بىر ئىستاكان چاي
(تەرجىمە ئەسەر)
چەينەكنىڭ ئاستىنقى قىسمى، قېيىن ئانىدۇر. ئاچچىغى كېلىپ، چېچىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتا دىققەت قىلىنمىغاندا تېشىپ كېتىدۇ.
چەينەكنىڭ ئۈستى قىسمى كېلىندۇر. ئاستى قىسمى قاينىغانچە ئۇنىڭ ھارارىتى ئاشىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاي تاۋلىنىپ، ياخشى دەملىنىشكەباشلايدۇ.
ئىستاكان. كېلىننىڭ يولدىشىدۇر، ھەر ئىككى چەينەكتىن يېتەرلىك نېسىۋىنى ئالىدۇ. بىر ئاز قېيىن ئانىسى تولدىرىدۇ، بىر ئازكېلىن. بۇ سەۋەپ تۈپەيلى دەنگە (تەڭپۇڭلۇق) بەك مۇھىمدۇر. چاينىڭ سۇس ياكى قېرىق بولۇشىمۇ بۇنىڭدىندۇر.
چاينىڭ شەكىرى. چاينىڭ شەكىرى بولسابالىلاردۇر، تەم كىرگۈزەر ئەمما بەك كۆپ بولۇپ كەتسە چاينىڭ لەززىتىنى بۇزىدۇ.شەكەرسىز چايغا ئۆگۈنۈپ قالغانلارغا بولسا بىرسمۇ ئارتۇق كېلىدۇ.
چاي قوشۇغى. چاي قوشۇغى بولسا، ئەرنىڭ ئاچا ياكى سىڭلىسىدۇر. ئارىلاپ- ئارىلاپ كېلىدۇ، قوچۇپ، ئارلاشتۇرۇپ، ئىگىز- پەسقىلىۋېتىپ كېتىدۇ.
قېيىن ئاتىغا كەلسەك: ئىستاكاننىڭ ئاستىدىكى چاي تەخسىسىدۇر. چاينىڭ سۈيىگە، چېيىغا ھېچ ئارلاشماس. بىر تەرەپتە ئولتۇرار.پەقەتلا تۈكۈلگەن چايلارنىڭ ئەتراپقا ئېقىپ، زىيان كەلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئەمما ئارىلاپ- ئارىلاپ بوشۇتۇپ تۇرۇش لازىم. بولمىسا تېشىپ، ھەممە ئىشنى بوزار.
چاي سۈزگۈچى: ئائىلىنىڭ قولىدىكى ئەھمىيەت بېرىدىغان نەرسىلەردۇر. ئائىلىنى سىرىتتىن كېلىدىغان ھەر خىل خەتەرلەردىن قوغدار.ئەگەر تۈشۈكلىرى چوڭ بولۇپ قالسا، چاينىڭ سۈپىتىنى بۇزىدۇ.
چاينى قايناتقان ئوت بولسا: مىھرى-مۇھەببەتتۇر. ئۇ بولماي تۇرۇپ، ئائىلە ئىچىدە مىھرى- مۇھەببەت بولماس.
قىسقىسى، بىر ئىستاكان چاي ئائىلىدۇر. ئۆز تەمى بىلەن ئىچىلگەن بىر ئىستاكان چاينىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان نەرسە يوقتۇر.
http://www.webhatti.com/komik-seyler/562791-bir-bardak-cayin-hikayesi-%3D.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 03:14 AM