىغىن ئەسلا ئۇنى.


ھېكايەت (14)


بىر ساددا ئادەمنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالغانىدى، مال دوختۇرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: «كۆزۈمنى داۋالاپ قويغىن» دېدى. مال دوختۇرى چارۋا ماللارنىڭ كۆزىگە سۈرتىدىغان دورىنى ئۇنىڭ كۆزىگە سۈرتكەنىدى، ئۇ كور بولۇپ قالدى. ئۇلار دەۋالىشىپ قازىنىڭ ئالدىغا بارغانىدى، ئۇ دېدى: «ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ قويغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم ئېشەك بولمىسا، مال دوختۇرىنىڭ ئالدىغا بارمىغان بولاتتى!»

بۇ سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق: بىلگىنكى، كىمكى چوڭ ئىشنى تەجىربىسىز نادانغا تاپشۇرسا، ئۇ پۇشايمان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاقىللارنىڭ ئارىسىدا كالتا پەم دېگەن ئاتاققا قالىدۇ.


ئەقىللىق ئادەم ھەرگىزمۇ قويماس،

تەنتەك ئادەمنى ئۇلۇغۋار ئىشقا.

بابكا بولسىمۇ گەرچە بورىچى،

يولاتماس ئۇنى ئەتلەس توقۇشقا.


ھېكايەت (15)


ئۇلۇغ ئىماملاردىن بىرىنىڭ ئوغلى ۋاپات قىلغانىدى، «ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە نېمىلەرنى يازىمىز؟» دەپ سورىغاندا، ئىمام دېدى: «مۇقەددەس كىتابتىكى[13] ئايەتلەرنىڭ ئىززەت شەرىپى ئۈستۈن، بۇنداق جايلارغا يېزىلسا ئارتۇق كېتىدۇ، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن خەتلەر ئۆچۈپ كېتىدۇ، ئادەملەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدۇ، ئىتلار ئۇنى بۇلغايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىشقا توغرا كەلسە، مۇنۇ ئىككى بېيىت يېزىلسا كۇپايە:


ۋاھ، ھەر چاغ بوستاندا كۆكەرسە چىمەن،

خۇش بولاتتى كۆڭلۈم، كۆرۈپ پەيزىنى.

باھاردا يوقلىغىن مېنى سەن دوستۇم،

كۆرىسەن توپامدىن ئۈنگەن مايسىنى.»


ھېكايەت (16)


بىر تەقۋادار كىشى بىر چوڭ باينىڭ ئىشىكىدىن ئۆتكەنىدى، قارىسا، باي بىر قۇلنىڭ پۇت – قولىنى مەھكەم باغلاپ، قاتتىق ئازابلاۋېتىپتۇ. تەقۋادار دېدى: «ئوغلۇم، خۇدايىتائالا ئۆزۈڭگە ئوخشاش بىر مەخلۇقنى ساڭا مەھكۇم، ئەسىر قىلىپ، سېنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ قويۇپتۇ. سەن خۇدايىتائالانىڭ بۇ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىپ، قۇلغا مۇنچىلىك جەبىر – جاپا سالمىغىن. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ھالى سەندىن ياخشى بولۇپ قېلىپ، سەن شەرمەندە بولۇپ قالما!»


قۇلۇڭغا ئانچىلىك غەزەپ قىلما،

جەبىر ئەيلەپ دىلىنى ئاغرىتما.

سەن ئۇنى ئون دەرھەمگە ئالغانسەن،

قۇدرىتىڭ بىلەن ياراتمىغانسەن.

بۇ غورۇر، كۈچ، قەھرىڭ تۇرار نەچچە دەم؟

سەن ئۇلۇغراق بارغۇ بىر ئىگەم!

ئەي ئارسلان، ئاغۇشلار[14] غوجىسى،

ئۆز ئىگەڭنى ئۇنتۇمىغان ياخشى!


رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، «قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ چوڭ ھەسرەت شۇكى، تەقۋادار قۇللار جەننەتكە كىرىدۇ، پاسىق قۇل ئىگىلىرى بولسا دوزاخقا!»


خىزمىتىڭدىكى ھوقۇقسىز قۇلغا،

قەھرىڭنى چېچىپ، قىلما دەپسەندە.

قىيامەت كۈنى قۇل ئازاد بولۇپ،

شەرمەندە بولۇر غوجا كىشەندە.


ھېكايەت (17)



بىر يىلى بەلختىن باميانغا[15] سەپەر قىلغانىدىم. يول قاراقچىلارنىڭ دەستىدىن تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى. بىر يىگىت يول باشلىغۇچى سۈپىتىدە ھەمراھ بولۇپ ماڭغانىدى. ئۇ قالقانباز، ئوقياچى بولۇپ، شۇ قەدەر ماھىر ۋە كۈچلۈك ئىدىكى، ئۇنىڭ ئوقياسىنى ئون كۈچلۈك ئادەم تارتىپ بەتلىيەلمەيتى ۋە يەر يۈزىنىڭ ھېچقانداق پالۋانلىرى ئۇنى يىقىتالمايتى.

لېكىن، ئۇ باياشات تۇرمۇشتا ئەركە ئۆسكەن بولۇپ، جاھان كۆرمىگەن، سەپەر – يۈرۈشلەردە بولمىغان، باتۇرلار دۇمباقلىرىنىڭ ياڭرىغان ئاۋازى قۇلىقىغا يەتمىگەن ۋە ئاتلىقلار قىلىچىنىڭ چاقناشلىرىنى كۆرمىگەنىدى.


پەقەت ياۋ قولىغا ئەسىر چۈشمىگەن،

ۋە ئوق يامغۇرىغا دۇچ كەلمىگەن.


تاسادىپىي بۇ يىگىت بىلەن مەن ئىككىمىز ئەڭ ئالدىدا يانمۇيان مېڭىشقا توغرا كەلدى. ئۇ يالدا ئۇچرىغانلا كونا تامنى بىلىكىنىڭ كۈچى بىلەن ئۆرىۋىتەتتى، ھەر چوڭ دەرەخنى كۆرسە، پەنجىسىنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن يۇلۇپ تاشلايتى. شۇڭا مەغرۇرلىنىپ مۇنداق دەيتى:


پىل قېنى؟ باتۇر يىگىتنىڭ بەستىگە سالسا نەزەر،

شىر قېنى؟ مەرد پەنجىسىنى بىر كۆرۈپ قىلسا ھەزەر.


بىز شۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇقكى، ئىككى ھىندى بىر تاشنىڭ ئارقىسىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ، بىزنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇۋاتاتتى. بىرىنىڭ قولىدا كالتەك، يەنە بىرىنىڭ قولتۇقىدا توقماق بار ئىدى.

مەن يىگىتكە دېدىم: «نېمە تۇرىسەن؟


قېنى ، ئىشقا سال كۈچ ۋە ئەرلىكنى سەن،

دۈشمەن كەلدى گۆرگە ئاياغى بىلەن!»


قارىسام ، يىگىتنىڭ قولىدىن ئوقيا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، بەدىنى جالاقلاپ تىتىرەۋاتىدۇ.


ئوق بىلەن ساۋۇتنى تەشكەن، قىلنى يارغان پەھلىۋان،

جەڭ كۈنىدە پۇت تىرەپ چىڭ تۇرمىقى ھەم دەرگۇمان.


بىزدە باشقا چارە قالمىغانىدى. نەرسە – كېرەك، قورال – ياراغ ۋە كىيىم كېچەكلىرىمىزنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاران جېنىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ كەتتۇق.


يوللىغىن ئىش كۆرگەن ئەرنى ئەڭ مۇھىم ئىشلارغا سەن،

شىرنى باغلاپ كەلتۈرەر ئۇ بوينىغا تاشلاپ كەمەن.

بولسا گەر كۈچلۈك بويۇن، پىل گەۋدىلىك بىر نەۋجۇۋان،

ياۋغا دۇچ كەلسە قاچار قورقۇنچىدىن بىر جەڭ بىلەن.

جەڭ قىلىشنى جەڭدە بولغان، سەپنى كۆرگەن ئەر بىلەر،

خۇددى بىلگەندەك شەرىئەت ئىلمىنى بىر ئەھلى پەن.


ھېكايەت (18)



مەن بىر باينىڭ بالىسىنى كۆرگەنىدىم، ئۇ ئاتىسىنىڭ قەبرە بېشىدا ئولتۇرۇپ، بىر كەمبەغەلنىڭ بالىسى بىلەن مۇنازىرىگە چۈشكەنىدى: «ئاتامنىڭ قەبرىسى تاشتىن ياسالغان، ئۈستىگە چىرايلىق خەتلەر نەقىش قىلىنغان، مەرمەر تاش ۋە فىروزە خىش ياتقۇزۇلغان. بۇ قەبرە سېنىڭ ئاتاڭنىڭ گۆرىگە قانداقمۇ ئوخشىسۇن؟ سېنىڭ ئاتاڭنىڭ گۆرىگە بىر – ئىككى كېسەك قويۇلۇپ، ئۈستىگە ئىككى كەتمەن توپا تاشلانغان، خالاس.»

كەمبەغەلنىڭ ئوغلى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دېدى: «بوپتۇ، ئاتاڭ ئېغىر تاشلارنىڭ ئاستىدا ئىنجىقلاپ تۇرسۇن، ئاڭغۇچە مېنىڭ ئاتام جەننەتكە كىرىپ بولىدۇ!»


ئۈستىگە ئازراق يۈك ئارتىلسا ئېشەك،

يەڭگىل ئازادە ماڭىدۇ بىشەك.


كەمبەغەللىك زۇلمىنى تارتقان ئۇزاق مىسكىن كىشى،

يۈكى يوق، كەلگەي ئەجەل ئىشىكىگە تەشۋىشسىز، ئەمىن.

كىمكى راھەت، مولچىلىقتا قىلسا ئۆمرىنى تامام،

تارتىشىپ دۇنياغا، شەكسىز، ئۆلمىكى بەكمۇ قىيىن.

يېڭى زەنجىردىن بوشانغان بىر ئەسىرنىڭ ھالى، بىل،

ياخشىدۇر، ئەسىرگە چۈشكەن بىر ئەمىرنىڭ ھالىدىن.


ھېكايەت (19)


بىر دانىشمەندىن: «سېنىڭ ئەڭ يامان دۈشمىنىڭ ئىككى بېقىنىڭ ئارىسىدىكى نەپسىڭدۇر» دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە؟ دەپ سورىغانىدىم. ئۇ كىشى دېدى: «بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ھەرقانداق دۈشمەنگە ياخشىلىق قىلساڭ، دوستقا ئايلىنىدۇ، ئەمما نەپس دېگەن شۇنداق نەرسىكى، ئۇنىڭغا قانچە كۆپ يول قويساڭ، ئۇ شۇنچە كۆپ قارشىلىشىدۇ!»


تائامنى ئاز يېسە ئادەم، بولۇر پەرىشتە سۈپەت،

ئەگەر يېسە ھايۋاندەك، تاش كەبى بولۇر ۋەيران.

بىراۋنى مۇرادقا يەتكۈزسەڭ، بويسۇنار ئۇ ئەمرىڭگە،

نەپس ئەگەر مۇراد تاپسا، چوقۇم ساڭا بېرەر پەرمان.



[1] شام – سۈرىيە


[2] خىرسەك — بىر تۈرلۈك بالىلار ئويۇنى. بىر دۈگىلەك سىزىق سىزىلىپ، بىر بالا سىزىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ. باشقا بالىلار ئۇنى قورشايدۇ. ئوتتۇرىدىكى بالا پۇتىنى ئەتىراپىدىكىلەرگە سىلكىيدۇ، ئۇنىڭ ئايىغى قايسىسىغا تەگسە، ئۇنى تۇتۇپ سىزىقنىڭ ئىچىگە ئۆز ئورنىغا ئەكىرىپ قويىدۇ.


[3] دەجلە — باغداتتىكى دەجلە دەرياسى.


[4] سۇھەيل – جەنۇبى قۇتۇپتىكى «كانوپۇس» دەپ ئاتالغان يورۇق يۇلتۇز. ئەرەبلەر بۇ يۇلتۇزنى شىمالى يەمەندە كۆزەتكەن. بۇ يەردە قەدىمدىن شەۋران (ئەلا سۈپەتلىك تېرە) ئىشلىنىپ كەلگەنىدى. شۇڭا، سۇھەيل يۇلتۇزىنىڭ تېرە ئىشلەشكە ياخشى تەسىرى بارلىقى توغرىسىدىكى خۇراپى ئېتقاد شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.


[5] جا — پۇلى ئەرزان ئاددىي تېرە.


[6] پىلە — يىپەك پىلىسى. بۇ يەردە ئەتلەس كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئېيتىلىشىچە، كەئبىنىڭ ئۈستىگە يېپىلغان يوپۇق قاتا ئەتلەس بولۇپ، ھاجىلار تاۋاپ ۋاقتىدا بۇ يوپۇقنى سۆيۈپ ئۆتىدىكەن.


[7] بىر ئەزىز بىلەن — مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن، دېگەن مەنىدە. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە ، كەئبىنىڭ ئەتلەس يوپۇقى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تېگىشلىك ئىكەن.


[8] بۇ جۈملە تەنە بىلەن ئېيتىلغان. چۈنكى كىشىلەرنىڭ چاياننى كۆرگەندە يانجىپ ئۆلتىرىدىغانلىقى ھەممە كىشىگە مەلۇم.


[9] ئالۇ زەنگار: قىزىل، كۆك


[10] بۇ مىسرا «ئادەم بىلەن تامدىكى سۈرەتنىڭ نېمە پەرىقى بار؟» دېگەن مەزمۇندا.


[11] بۇ يەردىكى پىيادە – شاھنىڭ پىيادە ئۇرۇقى.


[12] نېفىت ئېتىش – شېشىگە نېفىت قاچىلاپ يىراققا ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇرۇنقى چاغلاردا نېفىت ئېتىش ئۇرۇش-جەڭلەردە قوللىنىلغان ھەمدە ئويۇن سۈپىتىدە ئوينالغان.


[13] مۇقەددەس كىتاب – «قۇرئان كەرىم» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.


[14] ئارسلان، ئاغۇش – تۈركىي خەلقلەردە تارقالغان كىشى ئىسىملىرى. بۇ يەردە ئارسلان – قۇلنى، ئاغۇش – دېدەكنى كۆرسىتىدۇ.


[15] باميان -  بەلىخ شەھرىدىن ھىندىستانغا بارىدىغان يولدىكى بىر قەدىمىي شەھەر.


مەنبە:www.bildur.net


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 05:31 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش