مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 665|ئىنكاس: 4

قەلبىمگە خىتاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10176
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 12:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ئۆزۈم يالغۇز تەنھا قالغىنىمدا ئىختىيارسىز يۈرۈگۈم تىۋىشىگە ئاستا قۇلاق سالىمەندە قەلبىمدىن ياڭرىغان بىر ئاجىز سادادىن  ئىختىيارسىز مۇڭ دىڭىزىغا شۇڭغۇيمەن..‹‹چىداۋاتىمەن》شۇنداق بىلىمەن قەلبىم، سەن چىداۋاتىسەن ھەم داۋاملىق چىدايسەن،چىدىغاندىمۇ ئۆز بەختىڭ كەلگۈسۈڭگە ئىشىنىپ سەۋىر بىلەن چىدايسەن، چۈنكى سىنىڭ باغرىڭ شۇنچىلىك كەڭرىكى ھاياتىمدىكى پۈتكۈل خوشاللىق، باشقىلار بىلىپ يەتكەن تەغدىردىمۇ تىگىگە يىتەلمەيدىغان ئاشۇ  دەرت ھەسرەتلىرىمنىڭ ھەممىسى پەقەت ۋە پەقەت ساڭىلا يۇشۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟بىلىمەن سەن ھەقىقەتەن چارچىدىڭ قەلبىم، ئەمما ھازىرغىچە سىنىڭ بىرەر قىتىممۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا دەرتلىرىڭنى تۈكۈپ زارلانغىنىڭنى بىلمەيمەن،ئىيىتقىنا قەلبىم بۇ ساداقەتمەنلىك بۇ چىدام ساڭا زادى نەدىن كەلگەن؟ سەن ماڭا شۇنچىلىك سادىقسەنكى جىسمىڭ ئازاپتىن تولغانسىمۇ سەن يەنىلا شۇ ئازاپلىرىڭ بەدىلىگە مىنى  ھاياتتىن ئىبارەت بۇ قىسقا ئەمما مۈشكۈل سەپەردە ھەر قاچان قەدىمنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر ياشاشقا ئۈندەشكە تەييار تۇرىسەن، جىسمىمدىكى كۈچكە كۈچ قۇشۇپ ماڭا ئوزۇق بۇلىسەن، قىسقىسى مەن سىنى بەزىدە تىنىمدىكى بىر پارچە گوش ئورنىدا ئەمەس بەلكى  جىسمىمدا قەت كۆتۈرگەن مۇستەككەم تۈۋرۈك ئورنىدا ھىساپلايمەن، ھاياتىم بولىدىكى ئۈنتۇلماس مىنۇتلار ھەم شۇنداقلا قايغۇ ھەسرەتلىرىم بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن پىنخان سىرلىرىمنىڭ يىلتىزلىرى دەل سىنىڭ باغرىڭدا  ساقلىنىپ ماڭا ئەبەدىيگە يادىكار بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ ، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنى ساڭا ئازاپ ئىلىپ كىلەرمىكىن دەپ چىقىرۋىتىشكە ئۇرۇنغىنىمدا سەن گۈپۈلدىگەن شۇ ئاجىز  نىدايىڭ بىلەن ماڭا ئاستاغىنە پىچىرلاپسەن:‹‹مەن چىدايمەن مەغرۇر بول بۇلارمۇ ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمى ››مەن شۇندىلا ئۆرتۈنۈش ئىچىدە باغرىڭدىن يۇيۇپ چىقىرۋەتمەكچى بولغان ھىسلىرىمنىڭ ئەسلى سىنى ئوراپ ھەتتا ئازاپنىمۇ سەزمەس قىلىپ قويغىنىنى چۈشۈنۈپ يىتىىمەندە شۇندىلا سىنى خۇددى كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇپ سەگىتمەكچى بولغاندەك ئاجىز قوللىرىم بىلەن ئەللەيلەپ كۆز يىشىمدىن مارجان تىزىپ خىيال ئىچىدە  ئۇزاقتىن ئۇزاق ئولتۇرۇپ كىتىمەن.

سەۋەبىنى سوراۋاتامسەن؟بوپتۇ بۇنىمۇ ساڭا ئىيتىپ بىرەي، ئۆزۈڭگە يۈكلەيدىغان يۈكنىڭ ئەمدى ئارتىپ كىىتىشىنى خالىمايمەن قەلبىم، راست دەۋاتىمەن  ئەمدى بولسىمۇ  باغرىڭنى خۇش پۇراق تارقاتقۇچى خوشاللىق گۈللىرىگە تولدۇرسامكەن دەيمەن، ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇت سىكوتلىرىغىچە تىرىشىمەن..  خەيرىيەت مەن ياشاپ مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقىچە سەن ماڭا كۆپ سەۋەر بەردىڭ سۈرگەن خوشاللىقىڭدىن ھاياتىمنىڭ سىناقلىرىدا مەن بىلەن يىرلىكتە ئۈنسىز  تۇككەن ياشلىرىمغا ھەمدەم بولغان چاغلىرىڭ كۆپ بولدى  بىلەمدىغانسەن قەلبىم؟ بەزىدە ئۆزۈمنى ساڭا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك تۇيغۇدا سىزىمەن  چۈنكى مەن سىنى ئاسرىيالمىدىم، سەن ماڭا سەۋىر بىرىپ  ماڭا تۈۋرۈك بولغان بولساڭمۇ ئەكىسچە مەن سنى ئازاپلار بىلەن قىلچىمۇ ھالىڭنى قويمىدۇم، لىكىن سەن چىداۋاتىسەن ئۈن -تۈنسىز چىداۋاتىسەن !بىلگىن قەلبىم مەن ئاجىز دۇنيانىڭ بەندىسى  سىنىڭ ئازابىڭنى كۆرۈشنى ئەسلا خالىمايتىم ،ئەمما ئامال قانچە دۇنيا تىرىكچىلىگى  شۇنداق كۈلكىسىدىن سىناقلىرى تولا جەريانكەن، تەغدىر،رىسىق ئىنساننى گاھ كۈلدۈرسە گاھ يىغلىتىپ ھىچ ھالىنى قويمايدىكەن، ئىيىتقىنچۇ مەن بۇلارنى ساڭا تۆكمىسەم كىملەرگىمۇ تۈكىمەن؟ قايغۇرما قەلبىم ،ماڭا ئىچىڭنىمۇ ئاغرىتىپ يۈرمىگىن پەقەت سىنى مەن ئىشەنگەن بىر ھەقىقەتكە  ئىشەنسىكەن دەيمەن شۇ ماڭا يىتەرلىك‹‹يامغۇردىن كىيىن قۇياش ھامان پارلايدۇ››ساڭا ئاخىرىدا دەيدىغىنىم  قۇياش پارلىغىچە ئاۋالقىدەك ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ ئىيىتقىنىڭدەك  چىدىغىن سەۋىر بىلەن چىدىغىن قەلبىم !ساڭا خىتاپ قىلىمەنكى ئەمدى سىنى خوشاللىقلاردا بىزەشكە تىرىشىمەن ياراتقۇچۇمنىڭ نامىدا قەسەم قەلىمەنكى  سىنى ئەمدى چارچاتمايمەن.

مەنبە؛ئۆز قەلىمىم
يازغۇچى؛مىرئادىل ئادىل مەغرۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 970 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 08:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،يەنىمۇ تىرىشىڭ ،سىزنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن !

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5957
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2881 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 05:18:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يازمىڭىزنى ئوقۇۋىتىپ  ئىختىيارسىز ئۆزۈمنىڭ يۈرىكىمگە خىتاپ دەپ يىرتىق خاتىرەمگە يازغان ھېسلىرىم ئېسىمگە كەلدى....
ياخشى يىزىپسىز قېرىندىشىم ، داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ.
سىزگە خۇشاللىق ۋە  خاتىرجەملىك تىلەيمەن .



تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10176
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 09:15:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvlbargi0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 08:47 PM
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،يەنىمۇ تىرىشىڭ ،سىزنىڭ بۇنىڭ ...

داۋاملىق تىرىشىمەن ھەدە رەھمەت ياختۇرۇپ  ئوقۇغىنىڭىزغا

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10176
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 09:17:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
magrurjan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-16 09:15 PM
داۋاملىق تىرىشىمەن ھەدە رەھمەت ياختۇرۇپ  ئوقۇغىنىڭىز ...

رەھمەت ھەدە دىمىسىمۇ بۇ خاتىرەمگە يازغان قۇرلار ئىدى  سىزگىمۇ خوشاللىق ھەم بەخىت تىلەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش