يىـڭى ئــەزا
قېرىلىق ‹ئىبرەت› ياشلىقىمنى سۈرگۈن قىپ كەلدى بۈگۈن قېرىلىق، تەڭرىتاغدەك قەددىمنى تالقان قىلدى قېرىلىق. ياشلىقىمدا ياخشى يوق،يامان كەلدى قېرىلىق، خۇددى ئېتتەك قاۋايتتىم،مۈشۈك قىلدى قېرىلىق. (ياخشى بۇلسا ئېشىنى يە،يامان بولسا بېشىنى) بىلمەپتىمەن ھېكمەت تۇمشاققا قۇيدى قېرىلىق. ئىگىلمەسمەن دەپ بىلىپ زارلاتقانتىم يۇۋاشنى، داغدا قۇيغاچ ئەسكىلىك مۇڭسىراتتى قېرىلىق. چىقماس ئىكەن ئەزەلدىن چاۋاك دىگەن بىر قۇلدىن، قۇللاپ بەرمەي قېرىنداشنى ھەسرەتتە قويدى قېرىلىق. ھالېڭ نېچۈك دىمەپتىم،قۇلغا-قۇلنى بەرمەپتىم، پىتنە تېپىپ كەينىدىن،يۈز قىزارتتى قېرىلىق. ئاقنى-قارىغا ئۈندەيتتىم بىرنى تۆتكە بۆلگەنتىم، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ زالالەتكە ماڭغانتىم. ياخشى بولسا ياخشىچە،يامان بولسا يامانچە، يانىدىكەن ئۆزىگە،پۇشايمىنى كۆپ قېرىلىق. مەنبە:ھۈسەنجان ھەبىبۇل ئۆز قەلىمىم ‹ئوت يۇرتى›
پاش قىلىش
بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!
دائىملىق ئــەزا
رۇستەم قارسۇ
ئۈمىدلىك ئەزا
ياخشى يېزىپسىز قەلەملەر توختاپ قالمىغاي
شىرىن
ئالىي ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ