ئاتۇش ئەنجۈرى
ھەر دانىسى سۆزلەر مىڭ ھېكمەت،
تەنگە داۋا ، يۈرەككە لەززەت،
قۇرۇق شاختىن ئۈنگەن مۇھەببەت،
نامى مەشھۇر ئاتۇش ئەنجۈرى.
ئاچ قالغانغا بولسا ئوزۇقلۇق،
ئۇسسىغانغا بولار ئۇسسۇزلۇق،
پەخرى قەدىم دىيارنىڭ نۇرلۇق،
نامى مەشھۇر ئاتۇش ئەنجۈرى.
بوۋىلار دەر: كۈچ-مادار تەنگە،
يايرىتىدۇ جاننى يىگەندە،
بەرىكىتى ياغار باغۋەنگە،
نامى مەشھۇر ئاتۇش ئەنجۈرى.
مىۋىلەرنىڭ سۇلتانى-شاھى،
نامى مەشھۇر ئاتۇش ئەنجۈرى.
يۈرەكلەرنىڭ داۋاسى ، ماھى،
داڭقى داستان ئاتۇش ئەنجۈرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-11 01:02 PM