يوقۇتۇش ۋە ساقلاش
(سىنىپ يىغىنى تىزىسى)
—ساۋاقداشلار،سىلەر مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان بىر نەرسەڭلارنى يۈتۈرۈپ باقتىڭلارمۇ؟
—يۈتۈرۈپ باقتۇق!!!
—سسىزنىڭ يۈتۈرگەن نەرسىڭىز تېپىلدىمۇ؟
—ياق.
—ئۇنىڭ يۈتۈپ كېتىشىنى كىمدىن كوكا كۆردىڭىز؟
—…
—دېگۈڭىز كەلمىگەن بولسا كېرەك يوق.بۇنىڭ جاۋابىنى سەل تۇرۇپ مەن دەپ بېرىمەن.بۈگۈنكى سىنىپ يىغىنىنىڭ تېمىسى ساقلاش ۋە يوقۇتۇش. سىلەر ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگىلى ئاران ئىككى كۈنلا بولغان بولسىمۇ،ئەمما نۇرغۇن ساۋاقداشلار ئۇنى-بۇنى يوقۇتۇپ قويدۇڭلارغۇ دەيمەن.مەيلى نېمەڭلارنى يوقاتقان بولۇڭلار گۇناھ يوقاتقۇچىلاردا.مەكتىبىمىزدە ھەممىلا جايدا دېگۈدەك سىنئالغۇ ئافاراتلىرى بار.ئەمما ئۇنىڭسىزمۇ ئوغىرى يوق ئىدى.
ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن ساۋاقداشلارنىڭ كىتاب-ماتېرياللىرى،دەپتەر-قەلەملىرى،پۇل،ھەتتا فورما كېيىملىرى يوقاپ كېتىدۇ؟
جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: ئاشۇ ئوقۇش قوراللىرىنى،پۇل-پۇچەكلىرىنى،كېيىم-كېچەكلىرىنى يوقاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكىدىن،خاملىقىدىن،بىپەرۋالىقىدىن،ئۇتتۇر كەلگەن جايغا تاشلاپ قويغانلىقىدىن. سىز ئۆزىڭىزگە پىششىق بولسىڭىز،مەسئۇليەتچان بولسىڭىز نەرسە-كېرەكلىرىڭىز بۇنداق تولا يوقالمايدۇ،يۈتۈپ كەتمەيدۇ.مەسئۇليەتچان،تىرىشچان،ئۆزىگە پۇختا ئوقۇغۇچىلار ھېچقاچان ھېچنىمىسىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ.«ئى يەرگە قويۇپ قويسام يوق تۇرىدۇ،ماۋۇ يەرگە قويۇپ قويسام يوق تۇرىدۇ»دەپ كۆز يېشى قىلىپ يىغلاپ تۇرمايدۇ.
مەن بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزىڭلارغا،ئۆز ئىشىڭلارغا ھەردائىم پۇختا بولۇشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.ئۇنداق بولالماي بىر نەرسەڭلارنى يوقۇتۇپ قويۇپ ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن كۆرسەڭلار قەتئىي بولمايدۇ.
كىچىكىدە دەپتەر-قەلىمىنى،كىتاب- ماتېرياللىرىنى،ئۇچىسىدىكى كېيىم-كېچەكلىرىنى يوقۇتۇپ قويماي ساقلىيالىغان مەسئۇليەتچان،ئۆزىگە پۇختا ئوقۇغۇچى مېنىڭچە چوڭ بولغاندىمۇ ئىززەت-ھۆرمىتىنى،ۋىجدان-غۇرۇرىنى،،ئار-نومۇسىنى… يوقۇتۇپ قويمايدىغان،پۇختا ساقلىيالايدىغان مەسئۇليەتچان ئادەم بولالايدۇ.ھېچيەردە،ھېچكىمنىڭ ئالدىدا تىرناق تاتلاپ،يېشىنى تۆكۈپ ئولتۇرمايدۇ.ئۆزىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ،قوشنىڭىزنى ئوغىرى تۇتماڭ.ئۆزىڭىزگە پۇختا بۇلۇڭ،ساۋاقدىشىڭىزنى ئوغىرى تۇتماڭ.
مەن ساۋاقداشلارنىڭ كەلگۈسىدە ۋەتەن،مىللەەتنىڭ شان-شەرىپىنى،ئار-نومۇسىنىى ساقلىيالايدىغان،قوغدىيالايدىغان ئادەم بولۇپ يىتىلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ھەر-بىر ئىشتا ئۆزىگە پۇختا،مەسئۇليەتچان ئادەت يىتىلدۈرۈشىنى،ھېچقانداق بىر ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىپ قويماسلىقىنى،مەيلىخۇدىيا ئادەم بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۈگۈنكى مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى تامام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-16 06:12 PM