|
|
|
|
مۇزېينىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى قىممىتى
بۈگۈنكى ئىجتىمائىيىتىمىزدە بەزىلەر مۇزېينى زىيارەت قىلىشقا قىزىقسىمۇ، ئەمما بۇ نۇقتا كۆپلىرىمىزنىڭ يادىدىن ساقىت. شۇ سەۋەبلىك ھازىر مۇزېيغا بېرىش مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالمايۋاتىدۇ.
ماتېرىياللارغا قارىغاندا، مۇزېيغا بېرىش تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى مۇتلەق كۆپ كىشىنىڭ مۇھىم تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان. دۇنيادىكى مەشھۇر تارىخچىلار، مەدەنىيەتشۇناسلار ۋە فولكلورشۇناسلار ئاتا – ئانا ۋە تەربىيەچىلىرىنىڭ باشلىشىدا كىچىكىدىن مۇزېيلارنى زىيارەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ ۋە بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغان. شۇڭا، تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكىلەر دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلىرىنى ئالدى بىلەن مۇزېيغا، ئۇنىڭدىن كېيىن كىتابخانىغا، باغچىغا ئاپىرىدىكەن. مۇزېيغا بېرىش ئەنگلىيەلىكلەرگە ئۇدۇم ئىكەن. شۇڭا، ئەنگلىيەلىكلەر ‹‹ئۆيۈمدە ئۆلمىسەم مۇزېيغا بېرىش يولىدا ئۆلسەم رازىمەن›› دەيدىغان ھېكمەتكە ئەقىدە قىلىدىكەن. بۇلاردىن مۇزېينىڭ تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن بولمىسا كېرەك.
بىزدە بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكنى كىشىلىرىمىزنىڭ مۇزېيغا بولغان تونۇشىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئۇنىڭغا نادانلارچە قىزىقماسلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بۈگۈنكى كىشىلىرىمىز مەنىۋى تۇرمۇش ئىستېمالىغا قارىغاندا ماددىي تۇرمۇش ئىستېمالىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. كۇتۇپخانا، مىڭئۆي خارابىلىرى ۋە مۇزېيلارنى ئايلىنىشقا قارىغاندا، سودا سارايلىرى ۋە بازارلارنى ئايلىنىشنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ. ئىلگىرى ھازىرقىدەك مۇزېيلار يوق ئىدى، بار دېگەندىمۇ ھازىرقىدەك مول مەزمۇنغا ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇڭا، كىشىلەر مەنىۋى ئېھتىياجىنى كىتاب – ماتېرىياللاردىن، مەكتەپ بىلىملىرىدىن قاندۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە نەشرىياتچىلىقنىڭ گۈللىنىشى، تېلېۋىزور، ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى زور دەرىجىدە بېيىتىش بىلەن بىللە، مۇزېيلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ كۈنسېرى موللىشىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ تارىخبىلەن ئۇچرىشىش، مەدەنىيەت – سەنئەت مىراسلىرىدىن بەھرىلىنىشىگە شەرت – شارائىت يارىتىلماقتا. بۇ نۇقتىدىن مۇزېيلارنىمۇ كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاشتا ناھايىتى مۇھىم بىر مەكتەپ، دېيىشكە بولىدۇ.
ھازىر تۇرمۇش رىتىمىمىز تېزلەشتى. نەچچە يىل جاپا تارتىپ ئىگىلىگەن بىلىملىرىمىز تېزلا كونىرايدىغان بولدى. دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىمىز بىلەن ھازىرقى زامان تۇرمۇشى، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىمىز بىلەن ھازىرقى زامان قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭايماقتا. ھازىرقى زامان تۇرمۇشىمىزدىكى بۇنداق يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرىشلەر كىشىلەردىن بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭقۇر، مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ھەرتەرەپلىمە تاكاموللاشتۇرۇپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. تاكامۇللىشىش، ئەلۋەتتە، تارىخنى ئوبدان چۈشىنىش ئارقىلىق بۈگۈن ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشنى شەرت قىلىدۇ. شۇڭا، مۇزېيلارنى پات – پات زىيارەت قىلىپ، بۈگۈن ھەم ئەتىكى تۇرمۇشىمىزنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاپتۇرى:غالىب خۇجىئابدۇللا
مەنبە:ئاكادىمىيە تورى
ماقالە تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
|
|
|
|
|
|