مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3552|ئىنكاس: 17

قارىسىنى ئۇشتۇش (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77463
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 243
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-3-15
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:45:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                      

20100107143407951.jpg


                                                            قارىسنى ئۇشتۇش



( ئەختەر)


ئىدارىدىكى ئابدۇمۆمىننىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكىنىڭگە ئۈچ ھەپتىچە بولۇپ قالدى، مۇشۇ ئۈچ ھەپتە جەريانىدادادىسىنىڭ ئىچى ئاغرىقىدا بىچارە ياداپ جىمغۇر بولۇپ قالغانىدى ،ئۇنۇڭدا بورۇنقى شوخلۇقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى، بۇرۇن كۈندە دېگۈدەك ئېلىپ تۇرىدىغان ساقاللىرى ئۈسۈپ ئون ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرىنەتتى، بورۇن ئىدارىدىكى ھەممە بىلەن چاقچاقلىشىپ يۈرىيدىغان ئابدۇمۆمىن ئەمدىلىكتە ئەتتىگەندە ئىشقا كىلەتتى ۋە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ۋاقت توشقان ھامان ئۆيىگە قايتىپ كىتەتتى، ئۇ بۈگۈن ئەمدى قايىتاي دەپ تۇرغاندا ئىدارىدىكى بورۇن دائىم بىللە سورۇن تۈزۈپ يۈرىشىدىغان ئۈچ- تۆت خىزمەتچى ئاغىينىسى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ :
- ئاغىينە، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كەينىدىن بىللە كەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇنداق روھىڭنى چۈشۈرۈپ يۈرمەي كۈلۈپ يۈرگىنە...
- شۇنداق، ھېلىمۇ داداڭغا خېلى قارلىق تۇتتۇڭ، داۋاملىق مۇشۇنداق پەرىشان يۈرمەكچىمۇ سەن؟... بۈگۈن ئاغىينە بالىلار بىلەن مەسلەھەتلىشىپ سىنىڭ قاراڭنى ئۇشتۇپ قۇيايلى دېيىشتۇق...
- شۇنداق، ئۆيۈڭگە قايتىشقا ئالدىرما، بۈگۈن رېستۇراندىن ئورۇن ئېلىپ قاراڭنى بىر ئۇشتىۋېتەيلى...
- ماقۇل دەڭا؟- دېدى ئابدۇمۆمىن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان سائادەت ئىسىملىك ئىرىدىن يېقىندا ئاجىرشىپ كەتكەن چوكانمۇ ئەركىلىگەندەك ئابدۇمۆمىننىڭ يىڭىدىن تارتىپ،- مۇشۇ ئون بەش كۈن ياقى بىر ئېغىزمۇ مۆرىمەي ئىچىمنى بەك پۇشۇرۋەتتىڭىز، بۆگۈن رېستۇراندا قارىڭىزنى ئۇشتىۋىتەيلى، ئاندىن كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...
- رەھمەت سېلەرگە،- دېدى ئابدۇمۆمىن زورىغا كۈلۈمسىرەپ،- بولسىغۇ شۇنداق قىلسام بۇلاتتى، بىراق دادام تۈگەپ كەتكىلى ئۇزاق بولمىدى، شۇنداق تورۇپ يەنە مېھماندارچىلىققا بېرىپ يۈرسەم قاملاشماس...
- ھېلىمۇ بىر ئاي بولغىلى قوپتىغۇ، ئۇنداق دەپ تۇرۋالماي ماقۇل دېگىنە ئاداش...
- زورلىماڭلا بولدى،- دېدى ئابدۇمۆمىن سەل ئاچچىقلانغاندەك بولۇپ،- ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قايتىدىن كەيىپ ساپانى تاشلاپ يېڭىچە ئادەم بولماقچىمەن، بۇ رەھمەتلىك دادامنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى...
- ۋوي، ساڭا بىركىم ھاراق ئىچەيلى دېدىمۇ، پەقەت رېستۇراندا ئولتۇرۇپ گۇڭى- مۇڭى بىرەرۋاخ تاماق يېيىشىپ قوپۇپ كېتىمىز، قانداق دېگەن كاج ئاداش ماۋۇ...
ئۇلار خېلى ۋاقت دەتالاش قىلىشىپ پەقەت تاماق يېيىشىدىغان سورۇندا ھاراق- شاراپ قويۇلمايدىغانغا پۈتۈشۈپ رېستۇرانغا مېڭىشتى، رېستۇراندا ئىدارىدىكى ئابدۇمۆمىن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بەش- ئالتە خىزمەتداش، سائادەت ۋە بىرنەچچە يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ۋە خىزمەتكە چىققىلى بىرەر يىل بولۇپ قالغان بويتاق قىز چوكانلاردىن تۆت بەشى يېغىلدى، ئۇلار دەسلەپ ئابدۇمۆمىنغا تەسەللى بىرىشتى ئارقىدىن بىرسى دۇتتارنى ئېلىپ ناخشا ئېيىتقانمۇ بولدى، بىر دەمدىن كېيىن بورۇن ئابدۇمۆمىننى دائىم ھاراق سورۇنىغا باشلاپ تۇرۋالىدىغان ساتتار ئىسىملىك بېشىنىڭ چوقۇسىدا چېچى قالمىغان پاينەكباش بىرسى ئۈنلۈك ئاۋازدا:
- ۋاي ئابدۇمۆمىن ئاداش ... مۇنداق كۈلۈپ ئولتۇرغىنە... راست گەپنى قىلسام بايام ھاراق شاراپسىز ئولتۇرار بولغان، بىراق قاراپ باق ماۋۇ سورۇن ھازىر سورۇنغا ئەمەس بەئەينى نامازغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ، شۇڭا، ئەيىپكە بۇيرىمىساڭ، سەن ئىچمە، لېكىن ماۋۇ ئاغىينىلەر بىلەن بىرەر رومكىدىن ئىچىشمىساق سەل سورۇننىڭ مەزىسى قالمىغىلى تۇردى، قانداق دېدىم ئاغىينىلەر...
- شۇنداق قىلايلى،- دېدى باشقىلارمۇ.
ئابدۇمۆمىن چىش يىرىپ بىرنەرسە دەپ بولغىچە ھېلىقى پاينەكباش ئاداش بىردەمدە مۇلازىمەتچىگە ھاراق بۇيرۇتۇپ قويدى، ئابدۇمۆمىن ئىچىدە قاتتىق نارازى بولسىمۇ لېكىن بىر ئېغىز گەپ قىلالماي ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇلار قىقاس چىقىرىپ ھەر رومكا ئارلىقىدا بىردىن قۇشاق توقۇپ بەزىلەر يۇمۇر ئېيتىشىپ ئايرىمخانىنىڭ ئىچىنى بېشىغا كەيدى، ئۇلارنىڭ تۇقۇغان قۇشاقلىرى ۋە يۇمۇرلىرى تولۇمۇ لاۋزا تېتىقسىز بولسىمۇ ئەتىراپتىكىلەر قىقاس چىقىرىپ كۈلىشەتتى، بولۇپمۇ سورۇندىكى ھېلىقى بويتاق قىز چوكانلار خىجىل بولماقتا يوق تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلۈشۈپ كېتەتتى، بىردەمدىن كېيىن ئۇلار ھاراقنىڭ كۈچىدىن قىزىشىپ خۇدۇنى بىلىشمەي قالدى، ھېلىقى پاينەكۋاش ئاداشمۇ خېجىل بولماي لىق بىر رومكا ھاراقنى تۇيۇقسىز ئابدۇمۆمىنغا تەڭلەپ:
- ھە ئاداش، سەنمۇ گەپقىلمىسا بۈۋۈمدەك ئولتۇرماي بىرەر رومكا ئىچىپ قويمامسەن، قارا ئاۋۇ ئاياللار جېنىدا ئاقتىن قەبىرۋاتسا، سەن ئەر كىشى تورۇپ ئىچمىسەڭ سەت ئەمەسمۇ؟
- ئاداش، مېنى زورلىمىساڭ قانداق،- ئابدۇمۆمىننىڭ رەسمىي ئاچچىقى كەلگەن ئىدى.
- نىمىنداق غەرەز ئۇقمايدىغان ئاداش سەن، ماۋۇ سورۇننى سېنى دەپ ئويۇشتۇرۇپ بېرىۋاتساق، ئەجەپ بىزنى كۆزگە ئىلمايسىنا...
- شۇنداق، ئىچە، بورۇن ئەجەپ قاۋاقتىن كىلەلمەيىتتىڭ، ئەمدى ئىچمەس بولۇپ قالدىڭما...
- تۇلا خېنىمدەك نازلانماي ئىچە ئاداش...
سورۇن بىردەمدە پاتپاراق بولۇپ كەتتى، ھەممە بىر تەرەپ بولۇۋېلىپ ئابدۇمۆمىنلا يالغۇز قالدى، بىر دەمدىن كېيىن قىقاس چوقاندىن ئاياللارنىڭ چىقىرىشىدىن ،باشقا خانىدىكىلەرۋە چوڭ زالدىكىلەر ھەممىسى<< نىمە ئىش بولغاندۇ ؟>>دېيىشىپ ئۇلار ئولتۇرغان خانىغا قاراپ يۈگۈرۈشتى، ئۇلار يەردە سۇنايلىنىپ ياتقان ئابدۇمۆمىنىنى كۆرۈپ بەزىلەر ئۇنىڭغا ئېچىنىپ قاراشسا، يەنە بەزىلەر << ئۇنى دوختۇرغا ئاپىرايلى>> دېيىشەتتى، يەنە بەزىلەر<< ھەي، مەسلىك پەسلىك دېگەن شۇدە>> دېيىشىپ بېشىنى چايقىشاتتى، يەنە بەزىلەر<< ۋاي جۈرۈڭلار، ئويۇنىمىزنى ئويناۋىرەيلى>> دېيىشىپ مېڭىشاتتى...
ئەتىسى ئېدارىدا مۇنداق گەپ تارقالدى:<< ئاڭلىدىڭلارمۇ، تۆنۈگۈن ئىدارىمىزدىكى بەزىلەر ئابدۆمۆمىنىڭ قارىسىنى ئۇشتۇپ قويىمىز دەپ رېستۇرانغا باشلاپ ئاپىرىپ پۇت- قولىنى ئۇشتۇۋېتىپتۇ، بىچارە ھازىر دوختۇرخانىدىكەن>>...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 12:53 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3410
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 03:35:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي توۋا ،،،،،،،،، ئاجايىپ ئىشكەن بۇ ، مەن ئۈرۈمچىدىكى چاغدىمۇ مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇققان ، بىر سورۇندا قىزى م بىر سورۇندا دادىسى ، ‹ئانىسنڭ ۋە خوتۇنىنىڭ ›  قارىسىنى ئۇشتۇش ئۈچۈن قىزىنى ئايرىم سورۇندا ئىچۇرگەن ، دادىسىنى يەنە بىر سورۇندا ئىچۇرگەن ئىشنى كۆرگەن ئىشقا يۇلۇققان ئىدىم ، دادىسى قىزىنىڭ تۇنۇشلىرى بىلەن ، قىزى دادىسىنىڭ دوسلىرى بىلەن رەڭلىك قارىسىنى ئۇشتۇشقان ئەجىبا . . . . . . . . . . .  

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 749
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 11:19:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقا،مەزمۇنلۇق ھىكايە بوپتۇ.تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت،بۇ بىر ھەقىقەتەن قاملاشمىغان قىلىق،ئۆتكەندە ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر ئاغىينەمگە تېلېفۇن قىلسام،سۆز ئارىلىقىدا،«بۈگۈن بىز بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ قارىسىنى ئۇشتىماقچىتۇق» دەيدۇ،: «ۋوي، سىلەردىمۇ بارمۇ بۇنداق ئىشلار؟» دېسەم،«بىزدىمۇ بار»دەيدۇ،ھەيران قاپتىمەن،بۇ قىلىق،بىزگە بىر خىل ئادەت بولۇپ ئومۇملىشىپ بوپتۇ ھازىر،رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:08:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ھەر بىر سورنىمىز ھاراقسىز ئۆتمەسمۇ؟

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:36:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراقكەشلەر قاچانمۇ تۈزۈلەر،،،،مەستلىك پەسلىك،،،

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 785
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىم بولۇپ پۇت قولى ئۇشتۇلۇپ كەتكەندۇ ؟

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:46:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ قەشقەر تەرەپتە قارىسىنى ئوشتۇدۇق دەپ ئۇرۇق-تۇغقانلار داستىخان قىلىپ بىرەر قۇردىن كىيىم ئىلىپ قارلىق كىيىمىنى سالغۇزىۋىتىپ كىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10638
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 01:02:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرى مۇشۇ تېمىدا ئىشلەنگەن،ئابدۇكېرىم ئابلىز،تۆمۈرخان روزىلار رول ئالغان «قارىسىنى ئۇشتۇش چېيى»دەيدىغان بىر كىنو بار ئىدى.

قەلەم ــــ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1402 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 02:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1937
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 969 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 02:56:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش