مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2992|ئىنكاس: 7

ئېتوت ـ «تامغا» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100372
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2014-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 07:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېتوت ـ «تامغا»

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 o1 w+ f- `0 _4 @: D* j: h! X
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 w; N) S& l0 F- U: A( D0 e

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 x; j) K+ P+ y( X2 _

تەييارلىغۇچى: ئابلىكىم مۇھەممەت

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# F( {) G! S4 p6 G, @

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; c) V, r: n/ b$ {- X: h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ]/ `6 W* Z' l& I( t

ۋاقتى: ئەتتىگەن سائەت 8:30 بولغاندا

ئورنى: شەھەرلىك موھىت ئاسىراش ئىدارىسى ئىشخانا مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسى

پىرسۇناژ:

1-شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن موھىت ئاسىراش ئىدارىسىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئىدارە باشلىقى سادىق.

2-شەھەرلىك موھىت ئاسىراش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ساۋۇت. 3-شەھەرلىك موھىت ئاسىراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان سەمەت.

سەھنە جابدۇقلىرى: ئۇستەل-ئورۇندۇق، كىرىسلو، چاي قۇتىسى. تېلېفۇن، تامغا، ماتىرىيال، گېزىت...


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ }9 R. X! }! P  {" W2 p

سەھنىدە سادىق جۈجاڭ تېلېفۇندا: ۋەي، ئەخمەتجانما؟ مەن بۈگۈن موھىت ئاسىراش ئىدارىسىغا بېرىپ يېڭى ۋەزىپەمنى تاپشۇرۇپ ئالغىلى بارغاچ، سىز بەرگەن ھېلىقى قانۇن تەشۋىقات پىلانىمىزغا تامغا  ئۇردۇرۇپ كېلەي، ئىش بولسا ماڭا تېلېفۇن قىلارسىز ھە؟! ماقۇل...ماقۇل...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 }0 @& R5 `. m

ـ تاك..تاك..تاك...ـــ سادىق جۈجاڭ-كىرىڭ!-دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ ساۋۇت مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدۇ...

ئىشخانىدا: ئىستاكاندا چاي ئىچكەچ، ئېڭىكىنى يۆلەپ گېزىت كۆرۈپ ئولتۇرغان ساۋۇت مۇدىر.

ساۋۇت مۇدىر سادىق جۈجاڭنى ئولتۇرۇڭمۇ دېمەي: بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ؟!-دەپ سورىدى.

سادىق جۈجاڭ ئۆرە تۇرغان ھالدا: مەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن بولىمەن، مانا بۇ مېنىڭ خىزمەت كىنىشكەم، سەمەت جۈجاڭ يىغىندىكەن، بىزنىڭ ئىدارە بىلەن سىلەرنىڭ ئىدارەڭلەر بىرلىكتە ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىگە بۇ يىللىق قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى پىلانىمىزنى يوللىماقچى ئىدۇق، ۋاقىت بەك جىددىي، سەمەت جۈجاڭنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىمۇ بار، شۇڭا سەمەت جۈجاڭ يىغىندىن چىققۇچە بۇ ھۆججەتكە تامغا بېسىپ بەرسىڭىز ھازىرلا فاكوستا ئەدلىيە نازارىتىگە يوللىۋاتساق بولاتتى-دېدى ھەم ھۆججەتنى ساۋۇت مۇدىرغا سۇندى.

ساۋۇت ئورۇندۇقتا بەدىنىنى مىدىرلىتىپ قويۇپ، بىردەم سادىق جۈجاڭنىڭ خىزمەت كىنىشكىسىگە، بىردەم ماتىرىيالغا غەلىتە كۆزلىرى بىلەن قارىۋېتىپ:-شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى، ھە، مۇنداق ئىشمىتى، لېكىن بىز بۇنداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىدۇققۇ؟ بولماسمىكى؟

سادىق جۈجاڭ:-قاراڭ، بۇ ئاپتۇنۇم رايونغا يوللىنىدىغان موھىم ھۆججەت ئىدى، ئىككى ئىدارىنىڭ تامغىسىنى باسمىساق بولمايتتى.

ساۋۇت مۇدىر بېشىنى چايقاپ، چېيىنى داۋاملىق ئوتلاپ، گېزىتنى قولىغا ئېلىپ: -يولداش، ماڭا قاراڭ، قانۇن تەشۋىقاتقۇ بەك ياخشى ئىش، ھەم موھىم ئىش، لېكىن بۇ دېگەن سىلەرنىڭ ئەدلىيە ئىدارەڭلەرنىڭ ئىشى، بىز بىلەن تازا ئالاقىسىمۇ يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشتىن خەۋەرسىزكەنمەن. شۇڭا، سەمەت جۈجاڭ يىغىندىن چىققۇچە ساقلاپ تۇرامسىز؟

ئاۋاز: سائەتنىڭ «تىكتاك...تىكتاك...» ئاۋازى ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

سادىق جۈجاڭ ساۋۇت مۇدىرغا يەنە يېلىندى: يولداش، ئەتتىگەندىن بېرى ئەدلىيە نازارىتى بىزگە تېلېفۇن قىلىپ، ماتىرىيالنى يوللاڭلار دەپ سۈيلەپ كېتىۋاتىدۇ، سەمەت جۈجاڭ يىغىندا بولغاچقا، كۆرۈشەلمىدىم، بولمىسا سىز ئەدلىيە نازارىتىگە تېلېفۇن قىلىپ سۈرۈشتە قىلىپ باقامسىز؟

ساۋۇت مۇدىر سادىق جۈجاڭغا تازا بىر كارىۋېتىپ تېلېفۇننى قولىغا ئالدى:-ئەدلىيە نازارىتىما؟ سىلەر موھىت ئاسىراش ئىدارىسى بىلەن ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ 4-دىكابىر قانۇن تەشۋىقاتى پىلانىنى يوللاشنى تاپشۇرغانمىتىڭلار؟ ھە، شۇنداقمىتى؟ نېمە؟ يېرىم ئاي بۇرۇنلا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان؟ ھە بولىدۇ... بولىدۇ. چۈشەندىم...

ساۋۇت مۇدىر تېلېفۇننى قويۇپ، ماتىرىيالغا تازا سەپسېلىپ قارىدى ۋە:- ۋاي، بىزنىڭ تامغىمىزنى بېسىپ بەرسەكلا بولىدىغان ئىشكەنغۇ؟! قارىماققا ئاددى ئىشكەن، ئاددىلا ئىشكەن، بىراق ھەر قانداق ئىش ئۆز تەرتىۋى بىلەن ماڭمىسا بولمايدۇ، يولداش، بىر ھۆججەتكە تامغا بېسىش ئۈچۈن نۇرغۇن رەسمىيەت كېتىدۇ، مەسىلەن: تامغا بېسىش ئۈچۈن جەدىۋەل تولدۇرىمىز، رەھبەرلىك ئىمزا قويىدۇ، ئاندىن ئارخىپقا ساقلىنىدۇ... ... سىز يەنىلا سەمەت جۈجاڭ يىغىندىن چىققۇچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ بولامدۇ؟ ھەممە ئىش تەرتىپ بىلەن ماڭسۇن قانداق؟....

ساۋۇت مۇدىر سادىق جۈجاڭغا چاي تۇتقاچ: چاي ئىچىڭ، ئىشىڭىزنى ئاقسىتىپ قويمايمىز-دېگىنىچە كەينىگە يېنىپ تېلېفۇننى ئالدى:-ۋاي، چىمەنگۈلما؟ بىر ھۆججەت بار بىر تەرەپ قىلىدىغان، يېنىمغا كىرىڭە؟!

كاتىپ چىمەنگۈل ساۋۇت مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلگىچە ساۋۇت مۇدىرنىڭ ئۈستىلىدىكى تېلېفۇن سايراپ كەتتى: سەمەت جۈجاڭما؟ يىغىنلىرى تۈگىدىما؟ نېمە؟ سادىق جۈجاڭ؟ ياق ...ياق.... ئۇنداق ئادەم كەلمىدى، پەقەت بىر يولداش بىر ماتىرىيالغا تامغا باستۇرغىلى كەپتۇ. ھە ماقۇل، ماقۇل، خاتىرجەم بولۇڭ، ھازىرلا تامغا بېسىپ بېرىمەن...

ساۋۇت مۇدىر تېلېفۇننى قويۇپ، سادىق جۈجاڭغا سىنچىلاپ قارىدى، ھەم كاللىسىنى لىڭشىتىپ ئۆزى بىلەن ئۆزى:- ياق، ئەمەس، ئۇ ئادەم بوپ قالماس يەنە؟– دەپ پىچىرلىدى.ۋە سادىق جۈجاڭغا: سەمەت جۈجاڭ «تامغا بېسىپ بېرىڭ» دېگەن بىلەن، ئەتىلا گېپىدىن يېنىۋالىدىغان ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەمەت جۈجاڭنىڭ ئورنىغا سىلەردىن بىرسى باشلىق بولۇپ كېلەرمىش، بوپتۇ، بۈگۈن سىلىنىڭ يۈزلىرىنى قىلىپ تامغىنى بېسىپ بېرەي...

بىر تال تامغا باستۇرۇش ئۈچۈن يېرىم كۈن ۋاقىتنى ساۋۇت مۇدىرنىڭ ئىشخانىدا ئۆتكۈزگەن سادىق جۈجاڭ ساۋۇت مۇدىرنىڭ تامغىسىغا تەلمۈرۈپ تۇردى، ساۋۇت مۇدىر تامغىنى قولىغا ئېلىپ، نەچچە قىتىم باسماقچى بولدىيۇ، بىراق باسمىدى، تامغىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ سادىق جۈجاڭ بىلەن پاراڭغا چۈشتى:

-ھەي يولداش، ئىدارەڭلەردىن بىزگە يېڭى باشلىق بولۇپ كېلىدىغان ئادەمنىڭ خېلى گېپى ئۆتىدىغان ئادەممۇ ياكى سەمەت جۈجاڭدەك ئۆتمەس پىچاقمۇ؟ ھازىرقى باشلىقىمىز سەمەتقۇ تازا لىڭتاسما، قانۇندىن خەۋىرى يوق ئادەم، ئەسلىدە تەشكىلات بۆلۈمىدىن مېنى باشلىق قىلماقچى ئىدى، كىم بىلسۇن ئېۋۇ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ئىدارەڭلەرگە چوقۇم قانۇننى ئوقۇغان ۋە بىلىدىغان كادىرنى باشلىق قىلمىساڭلار بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالغاچقا مۇشۇ قوتا مۇدىرلىقتا قىپقالدىم.

سادىق جۈجاڭ:-سادىق جۈجاڭغۇ سىلىدەك كەسكىن كېسەلمەيدۇ، بىراق ئۇ چوقۇم قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىدۇ، ئىدارەڭلەرگە سىلىنى باشلىق قىلغان بولسا، تازىمۇ ماس كېلەركەن، چۈنكى سىلى ئۇنىڭدىنمۇ كەسكىن، پىرىنسىپچان، چىمىلىدەك ھوقۇقنى پىلدەك ئىشلىتىدىكەنلا، موھىم پەيتتە ۋاقىتنى، تامغىنى ئوبدان كونتىرول قىلىدىكەنلا ئەمەسمۇ؟

ساۋۇت مۇدىر:-راست دەيسىز، مۇشۇ كادىر ئۆستۈرىدىغان ئاغىينىلەرنىڭ كۆزى چاتاقمىكى دەيمەن، يېنىدا شۇنداق ياخشى كادىرلار تۇرسا، نەدىكى ئاتام كۆرمىگەن، ئانام كۆرمىگەن نېمىلەرنى بىزگە باشلىق قىلىپ بېرىپتۇ، مەن بۇ ئىدارىگە باشلىق بولۇش ئۈچۈن ئاز پۇل خەجلىمىدىم جۇمۇ؟! يەيدىغاننى يەۋېلىپ مۈشۈكتەك كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ تۇرىدىكەن ئەمەسمۇ؟ قارىسام ياشكەنسىز، ئانچە مۇنچە يول مېڭىشىپ بېرىمەنمۇ-يا؟

سادىق جۈجاڭ:- ياق، مەن.....---سادىق جۈجاڭنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا سەمەت جۈجاڭ ساۋۇت مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى:

-ئاپلا، كەچۈرسىلە، كەچۇرسىلە، سىلى بۈگۈن ئەسلىدە ۋەزىپىگە ئولتۇراتتىلا، مەن ۋەزىپەمنى سىلىگە ئۆتكۈزۈش، سىلىنى ئىدارىمىزدىكى كادىرلارغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن سىلىنى يىغىن زالىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بىراق سىلى بۇ يەردىكەنلا ئەمەسمۇ؟ ھەممە ئايىپ مەندە، مانا ئىشخانامنىڭ ئاچقۇچىنى سىلىگە ئۆتكۈزەي، بۈگۈندىن باشلاپ ئىدارە باشلىقلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىسىلە بولىدۇ، ھەي، ساۋۇت مۇدىر، قاراپ تۇرماي سادىق جۈجاڭنى ئىشخانىسىغا باشلىمامسىز؟!

بۇ گەپنى ئاڭلىغان ساۋۇت مۇدىر جىددىيلەشكىنىدىن قولىدىكى تامغا بىلەن «پالاققىدە» يەرگە يىقىلىپ چۈشتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Al-Yaran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 07:11 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% Q) n5 X% d$ D6 x# _4 ]

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 s, D9 r# j* N0 f' y; l! M

ئەلنىڭ غېمى-ئەرنىڭ غېمى!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355818
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 04:42:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىئاللىقنى ئاساس قىلغان ئېتوت بولۇپتۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ o- C$ J0 o) V  _! W5 Zلېكىن تامغىنىڭ ساۋۇتتا بولۇپ قېلىشى رىئاللىقتىن ھالقىپ كېتىپتۇ ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-16 04:44 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. U$ S% H. C8 f' U# N& ?* w) K$ `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( J- b' e: v1 _* m3 M

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئوماق ئۇكاش

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92976
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 05:07:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىممىكى دىسەم؟؟؟؟

خاتاسوھۋەن تولايارەب كەچۈرگىن،
خاتاسىنى ئالىم كۆرۈپ ئۆچۈرگىن.
خاتاسى بولسابولغاندۇ قەلەمدىن،
خۇداياساقلىغ ئوتلۇق ئەلەمدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32148
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3362 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 09:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تامغا دىگەن گەپ ھوقوق دىگەن گەپ.شۇڭا؛------

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەي مۇئەللىم ،ئا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 723
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12396
تۆھپە نۇمۇرى: 416
توردا: 2077 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 10:16:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر  قىسىم باشلىقلار  نۇمۇس قىلمىسا ئىشتان بېغىغا  ئېسىۋېلىشقا تاس قالىدۇ تامغىنى ..................

تۇرمۇش بىر ئېغىر ھارۋا سەنكى  ئىشەك كەبى ، سۆرەيمەن سىنى مىڭبىر مۇشەقەتتە . يەلكەمنى باسساڭمۇ گەر يېغىر قىلىپ ، باقىمەن ساڭا يەنە مۇھەببەتتە .............. ئېھ مىسرانىم !  مىنىڭ  ساڭا بولغان مۇھەببىتىم  جۇڭگۇلۇقلاردەك كۆپ ...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102139
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 10:22:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Musallas يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 10:16 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. \' r/ B: W% X' i% x* @
بىر  قىسىم باشلىقلار  نۇمۇس قىلمىسا ئىشتان بېغىغا  ئېسى ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 @9 y6 [: _- G0 ^باشمالتاقتەك ئىنكاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102139
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 10:31:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى  بارمىكىن  دېگەن،ئىككى بۆلۈم قىلىپ يازسىڭىزمۇ بوپتىكەن،،،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100372
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2014-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 09:29:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          بۇ ئېتوتنى كۆرگەن بەزى باشلىقلار ۋە كۆتۈرمىچىلەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئىشتانغا قويۇۋېتىدىغان بولدى-دە!!

ئەلنىڭ غېمى-ئەرنىڭ غېمى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش