قەھرىتاننىڭ 9-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 81.070 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن يېرىم ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نوقتا 81.17 نى ياراتتى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1227 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن باھا چۈشۈپ بازار يېپىلدى .تۈنۆگۈن كەچتىكى ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ 12-ئايلىق يىغىن قارارىدا كۆرسىتىلىشىچە كۆپ قىسىم ئەزالار كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بارا -بارا تۈۋەنلىشىدىن غەم قىلىدىكەن .لېكىن كۈچلۈك چىققان ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى چوڭ بىر بازارنى پەيدا قىلدى .ئامرىكا 12-ئايلىق ADP ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 238000 ئاشقان بۇلۇپ مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىققان بۇلۇپ ،بازارنىڭ غەيرى يېزا -ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىغا بولغان مۆلچەرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغان.
قەھرىتاننىڭ 9-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن بۇ ھەپتىدىكى چوڭ بازارنىڭ ئىككىنچى كۈنى ،مۇھىم ئىقتىسادى خەۋەرلەردىن ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ قارارى ۋە ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ قارارىغا دىققەت قىلىڭ .گەرچە بازار بۇ ئىككى بانكىنىڭ قارارىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بولسىمۇ ، لېكىن مەبلەق سالغۇچىلار يەنىلا ھۇشيارلىق بىلەن دىققەت قىلماقتا .بۈگۈن دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئۇچۇرلاردىن ،ئامرىكا ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى ،جوڭگو 12-ئايلىق CPI ۋە PPI ، ئەنگىلىيە ،فىرانسىيەنىڭ 11-ئايلىق سودا ھىسابات تالونى ،ياۋرۇ رايۇنىنىڭ 12-ئايلىق ئىقتىسادى ئەھۋالى سانلىق كۆرسەتكۈچى ،گىرمانىيە 11-ئايلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانلىق كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 238 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.82 يۈەن
بىر دوللار 6.0507 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.21213 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6450 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3575 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !