مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 6

ئەدەبىيەتشۇناس مۇھەممەت ئەيسا جامىنى ئەسلەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98859
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 11:47:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەدەبىياتشۇناس مۇھەممەت ئەيساجامىنى ئەسلەيمەن

غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر   

  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد ئەيسا جامى بەختكە قارشى كېسەل سەۋەبتىن، 50 يېشىدا، 2008 –يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 3.30 دا ئارىمىزدىن ۋاقىتىسىز كېتىپ قالدى!

  مۇھەممەد ئەيسا جامى 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئونسۇ ناھيىسنىڭ جام يېزسى تۆۋەنكى تۈمەن كەنتىدە تۇغۇلغان.1964-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە جام يېزسىىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1977-يىلى 3-ئايدىن 1978-يىلى 2-ئايغىچە جام يېزسى1- ئوتتۇرا مەكتىپىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1978-يىلى 2-ئايدىن 1983-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1983-يىلى2-ئايدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان،

  ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى»، «جۇڭگو بۇگۈنكى زامان ئەدەبىتات تارىخى»، «سېلشتۇرما ئەدەبىيات»، «كىنو- تېلۋىزىيە ئەدەبىياتى»، «ئويغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر پروزىچىلىق تارىخى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ 2001-يىلىدىن باشلاپ، فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتلىرغا «ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخى»، «ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى »، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر يازغۇچىلىرى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەرنىڭ تىياتىرى ھەققىدە تەتقىقاتى  »، «غەربىي يۇرت تىياتىر تارىخى »قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ۋە ئاقچى ناھىيىلىرىدە ئاسپىرانتلار دەرسىنى تۇلۇقلاش سىنىپى ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن كونسۇلتاتسىيە سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز مىللتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن نەلگىلىك تۆھپە قوشقان.

  مۇھەممەت ئەيسا جامى ئۆزنىڭ 20نەچچە يىللىق ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇش ھاياتىدا، ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى ئىزچىل بىرلەشتۇرۈپ ماڭدى، ئۇ ئۆزى ئۆتكەن دەرسلەر ئاساسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بەلگلىك نەتىجلەرگە ئېرشتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلقى، ئۇيغۇر درامچىلقى تەتقىقاتىغا ئائىت 80 پارچىدىن ئارتۇق ئوبروز ۋەئىلمي ماقالىسى ئاپتونوم رايونىمىز ھەم مەملىكەت دائىرسىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمي ۋە ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، بولۇپمۇ، ئۇنىڭ «قاھار خىلىلنىڭ پروزا ئىجادىيتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر قەدىمكى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ درامىلىق خۇسۇسىيتى»، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىزدىنىش» قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى بېيجىڭ، شاڭخەيلەردىكى يادرولۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ «ئىجادىيەت ۋەئىزدىنىش» (باشقىلار بىلەن بىللە) ناملىق كىتابى1992-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن، «كىنو ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ناملىق ماقالە-ئوبزورلار توپلىمى، 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرپىدىن «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى 2001-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇنىڭ «‹جۇئېنلەي›فىلمىنىڭ رېئال ئەھمىيتى» ناملىق ماقالىسى 1992-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 3-دەرىجلىك مۇكاپاتقا، «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان دراما تەتقىقاتى» ناملىق تەرىپىدىن 3-دەرىجلىك مۇكاپاتقا، «يازغۇچى مۇھەممەد ئىمىنىڭ پروزا ئىجادىيتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى2002-يىلى شياڭگاڭ خەلقئارا مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن «خەلقئارا مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتى»غا، ئاپتۇر ئۆزى 1995-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر كىنو ئوبزورچىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  مۇھەممەت ئەيسا جامى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن دەرسلىك قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ساھەدىمۇ بەلگىلىك نەتىجلەرگە ئېرىشتى، ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپلەر، ئۆزلىكىدىن ئۆگنىپ ئىنتھان بەرگۈچىلەر ۋە ھەر قايسى كەسىپىي ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن بىر تۇتاش دەرسىلىك بولغان «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى»(باشقىلار بىلەن بىللە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001-يىلى نەشرى)، «جۇڭگۇ ئەدەبىياتى تارىخى-بۈگۈنكى زامان قىسمى»، «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى» (پايدىلىنىش ماتېرىيالى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2002-يىلى نەشرى)، «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى» «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى» «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1997-يىلى نەشرى)، «ئىستېتكا ۋە ئىستېتىك تەربىيە» (شىنجاڭ رادىيو-تېلۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى 2003-يىلى) قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلشقا قاتناشتى.

  1995-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسى قىلىپ بېكىتلگەن «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان دراما تارىخى توغرىسدا تەتقىقات»نى مۇستەقىل ئىشلەپ پۈتتۈردى. ھەمدە 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسى «يېڭى تارىخى باشقۇچتىكى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات»نى 1996-يىلىدىن 1998-يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى تەستىقللىغان دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىم ئەسەرلەر تەتقىقاتى»نى ئىشلەشكە قاتناشتى. ئۇ يۇقىرىقىدەك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن 2001-يىلى «جۇڭگودىكى مەشھۇر شەخىسلەر قامۇسى» غا كىرگۈزۈلدى.

  مۇھەممەت ئەيسا جامى جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو لۇشۇن تەتقىقات جەمئيتىى شىنجاڭ شۆبىسنىڭ ۋە شىنجاڭ ھارىزقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

  مۇھەممەد ئەيسا جامى ئائىلىسىگە مەسئۇليەتچان، باللىرىغا  كۈيۈمچان ئىدى. ئۇ ئۆزنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلىپ، مۇستەھكەم، ئىناق ۋە بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىققان، ئىككى پەرزەنتىكە ئاتىلارچە  كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيىلەپ، ئىقتىدارلىق ستۇدېنتلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىدى،

  مۇھەممەد ئەيسا جامى قەيسەر كىشى ئىدى. ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بەش يېرىم يىلدىن بېرى، باشتىن- ئاخىرى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ. ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ئۇ ئاجايىپ چىدام ۋە غەيرەت بىلەن كېسەلگە تاقابىل تۇردى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاپ، ئىگىلمەس-پۈكۈتمەس نامايان قىلدى.

  مۇھەممەد ئەيسا جامىنىڭ ۋاپاتى بىز يوقىتىش بولدى. بىز مەرھۇمغا چىن قەلىبىمىزدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇنىڭ پاك روھىغا ئەمنلىك، ئائىلىسدىكى جىگەر پارىلىرى، ئۇرۇق- تۇققانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، يېقىن-يۇرۇقلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا سەۋىر-تاقەت تىلەيمىز!

  مۇھەممەد ئەيسا جامىنىڭ مائارىپقا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ! ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى مەڭگۈ يادلىنىدۇ!

     تۆۋەندە ساۋاقدىشىم ۋە كەسىپدىشىمنى ئەمىلىيھەركىتىم بىلەن ياد ئىتىش ئۈچۈن ئينى يىللىرى«شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىلان قىلدۇرغان« ئۇيغۇرتىياتىرچىلىق تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ئىزدىنىش»ناملىق ماقالامنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭدىققىرىگە سۇندۇم:


ئۆتكەنئەسىرنىڭ ئاخىرقى 20 يىلىدا بىر قىسىم ئەدىبلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەخسۇسژانىرلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇلاردىن ھاجىئەھمەدنىڭ «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا»، مۇھەممەد پولاتنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىداپروزا»، نۇرمۇھەممەد زاماننىڭ «كىنو ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، ئۆمەر قادىرنىڭ«ئۇيغۇر كىنوچىلىقى توغرىسىدا ئويلار»، ئوسمان ئىسمائىلنىڭ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار»، مەمتىلى قادىرنىڭ «تېلېۋىزىيە سەنئىتى توغرىسىدا»،ئەسئەت سۇلايماننىڭ «خەمسىچىلىك ھادىسىسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابلىرىئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ژانىرلار تەرەققىياتىدا رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇش بىلەنمۇشۇ ساھەلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا مۇئەييەن تۆھپە قوشتى. مۇشۇ قاتاردامۇھەممەد ئەيسا جامىمۇ 2001-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ئەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇردرامىچىلىق تەتقىقاتى جەھەتتە خېلى ئوبدان ئىزدەندى.

« ئۇيغۇرھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا»- ئىككى قىسىملىق ئىلمىي ئەسەر. ئۇنىڭبىرىنچى قىسمى «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» دا 1934-يىلىدىن1949-يىلىغىچە بولغان ئون بەش يىللىق ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىيات تارىخى ۋە مۇشۇساھەدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋەكىل خاراكتېرلىك نامايەندىلەردىن زۇنۇنقادىر، ل.مۇتەللىپ، سەيپىدىن ئەزىزى، شۈكۈر يالقىن، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنىڭدراما ئىجادىيىتى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى، مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى ۋەبەدىئىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىيات تارىخىداتۇتقان ئورنى، ئوينىغان رولى، ئىجادىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىخېلىلا سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. ئىككىنچى قىسمى «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زاماندرامىچىلىقى» دا ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ 1949-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان يېرىمئەسىرلىك تارىخى، جۈملىدىن ئەگرى-توقاي تەرەققىيات ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار، بۇ ساھەدىكىۋەكىللىك دراماتورگلاردىن زۇنۇن قادىر، تۇرسۇن يۇنۇس، مۇھەممەدئېلى زۇنۇن،تۇرسۇنجان لېتىپ قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى، ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى،ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىر قەدەر چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىقمۇھاكىمە قىلىنغان. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىياتىر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ بىر ئەسىرگەيېقىن ئەگرى-توقاي مۇساپىسى بىر قەدەر ئىلمىي ئاساستا يەكۈنلەنگەن. مۇشۇجەرياندىكى دراماتورگلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى، ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەتتىكىئورنىغا ئىلمىي باھا بېرىلگەن.

«ئۇيغۇرھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ ئەڭ چوڭئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر تىياتىرئەدەبىياتى تارىخىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىغا ئائىت نەزەرىيىۋى مۇھاكىمىلەر خېلىئىلمىي، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ قەدەم- رېتىمىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغاقويۇلغان.

مەلۇمكى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئەدەبىيات تارىخىدا دراماتورگىيە مۇھىم ئورۇنداتۇرىدۇ. ئۇيغۇر درامىچىلىقى ئەجدادلارنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلغان ھەرخىل ئەلنەغمەئويۇنلىرى، دارۋازلىق، مەسخىرىۋازلىق ئويۇنلىرىنىڭ تارىخىدىن ھېسابلىغاندا ئۇزاقتارىخقا ئىگە. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى تەخمىنەن VII،VIIIئەسىرگە تەئەللۇق دەپ ھېسابلاۋاتقان 27 كۆرۈنۈشلۈك چوڭ تىپتىكى دراما «مايتىرىسىمىت» تىن ھېسابلىغاندىمۇ ئۇيغۇر درامىچىلىقى 1000 يىلدىن ئارتۇق يازما تارىخقائىگە بولۇپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى تىياتىر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

بىراق، مىلادى XIئەسىردىن كېيىنكى ھەرخىل مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇردرامىچىلىقى ئاساسەن ئۈزىلىپ قېلىپ، XIXئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشكەن. 1933-يىلى 12-ئايدا قەشقەردەتۇنجى «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى»، 1934-يىلى ئەتىيازدا ئۈرۈمچىدە يېڭىدەۋر ئۇيغۇر سانايىنەفىسە (سەنئەت ئۆمىكى) قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 1936-يىلىنىڭئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ غۇلجا، چۆچەك، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، قارا شەھەر، تۇرپان،قۇمۇل، خوتەن ۋىلايەتلىرى ۋە بىرقىسىم چوڭ-چوڭ ناھىيە- يېزىلىرىغىچە 50 تىن ئارتۇقسەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلۇپ، دراما سەنئىتى جانلىنىپ كەتكەن. بۇ ھالەت تاكى1942-يىلىغىچە داۋاملىشىپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن دراماتورگلار، رېژىسسورلار ۋەداڭلىق ئەسەرلەر مەيدانغا چىققان. ئازادلىقتىن كېيىن، ئۇيغۇر درامىچىلىقى جۇڭگوكومپارتىيىسىنىڭ پارلاق سىياسىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا قايتىدىن تەرەققىيات باسقۇچىغاكىرىپ، بىر مۇنچە نادىر ئەسەرلەر مەيدانغا چىقتى. بولۇپمۇ 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدىنباشلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر درامىچىلىقىقايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى. تىياتىرنىڭ تۈر ۋە شەكىللىرى كۆپەيدى، ئەسەرلەرسان جەھەتتە كۆپەيدى، سۈپەت جەھەتتە داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىدى، ھەتتا بەزى درامىلارمەملىكەت خاراكتېرلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. قىسقىسى، ئۇيغۇر درامىچىلىقى 70يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىرخىللىقتىن كۆپ خىللىققا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققاقاراپ تەرەققىي قىلدى. بەزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، بەزىدە ئوڭۇشسىزلىققائۇچرىدى. بەزىدە ئالغا ئىلگىرىلىسە، بەزىدە ئارقىغا چېكىندى، ھەتتا بەزىدەپۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلدى. مۇھەممەد ئەيسا جامى «ئۇيغۇرھازىرقى زامان درامىچىلىقى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭيۇقىرىقىدەك ئەگرى-توقاي تەرەققىياتى، ئالاھىدىلىكى، ھەرقايسى باسقۇچتىكىمۇۋەپپەقىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى بىر قەدەر ئىلمىي ھالدا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنتەھلىل قىلىپ چىققان.

يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىنتارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن دراماتورگلار ئۆتتى. بۇلار ئىچىدەزۇنۇن قادىر، ل.مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزى، قاسىمجان قەمبىرى، خەمىت ھېكىم، ئەھمەدزىيائى، تۇرسۇن يۇنۇس، مۇھەممەدئېلى زۇنۇن، تۇرسۇنجان لېتىپ، جاپپار قاسىمقاتارلىقلار نادىر درامىلىرى بىلەن ھازىرغىچە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپكەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيىسى، ئىجادىيەت مېتودى، ئەسەرلىرىنىڭئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دراما تارىخىدا تۇتقان ئورنى، رولى قاتارلىقمەسىلىلەرگە باھا بېرىش، خۇلاسىلەش نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇھىمۋەزىپە ئىدى. مۇھەممەد ئەيسا جامى كىتابىدا بۇ ۋەزىپىنى خېلى ئوبدان ئورۇندىدى.كىتابتىكى مەزمۇن بىر قەدەر كەڭ، تۆھپىكار دراماتورگلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچەچۈشۈرۈپ قويۇلمىغان، ئاپتورنىڭ ئەسەرگە سىڭدۈرگەن يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە قارىشىمۇتوغرا ھەم ئىلمىي. كىتابتا ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ 70 يىللىق تەققىيات تارىخىئاساسىي لىنىيىگە، دراماتورگلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ۋە ئەسەرلەر تەھلىلى تارماقلىنىيىگە قويۇلغاچقا، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا. قىسقىسى، بۇ كىتابماتېرىياللىرىنىڭ موللۇقى، تەھلىلىنىڭ توغرا ۋە ئىشەنچلىك بولغانلىقى بىلەن خېلىزور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

مەنبە:«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2002-يىلى 4-ئاينىڭ19-كۈنىدىكى «ئەدەبىيات بېتى»  

2001年《新疆日报》4月19日,维吾尔文文艺版,乌鲁木齐。

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 12:06 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
پەرى + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 12:43:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 01:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار باغراش تور بېكتىمىز تەۋەرۈك كىتاب ئىزدىگۈچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىش مەخسىتىدە باغراش تورىدا تەۋپىق تەۋەرۈك كىتاب بازىرى قۇردۇق. قېنى مەرھەممەت قىلغايسىلەر

http://www.baghrax.com/kitab.php



ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26729
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5905
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 06:46:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مەرھۇم ئۇستازىمىز مۇھەممەت ئەيسا مۇئەللىمنى سېغىنىپ ئەسلەيمىز.مەرھۇم كەمتەر،كىچىكپېئىل،خۇشچىراي مۇئەللىمتى.جانابى ئاللاھ مەرھۇمنى قەبرە ئازابى ۋە دەۋزەق ئازابىدىن ساقلىغاي،ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 09:00:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم مۇھەممەت ئەيسا جامىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 09:04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 01:05 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار باغراش تور بېكتىمىز تەۋە ...

ھەقىقىتەن نادىر كىتاپلار باركەن.مەن بۇ بازارنىڭ كىتاپ سودىسىغا قاتنىشىمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 09:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 01:05 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار باغراش تور بېكتىمىز تەۋە ...

ھەقىقىتەن نادىر كىتاپلار باركەن.مەن بۇ بازارنىڭ كىتاپ سودىسىغا قاتنىشىمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش