ئۈمىد غەنى ئەپەندىنىڭ تىزناپ مەكتىپىدە سۆزلىگەن‹‹رىياسەتچىلىك ھۈنەر ئەمەس››ناملىق لېكسىيىسىگە بولغان كۆزقاراشلىرىم
ئابابەكرى ئىمىر
نەچچە كۈن ئالدىدا ئۈمىد غەنى ئاكىمىزنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىدا ھەمبەھرلەنگەن،كېيىن مىسرانىم تورى تەرىپىدىن تولۇق سۈرەتكە ئېلىنغان بۇپروگراممىنى باشتىن ئاخىرى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم،پروگرامما قۇرۇلما جەھەتتىن بۇرۇنقى ‹‹كۆڭۈلدىكى سۆز››گە ئوخشاش ئىشخانا ئىچىدە ئالدىن تەييارلىنىپ كېيىن ئوپېراتورلار قايتا-قايتا قايچىلاپ قېلىپلىشىپ كەتكەن تۈزۈمدە ئەمەس،بەلكى يېڭىچە تەپەككۇر،يېڭىچە شەكىل ئاساسىدا،ئاممىبابلىقنى ئاساس قىلغان،نەق-مەيدانلىقى(互动性)كۈچلۈك،كىشىلەر ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان سورۇن ھازىرلىغان بىر لېكسىيە،مەن بۇنداق لېكسىيىلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى،ئىلمىي تەتقىقات ،مۇھاكىمە سورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
نۇقسانسىز ئىش بولمىغانغا ئوخشاش ،نۇقسانسىزئادەممۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇ لېكسىيىدە كېتىپ قالغان تەرەپلەرنىڭ قايسى ئىكەنلىكى ھەم كېيىنكىلىرىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن،ئىمكانقەدەر خاتالىقتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك يېتەرسىزلىكلەرنىخاتىرىلەپ چىقتىم،ئەگەرمەندە خاتالىقلار بولسا پىكرىڭلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈنقولۇم كۆكسۈمدە.
1.لېكسىيە ئەسلى رىياسەتچىلىك توغرىلىقباشلانغان(مىسرانىم تورىنىڭ رىياسەتچىسىمۇ بۇ لېكسىيىنىڭ رىياسەتچىلىك توغرىسىدائىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن)ئەمما بارا-بارا بۇ لېكسىيىدە ئىقتىسادىيمەسىلە(مەسىلەن مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ قايسى رىياسەتچىسى رىياسەتچىلىكتىن قالدى...نېغمەت يىلىغا مۇنچىلىك كىرىم قىلىپ ئۇنىڭ پروگراممىسى قانچىلىكنى يەپ كەتتى قاتارلىق....)،تۇرمۇش مەسىلىسى(يەتتە كۈندە مال قايتۇرۇش..)زىيارەت (ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ،ئۆمەرجان ئالىم...)قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېچىلىپ كەتكەن،دېمەك ئالدىن مۇكەممەل ،پۇختا تەييارلىق قىلىنمىغان،بۇنىڭدا ئۈمىد غەنى ئاكىمىز ئۆزى ئېيتقاندەك ئۈندىدار بىلەن بولۇپ كېتىپ مۇكەممەل تېزىس تۈزەلمىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالدىراش بولۇپكەتتىمۇ مەزمۇن ناھايىتى چۇۋالۋاق چىقىپ قالغان.
2.بۇ ئەسلى ئىلمىيلىقى كۈچلۈك مەخسۇس رىياسەتچىلىك توغرىسىدا سۆزلەنگەن لېكسىيە ئىدى ،ئەمما كېيىنچە دىن-پەن دېگەندەك جەمئىيەتنىڭ نازۇك قاتلاملىرىغا بېرىپ تاقىشىدىغان لېكسىيە بولۇپ قېلىپ بەزى يەرلەردەھەتتا ئۈمىد غەنى ئاكىمىزنىمۇ ھالسىرىتىپ قويدى،دەل شۇنداق چاغلاردا ئۈمىد غەنى ئاكىمىز چاقچاق سەنئىتىمىز(غۇلجىلىق بولغاچقىمىكىن)نىمۇ بوش قويۇۋەتمەستىن ئارىسىغا ئېلىپ قىستۇرۇپ ،كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئارقىلىق جاۋاب بېرىشكە ئامالسىزقالغان سوئاللىرىنى يېپىشقا مەجبۇر بولغان.
3.دىن بىلەن پەن مۇناسىىۋىتى ھەرگىزمۇ ئىككى ئېغىز لېكسىيە بىلەن ھەل قىلىنىپ كېتىدىغان،ئاساسسىز قۇرۇق گەپلەر ئۆزئاراماسلىشىپ كېتىدىغان مۇناسىۋەت ئەمەس،كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ بىرلا قېتىمدا ئېچىلىپ كېتىشىمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس،مېنىڭچە بىرىنچى قېتىملىق لېكسىيىدىلا بۇنداق چوڭ مەسلىگە ئېسىلىۋېلىپ جاۋاب بېرەلمەي گەپ ئەپقاچىتىلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىشسورۇندىكى كىشىلەرنى قايىل قىلالىسىمۇ ئەمما ھەقىقىي ئىلىمي تەتقىقات مۇلاقەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
4.ئۈمىد غەنى ئاكىمىز شىنجاڭ تېلېۋىزىيەئىستانسىسىنىڭ ‹كۆڭۈلدىكى سۆز›پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرچە رىياسەتچىسى بولغانىكەن بۇ لېكسىيىنى ئۇيغۇرچە سۆزلىشى(نۇتۇق ئورىگىنالىنىمۇ ئۇيغۇرچە ئالدىن تەييارلاپتۇرۇشى )،بەزى يېڭى ئاتالغۇلارنى ئالدىن تەرجىمە قىلىشى ياكى قوش تەرجىمىلىكھالەتتە ئۇنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى ،ئەپسۇس ئۇيغۇر تىلىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ لېكسىيىدە نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە ئاتالغۇلارنىڭ شەرھلەنمەستىن ئۇدۇل ئەكىرىلىشى ئۇيغۇر ساپ تىل رىياسەتچىلىكىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقىنىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن.
5.بۇ نۇتۇقنىڭ ئالاھىدە كىشىنى خۇرسەن قىلىدىغان ۋە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىتىغانقىسىمى ئاخىرىدا بىر ئوغۇل بىرقىزنىڭ بايانى بولۇشى مۇمكىن،ئوغۇل بالا تەكلىپ پىكىرلىرىنى ناھايىتى ئىدىتلىق ،ئىسپاتلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم-پەننى چەتكە قاقمايدىغانلىقى،ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكىلىرىنى تولۇقلىيالايدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتىدۇ،ھەم سوئالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ ،ئەكسچە بۇ لېكسىيەگە شۇنچە‹‹ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقان››لار تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ غۇدۇراشقا،ھەتتا ئۇنىڭغا‹ئۇدۇل سوئالىڭنىدە!!!››دېگەندەك تەلەپپۇزلاردا كايىشقا باشلايدۇ،ئۇلار ئۈمىد غەنى ئاكىمىزنىڭچۇۋالۋاق نۇتۇقىنىڭ ئارىسىدىكى ‹گەپ-ئەپقاچتى›چاقچاقلىرىغا كۈلۈپ ئولتۇرغانئەمەسمىدى،يەنە نېمە ئۈچۈن براۋنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلماستىن ئۈزۈپ،غۇدرىشىدۇ؟؟؟بۇشۇنى چۈشەندۈرىدۇكى بۇ يەرگە كەلگەنلەر ئۈمىد غەنىنى ۋە ئاتاقلىق ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنى كۆرگىلى كەلگەنلەر...شۇڭا لېكسىيىگە بۇنداق ئىلمىي پىكىرى،ئىلمىي پوزىتسىيىسى يوق ئاقنانچى كىشىلەر تەكلىپ قىلىنماسلىقى كېرەك.
ئىزاھات:بۇنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئۈمىد غەنى ئاكىمىزنىڭ لېكسىيىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرگە بېرىلگەن سەمىمىي ئەسكەرتىش خالاس،ئەگەر خاتا ،كەم يەرلىرى بولسا تۈزىتىشكە تىرىشىمەن،بۇ بىر تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يېزىلغان ماقالە ئەمەس،كۆپچىلىكنىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىپ كەتمەسلىكىنى سەمىمىي ئىنكاس يېزىشىنى قارشى ئالىمەن.
پىكىر بەرگۈچى:شىنلاڭ مىكروبلوگىدىن @AbabakriImir
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-14 05:33 AM