ماۋۇ ئىنكاسنى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يازغان ئىدىم (مۇزتاغ نامىدا )
قارىسام ئالتۇن توغرىسىدا پاراڭ سىلىۋىتىپسىلەر شۇڭا بۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قويدۇم
http://bbs.izdinix.com/thread-56732-1-1.html
دۆلىتىمىزنىڭ مۇتەخەسىسسلىرىمۇ قىززىق
2008- يىلى ئالتۇن ئاشقان ۋاقىتلاردا مۇتەخەسىسسلەر
« بۇ ئامىركىنىڭ ئويۇنى ئالتۇننىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇپ، دولىتىمىزنىڭ پۇلىنى پاخاللاشتۇرماقچى » دەپ سەرخىل
ماقالىلارنى ئىلان قىلىپ يۇردى. مانا ئەمدى 2013- يىلى ئالتۇن زور كۆلەمدە چۇشسە ، يەنە شۇ مۇتەخەسىسسلەر
« بۇ ئامىركىنىڭ ئويۇنى ئالتۇننىڭ باھاسىنى چۇشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىكىسپورت قىلىپ تاپقان پۇلىنى يوققا چىقارماقچى»
دەپ سەرخىل ماقالىلەرنى يەنە ئىلان قىلىۋاتىدۇ.
ئەملىيەتتە ھازىر ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدرى بىر دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ دىگەن قاراشنىڭ ۋاختى ئۆتكىلىۋاتىدۇ،
ئالتۇن ھازىر پەقەت بىر خىل مەبلەغ سىلىش ۋاستىسى ھىساپلىنىدۇ،
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بولغىنىدەك ، 2008-يىلى ئامىركىدىكى ئاكا ئۇكىلار بانكىچىلىغى ۋەيران بولغانلىغىنى جاكارلىغاندىن كىيىن
دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى باشلىنىشىغا سەۋەپ بولدى،ئارقا ئارقىدىن كۆرۇلگەن ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىكى
گىرىتسىيە، ئىسپانىيە، پورتىگالىيە ھەتتا ئىتالىيە دىگەندەك دولەتلەردىكى قەرىز مەسلىسى دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى
تىخمۇ چۇڭقۇر كىرزىسقا پاتۇردى. ھەتتا ياۋرۇپا ئىتپاقىدا پارچىلىنىپ كىتىش پىكىرى ئەۋج ئىلىشقا باشلىدى.
كىرزىس دىگەنلىك بازار كاسات دىگەنلىك بولىدىكەن،
بۇنداق چاغدا سىز نىمە ياسىسڭىز ياكى نىمە ئالسىڭىز سىتىپ چىقىرالمايدىكەنسىز، پۇلى بارلار قالايمىقان مەبلەغ چىقارمايدىكەن
سەل بىخەتەر مەبلەغ موھىيتنى تاللايدىكەن ،
شۇنداق قىلىپ ھازىر نەگە كەلدۇق ھە.....
ئامىركا ياۋرۇپادىكى بايلارنىڭ شۇنداق قىلىپ كۆزى ئالتۇنغا چۇشىدىكەن.
چۇنكى ئالتۇن بىر قەدەر بىخەتەر مەبلەغ ۋاستىسى بولۇپ،( ھىچ بولمىسا پايچىكىدەك زىيان نولگە چۇشۇپ قالمايدۇ) خەلىقارادىكى ھەمەيلەنەە تونۇشلۇق بولغان ئەڭ گۇزەل زىننەت بويۇمى، خانىم قىزلارلا بولىدىكەن، ئاتۇن داۋاملىق سىتىلىدۇ .
خەۋرىڭلار بولسا 2008-يىلى ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى خەلىقئارادا 800-900 دوللار ئىدى، توت يىلدىن كىيىن
2012- يىلى 6- ئايلاردا ئۆسۇپ 1900 دوللارغا چىقتى، باھا 1000-1100 دوللارغىچە ئۆستى.
ئەمدى بۇ توت يىل جەريانىغا قاراپ باقايلى
ئامىركىنىڭ ئىختىسادى ياخشىلاندى ، بۇنىڭدا ئالما، گوگۇل قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ توھپىسى چوڭ، ھازىرقى ھەربىرەيلەننىڭ قولىمىزدىكى
ئايفۇن، ئايپەد قاتارلىق مەھسۇلاتلار مۇشۇ توت يىل ئىچىدە باھارلىققا كەلگەن .
ياۋرۇپادا بولسا گىرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئىختىسادى ئىزچىل ياخشى دۆلەتلەر باشقا دولەتلەرگە يارىدەم قىلىپ،
ئۇلارنىڭ كىرزىستىن ئۆتىۋىلىشىقا تۇرتكە بولدى، ھازىر ياۋرۇپانى ئىختىسادىمۇ ئەسلىگە كەلگەن چىراي.
مانا 2013- يىلى ئالتۇننىڭ باھاسى 1900 دوللاردىن 1200 دوللارغا چۇشتى ، بايلار يەنە باشقا مەبلەغ سىلىش نىشانىنى تاپتى دىگەن گەپ.
دىمەك ئۇلار قولىدىكى ئالتۇنلىرنى سىتىپ چىقىرۋاتىدۇ .
ئەمدى بۇيۇك دولىتىمىز خەلىقى ئەس ھۇشىنى كىيىنرەك يىققاچقا بازارنىڭ چۇشۇشىگە ئالتۇن ئىلىپ قالدى. يەنى يۇقارقى مەزمۇندىكىدەك.
مىنىڭچە ئالتۇننىڭ يەنە بىر ئىشىشىنى كۇتۇش، يەنە بىر كىرزىسنى كۇتۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس .