مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 517|ئىنكاس: 1

‹‹خانئۆي ››ئىزدىنىشلىرىگە يانداپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21402
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 04:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹خانئۆي ››ئىزدىنىشلىرىگە يانداپ

1 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (108.61 KB)



تارىخچى ،تەزكىرەشۇناس ئابدۇرېھىم ھاشىم مەشھەدى ئاكىنىڭ ‹‹ئاتۇش››ناملىق كىتابنىڭ بىرىنجى قىسمىنى
ئوقۇپ مەندە يىڭى ئويلىنىشلار بولغانىدى ،مەن ئۆز يۇرتۇمنىڭ ،ئۆزمەھەللەمنىڭ يۇرت نامىنى ،داڭلىق شەخىسلىرى توغرىسىدا مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ،شۇ ئۇچۇرلاردا ئېيتىلغان يەرلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ،مەن ياشاۋاتقان مۇشۇ يۇرتتىكى قەدىمى ئىزلاردىن خەۋەردار بولۇش ئىستىكىدە قەدەم ئالغاندىن بۇيان ئەزىزانە قەشقەرگە بولغان چۈشەنچىم ئاشتى ،بۇ يۇرتقا بولغان ئىپتىخار ،ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن بىللە ،بۇ يۇرت ،ھەم خەلقىم دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل كىرزىسلار ئىچىدە گاڭگىراپ تىڭىرقاپ قالدىم ،مەندە شەكىللەنگەن بۇخىل تۇيغۇلار بىلەن باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن قابىليىتىم يەتكەن دائىرە ئىچىدە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ تۇردۇم.
مۇشۇ كىتابنىڭ 1-قىسمىدا ‹‹خانئۆي ››قەدىمى شەھىرى توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بىرىلگەنىدى ،كېيىن 2-قىسمىدا تەپسىلى ئىنىق چۈشەنچىلەر بىرىلدى ،مەن 2013-يىلى شۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ بۇ قەدىمى شەھەرنى كۆرۈپ بىقىش ئارزۇسى بار ئىدى ئەپسۇس ،تىرىكچىلىك غىمى ،تۇرمۇشنىڭ ئالدىرىتىشى تۈپەيلى ۋاقىت چىقىرالماي  بۇ ئارزۇيۇم 2014-يىلى قەھرىتان قىشتا ئاران ئەمەلگە ئاشتى ،كىچىكىپرەك بولسىمۇ قىلغان زىيارەتلىرىم توغرىسىدا دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي .
قەھرىتان ئىيىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى مەن دوستلىرىم بىلەن كىلىشىۋالغىنىم بويىچە ‹‹خانئۆي ››قەدىمى شەھىرىگە بارماقچى بولدۇق ،ئەپسۇس نەچچە كۈندىن بىرى ياغقان قار بۈگۈنمۇ توختىماي سۇس ،يىغىپ تۇراتتى ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پىلان بىر كۈن كەينىگە سۈرۈلۈپ ئەتىسى سەپەرگە ئاتلىنالىدۇق ،بىز تۈنۈگۈنكى پىلانىمىز بويىچە قەشقەر شەھىرىدىن 28كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ‹‹خانئۆي››قەدىمى شەھىرىگە يول ئالدۇق ،يول بويى خىيالىم شۇ قەدىمى شەھەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ماڭسىمۇ يولنىڭ تىيىلغاقلىقى خىياللارىمنى بۆلۈپ تۇراتتى ،جان دېگەن شۇنداق تاتلىق ھە! ،بىزغۇ تىيىلىپ كەتسەك قارغا تىيىلىمىز ،لېكىن بەزىلەر قارىغىلا تىيىلىپ كېتىپ بارىدىغۇ؟ماشىنا ناھايىتى ئاستا ماڭاتتى ،شۇنداق دىققەت قىلمايدىغان بولساق ،يىنىمىزدىكى ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىش خەۋپى بار ئىدى ،تېلىفۇننىڭ ئورۇن بەلگىلەش سىستىمىسىغا قارىسام ‹‹خانئۆي ››دېگەن يەردىن ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كېتىپتۇق ،شۇنىڭ بىلەن قەدەمدە بىر دېگۈدەك يولدىكى كىشىلەردىن سوراپ ماڭدىم ،ئۇلارنىڭ ئورتاق جاۋابى ئالدىڭىزغا تېخى ئۇزۇن ماڭىسىز دەيتتى،لېكىن يول باشلاش سىستىما بولسا ناھايىتى يىراق بىر يەرلەرنى كۆرسىتىپ تۇراتتى ،ئاخىرى يول باشلاش سىستىمىنى ئىتىپ ،مىڭە باشلاش سىستىمىمىزغا تايىنىپ بۇ قەدىمى شەھەر بوسۇغىسىغا ئاخىرى يېتىپ كەلدۇق .ماشىنىدىن چۈشۈپ بۇ كەڭ كەتكەن زىمىندىكى ،تىمتاسلىق ،جىمجىتلىق ،ئىچىگە غەرق بولدۇم ،شۇ تىمتاسلىق ئىچىدە نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ئۈن-تىنسىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ قەدىمى شەھەرگە قاراپ نەچچە سىكىنۇت سۈكۈتتە تۇردۇم .



1 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (1.04 MB)



قەدەملىرىم يىراقتىراق كۆرىنىۋاتقان شەھەرنىڭ قەدىمى سىپىلى بار تەرەپكە قاراپ ئىلگىرلىدى ،‹‹ بىراۋلارغا ئامەت كەلسە ،ئىشىكنى ئىتىۋالساڭمۇ ،تۈڭلۈكتىن كېرىۋىرىدۇ›› دېگەندەك ھىچنىمە يىزىلمىغان بۇ قۇرۇق تاختىغىمۇقاراڭ يامغۇر سۇيىنىڭ شەكىللىنىشىدىنمۇ تاڭ جوڭگۇدىكى جوڭ خىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر نەرسە شەكىللىنىپ قالغانىدى ،ئىچىمدە ھەيرانلىق ئارىلاش ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ ئەتراپنى ئايلىنىشقا باشلىدىم .
1 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (103.24 KB)




بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرىنىڭ 28كىلومېتىر  يىراقلىقتىكى  دائىرە ئىچىدە ‹‹قەدىمكى كاشىغەر ››دەپ پەرەز قىلىنىپ كېلىۋاتقان قەدىمكى خارابە ئىزى بولۇپ مەزكۇر خارابىنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى توغرىسىدا بەزىبىر تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن باشقا سىستىمىلىق يىزىلغان تارىخ،ئەدىبى ئەسەرلەر كۆزگە چىلىقمىدى .
‹‹خانئۆي››خارابىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك كەڭلىكى تەخمىنەن شەرقى ئۇزۇنلىقى 21 76دىن باشلىنىپ 26 76 گىچە جەنۇب شىمال كەڭلىكى بولسا 32 39 دىن باشلىنىپ شىمالى 36 39 غىچە شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 كىلومىتىر جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 6كىلومېتىر بۇدائىرە تەخمىنەن 40مىڭ مو كېلىدۇ (مەن كۆرگەن دائىرە ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن تارىيىپ كېتىپتۇ )‹‹خانئۆي خارابىسىنىڭ دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1200مىتىر بولۇپ ،ھازىر خارابىلىكنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى سازلىق ،قۇملۇق ،شورلۇققا ئايلانغان بولسىمۇ لېكىن يەنە بىر قىسىم رايونلىرى ئاق توپا بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ .
‹‹خانئۆي ››دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىشلىتىلىشتىن بۇرۇن بۇ شەھەر ‹‹كۈيبالىق ››دەپ ئاتالغان بولىشى ئىھتىمال.‹‹كۈي ››سۆزى تۈركچە ‹‹يۇرت ››مەنىسىنى بىلدۈرسە ،‹‹بالىق››سۆزى ‹‹شەھەر ››‹‹قەلئە ››دېگەن مەنىگە ئىگە
مەھمۇد كاشىغەرىي قەشقەرنى ‹‹خانئۆي››‹‹خان شەھىرى ››‹‹ئوردا كەنت ››ناملىرى بىلەن ئاتىغان .
يەرلىك كىشىلەر بولسا بۇ خارابىنى ‹‹خانئۆي ››قەدىمكى شەھىرى ،‹‹دەقيانوس شەھىرى ››‹‹چىن ماچىن شەھىرى ››،‹‹ھاساتام(ھىسار تام ) شەھىرى ››‹‹خان شەھىرى ››قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىسا خەنزۇلار ‹‹老喀什››‹‹كونا قەشقەر ››دەپ ئاتاپ كەلمەكتە .قەدىمقى قەشقەر ‹‹خانئۆي ››توغرىسىدا يېزىلغان ئەدىبى ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يوقالغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن .
بۇ شەھەرنىڭ ئۇزاق تارىخى بولغانلىقىغا دەلىل شۇكى ،مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ‹‹تۈركى تىللار دىۋانىدا ››‹‹قەشقەر –ئوردا كەنىت دىيىلىدۇ بۇنىڭ مەنىسى خان تۇرىدىغان شەھەر ،مەركەز دېگەنلىك بولىدۇ ،چۈنكى بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن ،ئافراسىياب شۇ يەردە تۇرغان ››دېيىلگەن .
ئافراسىياب قاراخاننىڭ ئىسمى بولۇپ ،ئۇيغۇرچە ‹‹بۇقاخان ››دەپمۇ ئاتالغان.بۇ پادىشاھ مىلادىدىن ئىلگىركى 550-يىلى تەخىتتە ئولتۇرغان .مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردە يەنى زامانىمىزدىن 2550يىل بۇرۇن بۇ خاقاننىڭ خانئۆيدە تۇرغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخى پاكىت قەدىمكى  قەشقەردە  ‹‹خانئۆي››ئۇزاق مەزگىللەر مابەينىدە مەۋجۇت بولۇپ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .‹‹تۈركى تىللار دىۋانىدا ››‹‹قەدىمكى قەشقەر غەربى خەن زامانىسىدىلا (مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 206 –يىلدىن مىلادىيدىن كېيىنكى 220-يىلغىچە داۋام قىلغان )‹سۇلى دۆلىتى ›دېگەن نام بىلەن مەشھۇر ئىدى .سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 618-581-يىللار شەھە سېپىلى بەش چاقىرىم بولۇپ شەھەر ناھايىتى ئېگىز مۇستەھكەم ئىدى››دېيىلگەن .ئىېيتىلىشىچە ‹‹خانئۆي››شەھىرىنىڭ تۆت دەرۋازىسى بولۇپ ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن دەرۋازىلار ئىكەن .

[بۇشەھەرنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە ئائىت مۇنداق ئىككى رىۋايەت بار ،بىرىنجىسىدە جەڭ ئارقىلىق ۋەيران بولغانلىقى ئېيتىلغان ئىككىنجىسىدە بۇ شەھەر تەبىئىي ئاپەت تەرىپىدىن خارابلىشىشقا يۈزلەنگەندە خەلق تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كېتىشكە باشلىغان .
[يەرلىك كىشىلەر ‹‹خانئۆي ››قەدىمى شەھىرىنى ‹‹بۇرۇنقى زامانلاردا كاپىرلارنىڭ پادىشاھى تۇرىدىغان ئوردىسى بولغانىكەن ،كېيىن ئابدۇلكەرىم قاراخان (قاراخانىيلارنىڭ سۇلتانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى كۆرسىتىدۇ )ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمىغان بۇدپەرەسلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىۋەتكەنىكەن ،چاقماق دەرياسىنى توسۇپ بۇ شەھەردىكى بۇدپەرەسلەرنى ،بۇتخانىلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىكەن ...››دېگەندەك گەپ لەر بىلەن چۈشەندۈرىدۇ ،بۇرىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ،مۇسا ئارسىلانخان مىلادىيە 960-يىلى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتكەندىن كېيىن ھەم شەھەر ئاپەتلەت تۈپەيلى كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ شەھەر تەدرىجى خارابلىشىشقا يۈزلەنگەن بولىشى مۇمكىن .

قەدىمكى قەشقەر ‹‹خانئۆي ››شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئورۇنلاشقان جايدا ‹‹خان ئوردىسى ››جايلاشقان بولۇپ ھازىرمۇ بۇ جايدا ئوردا سىپىلللىرى بىر قانچە ئون مېتىرغا سوزۇلغان ھالەتتە تۇرماقتا .
‹‹خانئۆي ››خارابىسى ئۈستىدە چېچىلىپ ياتقان تۈرلۈك گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەرگە ئىگە رەڭدار ساپال قاچىلارنىڭ سۇنۇقلىرى كۆزگە كۆپلەپ  چېلىقىپ تۇرىدۇ.19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا (چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇڭ خانلىرى زامانىسىدا )قەشقەرنىڭ ئامبىلى زوھورىدىن ھاكىمبەگ ‹‹خانئۆي ››رايونىنى ‹‹دېھقانچىلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئېچىش ››،‹‹خانئۆي››نى گۈللەندۈرۈشكە چاقىرغان ،ھەم بەشكېرەم ۋە توققۇزاق خەلقىنى ‹‹خانئۆي››گە كېلىپ دېھقانچىلىق قلىشقا ئىلھاملاندۇرغان ،مەكىتتىن بىر قىسىم ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ بۇ رايوندا ئولتۇراقلاشتۇرغان ،بۇ ئاھالىلەردىن ئىككى يىلغىچە باج ئالماسلىق ھەققىدە پەرمان چىقارغان بۇ رايوندا دېھقانچىلىق قىلغان دېھقانلارغا قەدىمكى پۇللار ،مارجان قاتارلىق نەرسىلەر ئۇچرىغان .


بىز تۇنجى بولۇپ كۆرگىنىمىز بەلكىم ‹‹خانئۆي ››قەدىمى شەھەر سىپىلى بولسا كېرەك ،بۇ سىپىلنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرى زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بىرىپ قالغان بولسىمۇ مەركىزى سىپىل ئىزى روشەن ساقلىنىپ قالغانىدى ،سىپىلنىڭ بەزى يەرلىرى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ،يەنە بەزى يەرلىرىنىڭ توپا ئىلىنىپ كولانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ،بۇ سىپىل ھازىر قۇشلارنىڭ ھەتتا بەزى ھايۋانلارنىڭ ئارامگاھلىرىغا ئايلانغان بولسا كېرەك قۇشلارنىڭ ئۇۋىسى ،يوغان كامارلاردا قانداقتۇر بىر ھايۋانلارنىڭ ئىزلىرى بارئىدى ،يەنە سىپىل ئەتراپىدا سۇ ئىقىپ ئۆتكەندە شەكىللەنگەن تەبىئى كامارلارنى كۆرگىلى بولاتتى ،ئىنتايىن كۆپ ساپال پارچىلىرى ئۇچرىغان بولسىمۇ ،بىرىمۇ سەل پۈتۈنرەك ،ياكى بىرە بەلگە خەت بار ساپال پارچىسى ئۇچرىمىدى ،پەقەت بىر ساپال پارچىسىدا رۇشەن يىرىم ئاي شەكىللىك بەلگىنى ئۇچراتتىم ،سىپىل ئەتراپى توغراقلىق،قومۇشلۇق بىلەن ئورالغانىدى ،يەنە يىنىمغىلا كېلىپ قالغان بىنەم يەرلەر توك سىتولبىلىرى ئۇچراتقىنى بولاتتى،يەنە تېخى ئاندا –مۇندا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئىزلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى .

يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (18.76 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (108.61 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (7.88 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (22.74 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (16.42 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (20.65 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (18.49 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (23.26 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (18.81 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (27.43 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (11.42 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (10.06 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (10.31 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (21.49 KB)











بىز سىپىل ئەتراپىنى ‹‹قىدرىپ تەكشۈرۈپمۇ ››تۈزۈك بىر نەرسىگە ئىرىشەلمىدۇق ،پەقەت بىر دۆۋە ساپال پارچىسى بىلەن كونا چىراغنىڭ تۇتقىسىدەك بىر نەرسىنى تاپتىم ،ئىككى ئاغىنەم بولسا ‹‹مۇشۇ يەردىن بىر كومزەك ئالتۇن ئۇچراپ قالسا ››دېگەندەك شېرىن خىياللار بىلەن ئاغزىنى تاتلىق ئىتىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇردى ،مەن شىمالغا نەزەر سالغانسىرى ،بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ شۇنچىلىك كەڭرىلىكىنى ھېس قىلدىم ،باياتىن ماشىنىنى قەدىمى شەھەرگە كېرىش يول ئالدىدىلا قويۇپ كەلگەچكە ئىككى دوستۇم ماشىنىنى ئالغىلى كەتتى مەن بولسام تاپقان بايلىقلىرىمنى كۆتۈرگەچ شىمالغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدىم .

يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (9.31 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (121.58 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (99.99 KB)






يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (150.2 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (78.78 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (243.8 KB)





يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (7.94 KB)








بۇجىمجىت زىمىندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئەنجان تاملار ،چالما ،قىش پارچىلىرى ،كونا-يېڭى خارابە ئىزلىرى ،كونا ئىقىن ئىزلىرى قەدەمدە بىر چىلىقىپ تۇراتتى ،يېڭى خارابىلەر بەلكىم زوھورىدىن ھاكىمبەگ زامانىسىدىن قالغان ئىزلار بولسا كېرەك ،يېڭى ئىزلار بىلەن كونا ئىزلار ئارىلىشىپ كەتكەنىدى ،مەن بۇ مەنزىرىلەرنى بىردەم ئايلانغاندىن  كېيىن دوستلىرىم مېنىڭ يولغا چىقىپ تۇرىشىمنى ئىيتىپ تېلېفۇن قىلدى ،مەن بىنەم يەر ئىچىش ئۈچۈن ياسالغان يولغا چىقىپ دوستلىرىم بىلەن بىللە قەدىمى شەھەر ئىچىگە ماڭدۇق ،10مىنۇتلاردىن كېيىن بىز قەدىمى شەھەرگە كېرىدىغان چىغىر يول تەرەپكە قايرىلدۇق ،ماشىنا ئۇيان-بۇيانغا سىلكىنىپ تۈنۈگۈنلا ياغقان قار يەر شورلۇق بولغاچقىمۇ بۈگۈن ئىرىپ پاتقاقچىلىق بولۇپ كەتكەنىدى ،بىز ئالاھەزەل 15مىنۇتلاردىن كېيىن قەدىمى شەھەرگە يىقىن كېلىپ ماشىنىنى توختاتتۇق ،ھەم كۆزۈمگە تۇنجى بولۇپ چىلىققان ،‹‹خانئۆي››قەدىمى شەھىرى چۈشەندۈرۈش تاختىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم .
يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (7.19 KB)






شەھەر خارابىسىدىن قارىغاندا بۇرۇنقى ئىزلار سۈپىتىدە زومچەك-زومچەك توپا دۆۋىلىرى قالغان بولسىمۇ ،زوھورىدىن ھاكىمبەگ زامانىسىدا سىلىنغان قۇرۇلۇشلارنى رەتلىك ئۈستى ئىچىۋىتىلگەن ،ئەمما تاملىرى ناھايىتى مەزمۇت ئۆيلەرنى كۆرگىلى بولاتتى .
ئۆيلەر بىر-بىرىگە قاتارلاشتۇرۇپ ناھايىتى رەتلىك سىلىنغان ،ھەم ناھايىتى كۆپ دېيىشكە بولىدۇ ،بىزنىڭ ئايلانغان دائىرىمىز بەلكىم ئوندىن بىرىنى ئىگەللىشى مۇمكىن ،يەنەكونا خارابىلىكتە قورۇققا ئىلىنغان قورۇق تاملاردىن قارىغاندا بۇ يەردە ئات ياكى باشقا ئۆي ھاياۋانلىرى باققانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى ،نبۇ ئۆيلەرنىڭ تاملىرى ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ تېخىچە پىتىدىن چۇشمىگەنىدى ،ئۆيلەرگە سىنچىلاپ قارىغان بولساممۇ بىرەر خەت ياكى باشقا بويۇملار ئۇچرىمىدى ،پەقەت بىر پارچە قازاننىڭ پارچىسى بىلەن كونا تۇنىكا ئۇچرىدى ،بۇ نەرسىلەرنىڭ قانچە يىل بولغانلىقىغا مەن بىر نېمە دىيەلمىدىم ،بەلكىم بۇ خارابە ئىزىدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن كىشىلەر ئىشلەتكەن نەرسىلەر بولسا كېرەك .

يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (8.4 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (7.09 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (7.38 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (8.59 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (6.28 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (7.36 KB)



يەنە بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ تۈزۈلىشىدىن قارىغاندا ئۆي شەرق –غەرب يۆلىنىشىدە سىلىنغان شىمال تەرەپكە بولسا تۈڭلۈك ياكى دېرىزە ئېچىلغان،جەنۇب تەرەپكە بولسا ئىشىك ئېچىلغانىدى ،بەزى ئۆيلەرنىڭ تىمىغا سىغىز ،قۇم ،گەج،قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان تۆت چاسا سۇۋاقلارنى كۆرگىلى بولاتتى ،بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ تۇپرىقىنى كۆزىتىشىمچە ،شورلۇق ،قۇملۇق ،يەرلەر بولاندىن تاشقىرى يەرنىڭ سىغىز مىقدارى ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ،بۇ يەردىكى ساپال پارچىلىرىنىڭ كۆپلىكى ھەم ئۇچرىغان پىششىق خىشلاردىن قارىغاندا ھەممىسى مۇشۇ قەدىمى شەھەرنىڭ ئۆزىدە ئىشلەنگەنلىكى ئىنىق ،مەن ئۇچراتقان كىچىك خۇمدان خارابىسىمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ،بۇ خۇمدانمۇ بەلكىم 1830 –يىللىرى كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر تەرىپىدىن سىلىنغان بولىشى مۇمكىن .


يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (9.82 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (10.27 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (25.58 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (10.45 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (9.11 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (29.53 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (17.04 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (7.89 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (10.56 KB)




يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (9.31 KB)







ئۇچرىغان ئىقىن ئىزنالىرى ،قۇرۇق ئۆستەڭلەردىن،بۇ يەردە ئۆسكەن .قومۇش توغراقلاردىن قارىغاندا بۇيەردىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .

يېرىم سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (9.15 KB)



ئەپسۇس ،باشتا ئىيتىلغان 40مىڭ مو دېگەن يەردىكى قەدىمى شەھەر خارابىسىنى مەن دوستلىرىم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن قانچىلىك كىلەر ؟دەپ تالاش-تارتىش قىلدۇق ،ئاخىرىدا مىڭ موچە كىلەر دەپ پەرەز قىلىشتۇق ،بۇ تەخمىنى پەرەز خاتا بولسىمۇ ،لېكىن ‹‹خانئۆي››قەدىمى شەھەر خارابىسىنىڭ دائىرىسى تارىيىۋاتقانلىقى ئىنىق ،توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئىزلىرى ،كولانغان قۇدۇقلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ،ئىچىلغان بىنەم يەرلەرنىڭ نۇرغۇن قەدىمى ئىزلارنى يالماپ يۈتۈپ،قەدىمى سىپىل خارابىسىنىڭ يىنىغا كېلىپ قالغانلىقىدىن ،مەن ئەلۋەتتە ئەنسىرىمەي تۇرالمىدىم ،ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆزلىكى ،نەپسانىيەتچىلىكى ھىلىغۇ توپىكەن ،پولات تۆمۈر بولسىمۇ يۈتىۋىتىشتىن يانمايدىكەن .
مەن بۇ قەدىمى شەھەر بىلەن خوشلىشىپ ،تۈگىمەس خىياللىرىمغا سۇئال بەلگىسى قويدۇم ،ھەي!!!نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ئىسسىق-سوغۇقنى بىشىڭدىن ئۆتكۈزۈپ بىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزغا ئابىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىگىلمەس قەددىڭ يەنە نەچچە مىڭ يىللار قەد كۆتۈرگەي.
شۇنى تىلەيمەنكى، بۇ مېنىڭ سەن بىلەن ئاخىرقى قىتىم خوشلاشقىنىم بولۇپ قالمىغاي ،يەنە بىر قىتىم كۆرۈشكىچە ئامان تۇرغايسە سېنىڭ مۇنبەت بىنەم يەرلەر ئارىسىدا خۇددى يىتىم بالىدەك بويۇن قىسىپ تۇرۇشىڭنى قەتئى خالىمايمەن ،خەير يەنە قايتا كۆرۈشنى نىسىپ قىلسۇن ‹‹خانئۆي››قەدىمى شەھىرى .


مەنبە:قەلىمىم
ئەسكەرتىش جاھاننامەھەم مىسرانىم مۇنبىرىگە تەڭ يوللانغانلېكىن مىسرانىم مۇنبىرىگە رەسىملەر تولۇق يوللانمىغانلىقتىن جاھاننامىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 05:07 PM  


قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:04:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىز دەۋاتقان خانئۆيدىن.يەنى؛-بەشكىرەم يىزا خانئۆي(17-كەنىت 3-مەھەللە)قاپاق لەڭگەدىن.بۇ يۇرتقا 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بەشكىرەمنىڭ كۇكاڭ(گۈلكەنىت) كەنتىدىن پارتىيمىزنىڭ ئائىلە تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ،7تە ياش ۋاختىمدا
كۆچۈپ بارغان.ئۆزلىرىنىڭ خانئۆيگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولسام باشلاپ بارار ئىكەنمەن.يەنە بىر پۇرسەت كەپمۇ قالار.مەن ھازىر قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىدە.
يۇرتۇم خانئۆي ھەققىدە ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.يەنە كۆرۈشىپ تۇرارمىز.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش