ئۆزگەرمەس
ئاپتورى: تۇرسۇنجان سۇلايمان(شەررارى)
يار ئىشقىڭدا قىينالغان نىمجان تېنىم ئۆزگەرمەس،
ۋەسلىڭ ئۈچۈن تەسەددۇق ئەزىز جېنىم ئۆزگەرمەس.
ئالتۇن جامدا ئۆزگىلەر سۇنسا ساڭا شەربەتنى،
سەنچۈن ئاققان تېنىمدا سادىق قېنىم ئۆزگەرمەس.
مىننەت قىلىپ تۈلكىلەر سۇنار بەلكىم نىئمەتنى،
ساڭا سۇنغان بىمىننەت ھالال نېنىم ئۆزگەرمەس.
گۈل ھۆسنىگە كىپىنەك ئاشىق ئەمەس چىن دىلدىن،
مەنچە ئەمەس بۇلبۇلمۇ ساپ ۋىجدانىم ئۆزگەرمەس.
روھىيەتتە مەنىدار ئاشىق ئارزۇسى تامام،
ۋسىالىڭغا يېتىشتەك پاك ئارمانىم ئۆزگەرمەس.
گۆھەر ياقۇت ۋە ھۆسنىڭ كىرەك ئەمەس يار ماڭا،
ئەقىدىدۇر سوئالىم ، ئىمتىھانىم ئۆزگەرمەس.
سۆڭەك ئۈچۈن پاك دىلدىن داجىماسمەن ئىت كەبى،
ۋاڭا ۋىجدان ئەلادۇر پاك ئىمانىم ئۆزگەرمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شەرارى28 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-16 06:50 PM