ئاتەش پەرەس
(تەرجىمە ئەسەر)
بىر كۈنى بىرئاتەش پەرەس (ئوتقا چوقۇنغۇچى) ئوغلىنى ئۆلىمەكچى بولىدۇ. توي كۈنىسى رېستۇراننىڭئىچى مىھمانلار بىلەن تولۇپ، ھەر خىل تاماقلارنىڭ پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىدۇ.
بۇرېستۇراننىڭ يېقىنلىرىدا بىر كەمبىغەل مۇسۇلماننىڭ ئۆيى بولۇپ، بۇلار ئائىلىچەنەچچە كۈندىن بۇيان ئاچ ئولتۇرۇشقان ئىدى. رېستۇراندىن كېلىۋاتقان مېزىلىكتاماقنىڭ پۇرىقى بۇ ئائىلىدىكى ئاچ بالىلارنى ئىختىيارسىز ھالدا تالاغا قاراشقامەجبۇر قىلىدۇ. يۈ رىكى لەختە قانغا تولۇپ كەتكەن دادا پەقەت چىدىماي، چارىسىزھالدا بالىلىرىنى ئېلىپ رېستۇراننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاتەش پەرەستىن تاماق سورايدۇ.
ئاتەش پەرەسمۇسۇلماننىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ چىقىرىۋېتىدۇ. بوينى بۈكۈك چىققان ئادەمبالىلىرىنىڭ ئۈمۈت ئىچىدە تەلمۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، چىداپ تۇرالماي يەنەئاشخانىغا كىرىپ ئاتەش پەرەستىن بالىلىرى ئۈچۈن يىگىدەك بىرنەرسە بىرىشنى سورايدۇ.ئەمما ئاتەش پەرەس يەنە رەت قىلىپ، چىقىرىۋېتىدۇ. سىرتقا يېنىپ چىققان دادا پۈتۈنئۈمۈدىنى ئۆزىگە باغلاپ تەلمۈرۈپ تۇرۇشقان بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇزاق تۇرۇشقاتاقەت قىلالماي يەنە كىرىدۇ. ئەمما يەنە قۇرۇققۇل چىقىدۇ.
بۇ قېتىمئاتەش پەرەس تۇرۇپلا، "قېنى ئۇلار نېمە دىيىشەركىن" دەپ ئويلايدۇ- دەئاستا مېڭىپ، رېستۇران ئىشىكىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ يوشۇرۇنچە ئۇلارنىڭ سۆزىنىئاڭلايدۇ.
ئۈمۈدىتامامەن ئۈزۈلگەن دادا بالىلىرىنى ئېلىپ قايتماقچى بولغاندا، پەقەتلا تاقىتىقالمىغان بالىلىرى يالۋىرىپ. دادا يەنە بىر قېتىم كىرىپ باقساڭ دەپ، يالۋىرىشىدۇ.ئۇ ئادەم كۆزلىرىدىن ياش ئاققان ھالدا ، جېنىم باللىرىم مەن ئۈچ قېتىم كىردىمئەمدى كىرىپ ياردەم سوراشقا يۈزۈم چىدىمايدۇ دەيدۇ.
ئاتا-بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئاتەش پەرەسنىڭ بۇلارغا ئىچى ئاغرىپ،چىقىپ توختۇتۇپ قويۇپ ئۇلارغا ئادەملىرىدىن تاماق چىقارتىپ بېرىدۇ ۋە ئاستالائىشىكنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ يەنە نېمە دېيىشەركىن دەپ، ئولارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقاباشلايدۇ.
ئاچلىقتىنھىچ ھالى قالمىغان بالىلار ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى كۆرگەندىن كېيىن ئېيتىپتۈگەتكىسىز ھالدا خوشال بولۇشىدۇ. بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ:
-ئى ئاللاھ! ئۇ بىزگە قانداق مەرھەمەت قىلغان بولسا،سەنمۇ ئونىڭغا شۇنداق مەرھەمەت قىل! ئونى ئىمان بىلەن شەرەپلەندۈر! دەيدۇ.
ئارقىدىنلاھەممىنىڭ بىردەك، ئامىىىىىن دېگەن ئەۋازى ئاڭلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتائىشىك ئارقىسىدا ئاڭلاپ تۇرغان ئاتەش پەرەسنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا يۈرىكى ئىرىپقاتتىق تەسىرلىنىپ كېتىدۇ- دە "شاھادەت" ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە: سەدىقە بالانى يەر. ئەممادۇئا ئىنساننىڭ قەدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ دەيدىغان. بىزمۇ يۈرىكىمىزدىن چىقىرىپ دۇئاقىلايلى، ئاللاھ تەئەلا دۇئالىرىمىزنى چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ.
http://www.frmtr.com/dini-hikayeler/5450436-harika-bir-hikaye-atesperest.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghun997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-15 01:00 AM