يېڭى ناۋاغا يېڭىچە تەكلىپ
يېڭى ناۋا پىرۇگىراممىىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ پىرۇگىرامما شەكلىنىڭ يېڭىلىغى، نۇمۇرلىرىنىڭ سەرخىللىغى ۋە ماھىرلىرىنىڭ خىللىغى قاتارلىق جەھەتلەردىن بۇرۇنقى ناۋا پىرۇگىراممىلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە پەرىقلىنىپ، تېلېۋىزىيەدە زور داغدۇغا پەيدا قىلدى ۋە كۆرۈرمەنلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، باشقا مەخسۇس پىرۇگىراممىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈش نېسبىتى ئەڭ يۇقۇرى پىرۇگىراممىغا ئايلاندى. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا سېلىنغان مەبلەقنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ، ماھىرلار ۋە تەلەيلىك تاماشىبىنلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار قاتارلىق ئامىللارمۇ پىرۇگىراممىنىڭ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈپ، كەڭ تاماشىبىنلار شۇنداقلا سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
مەن بۇ پىرۇگىراممىنى تېلېۋىزۇردىن تولۇق كۆرۈش ۋە بىر نەچچە قېتىم نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزۈم ھېس قىلغان بەزى كۆز- قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
1.رىياسەتچىلەرنىڭ ساپا مەسىلىسى
رىياسەتچىلەرنىڭ ئونۋېرسال بىلىم ساپاسى تۆۋەن، نەق مەيداننى كونتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، ئانا تىل سەۋىيىسىمۇ يېتەرلىك ئەمەس. بولۇپمۇ رىياسەتچى رامىلە ھۇسەننىڭ ئورۇنسىز گەپ- سۆز قىلىقلىرى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.
2.رىياسەتچىلەرنىڭ كىيىم مەسىلىسى
رىياسەتچىلەر" كىيىمنىڭ ئېلانى" ئۈچۈن كىيىنگەچكىمۇ ئۆز پىگۇرىغا ماس بولمىغان كىيىملەرنى كىيىپ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرىۋالغان، بەزىدە ھەددىدىن ئارتۇق قىلىنغان گىرىممۇ ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىپ قويغان.
3. باھالىغۇچىلار مەسىلىسى
دىلشات راھىدىن ئەپەندىنىڭ بىراۋنىڭ ئەيىۋىنى ئاچقاندەك قىلغان بەزى سۆزلىرى كۆپ ماھىرلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. بۇنىڭغا مىسال ئالمىساممۇ كۆپچىلىك ھىس قىلىپ بولغان بولۇشى مۆمكىن. رەنا روزىنىڭ ئورنىغا ھەمراگۇل مۇئەللىم ئالمىشىپ توغرا بولدى. ئابلىز رىھىم ئەركال ئەپەندى ماھىرلىرىمىزغا سەنئەت نۇقتىسىدىن ھەقىقى توغرا باھا بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.
4.غۇلجىلىقلار مەسىلىسى
ئايلىق چولپان بولغان ماھىرلار ئىچىدە غۇلجىلىق ماھىرلارنىڭ نىسبەتەن كۆپ بولۇشى ، تاماشىبىنلاردا: « رىياسەتچى ، باھالىغۇچىلاردا غۇلجىلىق ماھىرلارغا نىسبەتەن مايىللىق خاھىشى مەۋجۈتمۇ- قانداق؟!» دىگەن خاتا كۆز-قاراشنى پەيدا قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەمسىيە بىلەن تاھىرمۇ غۇلجىلىق ماھىرلارغا بەكرەك يىقىنچىلىق قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ......
گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلغاندا ناۋا پىرۇگىرامما گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقارقى مەسىلىلەردە ئاز-تولا ئويلۇنۇپ كۆرۈپ ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، پىرۇگىرامما سۈپىتىنى داۋاملىق يۇقۇرى كۆتۈرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. جەمىيەتتە: « ناۋا پىرۇگىراممىسىدا ئويۇن باركەن، ئېلىكتۇرۇنلۇق بىلەت تاشلاش دىگەن قۇرۇق گەپ ، كىمنىڭ چولپان بولۇشى مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا ئىچكى قىسىمدا بېكىتىلىپ بولىدىكەن » دىگەن بەزىبىر گەپ –سۆزلەر تارقاپ يۈرمەكتە. بۇ گەپلەرمۇ ئاساسسىز گەپ – سۆز بولماسلىغى مۆمكىن. شۇڭا ناۋا كوللىگىيىسى بۇ پىرۇگىراممىنىڭ ئادىل بولۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ ، مۆمكىن بولسا يىللىق چىمپىيون تاللاش مۇسابىقىسىنى «ماھىرلار بارلىق نومۇرلىرىنى نەق مەيداندا ئورۇنلاش» قا ئۆزگەرتىپ، ماھىرلارنىڭ ئۆز تالانتىنى ھەقىقى تۈردە نامايەن قىلىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن .
يۇمۇرچى
2014-يىلى1-ئاينىڭ 10-كۅنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-11 12:27 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: ?4 v8 I# R% t9 w4 B6 V, Y: C3 T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( _4 k, n. A/ a' Z# `; j