ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش توغىرسىدا
(سىنىپ يىغىنى تىزىسى)
ساۋاقداشلار،دۇنيادا باشقىلارنىڭ باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلىشىنى ياقتۇردىغان ياكى خالايدىغان ئادەم بولامدۇ؟
—بولمايدۇ!
—نېمە ئۈچۈن؟
—….
—سىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلىشىنى خالامسىلەر؟
—خالىمايمىز.
—نېمە ئۈچۈن؟
—….
—دۇنيادا باشقۇرۇشسىز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى،باشقۇرۇشسىز ياشايدىغان ئىنسان بولامدۇ؟
—….
—ئەگەر ئىنسان باشقۇرۇشسىز قالسا ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟
—قالايمىقانچىلىق،ئۇرۇش كېلىپ چىقىدۇ؟
—ئوقۇغۇچىلار باشقۇرۇشسىز قالسىچۇ؟
—قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ.
—يەنىچۇ؟
—ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش قىلمايدۇ.
—ئۇنداقتا سىلەر خالاڭلار ياكى خالىماڭلار باشقۇرۇش بولمىسا بولامدىكەن؟
—بولمايدىكەن!!
—توغىرا،پۈتكۈل دۇنيا،جۈملىدىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقۇرۇشسىز ھالدا نورمال ئايلىنالمايدۇ.لېكىن باشقۇرۇش بەك قاتتىق بولۇپ قالسا،باشقۇرۇلغۇچىغا نىسبەتەن روھى بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.ئۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
—….
بۈگۈنكى سىنىپ يىغىنىمىزنىڭ تېمىسى: ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش. دۇنيادا ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قۇشلار،ھاشارەتلەر،قۇرت-قۇڭغۇزلار…دىن باشقا جانلىقلارغا،جۈملىدىن ئادەملەرگە نىسبەتەن مۇتلەق ئەركىنلىك بولمايدۇ.ئادەملەر بوي سۇنمىسا بولمايدىغانتۈرلۈك ئېتىقاد،قانۇن،قائىدە،نىزام،تۈزۈم….لەر بار.بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئومۇمىي ئىنسانلارنىڭ بەختى،خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تۈزۈلگەن.مەكتىبىمىزنىڭ تۈزۈملىرىمىۇ سىلەر ئۈچۈن،سىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىڭلار،بىلىم ئېلىشىڭلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن.ئۆزىنى بىلىدىغان،ئۆزىنى باشقۇرالايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ تۈزۈملەر ھېچقانداق ناخۇشلۇق ئېلىپ كەلمەيدۇ.ئەمما ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بۇ تۈزۈملەر بىر كىشەن،بىر زۇلۇم بولىدۇ.ئۆزىنى،ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى،ئېغىزىنى،ھەركىتىنى باشقۇرالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ھېچقاچان،ھېچنېمىدىن،ھېچكىمدىن قورقماي خۇددى«يولدىن چىقمىغان خاندىن قورقماپتۇ»دېگەندەك خاتىرىجەم ئوقۇيالايدۇ.
ئەكسىچە ئۆزىنى،ئۆزىنىڭ پۇت-قوللىرىنى،ئېغىزىنى ۋە ھەركىتىنى باشقۇرالمايدىغان ئوقۇغۇچى پات-پاتلا تەربىيە،تەنقىد،ھەتتا بەزىدە ئىزا-ئاھانەت ئاڭلايدۇ.تازا خاتىرىجەم ئوقۇيالمايدۇ.
مەن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشىنى،سىنىپ ھەيئەتلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالايدىكەن،ئۇنى باشقىلار ھەرگىزمۇ خالىغانچە باشقۇرالمايدۇ.بىر مىللەتمۇ ھەم شۇنداق.
ئەكسىچە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالمايدىغان ئادەمنى،ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالمايدىغان مىللەتنى باشقا ئادەملەر،باشقا مىللەتلەر خالىغانچە باشقۇرىدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ،بۇنداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنى بىلمەيدۇ،ئۆزىنى باشقۇرالمايدۇ.ئەمما ياتلارنى كۆرسە،ياتلار باشقۇرسا،خۇددى موللامنىڭ مۈشۈكىدەك،يۇندىغا چۈشۈپ كەتكەن چاشقاندەك يۇۋاش بولۇپ كېتىدۇ….
مەن سىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالايدىغان،ئۆزىگە ھېچقانداق گەپ كەلتۈرمەيدىغان،ساۋسقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇشىڭلارنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن. بۈگۈنكى مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى تامام.