|
|
|
|
ئىشىكنى ئېچىڭ تورداشلار ھەممىڭلار بىلىسىلەر ئۆتكەن بىر مەزگىلدە كورىيەلىك پۇزەيشىياڭنىڭ گاڭنام سىتايىل دىگەن ناخشىسى تورلاردا ئېقىپ يۈرۈپ بىر مەھەل دەۋىر سۈردى ، يۇتۇبى تورىدا رىكورىت ياراتتى ، تور تارىخىدىكى چىكىلىش قېتىم سانى بىر مىلياردتىن ئاشقان تۇنجى ۋىدىيو بۇلۇپ قالدى ، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىمۇ مۇشۇ ناخشىنى ئېيتقۇچى بىلەن كۈرۈشتى ، كىيىن جەنتۇلمەن (مۆتىۋەر ) دىگەن ناخشىسىنى ئېيىتتى . ئۇمۇ بىر مەزگىل مودا بولدى ( بىر توردىشىمىز تېما قىلىپ يوللىغان ، لىكىن تورداشلار تويغۇزۋەتتى ) ئەمدى كورىيە ناخشا ساھەسىدە يەنە بىر چولپان چىقىپ " ئىشىكنى ئېچىڭ " دىگەن ناخشىنى ئېيتىپتۇ . ئىسمى 任昌丁 , بۇ ئەبلەخنىڭ بۇرۇن ئىشلىگەن كىنوسىمۇ بار . بەك لاۋزا كىنو . كۆرمىگەنلەر بولسا كۆرمەيلا ئۈتۈپ كىتىڭلار . بۇنىڭ بۇ ناخشىسى پۇزەيشىياڭنىڭ ناخشىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپتۇ . بەلكىم بەكراق لاۋزا بولغان بولسا ئېشىپ چۈشكەن بولسا كىرەك . شۇڭا سىلەرنىمۇ كۈرۈپ باقسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم .
ئەسكەرتىش : ناخشىنى مەن ئېيىتمىغان ، ئالدىنقى قېتىم جەنتۇلمەننى تېمە قلىپ يوللىغان بالىنى تىللاپ تويغۇزۋەتكەنتىڭلا ، شۇڭا تىللايدىغانلار بولسا ئاستا چىقىپ كىتىڭلار . ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ تېمامنىڭ كۈرۈلىشى ياخشى بولماپتۇ دەپ كۆڭلۈم يېرىم بوپقالمايدۇ .
http://v.qq.com/cover/s/s8d1xe5o8lm3sao.html?vid=y0013hz6kv2 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rahmansaykin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-9 11:38 PM
|
|
|
|
|
|