ئۆچمەس
دائىملىق ئــەزا
ئاشىقلىق كۆزلەرنى شۇ ئۇيقۇ ئەسىر ئەتكۈچە، خىيالىم تۆرىدىن كەتمىدىڭ نىگار. ساقلىدىم ئۇيقۇغا ئىشتىھا باغلاپ تۈن يېرىم بولسىمۇ كەلمىدى زىنھار. ئوت دېسەم ئۆزۈمنى زۇلمەتتە يانغان، سەن نېمە ؟بىلمىدىم ئوتنى كۆيدۈرگەن. بارمىدۇ بىر سېھىر بىلمىدىم سەندە شۇ ئازغۇن قەلبىمگە سېنى سۆيدۈرگەن. خىياللار قوينىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، ئۇيقۇنى مىڭ تەستە باشلىدىم تەنگە. ھەي توۋا چۈشۈمگە رىژىسسور بولدۇڭ ئىيتقىنا ئەي نىگار سەن قانداق بەندە. ئويلىماي دەيمەنۇ خىيال بېغىمدا ، لېكىن شۇ خىياللار سېنى ئىزلەيدۇ. چۈشۈمدە بوش ئەمەس سېنىڭ ئەرۋاھىڭ يۇشۇرغان سۆزۈڭنى ماڭا سۆزلەيدۇ. ئىشەنگىن سەندىمۇ ئاشىق يۈرەك بار ، قۇلاق سال قەلبىڭدىن چىققان تىۋىشقا. يانسىمۇ يۈرەگىڭ يانار تاغ كەبى بەزلەيسەن يۈرەكنى ئېيتە نىمىشقا؟ مۇھەممەدرېھىم ئابلىز »ئوت« 2017.1.10-كۈنى ئەتىگەن سائەت 4.00 تۈن ئۇيقۇسى يىراقلاردىن يولۇمغا تەلمۈرۈپ باقىدۇ، خىياللىرىم بولسا تۈن ئۇيقۇسىغا بوي بەرمەي ئەقلى ھۇشۇمنى ئېلىپ قاچىدۇ ، ئۆزۈمنى ئۇخلا دەپ بەزلەيمەنۇ لىكىن يەنە خىيالنىڭ قاينىمى ئۇيقۇنى بىزار قىلىدۇ ، ئۇيقۇ ماڭا تەشنا ، خىياللىرىم ئۇيقۇمغا دۈشمەن ، مەن بولسام ئۇيقۇ بىلەن خىيال ئارىسىدا سەرگەردان . بەزىدە كۆرگەنلىرىمنى ئەسلىسەم ئۇيقۇممۇ ياكى خىيالىممۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن ، چۈنكى خىيالىمغا ئۆزۈم باشلىق ، ئۇيقۇمغا سەن ساھىبخان...
پاش قىلىش
تەستىقلانمىغان
ئادەتتىكى ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ