مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2827|ئىنكاس: 12

قېتىق(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102139
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 11:23:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېتىق



ئابابەكرى ئىمىر

1988-يىللىرىبولسا كېرەك،ئۇ چاغلاردا ئاتامنىڭ دائىم ھاراق ئىچىپ،مەست-ئەلەس يۈرىدىغان چاغلىرىئىكەنتۇق،كىچىككىنە بىر ئېغىزلىق ئۆيىمىزدە  پۇلغايارىغۇدەك رەڭسىز 14 ديۇيملىق <<پاندا>>تېلېۋىزوردىن باشقا بىرەر پۇلغا يارىغۇدەك مال-بېساتىمىزمۇ يوق ئىدى.شۇ يىللاردا ئاتام موتسىكلىت ئالىمەن دەپ كىشىلەردىن پۇلقەرز ئالدى،كېيىن ئۇ موتسىكلىتلارنى ئېلىشىغا سېتىۋېتىپ يەنە يېڭىسىنى ئېلىش ئۈچۈنكىشىلەردىن ئوغرىلىقچە قەرز ئېلىپ كېيىن قايتۇرالمىغىنىغا خىجىل بولۇپ ئانامئىككىمىز نى تاشلاپ  ئۈرۈمچىگەچىقىپ كەتتى،ئاناممۇ بۇ ئىشلارنى باشقىلاردىن ئاڭلاپتۇ.
يوقسۇزلۇقئىچىدە يۈرگەن چاغلىرىمىزغا ئۈلگۈرۈپ  ئېتىزلىقتاپاختىلارمۇ ئاق كۆرسىتىپ ئېچىلىپ كەتتى....بۇ كۈنلەردە  ئانام مېنى كۈندە دېگۈدەك ئەگەشتۈرۈپ  پاختا تەرگىلى ئاپاردى،7-8ياش چاغلىرىم بولغىنىبىلەن خېلى ئىش ئۇقىدىغان چاغلىرىم ئىكەن،،،ئانامنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىنىبىلگەچكە قىلالايدىغان ئىشلىرىمدا ئۇنىڭغا ياردەملەشتىم،ئېشەكنى ھارۋىغاقاتالمىساممۇ خېلى ئوبدان باشقۇرۇپ،ئوتلىتىپ ،ئېتىز -ئېرىقلارغا بېرىپ كېلىشتە <<خى خى>>لاپ ھارۋا ھەيدەپئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولاتتىم.9-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى بولسىمۇ ھاۋا شۇنداق ئىسسىقئىدى،ئەتراپتىكى يۇلغۇنلارنىڭ خۇشپۇراق ھىدلىرى ئاپتاپ سەۋەبىدىنمىكىن كىشىنىڭبۇرنىغا پۇررىدە ئۇرۇلاتتى،ئانام دەمدە لىڭشىپ-غىچىرلاپ كېتىۋاتقان ھارۋىداقولىدىكى تال ئۈزۈم يوپۇرمىقى بىلەن ئاغزى ئىتىلگەن سۇ تومپۇچكىسىنى چىڭسىقىمدىغىنىچە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ مۇڭلىنىپ ئولتۇراتتى،ئۇ چاغلاردا ئانامنىڭنېمىگە بۇنچە مۇڭلىنىپ ئولتۇرىدىغىنىنى بىلمەيتتىم،تۇيۇقسىز ھۈركۈگەن ئېشەك  ھارۋىنى جاق قىلدۇرۇپ بىر قاقمىغا چۈشۈرۈپسىلكىتىپ يەنە بىر خىل رىتىمدامېڭىپ كەتتى...ئانامنىڭ قولىدىكى تۆكۈلۈپ يېرىمداپقالغان تومپۇچكىنىڭ ئاغزىنى قايتا بوغۇپ ئازراق ئېسىگە كەلدى بولغاي<< ئېشەكنى ئىتتىكرەكھەيدە>>دېگەن مەنىدە ئىماقىلدى.ئۇزاق ئۆتمەي ئېتىزىمىزغىمۇ كەلدۇق،مەن نېمە ئۈچۈنكىن كىچىكىمدىن قېتىققابەك ئامراق ئىدىم ،قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە بولسىمۇ بېزىرىپ ئولتۇرۇپ دېگۈدەك سۇيۇقبولسىمۇ دوغاپ ئىچىپ يېنىپ چىقاتتىم،بۈگۈن كۈن چۈش بولغۇچە شۇنچە ئۇسساپ كەتتىم،بۇئەتراپنى بىز يەرلىك تىلىمىزدا <<شور تاملىق>>دەپ ئاتايتتۇق،بۈگۈن بۇ يەر ئىسمى-جىسمىغا لايىق <<شور تاملىقى>>نى ماڭا كۆرسىتىپئۇسىتىپ جېنىمنى ئالايلا دېدى...قولۇمدا ئېشەكنىڭ ئارغامچىسى باربولغاچقا مەنھارۋا تۈۋىگە بېرىپ سۇ ئىچىپ كەلگۈچە ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم.شۇڭائۇنى قاقشال بوپ قېتىپ كەتكەن بىر جىگدە كۆتىكىگە باغلاپ قويدۇم،ئۆزۈم بولسامبىردە مېڭىپ بىردە يۈگۈرۈپ دېگەندەك ھارۋا قېشىغا يېتىپ كەلدىم،ھارۋا چاقلىرىئاپتاپتا يېلى چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەدىيال بىلەن يېپىپ قويۇلغانىدى،،،ھارۋىنىڭئاستى تەرىپىگە بولسا چىگىت خالتىسىدا دالدىلانغان سۇ تومپۇچكىسى قويۇلغانبولۇپ،يەرنى ئوتىغۇچ بىلەن ئويۇپ قويغاچقا شۇ پېتى مۇزدەك تۇرغان ئىدى.خۇشلۇقۇمداگۈپلا قىلىپ كۆتۈرۈپ ھەممىنى ئىچىۋەتتىم ....راست،ئانامچۇ؟؟؟؟چاقماق تېزلىكىدەئانامنى ئېسىمگە ئالدىم،مەن ھەممىنى ئىچىۋەتسەم ئانام نېمە ئىچەر ئەمدى؟ئەتراپتايۇقارقى مەھەللىدىكى <<دىخان>>(ئەسلى ئىسمى بۈۋىخان بولۇپ،مەن ئۇ چاغلاردادېھقان مەنسىدە چۈشىنىپ يەرلىك ئاھاڭدا دىخان دەپ ئاتايتتىم)نىڭلا كېۋەزلىكى بارئىدى،،،بۈۋىخان ئۈچ ئەردىن ئاجرىشىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يامانلاقتا تۇرۇۋاتقان چوكانئىدى،ئۈچ ئېرىدىن بەش بالىسى بار بولسىمۇ ھەممىسىنى ئاجرىشىدىغان چېغىدا <<مەن بۇ ئۆيگە بالاكۆتۈرۈپ كەلمىگەن>>دېگەندەكئورۇنسىز تاپا تەنىلەر بىلەن ئېرىگە قالدۇرۇپ،ئۆزى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئىنەكنىڭقېتىقىنى سېتىپ مەھەللىمۇ-مەھەللە دېگۈدەك ئۈچ چاق ۋېلىسپىتىنى قاترىتىپيۈرىيىدىغان ئايال ئىدى.ھازىر موزايلار چوڭ بولۇپ كەتكەچكە ساتقۇدەك قېتىمۇ يوقئاندا -ساندا ئېتىزغا چىقىپ <<ئاپتاپسىنىپ>>قويغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا جىق ئىشقىلمايتتى،شۇ نەچچە كلومېترلىق ئېتىزغا بېرىپ بولغىچىمۇ مەھەللىدىكى ئۆيلەنمىگەنپادىچىلارغا قاش ئېتىپ جىم ماڭمايتتى.... تۇيۇقسىزئۇنىڭ ئېتىزىغا كۆزۈم چۈشتى،ئۇ يەر-بۇيەرلىرىدە تازنىڭ كاللىسىدەك نەچچە تۈپكېۋەزدىن باشقا ھەممىسى دېگۈدەك يانتاق،كەكرى....دېگەندەك مال-ۋارانلارمۇيېمەيدىغان ياۋا ئوت-چۆپلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى....ئېتىز چوڭ بولۇپ بۇقېشىدىن قارىسا ئۇ قېشىدىكى مايماق جىگدە سايىسىدە يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقان ئادەمغىل-پاللا كۆرۈنۈپ كىم ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.ئۆزۈممۇ كېۋەز بىلەنتەڭ بولغاچقا ئۈن چىقارماي دېگۈدەك ئېتىزنىڭ ئۇ قېشىغا قاراپ ماڭدىم،ئەتراپشۇقەدەر جىمجىت بولۇپ يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشىمۇ ئاۋۋالقىدىن تېزلىشىپ،پېشانەمدىن تەرئېقىشقا باشلىدى...ئۇ ئويلىغىنىمدەك جىگدە سايىسىدە ئۇخلاپ يېتىپتۇ،كۆزۈم <دىخان>نىڭ بېشىغا قويۇلغانئاغزى ھىم ئېتىلگەن ئۈچ چىنە قېتىققا چۈشتى.... _بالامبۇنى نەدىن تېپىپ ئەكەلدىڭ؟_ئانامنىڭ نۇر قاچقان كۆز چاناقلىرىغا توپا قونغانبولۇپ،كۆڭلىكىنىڭ ئۇ يەر بۇيەرلىرىگە ياپيېشىل ئوت-چۆپ داغلىرى قونغان بولۇپ ئۇنىڭئەتىگەنتىن بېرى خېلى ئەمگەك قىلغانلىقى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى.. _دىخانئاچام بەردى...._ئىتتىكلا جۋاب قايتۇرۇپ ئۈلگۈردۈم،ئانام بىر دەملىك جىمجىتلىقتىنكېيىن چۈشتىن كېيىن ئېشەكنى داۋاملىق ئوتلىتىپ تۇرۇشۇمنى ۋە بۈگۈن بالدۇرراق ئۆيگەكېتىدىغىنىمىزنى ئېيتىپ قېتىققا نان چىلاپ يېيىشكە باشلىدى... -سۇتۆكۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ،بالام،بىرەر كەسلەنچۈكتەك نەرسە تومپۇچكىنى يىقىتىۋەتكەنئوخشايدۇ...._دېدى ئانام ھارۋا تېگىگە قاراپ،ئەمەلىيەتتە بىرەر كەسلەنچۈك قانداقمۇبىر تومپۇچكىدىكى يېرىمدىن ئارتۇق سۇنى يىقىتالىسۇن؟؟؟ئىختىيارسىز بېشىم تۆۋەنگەچۈشتى،ۋە ئىتتىكلا ئۆزۈمنى ئوڭشاپ ئانامغا ئېشەككە قاراپ باقىدىغانلىقىمنى ئېيتىپيۈگۈرۈپ كېتىپ قالدىم...يىراقتىن كىچىك كىچىك قۇشقاچلار كۇررىدە ھاۋا بوشلۇقىغاكۆتۈرۈلۈپ يەنە ھېلىقى ئېشەك باغلانغان جايدىكى قېرى جىگدە ئاراچلىرىغا قونۇپئۈلگۈردى،،،تۇيۇقسىز يەردە ياتقان ئېشەكنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم جىغغىدە قىلىپقالدى....بىچارە جانىۋار كۆزلىرىنى ئېچىپ مىدىر-سىدىر قىلماي ياتاتتى.... بۇنىڭلىقبىلەن قالماي،ئانامغا ئىسسىق ئۆتۈپ ئاغرىپ يېتىپ قالدىئۆيدە ئۆزۈمنى خۇددى نېمىنىخاتا قىلىپ قويغاندەك ئۆزۈمگە ئۆكۈنۈپ نەچچە كۈنگىچە كۆڭلۈم يېرىم يۈردۈم،بىر كۈنى <دىخان>ئۆيىمىزگە كىرىپكەلدى،ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ماڭا شارتتىدە بىرنى ئالىيىپ قويۇپ ئانامغا قاراپسۆزلەشكە باشلىدى:_ھېپىزاچا ،سىز ئۇقامسىز ئۇقمامسىز ئەمدى،دىمىسەمغۇ بى ئۇبدانبۇلىتى،شۇ قوساخ كۈپۈگى  بوممىسۇندەپ دىمىسەم بوممىدى_ گېلىنى قىرىپ سۆزلەيتتى ئۇ،ئاناممۇ ئۆزىنى قىيناپ دېگۈدەكئورنىدىن تۇرۇپ داستىخان تەييار قىلدى،داستىخان تەييار بولۇنۇپ بولغاندا ئۇ ماڭايەنە بىرنى قارىۋېتىپ گېپىنى داۋام قىلدى:_شۇ سىلىنىڭ تۇرغۇنجان سىلىنىڭ ئىشەكئۈلۈپ قالغان چاغدا،،،شۇ ھېلىقى كۈنى مەن ئۇخلاپ قېپتىكەنمەن،بېشىمغا ئېپ قۇيۇپچۈشتە نان سېپ يەمەن دەپ ئېپقويغان ئۈچ نان بىلەن ئۈچ چىنە قېتىقنى ئوغلاپ كىتىپتۇقالاڭ،بەك ئاچچىغىم كەلدى،خوشنا ئەدەم بوغاندىكىن يۈزلىرىگە ساممىسام ئۇبدانبۇلتى...._ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولمايلا ئۆزۈمنى قەتئىي تۇتۇۋالالمىدىم _يالغانگەپ قىلماڭ،مەن پەقەت يېرىم چىنە قېتىقىڭىزنى ئېلىپ بوتۇلكىغا قۇيۇپ ئېلىپكەتتىم،ئۈچ چىنە قېتىق بىلەن ئۈچ نان ئالدى دېگىنىڭىز يالغان_<دىخان>نىڭ چىرايى دەرھال ئۆڭۈپ ئۆزىنى قويىدىغان يەرتاپالماي قالدى،ئانامنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلپ ئاچچىقىمدا تالاغا چىقىپئىشىك يېنىدا بىردەم تۇردۇم،كېيىن <دىخان>قېتىقنىڭ ئۆزىنى چىقىرىپ بەرمىسەك ياكى قېتىقنىڭپۇلىنى بەرمىسەك خەلق-ئالەم ئالدىدا بىزنى ماز قىلىدىغانلىقى توغرىلىق سۆزلەپچىقىپ كەتتى...شۇ كۈنى ئانام مېنى سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلىشكە بۇيرۇپ ئۆزىنىڭساقىيىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى،مەن ئۇ كۈنى ئانامنىڭ مېنى ئوينىغىلىقويۇۋەتكەنلىكىدىن چەكسىز شادلىنىپ  تېزلادوستلىرىمنى ئىزدەپ چىقىپ كەتتىم،قاش قارايغاندا كىرسەم،ئانام بىر چىنە ئۇننى ئۇنخالتىسىغا تۆكۈپ تۇرۇپتۇ،مېنى كۆرۈپ ئازراق ھودۇققاندەك قىلاتتى،ئانام دەرھاليۈزىگە ئىللىق تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ سۇپىىدىكى ئۈچ چىنىنى ماڭا كۆرسىتىپ ئۇنى <دىخان>ئاچىڭىزغا ئەچىقىپبېرىڭ دەپ تاپىلىدى،ئەمما ئىچىدىن بىر خىل كۆڭلى غەشتەك تۇراتتى،مەن ناھايىتىمۇخالىمىغان ھالدا بۇ ئۈچ چىنە قېتىقنى مىڭ تەستە كۆتۈرۈپ <دىخان>نىڭ ئۆيىگە كەلدىم،دەرۋازىدىن پۇتۇمنى ئېلىپتۇرۇشۇمغا ئۇ ئايال ئۈچ چاق ۋېلىسپىتىنى مىنىپ چىقىپ كەلدى،ۋېلىسپىتنىڭ ئارقاتارتقۇسىغا يۈزدىن ئارتۇق قېتىق رەتلىك تىزىلغان ئىدى،ئەمما قېنىق قىلىنغان گىرىمىئۇنى  ئادەمگە قېتىق ساتقىلى ئەمەس بەلكى توي_مەشرەپكەماڭغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرەتتى. _ھە،كەلدىڭما،ئوغرى ساخلاندى،ئاقىدىكى بوش يەگە قۇپقوي،،،قەلەندە خەخ يېرىم چىنە قېتىخنىمۇجايىدى قويمايدۇ...._ئۇنىڭ غۇدۇڭشىشلىرىغا چىداپ تۇردۇم،چۈنكى ئانام ماڭا ئۇنېمىلا دېسە ئۇنىڭ يەنىلا مەندىن چوڭ ئىكەنلىكىنى ،چوڭ ئادەملەرنى ھۆرمەتلىشىمكېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئانام كېزىك سەۋەبىدىن ئالەمدىنئۆتتى،ئانامنىڭ تۈگەپ كېتىشى مەن ئۈچۈن زور ئەلەم بولدى،كېيىن بۇ ئۆيىمىزدىنيۆتكىلىپ چوڭ داداملارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردۇم،موماملارمۇ مېنى ئۆزبالىسىدەككۆرەتتى،،، ئىككى  ئايدىن كېيىن  بۇرۇنقىمەھەللىدىكى كىشىلەر <دىخان>نىڭ قېتىقىنى ئالماس بوپتۇ،بىرسى ئوغلىمىزنىيولدىن چىقاردى دېسە ،يەنە بىر نەچچە ئايال ئېرىمىزنى ئېزىقتۇرغان مەلئۇن دېيىشىپئۇنى مەھەللىدە رەسۋا قىپتۇ،كېيىن يېزىلىق ساقچىخانىدىن ئۇنىڭ <يالغان قېتىق>سېتىش  ئىشىنى پاش قىلىپ ئۇنىڭ قېتىقىنى ئىچىپ بىرنەچچە كىشىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭ  ئۇننىسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ياساپ چىققان قېتىقى ئۇزاق مۇددەت ئېچىش جەريانىدا زەھەرلىكباكتىرىيەلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ ئۇنى قولغا ئېلىشتى،ئۇ كۈنى مەنمۇبار ئىدىم،ئۇ مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ۋارقىرايتتى:_مۇشۇنىڭ ئانىسى،ھېپىزىخاننىڭقېتىقى ئۇمېنىڭ قېتىقىم ئەمەس،قەلەندەرنىڭ قېتىقى،ۋاي مىنىڭ ئۈچ چىنە قېتىقىمنىبەر،ئاناڭ ماڭا ئۈچ نان قەرز......... ھازىرھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەيتتى،بەزىلەر<<قېتىق دەردىدە ساراڭ بوپ قاپتۇ>> دېسە،يەنە بەزىلەر <<ھېپىزىخاننىڭ ئېرىيوق ،بىر ئوغلىلا قالدى،،،ھېچبىر بېساتى بولمىسا نەدىكى قېتىقنى بېرىدۇ،بۇمەلئۇننى يوقاتمىسا ھېپىزىخاننىڭ روھى ئامان تاپمايدۇ>>دېيىشەتتى..... شىنلاڭمىكروبلوگىدىن @AbabakriImir

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 05:34 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102139
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 11:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە قېتىم تەھرىرلىگەن بولساممۇ خەت قوشۇلۇپ چىقىۋالدى ۋورد تا ئۇنداق ئەمەستى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 10:18:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى مەنىلىك ئەسەركەن، ئەمما ئىملاغا دىققەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100217
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 10:58:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى چىققان ئەسەركەن، سىزنىڭ يەنە تېخىمۇ نادىر، ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ
               كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 11:42:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ababakriimir يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 11:29 PM
نەچچە قېتىم تەھرىرلىگەن بولساممۇ خەت قوشۇلۇپ چىقىۋالد ...

شۇڭا؛ ماشىنىنى بۇزغان پېتېق،ئادەمنى بۇزغان قېتېق دەيمىز-دە.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86463
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 888
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 11:48:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىققارلىق يىكايىمىكىن دەپ كىرگەن بىراق كۆڭلۇم بىرقىسما بۇلۇپ قالدى ،خىلى تەستە ئۇقۇدۇم ،مۇمكىن بولسا خەت شەكلىنى قايتا تەھرىرلەپ باقسىىڭىز بوپتىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 02:23:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن   قېتىققا   بەك   ئامراقتىم    ،  ئىچمىسەم  بوغۇدەك    جۇما

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ھەقىقەت ئىگىلەر، سۇنماس .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89064
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 04:23:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ay301 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 11:48 AM
قىزىققارلىق يىكايىمىكىن دەپ كىرگەن بىراق كۆڭلۇم بىرقى ...

سىزمۇ ما ئىنكاسىڭىزنى بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن .ئاتىكاچىلىقىمنى كەچۈرۈڭ  !!!

  كۆڭلۈمنىڭ تىلىمغا ئاچچىقى بار،تىلىمنىڭ كۆڭلۈمگە.كۆڭلۈم تۇيغۇلىرىنى چۈشەندۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تىلىمغا غەزەپ قىلغىنىدا،تىلىم چۈشەندۈرەلمىگۈدەك نەرسىلەرنى ئويلىغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈمگە قەھىر قىلىدۇ.

ھەقىقەت ئىگىلەر، سۇنماس .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89064
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 04:29:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلىنى ئازراق چوڭايتىپ ،تىمىنى تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز ،بولسا مۇشۇ< <دىخان>>سۆزىنىڭ ئورنىغا بىرە ئىسىم ئىشلەتكەن بولسىڭىز ، تىخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەنتۇق ؟سەمىمى تەكلىپ: تىمىڭىزنىڭ باغلىنىشى توغرا ئەمەس ئادەمگە بەزى بىر يەرلىرى چۈشۈپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دۈشمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 04:30 PM  


  كۆڭلۈمنىڭ تىلىمغا ئاچچىقى بار،تىلىمنىڭ كۆڭلۈمگە.كۆڭلۈم تۇيغۇلىرىنى چۈشەندۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تىلىمغا غەزەپ قىلغىنىدا،تىلىم چۈشەندۈرەلمىگۈدەك نەرسىلەرنى ئويلىغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈمگە قەھىر قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102135
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 05:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل بالىنى بۇزغان قىتىق بولغاندىكىن ئچمەڭ ئەمدى چاخچاق جۇما

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش