تۈرك ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانمىلار
1.ئۆز يېرىدىن ئايرىلغان 7يىل يىغلار،
ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان ئۆلگىچە يىغلار.
2.يالغانچى تۆرگە بىر چىقار.
.3 سەھەرتۇرغاننىڭ ئىشى ئاينىيدۇ.
4.ئادەمنىڭ توغرىسى،ئوغاقنىڭ ئەگرىسى ياخشى.
5 يۆلەنچۈكىڭ تاغ بولسا،يۈرۈگىڭ تاش بولور.
.6 ئەل بىلەن كېڭەش،بىلگىنىڭنى ئىشلە.
.7 كىرەكلىك نەرسە ئېغىرلىق قىلماس.
8.جان بىلەن كىرگەن خۇي،تەن بىلەن چىقار.
9.كىچىنىڭ ياخشىلىقىدىن، كۈندۈزنىڭ يامانلىقى ياخشى.
10.گەپنىڭ ئىزى، ئاشنىڭ تۇزى.
11. ئاچلىق نىمە يىگۈزمەس، توقلۇق نىمە دىگۈزمەس.
12.كۆپ بىلەن قىلغان ئەمگەكمۇ بايرام.
13.ئىت ھارغىنلىقىنى بۆرىگە بىلدۈرمەس.
14.ئەل بىلەن ئۈچۈن كىسىلگەن بارماق قانىماس.
15.ئاخماق مال-مۈلۈك قوغلىشار، ئەقىللىق بىلىم.
16.مۇھەببەت چىراي تاللىماس، ئۇيقۇ ياستۇق.
17.تىلنىڭ ئۆزى سۆز،يۈزنىڭ ئۆزى كۆز.
18.باشتا ئەقىل بولمىسا جاپاسى پۇتقا چۈشەر.
19.ئوغۇللۇقمۇ يىغلار،ئوغۇلسىزمۇ يىغلار.
20.قارغا بۇلبۇل بولالماس.
21. ياخشى ئەر ئەلگە ئورتاق، يامان ئەر مالغا.
22.ياخشى ئۆلسە ھەممە ئۆلەر، يامان ئۆلسە بىرى.
23. يىشىنى يوشۇرغان ياش بولماس،
يوشۇرۇپ ئىچكەن ئاش بولماس.
24.پىمانى توشقان تۈلكە، ھىنىگە قاراپ ھۇۋلايدۇ.
25.غىرىپنىڭ بېشىنى سىلىغان بەگ بولۇر.
26.يىڭى ئىدىشنىڭ سۈيى سوغۇق بولۇر.
27.ياخشىنىڭ گىپى جەننەت، ياماننىڭ گىپى مىننەت.
28.يوشورۇن كەلگەن لەشكەر كۆپىيەر.
29.ئىتىغا قاراپ يول تاللا، ئاتىسىغا قاراپ دوس.
30.تەربىيە كۆرمىگەن ئوغۇل-قىز باشقا بالا بولۇر.
31.كارۋاندا تۆگە بولسا تۈك يەردە قالماس.
32.غەم-قايغۇ ھىچ ئىشنى ھەل قىلماس.
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلىدىن ئىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-12 12:15 AM