‹‹ق ››نى K دەيمىزمۇ ياكى Qمۇ؟
(بۇ يازمامدىكى تەكلىپنى نورمال كونا يېزىق كىرگۈزگىلى بولمايدىغان جايلاردا ئىشلىتىپ كۆنۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن)
خەنزۇتىلى ‹‹قوشتىل››مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئاپتونوم رايونىمىزغا ھەرساھە ھەر كەسىپ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خەنزۇلار (ۋە خەنزۇتىلىنى ئانا تىل قىلغان باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر)كېلىۋاتىدۇ،بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە خەنزۇتىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاقە كۈنسايىن كۆپەيدى،بۇ خىل خەنزۇتىلىدىكى ئالاقە كۆپەيگەنسېىرى خەنزۇتىلى تىلىدىكى يەنە بىر مۇھىم قورال__پىنيىن بىزنىڭ تۇررمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى،بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇرۇن ئىشلەتكەن لاتىن ئۇيغۇرچىسى (ئامېرىكا،ئوكېئانىيە،ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ)نىڭ ئورنىنى پىنيىن ئىگلەشكە باشلىدى،ئەمەلىيەتتە ھەرئىككىلىسى 26 دانە ئىنگلىزچە ھەرپتىن تەركىب تاپقان يېزىق خاتىرىلەش شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئەمما پىنيىندا ئۇيغۇرچە بەزى خەتلەر ئوخشاش ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىنىدىغان بولغاچقا ئىپادىلەنگەن مەنا خاتا بولۇپ قالىدۇ ،مەسىلەن پىنيىندا ataخېتى ‹‹ئەتە››،‹‹ئاتا››دېگەن ئىككى خىل بىربىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىسىم بولۇپ شەكىللىنىدۇ.كۆرگۈچى دىققەت قىلمىسا ئاسانلا خاتالىق سادىر بولىدۇ..
ئاتالمىش ‹‹پىنيىن ئۇيغۇرچىسى››دا بۇنداق خاتالىقلارغا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە مىسالنى سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسەك يېتەرلىك.
1-كېرەم(كەرەم)__قارام___karam
2-ئانا ___ئەنە__ ana......ۋەھاكازالار....
ئەمما لاتىن ئۇيغۇرچىسى خەلقئارا ترانسىسپرېكسىيە تاۋۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تىزىلغان بولغاچقا ئاسانلىقچە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ ،كۆرۈلگەندىمۇ ناھايىتى ئازكۆرۈلىدىغان بولۇپ ئالدى كەينىدىكى مەنا بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ ،بۇ يېزىق ئىپادىلەش شەكلى پىنيىنغا قارىغاندا كۆپ مۇكەممەل بولۇپ چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈنمۇ كۆرۈكلۈك رول ئوينىيالايدۇ،مەسىلەن:ئىراقنى پىنيىنچىلاپ يازغاندا irak, erak دەپ يېزىلىدۇ،ئەمما لاتىن ئۇيغۇرچىسىدا ئىنگىلىزچە بىلەن ئوخشاش ھالەتتە Iraqدەپ يېزىلىدۇ.
يەنە خ ھەرپى توغرىسىدا تالاش تارتىشلار بار خەلقئارا ترانسىپرىكسىيىدە Hنىڭ ئوقۇلۇشى x،شۇڭا مېنىڭچە x دەپ يېزىش توغرا ھېسابلىنىدۇ،تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ مۇشۇنچىلىك سۆزلەي،قالغىنىنى رەسىمگە قاراپ سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىۋېلىشىڭلارنى دۆلەتمۇ ،خەلقئارامۇ ئېتراپ قىلمايدىغان ‹‹تىل بۇزغۇر ››___‹‹پىنيىن ئۇيغۇرچىسىنى ۋاقتىدا ››لاتىن ئۇيغۇرچىسىغا ئۆزگەرتىپ يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .(ئەلۋەتتە كونا يېزىق قوللىنىشقا بولسا بۇنى ئىلەتمىسەكمۇ بولىدۇ).
شىنلاڭ مىكروبلوگىدىن:@AbabakriImir