ئالىملارنى ئاسرايلى
(ئاچچىق ئاگاھلاندۇرۇش)
ئالىمسىز ئاھالە ئازغۇنلۇققا ئالدىنىدۇ .
ئاڭسىز ئادەملەر ئاسارەت ئاستىدىدۇر.
-ئاقىللار ئاغزىدىن .
ئالىملار -ئادەملەرنىڭ ئالىيسى .ئاللاھتائاللاھ ئالەمنى ئاۋاتلاشتۇرۇشقا ،ئاڭسىزلىقنى ئازايتىشقائاتلاندۇرغان ئالىيجاناپ ،ئاقكۆڭۈل ئادەملەردۇر .
ئالىملار ئادەتتىكى ئادەملەر ،ئاۋام ئارسىدىكى ئالەمشۇمۇل ئابىدىلەردۇر .ئالىملار ئادەملەر ئارسىدىكى ئازغۇن ،ئاسىيلارنى ئاخىرەت ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ،ئاسىيلىقنى ،ئازغۇنلۇقنى ئازايتىپ ،ئاۋامنى ئايدىڭلىققا ئاپىرىدۇ .ئاڭسىزلىقنى ئاڭلىقلىققا ،ئاقىللىققا ئايلاندۇرۇپ ،ئاۋارىچىلىقلارنى ئاسانلاشتۇرىدۇ .ئاللاھتائالاھ ئالىملار ئارقىلىق ئالەمگە، ئادەملەرگە ئامەت ئاتالايدۇ .ئالىملارنىڭ ئازىيىشى ئاخىرەتنىڭ ئالامەتلېرىدىندۇر .ئابروي ،ئالقىش ئالىملارغا ئائىتتۇر .
ئارىمىزدىكى ئادىل ،ئاقكۆڭۈل ئادەملەر ئالىملارنى ،ئاقىللارنى ،ئاڭلىق ئاخۇنلارنى ئالتۇن-ئاقچىدىنمۇ ئارتۇق ئاسراپ ،ئاۋايلاپ ئالىملارنىڭ ئالەمگە ،ئادەملەرگە،ئاخىرەتكە ئائىت ئاگاھلىرىنى ئاڭلاپ ،ئاڭسىزلىق ،ئازغۇنلۇقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالدىرىماقتا.ئادەمنى ئارامسىزلاندۇرىدىغىنى ئادىمىلىكى ئاجىزلاشقان ئازغۇنلار ئازغىنە ئاقچىغائالدىنىپ ئاچكۆزلىشىپ ئاقچىنى ئابرويغا ئايلاندۇرۇپ ،ئالىملارنىڭ ئاگاھلىرىنى ئاڭلىماي ،ئاللىقانداق ئازغۇنلۇقلارغا ئاتلانماقتا .ئاقچىغا ئالدىنىپ ئازارلىشىۋاتقانلار ،ئائىلىدىن ئايرىلۋاتقانلار ،<ئاق ئالۋاستى>نىڭ ئاپىتىدىن ئازاپلىنۋاتقانلار،ئاقكۆڭۈل ئاتا-ئانىلارنىڭ ئازاپلىرىنى ئاۋۇتىۋاتقان ئالىقاپ<<ئارزولۇق>>لار....ئالىملارنىڭ ئاگاھلىرىنى ئاڭلىماي،ئادىمىلىكتىن ئايرىلۋاتقانلىغىمىزنىڭ ئاچچىق ئاقىۋىتى.
ئاچچىق ئانالىز :ئاشۇ ئازغىنە ئالىم ،ئاخۇنلىرىمىزنى ئاسراپ ،ئاۋايلىمىساق ،ئاھانەتلەپ ئازاپلىساق ،ئالەمچە ئابرويىمىز ئاجىزلاشماسمۇ ؟ئاللاھتائاللاھ ئازغۇنلارنى ئالدىمىزدىلا ئازاپلىماسمۇ ؟ئاخىرەتتىكى ئازاپلارچۇ ئاغىنە-ئاداشلىرىم ؟!
ئاخىرىدا ئاڭلىتىدىغىنىم ،ئادىمىلىكتىن ،ئاڭلىقلىقتىن ئايرىلمايلى ،ئاخىرەت ئالدىمىزدا ،ئاللاھنىڭ ئادەملەرگە ئاتىغان ئامىتى -ئالىملارنى ئاسرايلى ،ئادەتتىكى ئابرويلۇقلاردىن ئارتۇق ئاسرايلى .ئالىم،ئاخۇنلارنىڭ ئاگاھلىرىنى ئاڭلاپ ئاللاھ ئالقىشلىغۇدەك ئاۋامغا ئايلىنايلى .
ئاھ ئاللاھ! ئالىملارنى ئارىمىزدىن ئايرىماي ،ئازلاتماي ،ئاۋۇتقايلا .ئاشۇ ئالىملارنىڭ ئابرويىنى ئالەمچە ئاشۇرغايلا.
ئالىملارغا ئاقچە ئاتالمىساممۇ ،ئازغىنە ئالقىشىمنى ئاتىدىم .
مەنبە : ئابدۇلەتىپ مامۇت قارىي يازمىلىرىدىن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kariguja تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-14 04:08 PM