بار ئىكەنۇ يوق ئىكەن . باينىڭ ئاغزى پوق ئىكەن .
زامان زوردا ئىكەن . قىزلار توردا ئىكەن .
بۇرۇنقى زاماندا ...
بىر گۈزەل يايلاق بولغانىكەن . بۇ يايلاقتا بىر ئوچۇم ياشلار توپ ئوينايدىكەن .
بۇلار توپنى شۇنچىلىك ئىشتىياقى بىلەن ئوينايدىكەنكى ، بۇ يايلاقتىن كېچە-كۈندۈز ئايرىلماي توپ تېپىدىكەن .
ئەلقىسسە ، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ، ئايلار ئۆتۈپتۇ ، يىللار ئۆتۈپتۇ .
بىر كۈنى بۇ جايغا بىر ئەينو قېرى ھەشەمەتلىك ئۆي سېلىپ كۆچۈپ كەپتۇ .
ئۇ ئەينو قېرى بۇ گۈزەل يايلاقنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قاپتۇ ، خۇشئاۋاز قۇشلار ۋە خۇشبۇي گۈللەردىن يەتكۈچە ھۇزۇر ئاپتۇ . مۇشۇ يايلاققا بۇ كاتتا قورۇنى سالغانلىقىدىن تولىمۇ رازى بولۇپتۇ .
بىراق ئەينو قېرى ياشلارنىڭ بۇ جايدا توپ تېپىدىغانلىقىدىن ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىغانلىقىدىن تولىمۇ نارازى ئىكەن .
ئۇ قانداق قىلىپ بۇ ياشلارنى بۇ جايدىن قوغلىۋېتىش توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپتۇ . ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىپتۇ .
ياشلار بىلەن ئۇرۇشاي دېسە ، ئەينو قېرى يالغۇز ھەم جانسىز ، ياشلارغا تەڭ كېلەلمەيدىكەن .
تىللاي دېسە ، بۇ سەھرالىق ياشلارغا تىل ئۆتمەيدىكەن .
ئىت قويۇپ بېرەي دېسە ، ئىتمۇ ئۇلاردىن قورقىدىكەن .
پۇل بېرىپ قوغلىۋېتەي دېسە ، ياشلار پۇلنى خەجلەپ بولۇپلا يەنە كېلىۋالىدىكەن .
ئىشقىلىپ ياشلار مۇشۇ يايلاقتا توپ تېپىشكە ئاشىق ئىكەن ، قانداقلا قىلسا بۇ جايدىن كەتمەيدىكەن .
قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئەينو قېرى ئاخىرى ئۇھسىنىپ تۇرۇپ ياشلارغا قاراپ دەپتۇ :
ــ ئەي بالىلىرىم ، مەن سىلەرنىڭ بۇ توپقا بولغان مۇھەببىتىڭلارغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . مەن مۇشۇ ياشقىچە ياشاپتىمەن ، مەندە خوتۇن ياكى بالا-چاقا يوق ، پەقەت پۇل بار . سىلەر بۇ يەردىن كەتمەيدىكەنسىلەر ، مەن ئەمدى سىلەرنى قوغلىمايمەن ، ئەكسىچە سىلەرنى قوللايمەن ، مەن سىلەرنىڭ توپ تېپىشىڭلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىماقچى ، بۇندىن كېيىن ھەركۈنى مۇشۇ يايلاققا كېلىپ توپ تەپكەن بالىلارغا مەن كىشى بېشىغا 100 يۈەندىن پۇل بېرىمەن .
ئەينو قېرى بۇ قارارنى جاكارلىغاندىن كېيىن ياشلار تولىمۇ خۇش بولۇپتۇ ۋە ئىچىدە ئەينو قېرىنى مەسخىرە قىلىپتۇ :
ــ رەسمىي دۆت قېرىكەن بۇ ، بىز بۇرۇندىن تارتىپ ئىچ پۇشقىغا توپ تېپىۋاتاتتۇق . ئەمدى بۇ قېرى توپ تېپىپ بەرگىنىمىزگە پۇل بېرىمەن دەيدىغۇ . نېمىدېگەن ئوبدان ئىش بۇ .
شۇنداق قىلىپ ياشلار ھەركۈنى ئەتىگەندە كېلىپ 100 يۈەندىن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن يايلاققا چىقىپ توپ ئوينايدىغان بولۇپتۇ .
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ . بىر كۈنى ئەينو قېرى ھەر بىر ياشقا پەقەت 50 يۈەن پۇل تارقىتىپتۇ . ياشلار نارازى بولۇشقا باشلاپتۇ . ئەينو قېرى :
ــ مەندىمۇ ئامال قانچە ، كېيىن تولۇقلاپ بېرەي ، ھازىر مەندە شۇنچىلىك پۇل قالدى .
ياشلار نارازى بولۇشقىنىچە يايلاققا چىقىپ توپ ئويناپتۇ . بىراق نارازىلىق سەۋەبىدىن بۇرۇنقىدەك خۇشال ۋە ئۇزۇن ئوينىماپتۇ . بارا-بارا توپ ئوينايدىغان ياشلارنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلاپتۇ .
ئايلار ئۆتۈپتۇ . بىر كۈنى ئەينو قېرى پۇل تارقاتماپتۇ ۋە يايلاقتىكى ياشلارغا قاراپ دەپتۇ :
ــ بالىلىرىم ، مېنىڭ پۇلۇم قالمىدى ، ئەمدى سىلەرگە پۇل تارقىتالمىغۇدەكمەن ... بىر مەزگىل نېسىگە ئويناپ بېرىڭلار ...
سۆزنىڭ ئاخىرى تۈگىگۈچە تاقىتى تاق بولغان ياشلار يايلاقتىكى تېزەكنى ئەينو قېرىغا ئاتقىنىچە قارشىلىق بىلدۈرۈپتۇ :
ــ توپ ئوينىمايمىز ! توپ ئوينىمايمىز !
ياشلار شۇنداق دېيىشكىنىچە توپنى يىراق يەرگە دومىلىتىۋېتىپ ، كەينىگە قارىماستىن قايتىپ كېتىشىپتۇ .
شۇندىن كېيىن بۇ بىر پارچە يايلاق ئەينو قېرىغا قاپتۇ .
---ئەزىزان---
2014-يىلى 15-يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-16 06:12 PM