بالىنىڭ بېشىغا چىققان قۇدۇق
ئاپتۇر: ئابلىكىم مۇھەممەت يادىكار
مەن بۈگۈن تورداشلىرىمىزنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن كورلا شەھرىدە يۈز بەرگەن 4 ياشلىق بالىنىڭ ئېتىز بويىدىكى قۇرۇققا چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان بىر دېلو مىسالىنى سۆزلەپ بېرىشنى لايىق تاپتىم. تورداشلىرىمنىڭ بۇ دېلو مىسالىغا نىسبەتەن پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن...
بۇ قۇدۇق ئەسلىدە كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزا ئاردوغا كەنتتىكى ئابلىز ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى قۇدۇق بولۇپ، ئۆزى تېرىپ كېلىۋاتقان تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئورناتقان ھەمدە تام سېلىپ، ئىشىك بېكىتىپ قويغان ئىدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىشىك بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابلىز بۇ يەرنى باشقا ئىككى دېھقاننىڭ تېرىپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھۆددىگە بەرگەن. شۇ جاريانىدا يەردىن پايدىلانغان ئىككى دېھقانمۇ قۇدۇقتىن ئابلىز ھۆددىگە بەرگەن چاغدىكى ھالىتى بويىچە پايدىلىنىپ كەلگەن .2013-يىلى 7-ئايدا، قۇدۇقتىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان دېھقان- قۇدۇقنىڭ سۇ پۇمپىسىدىن مەسىلە چىقىپ رېمۇنت قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۇ پۇمپىسىنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، قۇدۇق ئۈستىگە 50 سانتىمېتىر كەڭلىكتە ياغاچ شال قويۇپ قويغان ئىدى، قانداقتۇر بۇ ياغاچ شالنىڭ قۇدۇق ئېغىزىدىن باشقا جايغا يۆتكۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەھەتجان بىلەن رەيھانگۈل بىر ئائىلىلىك كىشىلىرى بولۇپ، كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى ئاردوغا كەنت 1-گۇرۇپپىدا ئولتۇراتتى، 2013-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە مەھەللىدە سېرىق بۇيىنىڭ ئۇرۇقى پۇل بولىدىكەن دېگەن پاراڭلار ئۇلارنى قىزىقتۇردى، 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى رەيھانگۈل ئابدۇرېھىم 4 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ، دوستى ۋە دوستىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزى بىلەن بىرگە ئاردوغا كەنت 4-گۇرۇپپا تەۋەلىكىدىكى يەرلەردە سېرىق بۇيا جىقكەن دەپ شۇ يەرگە قاراپ ماڭىدۇ، يول بويى ئىككى بالا بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئوينايدۇ، يوقۇرىدا دېيىلگەن ئېتىز بېشىدىكى قۇدۇقنىڭ قېشىغا كەلگەندە رەيھانگۈل نەچچە مېتىر كەينىدە كېلىۋاتقان بالىلارنىڭ تىز ئەگىشىپ مېڭىشىنى جىكىلەپ قويۇپ، سېرىق بۇيا ئۇرۇقى تېرىش ئۈچۈن ئېتىز ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، نەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەي رەيھانگۈل بىلەن بىللە كەلگەن دوستىنىڭ قىزى ۋارقىرىغان پېتى ئاپىسى تەرەپكە قاراپ يۈگىرەيدۇ. رەيھانگۈل قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەرھال قۇدۇق بار ئۆيگە چاپىدۇ. بالىسىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپ: ئاپا مېنى قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازى بىر يەردىن ئاڭلىناتتى.بۇ ھالنى كۆرگەن رەيھانگۈل دەرھال ئېرى ئەھەتجانغا تېلېفۇن قىلىدۇ. ئەھەتجان تېزدىن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان ئامما بىلەن ئامال قىلالمىغاندىن كېيىن، دەرھال يېزىلىق ساقچىخانىغا خەۋەر قىلىدۇ. ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپمۇ بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا پەقەت ئامال قىلالمايدۇ. ھەتتا نەق مەيدانغا ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىمۇ يېتىپ كېلىپ ئامال قىلىپ باققان بولسىمۇ. لېكىن ئۈنۈم بەرمەيدۇ ...
ۋاقىت بىر مىنۇت بىر مىنۇتتىن ئۆتۈۋەردى، بالىنىڭ ھاياتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىدى، شۇ جىددى پەيتتە مەھەللىدىكى 13 ياشقا كىرگەن بىر بالا باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇق ئىچىگە چۈشىدۇ ۋە مىڭ تەسلىكتە بالىنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىدۇ، لېكىن بالا ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى...
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەھەتجان بىلەن رەيھانگۈلگە بەكمۇ ئېغىر كەلگەن ئىدى، ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىزدەپ باردى ۋە كەنت مەسئۇللىرىنىڭ بۇ ئىشتا يەر ئىگىسىنىڭ قۇدۇققا بولغان باشقۇرۇشى مۇكەممەل بولمىغانلىقى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللانمىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن بالىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ھەمدە چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىش يۈزىسىدىن مۇرەسسەگە كەلتۈرۈپ بېرىشىنى ئېيتتى. لېكىن مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن، ئەھەتجان بىلەن رەيھانگۈل مەخسۇس دەۋا ۋاكالەتچى تەكلىپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنىدۇ.
ئەھەتجان بىلەن رەيھانگۈلنىڭ دەۋا تەلىپىگە ئاساسەن كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى سوت ئاچتى، سوت جەريانىدا دەسلەپكى دەۋا ئوبيېكتى بىر كىشىدىن ئۈچ كىشىگە كۆپەيتىلدى، چۈنكى بىرىنچى جاۋاپكار ئابلىز ئۆزىنىڭ نامىدىكى يەر ۋە قۇدۇقنى باشقا ئىككى دېھقاننىڭ پايدىلىنىشىغا ھۆددىگە بەرگەنلىكىنى، ئۆزى پەقەت قۇدۇقنىڭ ئىگىدارى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. سوت جەريانىدا تالاش-تارتىشلار كەسكىن بولدى، دەۋاگەر ۋە جاۋاپكارلار ئۆزلىرىنىڭ دەۋا تەلىپىنىڭ ئاساسلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، سوت ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلار ۋە كۆرسىتىلگەن دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن، كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى نەق مەيداندا ھۆكۈم ئېلان قىلدى:
سوتتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، دەۋاگەر، جاۋاپكارلارنىڭ بايانلىرى، تەرەپلەرنىڭ دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىشى، يۈزلەشتۈرۈش ۋە مەھكىمىمىزنىڭ دەلىل- ئىسپاتلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئارقىلىق، مەھكىمىمىز مەزكۇر دىلو ھەققىدە تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2013- يىل 7- ئاينىڭ 13- كۈنى دەۋاگەر رىيانگۈل ئابدۇرېھىم ئوغلى ئابدۇسالامنى ئېلىپ، خوشنىسى ئارزىگۈل ۋە ئۇنىڭ قىزى سۈمەييە بىلەن كورلا شەھەر قارا يۇلغۇن يېزا قارا يۇلغۇن كەنىت 4- گۇرۇپتىكى جاۋاپكار ئابلىز توختىنىڭ يېرىگە سېرىق بۇيا ئۇرىقى تېرىش ئۈچۈن بارغان، بۇ جەرياندا دەۋاگەرلەرنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن دەۋاگەر رىيانگۈل ئابدۇرېھىم دەۋاگەر ئەھەتجان مەمەتكە ۋە ساقچىخانىغا خەۋەر قىلغان. گەرچە ساقچىخانىدىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن ئادەم كەلگەن بولسىمۇ، ئابدۇسالامنى قۇتقۇزالمىغان.
دەۋاگەرلەنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام چۈشۈپ كەتكەن قۇدۇق جاۋاپكار ئابلىز توختىنىڭ كورلا شەھەر قارا يۇلغۇن يېزا قارا يۇلغۇن كەنىت 3- گۇرۇپ دائىرىسىدىكى 100 مو ھۆددە يېرىنى سۇغۇرىش ئۈچۈن يەر بېشىغا قازدۇرغان قۇدۇق بولۇپ، قۇدۇقنى قورشاپ ئۆي سالدۇرغان بولسىمۇ، ئۆيگە ئىشىك قويدۇرمىغان. 2013- يىل جاۋاپكار ئابلىز توختى مەزكۇر يەرنى جاۋاپكار غېنى مەمەت بىلەن ياقۇپ راخمانلارغا بىر يىللىق مۆھلەت بىلەن ھۆددىگە بەرگەندىن بۇيان بۇ قۇدۇقتىن ئىزچىل تۈردە جاۋاپكار غېنى مەمەت بىلەن ياقۇپ راخمان پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان. 2013- يىل 7- ئاينىڭ 12- كۈنى مەزكۇر قۇدۇقتىن سۇ تارتىدىغان پومپا بۇزۇلۇپ قالغانلىقتىن، جاۋاپكار غېنى مەمەت بىلەن ياقۇپ راخمانلار سۇ پومپىسىنى رىمونىت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن، لېكىن قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ياپمىغان، قۇدۇقنى قورشاپ تۇرغان ئۆينىڭ ئىشىكىنىمۇ ئېتىپ قويمىغان.
ھادىسىدىن كېيىن تەرەپلەر تۆلەم مەسلىسىدە كېلىشەلمىگەنلىكتىن، دەۋاگەر جاۋاپكارلارنىڭ ئابدۇسالامنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى 108840 يۈەن، دەپنە پۇلى 19410 يۈەن، ئىشتىن قېلىش ھەققى 1605 يۈەن بولۇپ، جەمىئىي 129855 يۈەننىڭ %90 تى 116869 يۈەننى تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ مەھكىمىمىزگە ئەرز بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن دەۋا شەكىللەنگەن.
مەزكۇر دىلونىڭ تالاش- تارتىش نۇقتىسى: 1) دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكارلاردىن ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان تۆلەم تۈرلىرى قانۇنلۇقمۇ، ئورۇنلۇقمۇ؟ 2) تەرەپلەر قانداق تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟
دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكارلاردىن ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان تۆلەم تۈرلىرى مەسىلىدە، ‹‹ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ›› نىڭ 27- ماددىسىدا ‹دەپنە خىراجىتى دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنىقى بىر يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىپ، 6 ئايلىق ئومومىي سوممىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ›دەپ بەلگىلەنگەن. دەۋاگەرنىڭ بۇ تۈردىكى دەۋا تەلىۋىنىڭ پاكىت ئاساسى ۋە قانۇن ئاساسى تۇلۇق، تۆلەم سوممسىنى ھېسابلىشى مۇۋاپىق بولغان، مەھكىمىمىزدىن قوللايدۇ. ‹‹ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ›› نىڭ 29- ماددىسىدا ‹ئۆلۈم تۆلەم پۇلى دەۋانى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئالدىنقى بىر يىلدا قولىغا تەگكەن ئوتتۇرىچە كىرىمى ياكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىپ، 20 يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ›دەپ بەلگىلەنگەن، دەۋاگەر يېزا نوپۇس بولۇپ، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئۆلچىمى ئاساس قىلىنىپ ھېسابلىنىپ ھېسابلانغان. دەۋاگەرنىڭ بۇ تۈردىكى دەۋا تەلىۋىنىڭ پاكىت ئاساسى ۋە قانۇن ئاساسى تۇلۇق، تۆلەم سوممسىنى ھېسابلىشى مۇۋاپىق بولغان، مەھكىمىمىزدىن قوللايدۇ. ‹‹ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ›› نىڭ 20- ماددىسىغا ئاساسەن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدىكى ئىشتىن قېلىش ھەققىنى تەلەپ قىلىشى ئورۇنلۇق، ھېسابلاش ئۇسۇلى توغرا، تەلەپ قىلغان سوممىسى مۇۋاپىق، مەھكىمىمىزدىن قوللايدۇ.
2) تەرەپلەر قانداق تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دىگەن مەسىلىدە، ئۆلگۈچى ئابدۇسالام ئەھەت چۈشۈپ كەتكەن قۇدۇق جاۋاپكار ئابلىز توختىنىڭ كورلا شەھەر قارا يۇلغۇن يېزا قارا يۇلغۇن كەنىت 3- گۇرۇپ دائىرىسىدىكى 100 مو ھۆددە يېرىنى سۇغۇرىش ئۈچۈن يەر بېشىغا قازدۇرغان قۇدۇق. ‹‹ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ماشىنلشتۇرۇلغان قۇدۇقنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى›› نىڭ 12- ماددىسىدا ‹ قۇدۇق قېزىشتا سۇ تارتىش تەجىربىسىدىكى سۇ چىقىش مىقدارى مۇۋاپىق چوڭقۇرلۇققا ئاساسەن، ماس بولغان سۇ پومپىسىنى تاللاپ ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇدۇق ئۆيى، قۇدۇق ئاغزى، قۇدۇق سۇپىسى، قۇدۇق كۆلچىكى، سۇ چىقىرىش يولى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ تۇلۇق، مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك› دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، جاۋاپكار ئابلىز توختى مۇشۇ قۇدۇقنىڭ ئىگىسى، گەرچە قۇدۇقنىڭ ئەتراپىغا تام سالغان بولسىمۇ، ئىشىك قويمىغان شۇنداقلا تام ئىچىدە قۇدۇق بارلىقىنى ئەسكەرتىدىغان روشەن ئاگاھلاندۇرۇش بەلگە قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا، جاۋاپكار غېنى مەمەت بىلەن ياقۇپ راخمانغا يەرنى قودۇق بىلەن قوشۇپ ھۆددىگە بەرگەن. جاۋاپكار غېنى مەمەت بىلەن ياقۇپ راخمان يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش، قۇدۇقنى ئىشلىتىش داۋامىدا، قۇدۇق ئاغزى ئېتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا خەتەرلىك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىگىشلىك بولسىمۇ، بىخەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ، خەتەرلىك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالمىغان. ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جومھورىيىتىنىڭ ھوقوققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى ›› نىڭ 91- ماددىسىدا ‹قورلۇش قىلغۇچىلاردىن جامائەت سورۇنىدا ياكى ئورەك كولاش، يەر ئاستى ئەسلىھەلىرىنى رىمونىت قىلىش، قوراشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغاندا، روشەن بەلگە قويماي ياكى بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك. باشقۇرغۇچىلاردىن قۇدۇق قاتارلىق يەر ئاستى ئەسلىھەلىرى باشقىلارغا زىيان سالغاندا باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك› دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، سوت داۋامىدا جاۋاپكار غېنى مەمەت بىلەن ياقۇپ راخمان قۇدۇققا قويۇلغان سۇ پومپىسىنى رىمونىت قىلدۇرغىلى ئىلىپ ماڭغاندا، قۇدۇق ئاغزىنى تاختا بىلەن يېپىپ قويغانلىقىنى، تاختىنى كىچىك بالىنىڭ كۆتۈرۈپ ئاچالمايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا سوتىمىزنى يىتەرلىك دەلىل- ئسىپات بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىدى. ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومومىي قائىدىسى››نىڭ 16- ماددىسى ۋە 18- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇلارنىڭ ۋەسىيسى بولىدۇ، ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئۆزىنى، مال- مۈلكىنى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جومھورىيىتىنىڭ ھوقوققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى ›› نىڭ 26- ماددىسىدا زىيان پەيدا بولىشىدا ھوقوقى چېقىلىنغۇچىدىنمۇ خاتالىق ئۆتكەندە، ھوقوققا چېقىلىغۇچىنىڭ جاۋاپكارلىقى يېنىكلىتىلسە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر دىلودا 4 ياشلىق ئابدۇسالام ئەھەتنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلىشى دەۋاگەرلەرنىڭ يەنى ۋەسىيسىنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلماسلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ۋەسىيسىنىڭمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار، شۇڭا ئۆلگۈچىنىڭ ۋەسىيلىرى بولغان دەۋاگەرلەر مۇناسىپ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. يوقارقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا،تەرەپلەر تۆۋەندىكى نىسپەت بويىچە تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك: دەۋاگەرلەر تەلەپ قىلغان ئومومىي تۆلەم سوممىسى 129885 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن جاۋاپكار ئابلىز توختى %50 تى 64942.50 يۈەن، ئۆلگۈچىنىڭ ۋەسىيسى يەنى دەۋاگەرلەر %20 تى 25977 يۈەن، جاۋاپكار غېنى مەمەت %15 تى 19482.75 يۈەن، جاۋاپكار ياقۇپ راخمان %15 تى 19482.75 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىشى مۇۋاپىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومومىي قائىدىسى››نىڭ 16- ماددىسى ۋە 18- ماددىسى، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جومھورىيىتىنىڭ ھوقوققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى ›› نىڭ26- ماددىسى، 91- ماددىسى، ‹‹ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ›› نىڭ 27- ماددىسى، 29- ماددىسى، « ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دىلولىرىدا دەلىل ئىسپاتقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزاھاتى » نىڭ 2- ماددسىدىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم قىلىندى:
1. ئۆلگۈچى ئابدۇسالام ئەھەتنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى 108840 يۈەن، دەپنە ھەققى 19410 يۈەن، ۋەسىيلىرىنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى 1605 يۈەن بولۇپ، جەمىئي 129855 يۈەننىڭ %20 تى 25977 يۈەننى ئۆلگۈچىنىڭ ۋەسىيلىرى يەنى دەۋاگەر ئەھەتجان مەمەت بىلەن دەۋاگەر رىيانگۈل ئابدۇرېھىم ئۈستىگە ئالسۇن، جاۋاپكار ئابلىز توختى %50 تى 64942.50 يۈەن، جاۋاپكار غېنى مەمەت %15 تى 19482.75 يۈەن، جاۋاپكار ياقۇپ راخمان %15 تى 19482.75 يۈەننى ئۈستىگە مەزكۇر ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان كۈنى دەۋاگەر ئەھەتجان مەمەت بىلەن دەۋاگەر رىيانگۈل ئابدۇرېھىمغا بەرسۇن.
ھۆكۈم چىقتى، جاۋاپكار تەرەپ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغانلىقىنى، يوقۇرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ دېلوغا قارىتا بېرىدىغان پىكرى :- نۆۋەتتە مەيلى شەھەرلەردىكى ئاغزى يېپىقسىز قالغان، بىخەتەر تەدبىرلىرى قوللانمىغان پاسكىنا سۇ چىقىرىش قۇدۇقى ياكى يېزىلاردىكى يەر سۇغۇرۇش قۇدۇقلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بولسۇن، ئۆلۈش، يارىلىنىش ھادىسلىرى كۆپ كۆرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە زور زىيان سېلىپ كېلىۋاتىدۇ، گەرچە بۇ دېلودا جاۋاپكارلار نارازىلىق ئەرز بېرىشنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى: بۇنداق ھادىسلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشتا خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، بىھۇددە زىيان چىقىشتىن ساقلىنىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Al-Yaran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-15 07:03 PM