مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2232|ئىنكاس: 23

ئىتوت:ئادىل ھۆكۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 09:14:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئادىل ھۆكۈم»
(ئىتوت)
ئاپتورى:تۇرادىن ئابدۇرېھىم
قاتناشقۇچىلار:
خې ئەمىر—مەلۇم رايونلۇق مەھكىمىنىڭ باش ئەمرى،45 ياشلاردا.
لىيۇيوڭ-رايونلۇق مەھكىمىنىڭ ۋەزىرى،60 ياشلاردا.
جۇباجىې-رايونلۇق مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى،40 ياشلاردا.
شاۋبەسەي-رايونلۇق مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى،25 ياشلاردا.
لىن دەييۈي-رايونلۇق مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى،25 ياشلاردا.
ۋۇسۇڭ-خان ئوردىسىنىڭ مۇپەتتىش بېگى،40 ياشلاردا.
قوشۇمچە:ئىككى چېرىك.
ۋاقتى:مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەن.
ئورنى:رايونلۇق مەھكىمە ئىشخانىسى.
سەھنە:ئوتتۇرىدا ئىككى ئۈستەل ،ئىككى ئورۇندۇق قويۇلغان.
(دوك ۋەزىر لىيۇ يوڭ بىلەن شاۋبەسەي تازىلىق قىلۋاتقان ھالەتتە پەردە ئېچىلىدۇ)
شاۋبەسەي:ھەجەپ زېرىكتىم،مۇشۇ تازىلىق دىگەندىن،ئاۋۇ لىن دەييۈي دىگەن نايناق كۈندە تازىلىق تۈگىگەندە غىلجىڭشىپ كېلىدۇ،ئۇ كۈندە كېچىكسە گەپ يوق،تېخى      مەھكىمىگە مەندىن كېيىن كېلىپ ئالى ئۇنۋاننى ئېپ بوپتۇ ،قارىسىلا ۋەزىر ئەزەم،مەن تۈنۈگۈن ياڭ نەيۋۇغا تاماق ئاپارسام،ساقچىلار ئۆچرەت بىلەن كىرىڭلار دەپ   كىرگىلى     قويماي يېرىم سائەت كېچىكىپ قاپتىكەنمەن،كاتىپ بېگىم سۆزلەپ كېتىپتۇ،جۇباجىې دىگەن چوشقىنىڭ قولىدا ئەجەپ خارلىققا قالدۇق دىسە؟
لىيۇ يوڭھاسىراپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ)سوڭجىاڭ بېگىم كاتىپ چاغدا كۈنىمىز خېلى ياخشىتى،جۇباجىې كېلىپلا سوڭجىاڭ بۇرۇن ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەن دەپ مەھكىمىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئەۋەتىۋەتتى.جۇباجىېنى نوم ئەكىلىشتە تۆھپە كۆرسەتكەن دەپ سوڭ جىياڭنىڭ ئورنىغا مەھكىمە ئىشخانىسىغا كاتىپ سايلىدى.
شاۋبەسەي:ئاڭلىسام نوم ئەكىلىشتە سۇنۋۇكوڭنىڭ تۆھپىسى چوڭكەنمىشقۇ؟
لىيۇيوڭ:ئۇغۇ راست،لېكىن جۇباجىې تاڭ سېڭغا قىزلارنى سوۋغا قىلىپ يۈرۈپ ياخشى كۆرۈنۈپ ئورگان ئىشخانىسىغا كاتىپ بولىۋالدى.خان ئالىلىرى بىلەن تاڭسېڭ ئاغا-ئىنى بولغاندىكىن،ئەمىر بېگىممۇ ھېچنىمە دىيەلمىدى.
شاۋبەسەي:ئەمىسە سۇنۋۇكوڭچۇ؟
لىيۇيوڭ: تۆھپە ئىگىسى سۇنۋۇكوڭ شەھەردىن 3كۈنلۈك يىراقلىقتىكى چىمەنتاغ ئورمان مۇھاپىزەت ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ.شاسېڭ بىچارە ئاق ئاتنى يېتىلەپ
           جاڭگالدىن ئوتۇن توشۇۋاتىدۇ.شاۋبەسەي:توۋا خۇدايىم، ئاجايىپ ئىشلار بولىۋاتىدۇ دىسە.
لىيۇيوڭ:ئۇغۇ ئادەتتىكى ئىشلار دەڭا،گەپنىڭ قىزىقى ماۋۇ تېخى،ئاۋۇ تاڭسېڭ دىگەن راھىپ كالان، بۇرۇن گۆش يىمەيدىغان،قىز-ئاياللارنى كۆرسە نېرى قاچىدىغان يۇۋاش   بىر راھىپتى،نومنى ئەكەپ بوپلا ئەيشى-ئىشرەت دىگەنگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى.رايوندىكى راھىپلارنى تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەنمۇ كارى يوق،ۋاڭ كەمپىر نىڭ ئىشرەتخانىسىدىن كەلمەيدىكەن ھازىر.(جۇباجىې كىرىدۇ)
جۇباجىې:ئەتتىگەندە ئىككىلىرى كىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىۋاتىلا؟جانابى ۋەزىر ئەزەم،سىلى ئەر كىشى بولغاندىكىن خوتۇن كىشىنىڭ غەيۋىتىگە ئارىلاشماي،ئىشلىرىنى تېزرەك تۈگەتمەملا؟
لىيۇيوڭ:غەيۋەت قىلمىدۇق كاتىپ بېگىم،ئىككىمىز ئۇنۋان ئىشلىرىمىز توغىرلىق پاراڭلىشىۋاتىمىز.
جۇباجىې:سىلىگە ئۇنۋاننىڭ نىمە ئىشى ۋەزىر ئەزەم؟سىلى يا كومپىيۇتېر بىلمىسىلە،ئوردىدىنمۇ شۇڭا تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن .مېيىپ بولغاچقا،پېنسىيە يېشى توشقىچە مەھكىمە .ئىشخانىسىدا ئىشلەپ تۇرسۇن دەپ.شاۋبەسەي،سىز چىقىپ ئاشخانىدىكىلەرگە دەپ قويۇڭ،چۈشلۈك تاماققا ئەمىر بېگىم نارىن يىمەكچى.
شاۋبەسەي:ماقۇل.(چىقىپ كېتىدۇ)
لىيۇيوڭ:ئۇنۋان بىلەن كارىم بولمىسۇن دىسەم،خىزمەت تارىخىم ھەممىدىن ئۇزۇن،ئەمما مائاشىم ھەممىدىن تۆۋەن تۇرسا،سىلىمۇ مەندىن كېيىن كېلىپ ئالى ئۇنۋاننى ئەپ بوللىغۇ؟
جۇباجىې:سىلە خان ئوردىسىدا ئالاممىغان ئۇنۋاننى بۇ مەھكىمىگە كېلىپ كۆكەمىلىك قىلىپ ئالاي دەملا نىمە؟ۋەزىر ئەزەملىك ئۇنۋانلىرىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ سىلىگە.
لىيۇيوڭ:قويسىلا ئۇنداق ئېتى ئۇلۇق،سۇپرىسى قۇرۇق ۋەزىر ئەزەملىكنى،مائاشىمغا بەش موچەن قوشۇلمىسا يە.
جۇباجىې:سىلى تولا ئاق يەردىن تۈگمەن تالىشىپ مەن بىلەن بەسلەشمەي،مەھكىمىدە مۇشۇنچىلىك كۈن كۆرگەنلىكلىرىگە شۈكۈر قىلسىلا.خان ئوردىسى مېيىپلار ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بولمىغان بولسا،مەھكىمىدە پىتنىخورلۇق قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئىش ئورۇنلىرىدىن قالدۇرلاتتىلا.
لىيۇيوڭ:مەن نىمە دەپ پىتنىخورلۇق قىلدىم كاتىپ بېگىم؟
جۇباجىې:ئۆتكەن يىلى شاۋبەسەينى مەھكىمە ئىشخانىسىغا يۆتكەپ كەلگەندە: ‹كاتىپ بېگىم شاۋبەسەي بىلەن ياڭ نەيۋۇنى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىمەن دەپ بىر مۇنچە پارا ئاپتىكەن،شاۋبەسەينى بوشىتىپ ياڭ نەيۋۇنى بوشىتالماپتۇ.شاۋبەسەي ئەرز قىلىمەن دەپتىكەن شۇڭا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ›دەپ پىتنە تارقاتقانلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قاللىمۇ؟(شاۋبەسەي كىرىدۇ)
شاۋبەسەي:دەپ قويدۇم،كاتىپ بېگىم.
لىيۇيوڭ:ئۇ گەپنى مەن تارقاتمىدىم،مەھكىمە ئاشخانىسىدىكى روڭ ئىنىگ ئانا تارقاتقان گەپ ئۇ.خەخ دىگەن گەپكە مېنى ئىتتىرىپ قويمىسىلا بېگىم.
جۇباجىې:ئىشقىلىپ سىلىمۇ قوشۇلۇپ تەڭ تارقىتىشىپتىلا،مەن ھەممىنى ئاڭلاپ بولدۇم.سىلە ئەڭ ياخشىسى مەھكىمىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشماي ئاۋۇ دۈمبىلىردىكى تاشپاقىنىڭ قېپىنى يۈدۈپ يۈرىۋەسىلە.(شاۋبەسەي پىخىلداپ كۈلىدۇ)
لىيۇيوڭ:مېيىپلارنى كەمسىتىش قانۇنغا خىلاپ،مەنمۇ سىلىنىڭ ئاۋۇ سالپاڭ قۇلاقلىرى بىلەن نەچچە قېتىم ھۆسىن تۈزەتسىلىرىمۇ تۈزەلمىگەن ئۇزۇن تۇمشۇقلىرىنى چىشلەپ تارتمىغاندىكىن سىلىمۇ تولا مېنىڭ دۈمبەم بىلەن قالمىسىلا. تاشپاقىنىڭ قېپى بولامدۇ نىمە بولسا ئۆزەم كۆتىرۋاتىمەن، سىلىنى كۆتىرىشىپ بەرسىلە دىمىدىم.(خاپا بولۇپ .ئورۇندۇقتا تەتۈر قاراپ ئولتۇرىدۇ.)
شاۋبەسەي:ۋاي-ۋۇي،ئەتتىگەندە نىمە بولدى سىلەرگە؟بولدى قىلىڭلار ئەمدى.(لىن دەييۈي ئالدىراپ كىرىدۇ)
جۇباجىې:ھە،دەييۈي خېنىم،سائەت نەچچە بولدى؟كۈندە مۇشۇنداق كېچىكىۋەرسىلە ئاي ئاخىرىدا قۇرۇق قەغەزگە ئىمزا قويۇپ قالالىمىكىن؟(لىن دەييۈيگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ،لىيۇيوڭ بىلەن شاۋبەسەينى ئىما قىلىدۇ،لىن دەييۈي كۆرمىگەنگە سېلىپ سۆزلەۋېرىدۇ)
لىن دەييۈي:ۋاييەي كاتىپ بېگىم،ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسىلە ئەمدى،ئەتتىگەندە يوللار توسۇلۇپ كېتىپتىكەن، شۇڭا كېچىكىپ قالدىم.
جۇباجىې:سىلەر خوتۇن خەخنىڭ گېپى بەك جىقكەن،شاۋبەسەي خېنىمنى نىمىشقا كېچىكتىڭىز دىسەقىزلارنى دوراپ)ياڭ نەيۋۇغا تاماق ئاپارغانتىم،ساقچىلار كىرگىلى قويماي كېچىكىپ قالدىم دەيدۇ،سىز يوللار توسۇلۇپ قاپتۇ دەيسىز،ئاي ئاخىرىدا بۇ باھانەڭلار ئاقمايدۇ جۇمۇ.
لىن دەييۈي:ۋاي كاتىپ بېگىم،ماڭا سىلىدەك تەييار ماشىنا يوق،ئاۋۇ تىك قۇدۇقتىن كوچا ئاپتوبۇسىدا كەپ بولغىچە كېچىكىپ قاپتىمەن.شۇنىڭغىمۇ ئۇنچىۋالا گەپ قىلىش كېتەمدۇ؟
جۇباجىې:سىزنى خېنىم،خېنىم دەپ قويساق ئۆزىڭىزنى يەنە جىيا قەسىرىنىڭ ئەتىۋارلىق خېنىمى ئوخشايمەن دەپ قالماڭ،سىلەرنىڭ جەمەتىڭلار ۋەيران بولۇپ سىز يىتىم قالغاندىن كېيىن پاراۋانلىق ئورنىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن،مەھكىمە ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان بىز،ئۆزىڭىزنى بىلىپراق ئىشلەرسىز ھە.
لىن دەييۈي:سىلە تولا خەخنىڭ جەمەتى بىلەن قالمىسىلا،ۋەيران بوپ كەتسىمۇ تۇتسا سېپى،چاقىرسا ئېتى بار جەمەتىم بار .خەخكە ئوخشاش قوتاندا جەمەتىم يوق مېنىڭ.
جۇباجىې:ۋاي بولدى،خوتۇن خەخ بىلەن گەپ تالاشماي بوپتۇ. سىلەر خوتۇن خەقنى كىم بىلمەيدۇ ،بوياقچىلىق قىلىمەن دەپ كېچىكىسىلە، ئەتىگىنى سەھەررەك تۇرساڭلار مۇشۇ گەپمۇ يوق.
لىن دەييۈي:ھە ماقۇل،بۇندىن كېيىن دىققەت قىلايلى كاتىپ بېگىم.(خې ئەمىر كىرىدۇ،ھەممىسى تازىم قىلىدۇ)
جۇباجىې:ئەمىر بېگىم،ئالتۇن بويلىرى ئامانمىكىن؟
خې ئەمىر:ھە،كاتىپ بېگىم،ھەممەيلەن كەپ بولدىمۇ؟(ئۈستەلگە بېرىپ ئولتۇرىدۇ)
جۇباجىې:كەپ بولدى ئەمىر بېگىم.(يەنە بىر ئۈستەلگە بېرىپ ئولتۇرىدۇ،قالغانلار ئۆرە تۇرىدۇ )
خې ئەمىر:ئەمىسە يىغىنىمىزنى باشلايلى.بۈگۈنكى يىغىنىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ،خىزمەتكە كېچىكىش مەسىلىلىرى يۈز بېرىۋاتامدۇ يوق،تازىلىق ئەھۋالى قانداقراق،ئورگان ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ قىلمىشلار بارمۇ يوق،مۇشۇ ھەقتە توختىلىمىز،كاتىپ بېگىم،سىلە مالىيە ئىشخانىسىدىكىلەرگە خان ئوردىسىدىن مۇپەتتىش ئۆمىگى كېلدىغانلىغىنى ئۇقتۇرۇپ قويدىلىمۇ؟
جۇباجىې:ئۇقتۇرۇپ قويدۇم،ئەمىر بېگىم.(قۇلىقىغاپىچىرلايدۇ)سىلىگە دەيدىغان ئايرىم گەپ باتى.
خې ئەمىر:بولىدۇ،قالغانلار چىقىپ تۇرۇڭلار.(قالغانلار چىقىپ كېتىدۇ)
جۇباجىې:ئەمىر بېگىم،بۇ قېتىم،مۇپەتتىش ئۆمىگىگە خان ئوردىسىدىن كىم مەسئۇل بولۇپ كېلىدىكەن؟
خې ئەمىر؛بىزگىمۇ ئۇقتۇرمىدى تېخى،مۇپەتتىش كېلدىكەن دەپ ئاڭلىدۇق،كىمنىڭ كېلىدىغانلىغىنى بىلمىدۇق.ئۆتكەن يىلىغۇ ساۋساۋ بېگىم كېلىپ،مۇنداقلا كۆرۈپ كەتكەن،بۇ يىل ساۋساۋ بېگىم پېنسىيەگە چىقىپ،ئورنىغا ۋۇسۇڭ دىگەن قاتىلنى مۇپەتتىش بېگى دەپ سايلاپ قويۇپتۇ.خان ئالىلىرمۇ قىزىقكەن ،ئادەم تېپىلمىغاندەك نەدىكى بىر قاتىل،پالاندىنى مۇپەتتىش بېگى قىلامدۇ دەيمەن.
جۇباجىې:شۇنى دىسىلە ئەمىر بېگىم،بۇ قېتىم ۋۇسۇڭ دىگەن پالاندى كېلىدىغان بولسا،ئىشىمىز چاتاق.
خې ئەمىر:نىمىشقا؟

جۇباجىې:شى مېنچىڭ غوجام بەرگەن ئونمىڭ سەر كۈمۈش يادىلىرىدا باردۇ؟
خې ئەمىر:بار،نىمە بولدى؟
جۇباجىې:نىمە بولاتتى،شى مېنچىڭدىن پارا ئېلىپ ۋۇسۇڭنى يەڭگىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەپ تۇرمىدا بەش يىل ياتقۇزغان بىز تۇرساق،ئۇ پالاندى بىزدىن ئۆچ ئالماي قويامدۇ دەيلا؟
خې ئەمىر:كاتىپ بېگىم، سىلە ئۇ ئىشلارنى سۇ ئۆتمىگۈدەك جۆندىۋەتتىم دىمىگەنمىتىلە؟
جۇباجىې:جۆندەشنىغۇ جۆندىدىم،قالغىنىنى ئەمدى كەلگەندە كۆرەمىز.
خې ئەمىر:ئاڭلىسام،سىلىنىڭ ئۈستىلىردىنمۇ ئەرز خېلى باركەن.
جۇ باجىې:كىملەركەن ئۇ ئەرز قىلغان؟
خې ئەمىر:سوڭ جىياڭ دىگەن نان قېپى:مەن ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ جازاسىنى ئۆز ۋاقتىدا تارتىپ بولغان،جۇ باجىې ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەنلەر مەھكىمىگە كاتىپ بولسا بولمايدۇ دەپ دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئەۋەتىۋەتتى،مەنمۇ خانلىقنىڭ ئەلىيۇل ئەلاسى بولغان دەپ ئەرز قىپتۇ،ئاۋۇ سۇن مايمۇن:جۇ باجىې مېنىڭ ئورنۇمغا كاتىپ بولۇۋالدى ،توي قىلدىغان لايىغىم شەھەرلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئىشلەيدۇ،مەنمۇ شەھەرگە ئالمىشىمەن دەپ بېرىۋاپتۇ.
جۇباجىې:خەپ،سۇن مايمۇن،خەپ،ھە يەنە كىم بېرىپتۇ ئەمىر بېگىم؟
خې ئەمىر:يەنە ھېلىقى نەشپۈت ساتىدىغان يۈنگې دىگەن ھارامزادە شۇم:جۇ كاتىپ بېگىم ئاچامنى مەھكىمە ئاشخانىسىدا مۇلازىمەتچىلىك قىلىدۇ دەپ ئەكىتىپ بىر يىل بولدى كۆرسەتمىدى،ئاڭلىسام مەھكىمىنىڭ راھىپ كالانى تاڭ سېڭغا كىچىك خوتۇنلۇققا بېرىپتىمىش،ئاچامنى قايتۇرۇپ بەرسۇن دەپ بېرىۋاپتۇ.بۇ ئىشلارنى ئەمدى قانداق بىر تەرەپ قىلاي دەيدىلا كاتىپ بېگىم؟

جۇباجىې:ۋاي ئۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولسىلا ئەمىر بېگىم،ھەممىسى ئىگىسى بار ئىشلار ئۇ.
خې ئەمىر:ئۇنچىلىك ياخشى بىر تەرەپ قىلالىسىلىغۇ مەن خاتىرجەم. كاتىپ بېگىم،راست بۈگۈن تازا مىجەزىم يوق تۇرىدۇ،يىغىننى ئەتە ئاچساقمىكىن؟
جۇ باجىې:بولىدۇ.ئەمىر بېگىم،ئۇنداق بولسا بېيمېندىكى تېۋىپ شى لەيلېنىڭ شىپاخانىسىنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن بىر ساڭنا ئېچىلىپتىمىش،مۇلازىمىتى بەك ياخشى دەيدۇ،بۈگۈن بېرىپ تازا بىر ھوردىنىپ،ھاردۇق چىقىرىپ كەلمەيمىزمۇ؟
خې ئەمىر:بولسا شۇنداق قىلايلى،كاتىپ بېگىم،يۈرسىلە ئەمىسە،(ئىككىسى سىرتقا مېڭىشىغا شاۋبەسەي ئالدىراپ كىرىدۇ)
شاۋبەسەي:ئەمىر بېگىم،خان ئوردىسىنىڭ مۇپەتتىش بېگى كەپتۇ.
جۇباجىې:ھە؟نىمانچە تېز كەلگەندۇ؟مەن ئىشىك باقار جى بەڭگىگە:ئوردىدىن ئادەم كەلسە ئۇدۇل زىياپەت زالىغا باشلا دىسەم،نىمە دەپ ئورگان ئىشخانىسىغا باشلايدۇ دەيمە،خەپ،قېرى بەڭگە.
خې ئەمىر:ئەمدى قانداق قىلىمىز كاتىپ بېگىم؟(سىرتتىن ۋۇسۇڭ ئىككى چېرىكنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىدۇ،جۇباجىې شاۋبەسەيگە چىقىپ كەت دىگەن مەنىدە قولىنى سىلكىيدۇ،شاۋبەسەي  يوغان بىرنى ئالىيىپ چىقىپ كېتىدۇ)
ۋۇسۇڭ:ئەمىر بېگىم،تەنلىرى ئامانمىكىن؟
خې ئەمىر ،جۇباجىې:ۋاي،مۇپەتتىش بېگىم كەپ قاپتىغۇ،قانداق ئەھۋاللىرى،سالامەت تۇرىۋاتاملا؟(جۇباجىې بىلەن ئىككىسى تازىم قىلىدۇ)
ۋۇسۇڭ:ياخشى بېگىم،ياخشى.
خې ئەمىر: ۋۇسۇڭ بېگىم، قېنى،زىياپەت زالىغا چىقايلى.
ۋۇسۇڭ؛بولدى،ئەمىر بېگىم،ۋاقىت بەك قىس،باشقىلارنى چاقىرسىلا،جىددى يىغىن بار.
جۇ باجىې:قايسىڭ بار؟
شاۋبەسەيكىرىدۇ)نىمە گەپ كاتىپ بېگىم؟
جۇباجىې:ئىشخانىدىكىلەرنى چاقىرىڭ،يىغىن بار.
شاۋبەسەي:ماقۇل.(چىقىپ كېتىپ لىيۇيوڭ بىلەن لىن دەييۈينى چاقىرىپ كىرىدۇ)
ۋۇسۇڭ:ھەممەيلەن كەپ بولدىمۇ كاتىپ بېگىم؟
جۇباجىې:كەپ بولدى،بېگىم،يىغىننى باشلاۋەرسىلە.
ۋۇسۇڭ:بۈگۈن ھەممىڭلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىشىمىزدىكى مەخسەت:خان ئوردىسىنىڭ يارلىغىنى سىلەرگە يەتكۈزۈش،دىققەت بىلەن ئاڭلىساڭلا.
جۇباجىې:لىن دەييۈي،سىز يىغىن خاتىرسىنى ياخشى يېزىڭ.(لىن دەييۈي تارتمىدىن خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ يېزىشنى باشلايدۇ)
ۋۇسۇڭ:ئاساسى قاتلامدىلى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ،چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە يۈكسەلدۈرۈپ،پۇقرالارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن،خان ئوردىسى مالىيە مەھكىمىسى،مۇپەتتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلار مەخپى ھالدا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئۆمىگى تەشكىللىگەن.
     3كۈن ئىلگىرى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقان بولۇپ،بۈگۈن خۇلاسە نەتىجىسىنى ۋە ئوردىنىڭ يارلىغىنى ئېلان قىلىمىز.خۇلاسىدىن مەلۇم بولدىكى،باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا مۇشۇ رايونلۇق مەھكىمىدە مەسىلە ئەڭ ئېغىركەن.شۇ سەۋەپتىن خان ئوردىسى تەشكىلات مەھكىمىسىىدىكى خان ئالىلىرى باشلىق رەھبەرلەر مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق رايونلۇق مەھكىمىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى قارار قىلدى ،شۇنىڭ بىلەن بىللە قىلمىشى ئېغىرلار قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.(خې ئەمىر بىلەن جۇباجىې بىر-بىرىگە قاراپ ھەيران قالىدۇ،ۋۇسۇڭ قوينىدىن يارلىقنى ئېلىپ ئوقۇيدۇ)يارلىق 1)رايونلۇق مەھكىمىنىڭ باش ئەمرى خې ئەمىر دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي،پۇقرالاردىن پارا ئېلىپ ئامما ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلغان،ئەسلىدىكى باش كاتىپ سوڭ جىياڭنى يوقىلاڭ باھانە سەۋەپلەر بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئەۋەتىۋەتكەن،ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئەنزىلەرنى ناھەق بىر تەرەپ قىلىپ  ئاممىنىڭ نارازىلىغنى قوزغىغان،شۇڭا خې ئەمىر خىزمەتتىن توختاپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ.ئورنىغا سوڭ جىياڭ باش ئەمىر بەگ بولىدۇ(خې ئەمىر بىلەن جۇباجىې لاغىلداپ تىترەشكە باشلايدۇ)(2)مەھكىمىنىڭ كاتىپ بېگى جۇباجىې ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئەمىر بېگىگە ياخشى كۆرۈنۈش مەخسىتىدە خەلقنى قاخشىتىپ،خىيانەتچىلىك،پارا ئېلىش قىلمىشىنى سادىر قىلىشتىن باشقا،
      پۇقرالارنىڭ قىز-ئاياللىرىنى بۇلاپ مەھكىمىگە ئەكىلىۋالغان.شۇڭا جۇباجىېمۇ خىزمەتتىن توختاپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ.باش كاتىپلىق ئورنىغا چىمەنتاغ ئورمان مۇھاپىزەت ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى سۇن ۋۇكوڭ چىقىدۇ.
(3)مەھكىمىنىڭ راھىپ كالانى تاڭ سېڭ بۇددا ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ،ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىغى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ،تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ، ئىشىك باقار ئورنىغا ئوردا ئاشخانىسىغا ئوتۇن توشۇيدىغان شاسېڭ چىقىدۇ،ھازىرقى ۋەزىر ئەزەم لىيۇيوڭ ياشىنىپ قالغانلىغى ھەم مېيىپ بولغانلىغى ئۈچۈن راھىپ كالانلىق ئورنىغا چىقىدۇ.ھازىرقى ئىشىك باقار جى شاۋلەن مەھكىمە  ئورگىنىنىڭ باش ۋەزىرى بولىدۇ.رايونلۇق مەھكىمە يېڭى رەھبەرلىك كوللىكتىۋىدىكىلەر خان ئوردىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئاساستا،خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇرۇنقى ناھەق ئىشلارنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۈزەش ئېلىپ بېرىشىڭلار لازىم
يېڭى رەھبەرلىك ئورنىدىكىلەر ئەتە ئەتىگەندە ئىشقا چۈشسە بولىدۇ.  يارلىق تامام.خان ئوردىسى تەشكىلات                                                                      مەھكىمىسى(تامغا)  
2013-يىلى 17-دىكابىر.(چىرىكلەرگە)بۇلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار،
چېرىكلەر:مېڭىڭلار.(خې ئەمىر بىلەن جۇباجىېنى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭىدۇ،قالغانلار ھەيران بولۇپ قارىشىپ قالىدۇ)
                (پەردە چۈشىدۇ)

2013-يىل29-ئۆكتەبىردە يېزىلدى،17-دىكابىردا تۈزىتىلدى.
             تېلفۇن :14709981152
ئەسكەرتىش:بۇ ئىتوت شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىگىنىڭ 2014-يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلدى،رۇخسەتسىز ئىشلىتىشكە بولمايدۇ





تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 03:29:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىلنىڭ بىشىدا قىلغىلى ئىش يوق بىكار يۈرگەنتىم ، ئۆيدىكىلەرنىڭ بىشىمنى ئاغرىتىشى بىلەن بىكار يۈرگىچە تۈرمىدە يېتىپ چىقايمىكى دەپ مەسلىھەت قىلغان . بۈگۈن ما تېمىڭىزنى كۆرۈپ مەن ئاۋۇ شاۋ بەسەي-رايونلۇق مەھكىمە ئىشخانا خىزمەتچىسىنىڭ رولىغا چۈشۈپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن ، ما ئىتوتقا مەبلەغ سالىدىغانلار بولسا مەن شۇنىڭ رولىنى ئەپ باقسام قانداق بۇلا ؟ بىكا تۇرساممۇ تۇردىكەن مەن .   قانچە بىر سىلە ؟

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئېسىل ياشا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17602
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246
تۆھپە نۇمۇرى: 624
توردا: 2988 سائەت
تىزىم: 2010-11-15
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 03:49:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر ئىنى  قالايمىقان سۆزلىمە تۈرمىگە بەك كىرگۈڭ كىلىپ كەتكەن بولسا  ئالدى بىلەن  جەمىيئەتتە بىر ھەپتە مۇما يىيىشنى مەشىق قىل مۇمىغا كۈنەلىسەڭ كىرىپ قۇيساڭمۇ بۇلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97552
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-9-3
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 08:43:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت....مۇشۇ  بەزنبىر ئىنكاس يازدىغان بىرمىلەر ئۈزىنى پەيلاسوپ ھىساپلامدىغاندۇ....نەدە قاملاشمىغان ئىنكاسلارنى يېزىپ قۇيدىكەن

پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچ دىگەندە ئۈمىد پىچىرلىدى : يەنە بىر قېتىم سىناپ باق....!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1357 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 02:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ali1234 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 08:43 AM
رەھمەت....مۇشۇ  بەزنبىر ئىنكاس يازدىغان بىرمى ...

يەنە سېسىق گەپ ئاڭلىغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 03:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ali1234 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 08:43 AM
رەھمەت....مۇشۇ  بەزنبىر ئىنكاس يازدىغان بىرمى ...

فىليەتۇن دىگەننى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز ، ئىنكاسىمنى تەتۈر ئوقۇڭە نىمە مەنە چىقىدىكەن ؟

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 03:58:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 02:40 PM
يەنە سېسىق گەپ ئاڭلىغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ

قولۇقۇم سىزدە ، سېسىق گەپ سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىنلا چىقىدۇ بۇ مۇنبەردە ...

سىزگە رىئاكسىيە قىلغان ئىنكاسىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ قوياي !

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101912
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 04:05:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 03:58 PM
قولۇقۇم سىزدە ، سېسىق گەپ سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىنلا چىقى ...

كەچۈرۈڭ،سەنجەر ئەپەندى،قىزلارنىڭ رولىغا  ئەرلەرنى چىقارمايمىز،ياكى  سىزمۇ ھېلىقى بىر مۇنبەردىشىمىز بارغۇ،شۇلارغا  ئوخىشاش ئادەم  بولمىغاندىكىن ،ئىنكاسنى ئويلاپراق يازايلى،دوستۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85747
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 08:38:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوي ھوي ئۇيغۇر جۇما سېسىق پېسىق گەپلەرنى قويايلى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65723
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 08:41:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى باللا بولدى ، مۇنبەرداشلار چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان گەپنى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ جىدەل ئۇرۇقىنى چاچمايلى ئۇنداق ! ئۇ قېرىندىشىمىزمۇ چاقچاق بولسۇن دەپ دەپ قويىدۇ دە ! چاقچاققا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ چاقچاق قىلىپ قىزىتىپ قويساق بولىدىغۇ مۇنبەرنى ؟ ئانچىكى گەپكە چاپاننى سېلىپلا بۆرە تېرەڭلىنى كىيىپ مەيدانغا چۈشىۋالىدىغان باللىكەنسىلە ، چاقچاق بىلەن قىزىتىپ قويايلى مۇنداق !
  ھە سەنجەر قېرىندىشىم ، مەن گۇندىپاينىڭ رولىنى ئېلىپ قويمايما ؟ بەش مىنۇتتا بىر كىرىپ ئېسىپ قويۇپ تازا سالىمەندە ھارغىچە ئەمما قۇم خالتىسىنىڭ ئورنىدا ! شۇ ئەمەسمۇ ، كىم سېنى تۈرمىگە كىرسۇن دەپتىكەن ؟ 5 كوي بەرسەڭ بىر تاياقنى ئاز ئاتىمەن دەپچۇ !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش