مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1058|ئىنكاس: 13

ئۇيغۇر تىلىدىكى «بەلكى»، «بەلكىم» سۆزلىرى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14626
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9398
تۆھپە نۇمۇرى: 727
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 11:18:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر تىلىدىكى «بەلكى»، «بەلكىم» سۆزلىرى ھەققىدە


غەيرەت ئابدۇرەھمان



      ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى جاپاكەش تىلشۇناسلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە خېلى مۇكەممەللىشىپ، بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى قارىماققا كىچىك، ئەمما ھەل قىلمىسا، تىل قالايمىقانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر يەنىلا تىلشۇناسلارنىڭ نەزەرىگە ئىلىنالماي، ئىلىنسىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. ئۇيغۇر تىلىدا جۈملىلەردە كۆپ قوللىنىلىدىغان «بەلكى»، «بەلكىم» سۆزلىرى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.


     كۆپلىگەن ئەدەبىي، پەننىي ئەسەرلەردە، كىنو- تېلېۋىزىيە، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نۇتۇقتا بۇ ئىككى سۆز دائىم ئارىلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىپ، ئىككىسىنىڭ چېگرىسى ئارىلاشتۇرۇۋېلىنىپ، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب بىر قىسىم گرامماتىكا كىتابلىرىدا بۇ ئىككى سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىشقا يول قويۇش ئەھۋاللىرى ھېلىھەم مەۋجۇت.

       ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەشكە باي، لېكسىكىلىق تەكىبى ئىنتايىن مول ئىكەن، ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋاق ئېلىۋاتقان ياش- ئۆسمۈرلەرگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان باشقا مىللەت ھەۋەسمەنلىرىگە ئۇقۇمى ئېنىق، ئىپادىلەش كۈچى رەڭگارەڭ، مۇكەممەل ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا قۇرۇلمىسىنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالەمدە، گرامماتىكا كىتابلىرىدىكى بۇ ئىككى سۆز ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

         شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989- يىلى 4- ئايدا 2- قېتىم نەشر قىلىنغان، 1992- يىلى 8- ئايدا 3- قېتىم بېسىلغان، تۇردى ئەخمەت، ئەنسەرىدىن مۇسا، نەسرۇللا يولبولدى قاتارلىق  پېشقەدەم تىلشۇناسلار تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابتا «بەلكى» سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ: «كۈچەيتمە باغلىغۇچىلار ‹بەلكى، ھەتتا، ھەتتاكى› قاتارلىق سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق باغلىغۇچىلار سۆزلىگۈچى نەزىرىدە مەلۇم ئىش- ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر ئىش- ھەرىكەتتىن ئاشۇرۇپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ» دېيىلگەن. قازاقىستان س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى 2- ئايدا نەشر قىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابتا «بەلكى» سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ سۆزنىڭ قارىمۇ- قارشى باغلىغۇچىلار تىپىگە كىرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ «قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىسىنى باغلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي- پىكىرگە، ئىش- ھەرىكەتكە كېيىنكى جۈملىدىكى ئوي- پىكىرنى، ئىش- ھەرىكەتنى قارشى قويۇش ياكى ئۇلارنىڭ باشقىچىرەك يۈز بېرىشىنى كۆرسىتىش خۇسۇسيىتىگە ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «بەلكىم» سۆزى ھەققىدە بۇ كىتابتا «مودال سۆز»لەر ئىچىدىكى «پىكىرنىڭ پائال ئەمەسلىكىنى، نامەلۇملىقىنى ۋە گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مودال سۆز» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. مىللەتلەر نەشرىياتى1987- يىلى 6- ئايدا نەشر قىلغان ئۇستاز تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندى ئاپتورلىقىدىكى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (مورفولوگىيە) ناملىق كىتابتا «بەلكى» سۆزىنى بۇرۇلۇش باغلىغۇچىسى دەپ ئىزاھلىغان. «بەلكىم» سۆزىگە «مۆلچەر مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا ياكى ئارقىدا كېلىپ ياكى خەۋەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، مۆلچەر تەرزنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغان يۈكلىمە» دەپ تەبىر بېرىلگەن.

        يۇقىرىقى ئەسەرلەردە بۇ ئىككى سۆز ئارىلاشتۇرۇلۇپ، «بەلكى (بەلكىم)» تەرىقىسىدە بېرىلگەن بولۇپ، خەمىت تۆمۈر ئەپەندى «بەلكى (بەلكىم)» سۆزى باغلىغۇچى بولۇپ كەلگەندىن تاشقىرى، يەنە يۈكلىمە بولۇپ كېلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

        ئۇنىڭدىن سىرت، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى نوپۇزلۇق قورالىمىز بولغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، «بەلكى» سۆزى پارسچىدىن كىرگەن «⑴ بۇرۇلۇش مەنىسىدە كەلگەن جۈملە بىلەن جۈملىنى ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؛ ⑵ «ئېھتىمال» دېگەن مەنىدە يۈكلىمە رولىدا كېلىدۇ» دەپ ئىزاھلىنىپ، «بەلكىم» سۆزىنى «بەلكى» سۆزىگە ھاۋالە قىلىش بىلەنلا كۇپايە قىلىنغان.

      مېنىڭچە، بۇ ئىككى سۆزنى مۇنداق ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. «بەلكى» سۆزى ھەقىقەتەن باغلىغۇچىلارغا، باغلىغۇچىلار ئىچىدىكى ئايرىغۇچى- تەكىتلىگۈچى باغلىغۇچى دېيىشكە بولىدىغان  تىپقا تەۋە. چۈنكى ئۇ كېيىنكى جۈملىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوي- پىكىرنى ئالدىنقى جۈملىدىن ئايرىپ تەكىتلەپ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:


      ▲ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئۆتكەن ئىشلارغا بەلگىلىك ئىش قوشۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئا. جالالىدىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» 27- بەت)


      ▲ كىيىم ئۇلار ئۈچۈن خاراكتېردىكى ئاجىزلىقنى بېزەيدىغان ئالامەت ئەمەس ئىدى، بەلكى بىر خىل تۇرمۇش سەنئىتى ئىدى. (يۇقىرىقى كىتاب، 54- بەت)


      ▲ مەكتەپنىڭ بىنالىرى تاغنىڭ ئورمانلىق يېرىگە ئەمەس، بەلكى دەرەخسىز، تاقىر يەرلىرىگە پىلانلانغانىدى. (يۇقىرىقى كىتاب، 76- بەت)


      ▲ بىزنىڭ تامىقىمىز قاسساپ، ھاراق ئېچىتقۇچى ۋە بولكىچىلارنىڭ ھىممىتىدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن كەلگەن. (يۇقىرىقى كىتاب، 125- بەت)


      ▲ مەن قەيەردە راھەت بولسا ۋەتەننى تاشلاپ شۇ يەرگە كېتىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى راھەتنى ئۆز قولۇم بىلەن يارىتىشقا ئىنتىلىمەن. (يۇقىرىقى كىتاب، 226- بەت)


      يۇقىرىقى مىساللاردىكى جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىپ باقساقلا، «بەلكى» باغلىغۇچىسىنىڭ كۈچەيتىش باغلىغۇچىسى «ھەتتا، ھەتتاكى» بىلەن، قارىمۇ- قارشى باغلىغۇچى، بۇرۇلۇش باغلىغۇچىسى دېيىلگەن «ئەمما، لېكىن، بىراق، بولمىسا، ئەكسىچە،ۋەھالەنكى...» قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن پەرقلىق مەنە ئاڭلىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.


      «بەلكىم» سۆزى يۇقىرىقى «بەلكى» باغلىغۇچىسى بىلەن مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بولغان يۈكلىمە. ئۇ ئاساسەن مۆلچەرمەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا كېلىپ، قىياس، ئېھتىماللىق، گۇمان مەنىسىنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ. مەسىلەن:


        ▲ بەلكىم، بىزنىڭ پويىز كۈتكەن ۋاقتىمىز بەش مىنۇتقىمۇ بارمىغان بولسا كېرەك، ئاخىر بىر پويىزغا چىقتۇق. (ئا. جالالىدىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» 43- بەت)


        ▲ يۇقىرىقى ئابزاسلاردىن تەڭقىس روھىي ھالىتىم ئايان بولغاندۇ بەلكىم. (يۇقىرىقى كىتاب، 128- بەت)


        ▲   بەلكىم، ئىسمى خىروكو ئۇنىڭ


              ياكى ساچىكو،


              شوخ قىزىنىڭ يېنىدا


              ھارغىن بىر ئاق قۇ.


        ▲ بەلكىم، يېرىم ئاي ئۆتكەندۇ، بىر كۈنى كەچتە ئۇمېموتو ئەپەندى مېنى يېنىغا چاقىردى. (يۇقىرىقى كىتاب، 242- بەت)


        ▲ خو پروفېسسور ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە ئەدەبىي، پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى يازمىغاندۇ بەلكىم، ئۇ بىر ماتېماتىك. (يۇقىرىقى كىتاب، 266- بەت)


        يۇقىرىقى مىساللاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بەلكىم يۈكلىمىسى بۇ يەردە ھېچقانداق باغلىغۇچىلىق رولىنى ئۆتىمىگەن، ئۇ پەقەت گۇمان، مۆلچەر، قىياس تەرىزىدىكى بىر يۈكلىمىلا خالاس.


        بۇ ئىككى سۆز نېمە ئۈچۈن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىدۇ؟ بىز ئۇنىڭ ئەسلى پارسچىدا قانداق بولۇشىنى قويۇپ تۇرايلى، خەلقىمىزنىڭ تىل ئىستېمالىدا بۇ ئىككى سۆز ئىككى سۆز تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، شەكلى جەھەتتىن سۆز ئاخىرىدىكى «م» تاۋۇشى ئارقىلىق بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ كېلىنگەن. ناۋادا بۇ ئىككىسىنى بىر سۆز ھېسابىدا بىر تەرەپ قىلساق، تىلىمىزدا نۇرغۇن مۇجىمەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئىي. مەسىلەن:


     ▲ مەن سېنى دېمىدىم، بەلكىم ئۇنى دېدىم. (توغرىسى: بەلكى)


     ▲ بەلكى، تېخى كەلمىگەندۇ. (توغرىسى: بەلكىم)


     ▲ ئۇنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكىم ئىشچى. (توغرىسى: بەلكى)


     ▲ بەلكى ئۇ يىپەك كىيىملىرىنى كىيىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولاتتى. (توغرىسى: بەلكىم)


       شۇڭا، «بەلكى» سۆزى باغلىغۇچى ھېسابىدا تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، ئىملاسى بېكىتىلسە، «بەلكىم» سۆزى يۈكلىمە ھېسابىدا تۇراقلاشتۇرۇلۇپ ئىملاسى بېكىتىلسە (سۆز ئاخىرىدىكى «م» تاۋۇشى چۈشۈرۈپ قويۇلمىسا)، بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنالايمىز ھەم ھەر بىرىگە ئايرىم ئىسىم قويۇپ، ئايرىم سۆز تۈركۈمى شەكلىدە چۈشەندۈرەلەيمىز. يېزىق شەكلىدىمۇ ئايرىم ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيمىز.


      يۇقىرىقىلار «بەلكى»، بەلكىم» سۆزلىرى ھەققىدىكى ئۆزۈمنىڭ يۈزەكى قاراشلىرىم. مېنىڭچە، تىلىمىزدىكى بەزىبىر چۇۋالچاقلىقلار مۇشۇنداق پىشمىغان تەھلىللەر ئاساسىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى مۇمكىن. ئاخىرىدا، كەڭ تىلشۇناسلار ۋە مەتبۇئات ساھەسىدىكى يولداشلارنىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ پەرقىنى توغرا ئايرىپ، ياش- ئۆسمۈرلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان ھەۋەسمەنلەرنى توغرا يولغا باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، لۇغەت تەركىبىمىزدىكى سۆزلەرنى توغرا ئىزاھلاشقا يېتەكلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.


    پايدىلانمىلار:


1. تۇردى ئەخمەت، ئەنسەرىدىن مۇسا، نەسرۇللا يولبولدى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1989- يىلى 4- ئاي 2- قېتىم نەشرى، 1992- يىلى 8- ئايدا 3- قېتىم بېسىلىشى.


2. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» قازاقىستان س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى 2- ئاي نەشرى.


3. خەمىت تۆمۈر: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (مورفولوگىيە)، مىللەتلەر نەشرىياتى1987- يىلى 6- ئاي نەشرى.


4. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى)، ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999- يىلى 10- ئاي، 1- نەشرى.


5. ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005- يىلى 3- ئاي 1- نەشرى.



http://www.iliboy.com/edu/ebook/edebiyat/2013/1126/2420.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 12:43 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 02:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىز ئادەتتە بۇ ئىككى سۆزنى ھېچ ئارىلاشتۇرىۋالمايدىكەنمىز. خاتا قوللىنىدىغانلارمۇ باركەندە.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 03:14:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر تەھرىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، خېلى كۆپ ماقالە ئەسەرلەرنى تەھرىرلەپتىمەن، بۇ ئىككى سۆزنى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلارنى پەقەتلا ئوچراتمىدىم، تۇرمۇشتىمۇ ھەم ! كۆرسەتكەن مىساللىرىڭىزمۇ بىر قارىماققىلا سۆزنى خاتا ئىشلەتكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، خۇددى مەجبۇرى بىر يەرگە ئەكەپ قويغاندەك ! راست گەپنى قىلسام ماقالىڭىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كەمچىل، ئاساسلار يىتەرسىز بولۇپ قاپتۇ .

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32174
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3370 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 05:13:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇڭا

ئۇيغۇر تىلىدىكى «بەلكى»، «بەلكىم» سۆزلىرى، شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرغا قويلىۋاتقان پىكىرنىڭ ئىگىسىگە ئاساسەن، «بەلكىم»بىرىچى شەخىسكە ۋە شۇ ۋاقىتقا، «بەلكى» ئۈچىنچى شەخسكە ۋە شۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن دىيىلگەن پىكىرگە تەئەللۇق مەنىلەرنى بىلدۈردىغاندەك قىلىدۇ.شۇڭا ئۇ سۆزلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسا مەنىسى ئۆزگۈرىپ كىتىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 05:17 PM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7701 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 08:46:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىن باشقا ف تاۋۇشى ۋە پ تاۋۇشىدىن باشلانغان سۆزلەرنى پەرقلەندۈرمەسلىك.مەسلەن پاتىمە فاتىمە،تېلىفون تېلىپون،پەروخ فەروخ……

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102139
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:31:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
iltebir يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 08:46 PM
بۇنىڭدىن باشقا ف تاۋۇشى ۋە پ تاۋۇشىدىن باشلانغان سۆزلە ...

ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭىز قېرىندىشىم ،يەنە ئۇيغۇرچىغا ئاھاڭ چىقىرىپ نورمال تەلەپپۇزنى  لاۋزىلاشتۇرىدىغانلارمۇ چىقىۋاتىدۇ،سىز ئېيتقانغا ئوخشاش تىپتىكىدىن يەنە  تۈركچىدىن تۆت خەت ئۆگىنىۋېلىپ مېنىڭ راست دەپ ف پ نى ئارىلاشتۇرىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى،،،ھاجى مەمەت ئاكام  دېگەندەك  يات تىلغا  دۈم  چۈشمىسەك  بولاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16132
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8509 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:32:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NRXTنۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 03:14 PM
مەنمۇ بىر تەھرىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، خېلى كۆپ ماقالە  ...

سىز كەسپىڭىزنىڭ ئىسمىنى بىلمەمسىز قانداق؟
  تەھرىر  دەمدۇق ياكى مۇھەررىر دەمدۇق.
  تەھرىر بۇ پېئىل، مۇھەررىر بۇ ئىسىم بولىدۇ. مەسىلەن: تەھرىر بۆلۈمى. ماقالىنى تەھرىرلىگۈچىنى، ھەرگىز تەھرىر دىمەيمىز،  مۇھەررىر دەيمىز.
  سىز ھەقىقەتەن مۇھەررىرلىك قىلسىڭىز، سىز كەسپنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىۋاتىسىز؟!
  يەنە قاراپ باقايلى: مەنمۇ بىر تەھرىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، خېلى كۆپ ماقالە ئەسەرلەرنى تەھرىرلەپتىمەن، بۇ ئىككى سۆزنى ئارلاشتۇرۇپ (ئارىلاشتۇرۇپ) ئىشلىتىدىغانلارنى پەقەتلا ئوچراتمىدىم،(ئۇچىراتمىدىم)  تۇرمۇشتىمۇ ھەم ! كۆرسەتكەن مىساللىرىڭىزمۇ بىر قارىماققىلا سۆزنى خاتا ئىشلەتكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، خۇددى مەجبۇرى (مەجبۇرىي) بىر يەرگە ئەكەپ (ئەكېلىپ) قويغاندەك ! راست گەپنى قىلسام ماقالىڭىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كەمچىل، ئاساسلار يىتەرسىز بولۇپ قاپتۇ .
مەن ھېلىغىچە باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشنى خالىمايتتىم. بىراق، بۈگۈن سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىنى توغرا ئاتىيالماپسىزيۇ، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ مۇھەرىر دەپسىز. مۇھەرىر نىڭ كەسپىي مەجبۇرىيىتى زادى نېمە؟
مۇھەرىر - ماقالە ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگۈچى.
تەھرىر بۆلۈم- مۇھەرىرلەر خىزمەت قىلىدىغان ئىشخانا.
كوررېكتور-ماقالىلاردىكى ئىملا خاتلىقىنى تۈزۈتىدىغان ئادەم.
تېخرىداكتور - پۈتۈن بىر كىتاپنىڭ بەت ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشىنى لاھىيەلىگۈچى. (تېخنىكىلىك لاھىيىلىگۈچى)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-15 10:40 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1416
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16132
تۆھپە نۇمۇرى: 955
توردا: 8509 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-15 05:13 PM
ئۇيغۇر تىلىدىكى «بەلكى»، «بەلكىم» سۆزلىرى، شۇ ۋاقىتتا ...

  مەخەتجان ئەپەندىم: سىزنىڭ بۇ ئىزاھاتىڭىز خاتا.
  «بەلكى» سۆزى قوشما جۈملە ئارىلىقىدا كېلىپ، بىرىنچى ئاددىي جۈملىنى، ئىككىنچى جۈملىدە ئىنكار قىلىش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: مەن ئۈرۈمچىدىن كەلمىدىم، بەلكى، تۇرپاندىن كەلدىم. (ئىنكار)
«بەلكىم» - بۇ سۆز ئېھتىماللىق ئىپادىلەيدۇ.
  مەن بۈگۈن مۇنبەرگە كىرەلمىسەم، بەلكىم ئەتە كىرىمەن. (ئېھتىماللىق)


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4273
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:52:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەررىر بولغان ئادەم تەھرىر بىلەن مۇھەررىر سۆزىنىڭ پەرقىنى بىلەلمەي خاتا ئاتاپ يۈرسە، بىر م تاۋۇشى سەۋەبىدىن ئىككى سۆزنىڭ سۆز تۈركۈمىنىڭ تەۋەلىكىنى خاتا ئايرىيدىغانلارنىڭ بولۇشىدىن ئەجەپلەنمىسەكمۇ بولغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1194
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 10:10:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن. ئەمدى ئېھتىماللىقنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن،بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدىغان سۆزنى ئايرىپ ئىشلەتسەم بولغۇدەك.

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش