مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 7

بالىلار ۋە ئەخلەت يىمەكلىكلەر (ئابلەت ئابلېكىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102220
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-1-13
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 01:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالىلار ۋە ئەخلەت يىمەكلىكلىرى

ئابلەت ئابلىكىم

بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش،ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەكتەپلەرنىڭلا ئەمەس،ئاتا-ئانىلارنىڭ،شۇنداقلا پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.گەرچە مەكتەپلەرنىڭ تاملىرىغا، كىشىلەر نەزەر تاشلايدىغان يوللارنىڭ كۆرۈنەرلىك يەرلىرىگە «بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى»،«بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك»دىگەنگە ئوخشاش شوئارلار يوغان قېلىپ يېزىپ قويۇلغان بولسىمۇ،لېكىن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىزچە جەمىيەتتە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدېت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامىللار يەنىلا ئاز ئەمەسكەن.

بالىلار ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسۈتىۋاتقان ئامىللار ئىچىدە ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ تەسىرى بىۋاستە،تىز،ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولىدۇ.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماماقلىرى ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدابىر قىسىم قانۇن،بەلگۈلىمىلەرنى چىقېرىپ يولغا قويغان بولسىمۇ،لېكىن بەزى كارخانا،يەككە تىجارەتچىلەر ئازغىنە مەنپەئەتنى كۆزلەپ،بالىلارنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكمەكتە.

مەلۇم ماتىريالدا يېزىلىشىچە جەنۇبى شىنجاڭدا مەلۇم ئوقۇغۇچى ئاشقازان زىيادە قورۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق،ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تەييار چۆپ يىگەنلىگىنى ئىسپاتلىغان.بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىغى يىراق بولۇپ،ھەر كۈنى چۈشلىگى ئۆيىگە كەتمەي،تەييار چۆپ بىلەن قورسىغىنى تويغۇزغان،بىر يىلدىن كېىيىن يۇقۇرقى كىسەلگە گىرىپتار بولغان.ئەخلەت يىمەكلىك سەۋەبىدىن بىر غۇنچىنىڭ ھاياتى بىۋاقىت نابۇت قىلىنغان.

شەھەر ياكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يىمەكلىك ساتىدىغان دۇكانلارغا نەزەر تاشلىساق ئەھۋالنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىگىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.بىز 8-يىللىقلار گۇرۇپپىسى بىيۇلۇگىيە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇلتۇر بالىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئىستىمال ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن‹‹ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ بالىلار ساغلاملىقىغا كۆرسۈتىدىغان تەسىرى›› تەتقىقات تېمىسىنى تۇتۇپ ئىشلىدۇق.ئۈچ ئاي ئەمەلى تەكشۈرۈش،ماتىريال توپلاش،ماتىرياللارنى ئانالىز قىلىش ئاساسىدا تېما تەتقىقاتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدۇق.

بىز يېزا مەركىزى،ھەرقايسى كەنىتلەردىكى يىمەكلىك ساتىدىغان دۇكانلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان 108 خىل يىمەكلىكنىڭ نامى،تەركىۋى،ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت،ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى،ساقلاش مۇددىتى،قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرلەپ،بىئولۇگىيە ۋە خېمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىگى ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئايرىپ چىقتۇق.ئوقۇغۇچىلار بىر قېتىملىق ئەمەلىي تەتقىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق زىيان سالىدىغانلىغىنى تونۇپ يەتتى.

بىر پۈتۈن تەتقىقات جەريانى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسۈتىلدى.فىلىم ناھيىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان تېما تەتقىقاتىدىن خۇلاسە چىقىرىش يىغىنىدا كۆرسۈتىلىپ،يىغىن ئەھلىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  تېما تەتقىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى،ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى تونۇشى كونكىرىتلىشىپ،ئىلمى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى.ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ماتىريال توپلاپ ماقالا يازدى،بۇ ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈردى.

  ئەخلەت يىمەكلىك ــ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرىدىن ئۆتمىگەن،سۈپىتى ناچار،قىلچە ئوزۇقلۇق قىممىتى بولمىغان،ئادەم ئورگانىزىمىغا زىيانلىق يىمەكلىكلەرنى كۆرسۈتىدۇ.ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىش بالىلاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،چۈنكى بالىلار ئەخلەت يىمەكلىگى يىيىش جەريانىدا تاماق يىمەيدىغان ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرۋالىدۇ.

  ساغلاملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا شەھەر ۋە يېزا مەكتەپلىرىدىكى بالىلاردا يىراق ۋە يېقىننى كۆرەلمەسلىك،قان ئازلىق،ماغدۇرسىزلىنىش،ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى،نىرۋا ئاجىزلىق،ئاشقازان قورۇلۇش، دىيابىت... قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى گەۋدىلىك كۆرۈلگەن.بۇ كىسەللىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەخلەت يىمەكلىگى يىيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  بىز ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياتاقتا يېتىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىك يىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالغانلىقىنى،بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز بېرىلىدىغان تاماق بېلىتىنى ئەرزان باھادا سېتىپ ئۇنىڭغا ئەخلەت يىمەكلىگى سېتىۋىلىپ يەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق.بەزى ئوقۇغۇچىلار ناشتا قىلماي مەكتەپكە كىلىدىكەن،ئائىلىسىدە سۈت،تۇخۇم،قايماق،ھەسەل،ياڭاق،دادۇر،خۇاسىڭ.. قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ لىكىن ئۇلار يىيىشنى خالىمايدىكەن.كۆكتات،مىۋە-چىۋە ئىستىمالى يېتەرلىك بولمىغاچقا بەزى بالىلاردا كالىتسى،ئاقسىل،تۆمۈر،..قاتارلىق ماددىلار يېتىشمىگەن.سېنىك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بەزى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى زور دەرىجىدە چىكىنىپ كەتكەن.

  ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ مەنبەسى ــ ئەخلەت يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت،كارخانىلار،ئەخلەت يىمەكلىك ساتىدىغان دۇكان،تاللا بازارلىرى بولۇپ،ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ نورمال سېتىلىشى دۆلەتنىڭ يىمەكلىككە ئائىت قانۇن-تۈزۈم،بەلگۈلىمىلىرىنىڭ ھەقىقى تۈردە ئىجرا قىلىنماسلىغىدىن،كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىگىدىن بولغان.

  قانداق قىلغاندا ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ بالىلار ساغلاملىقىغا كۆرسۈتىدىغان تەسىرىنى تىزگىنلىگىنى بولىدۇ؟

تېما تەتقىقات خۇلاسىسىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئوتتۇرغا قويۇلدى:

1.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش،نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، پۈتكۈل جەمىيەت بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش.

2.مەكتەپلەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ،ئۇلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ،مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى،مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دۆلەت ئەخلەت يىمەكلىك دەپ بېكىتكەن يىمەكلىكلەرنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلاردا نورمال سېتىلىشىنى قاتتىق چەكلىشى كىرەك.

3.مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى،ئاتا-ئانىلارغا قارىتىلغان ساغلاملىق تەربىيىسىنى ئىزچىل كۈچەيتىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق بېلىتىنى ئەرزان باھادا سېتىپ،ئۇنىڭغا ئەىلەت يىمەكلىك يەيدىغان ناچار ئاسىتىنى ئۆزگەرتىپ،بالىلاردا ئىلمى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى كىرەك.

4.ساغلاملىق دەرىسى تەسىس قىلىش،بىئولۇگىيە ۋە باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىش.

5.مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ،ئىلمى ئوزۇقلىنىش ھەققىدە لىكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش،مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى،ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىش،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى،ئوقۇتقۇچى،ئاتا-ئانىلاردا ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە ئورتاق قارشى تۇرىدىغان ئىدىيە ۋە روھ يېتىلدۈرۈش.

  بىز يوشۇرۇن كۈزىتىش نۇقتىسىدا تۇرغۇنىمىزدا،دەرىستىن چۈشۈش قۇڭغۇرىقى چېلىندى،بالىلار خۇددى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەركەتچىلەردەك،بىر-بىرىگە يول بەرمەي،يىمەكلىك دۇكانلىرىغا ئۆزىنى ئېتىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەييار چۆپ يىسە،بەزىلىرى زىقلىق كاۋاپ،بەزىلىرى كولباسا،بەزىلىرى يەنە ئاللىنىمىلەرنى يەۋاتاتتى.كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى ئۇلارنىڭ يەۋاتقىنى ئاساسەن ئەخلەت يىمەكلىكلەر ئىدى.

نىمە ئۈچۈن بالىلار شۇ قەدەر روھسىز،جانسىز؟نىمە ئۈچۈن ئۈمىدۋار ئوقۇغۇچىلار ئانچە كۆپ ئەمەس؟بۇنىڭدا كۆپ تەرەپلىمە سەۋەپ بولۇشى مۈمكۈن،ئەمما بىز ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېزا بالىلىرىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق.بەزى بالىلار بىرىنجى سائەتلىك دەرىستىلا ئۇيقۇسىراپ ئولتۇرىدۇ،كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىز.ئەخلەت يىمەكلىك كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە چىكىندۈرۋەتكەن.

تىببى پەن ئالىملىرى‹‹تۇرمۇش شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئەنئەنىۋى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە دورا ئارقىلىق تىزگىنلەشكە ياكى ئالدىنى ئېلىشقا بولمايدۇ.بۇنى پەقەت كىشىلەرنىڭ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىش،ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،ساغلاملىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش،كىشىلەرنى ئاكتىپ،ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش،يامان ئىللەتلەردىن قول ئۈزدۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلغىنى بولىدۇ›› دەپ قارايدۇ.

شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ،‹‹ساغلاملىق ھەممىدىن مۇھىم››دىگەن ساپا مائارىپ ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،تېنى ۋە روھى ساغلام ،ئىقتىدارلىق ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى لازىم.

(غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arustan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 01:11 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 `8 y, v  c: o6 `# cبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% p( O- H; K! o$ Y8 D

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1648
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 01:57:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت يىمەكلك دىگەن ئىسمنىڭ ئۈزىدىنلا چىقىپ تۇردۇ بومىسا....شۇڭا كىچك  دوسلىرىمىزغا كۆڭۈل بۈلۈش ھەممىزنىڭ مەسۇليتى دەپ قارايمەن... شۇنداق نەرسىلەرنى ساتمىسا بەك ياخشى بۇلاتتى...شەخسەن ئۈزۈمنى ئالسام تەييار چۆپ بىلەن قەتتى خۇشۇم يوق شۇڭا مەن ئىستىمال قىلمايمەن ...لىكىن دوسلىرىم بەك تۇلا ئىستىمال قىلىدۇ ...ئۇلارنى تۇسۇپ تۇسۇپ بۇلامىدىم ئەڭ ياخشىسى ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقارمىسا بولغۇدەك

كۈزۈڭ كۆرگەنلىكنى سۆيۈپ قالغان ۋاقتىڭ....دەل سىېنڭ قەلىب ئىشكڭنىڭ بۇزۇلغان ۋاقتىدۇر....! ‹ سىرلىق ›

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1793
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23308
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3571 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 03:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ساتىدىغان تىجارەتچىلەرمۇ بىلەمدىغاندۇ زىيىنىنى ؟ 5 ۋاخ نامازنى ئوقۇيدۇ ، سېتىۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە ئەمەستۇ ئۇلار .ئۆز قېرىنداشلىرىمىز شۇ ئەخلەتلەرنى دىيارىمىزغا ئەكىرمىسە ، ئەكىرگەننىمۇ ئالمىسا ، شۇ ئەخلەت زاۋۇتلار زاۋاللىققا يۈزلەنسە ، مىللىتىم پەرزەنتلىرى  قىممەترەك بولسىمۇ پاكىز ئوزۇقلانسا  .............. مىللىتىم تىجارەتچىلىرى نىمىشقا ئويلىمايدىغاندۇ ؟؟؟؟؟؟

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19864
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12486
تۆھپە نۇمۇرى: 325
توردا: 2076 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:17:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى بازاردىكى مۇشۇنداق يىمەكلىك ساتىدىغان بىر ئايالغا بۇنداق يىمەكلىكنى ئەكەلمىسەڭلار،ساتمىساڭلار بولمامدۇ دىسەم،‹‹ۋاي بىز ساتمىساق باشقىلار يەنە ئوخشاشلا سېتىۋېرىدۇ،بىزدىن سوراپ بېقىپ يوقلىقىنى بىلگەندىن كىيىن باشقا دوكانغا بېرىپ ئېلىۋىرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ جان باقمىساق بولمايدۇ››دىگەن.

بۇ كۈنلەرمۇئۈتۈپ كىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65070
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئەخلەت يىمەكلىك ئەتراپىمىزنى قاپلىدى ، يەۋاتقان ھىچقانداق نەرسىگە 100% ئىشەنىچ قىلامماس بوپ كەتتۇق ،ھەي ،،،  بۇنداق بولمىسا بۇلاتتى ، دادىلىرىمىز كومۇنا ۋاختىدا ئاچ -توق چوڭ بولسىمۇ يەنىلا شۇنداق ساغلام ،بىزدىن تىمەن ، ھەم بويى ئىگىز ، نىمىشقا ؟ چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا يىمەكلىك تەبىئي بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئەمما ھازىرقى بىزلەرچۇ ؟ ھەممىنى يەيمىز، تاللاپ ياخشىنى يەيمىز، يەنىلا كىسەل كۆرپىسى ، تىنىمىز ئاجىز ،،،  باللارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىك يىگىنىنى كۆرسەم بەك ئاچچىقىم كىلدۇ ،قوللىرىدىن ئېلىپ چۆرىۋەتكۈم كىلدۇ، بىراق خەقنىڭ بالسىدە ، ئامال يوق ،  ئەگەر  شۇ ۋاقىتتا ئۆزەمنىڭ بالىسى  بولغان بولسا گەپ ئاڭلىمىسا ئۇرۇپ بولسىمۇ ئىككىنجى يىمەس قىلاتتىم ، ئاتا - ئانىلارنىڭ مۇشۇ مەسلىگە بەك دىققەت قىلشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

كۆزلىرىڭدىن غايە - ئۈمۈد ،رازىمەنلىك ۋە خوشاللىقنى كۆرۈش  مىنىڭ ئارزۇيۇم ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1971
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2014-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ ئۈستىگە ئىچكىرىنىڭ زاۋۇت ئادىرىسى چۈشۈرۈلگەن،ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي تائاملىرىمىز ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزگە يېقىن كەلمەيدىغان ئاتالمىش‹‹مۇسۇلمانچە›› يېمەكلىكلەرگە شۇنداق ئۆچ.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1561
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 12:53:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن      بالىلار  يىمىسە    تۇرالمايۋاتقان.    چوڭلار   توسۇپمۇ    توسۇپ  بولالماي   بېشى  قېتىۋاتقان      قاتىل   يازمىدىن  بىرنى   يوللاپسىز    .. ئوقۇغۇچى   باللا  يامان   ئامراقكەن    بۇ   ئاچچىققا   ..   تاغامنىڭ  قىزلىرى   پات  _پات  پۇل   سوراپ  قالىدۇ    .  بەسەم  تېخى    ئەنسىرەيمە   ئاشتاق  مەينەت   نەرسىلەنى  يەۋالامۇ    دەپ  .  بەمەي  دىسەم  تېخى  ،  شۇنىڭ  بىلەن   دۇكانغا ئاپىرىپ   ،    ئىخلاس،  ئۈلكەر    مەھسۇلاتلىرىنى     ئۆزەم   تاللاپ  ئىپ  بىرىدىغان    بولدۇم .  مەن  كومىگەن  ۋاخلاردا   ئەمدى   ئۆزى    بىلگەنچە   ئەپ   يەمدىكىن  تاڭ  .      بەك  مەينەت    نەرسىلەردە   ياسايدۇ   .   تولىسىنىڭ    ۋاختى  ئۆتكەن       دەيدۇ     ئۇ  نەرسىلەرنى....   ئۇنىڭ  ئۇستىگە   ھازىر    ئۇيغۇرچە   ماركىدىكى     قىزا      بازارغا  كىردى   ..  باشقىلار    يەمسىلەنكىن  تاڭ  .      شەخسەن   مەن    يەنىلا      ئىشەنىچ    قىمايمە  .  دوسلۇرۇم  يەيدۇ    ،  شۇنچە    زورلاپ  كىتىدۇ    ئاداش      ئۇيغۇرلارنىڭ  دەپ  ، قەتئى   كۆڭلۈم  كۆتەمىدى      يېيىشنى  ..   دوسلۇرۇمنىمۇ     يىمەڭلار    دەپ  توسالمىدىم  

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90601
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-1-25
ئاخىرقى: 2014-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 11:35:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزغا رەھمەت . ياخشى يېزىپسىز.پۈتكۈل ئاتا-ئانىلار باللىرىمىزغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كۈينۇش بىلەن ، ئاشۇ يۇرەك پارىلىرىمىزغا ياخشى يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بەرسەك، ئاشۇ قارانىيەت ئەخلەت يېمەكلىك ئشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلار نىڭ دوپپىسى سۇغا چىلىشاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش