سەپەردىكى يېڭى ھېكايە
(دوستۇم ئاغزىدىن)
1.شەھەرگە بېرىش سەپىرىدە
ئۆزۈمنىڭ ۋە ئوغلۇمنىڭ سالامەتلىكىنى بىرقېتىم تولۇق تەكشۈرتۈشنى مەقسەت قىلىپ شەھەر مەركىزىگە بېرىشنى خېلىدىن بېرى ئويلىغان بولساممۇ بوسۇغا داۋاندىن ئاتلاپ بولالماي ھازىرغىچە بېرىپ بولالماي كەلگەن ئىدىم.شۇڭا بۇ قېتىم بالامنىڭ تەتىلگە چىققان ۋاقتىغا توغرىلاپ ئۆزەممۇ رۇخسەت سوراپ بۇسەپەرنىڭ تەييارلىقىنى قىلدىم.
بۈگۈن ئىيۇننىڭ باشقا كۈنلىرىگە ئوخشاشلا ئەتىگەندىلا ھاۋا ناھايىتى ئىسىسق،تۈنۈگۈن كەچتە يامغۇر ياغقان بولغاچقىمىكىن ئاسمان پاك-پاكىز سۈرتۋەتكەن ئەينەكتەك،بىرەر پارچىمۇ بۇلۇت يوق.
مەن تۇرۋاتقان بۇ خىلۋەت يېزىدىن شەھەر مەركىزىگە بېرىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىغا بېرىشنىڭ ئورنى يوق.چۈنكى بۇ يېزا ناھىيىمىزدىن شەھەرگە بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولغاچقا مەن چوڭ تاشيولنىڭ بويىدا بالام بىلەن بىللە ماشىنا ساقلاشقا باشلىدىم.مەن خىيالىمدا ناھىيىمىز ياكى خوشنا ناھىيىدىن شەھەرگە ماڭغان ئاپتۇبۇسلارنى توسۇپ مېڭىشنى خىيال قىلغان ئىدىم.لىكىن ناھىيىگە قاتنايدىغان كىچىك ماشىنا ھەيدەيدىغان بىر شوپۇر(ئۇلارنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنى دەل شۇ يول بويى ئىدى)ماڭا ئەقىل كۆرسىتىپ ئادەتتىكى كىچىك ماشىنىلارنى توسساممۇ بولىۋىرىدىغانلىقىنى ،چۈنكى بۇ مەزگىلدە خوشنا شەھەرلەردىنمۇ باشقاجايلارغا ساياھەتكەبارىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىنى ،بۇ خىلدىكى ماشىنىدا كۆپنچىللىرىدە بوش ئورۇن بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.لىكىن مەن دەماللىقا نىمە قىلىشىمنى ،ماشىنىنى توسۇپ ماشىنا ئىگىسىگە مەقسىدىمنى قانداق ئېيتىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.چۈنكى مىنىڭ خاراكتىرىمدىكى ئىچ مىجەزلىككە يېقىندىن بېرى تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن ئىشلا رقوشۇلۇپ مىنى باشقىلارغا گەپ قىلىشنى بولۇپمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلىشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويغان ئىدى.
ئاشۇ ماڭا ئەقىل كۆرسەتكەن ئۇستامنىڭ ياردىمىدە ئىككى كىچىك ماشىنىنى توسقانمۇ بولدۇم،لىكىن ئورۇن بىر ،بىز ئىككى.ۋاقىت تېخى بالدۇر(سائەت ئەمدى يەتتە بولدى)بولغاچقا ئاپتۇبۇسلاردىن تېخى خەۋەر يوق.ھەي....قاچانغىچە ساقلارمەن؟؟؟ مانا شۇنداق خىيال ئىلكىدە تۇرغىنىمدا قارا رەڭلىك بىر نىسسان كىلىپ ئالدىمدا توختىدى ۋە ماشىنىنىڭ ئالدى يان ئەينىكى ئاستا چۈشۈرلۈپ،قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر 40ياشلار چاممىسىدىكى ئەر كىشىنىڭ بېشى كۆرۈندى ۋە مەندىن:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۇ ئەتىراپتا تامىقى ياخشىراق ئاشخانا بارمىدۇ؟ناشتا قىلىۋالاي دىگەن-دىدى.
-ئالدىڭىزغا 100مېتىر ماڭسىڭىز "ئەل رازى تاماقخانىسى "دەپ ۋىۋىسكىسى بار بىر ئاشخانا بار-دىدىم مەن.
ئۇنىڭغىچە يېنىمىزدا تۇرغان شوپۇر ئۇستام ماشىنىدىكى كىشىدىن:
-ئۇستامۇي،قەيەرگە بارىلا؟.
-ئا شەھرىگە.
-بۇياقمۇ شۇ شەھەرگە بارىدىكەن ،ماشىنىللىرىغا سېلىۋالماملا؟
-ئەلۋەتتە بولىدۇ.قېنى چىقىڭ.بېشى بىلەن ماشىنىنى ئىشارە قىلدى ئۇ.
باياماشىنىنىڭ ئىچىگە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن.ئەسلىدە ماشىنىدا ھېلىقى كۆزەينەكلىك كىشىدىن باشقا ئادەم يوق ئىكەن.مەن ماشىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىمغا 6 ياشلىق ئوغلۇم :
-ئەجەپ ئوبدان بولدى.ئەمدى ماشىنا ساقلىمايدىغان بولدۇق!!!-دەپ چۇرقىرىغىنىچە ماشىنىغا چىقتى.ھېلىق شوپۇر ئۇستامغا رەھمەت ئېيتىپ مەنمۇ ماشىنىغا چىقتىم.
ماشىنا 100مېتىرچە ماڭغاندىن كىيىن ھېلىقى مەن دىگەن ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق.كۆزەينەكلىك كىشى مىنى بىللە كىرىپ تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدى.مەن تاماق يەپ بولغانلىقىمىزنى ئېيتتىم.ئالاھەزەل 15 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ يېنىپ چىقتى. ماشىنا ئا شەھرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ياپيېشىل كىۋەزلىكلەر،ئالتۇنرەڭ بۇغداي باشاقلىرىغا تولغان كەڭ ئېتىزلارنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ بۇ كىچىك "تۇلپار"ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگەرلىمەكتە.مەن شۇدەمدە ماشىنا ئەينىكىدىن سىرتقا قاراپ مىنىڭ ئازابلىق كەچمىشلىرىمنىڭمۇ ئارقامدا قالغان ئاشۇ مەنزىرىلەردەك مەڭگۈگە كەينىمدە قېلىشىنى ئىچىمدە تىلىدىم.
تۇيۇقسىز بالام بىلەن كۆزەينەكلىك ئادەمنىڭ سۆھبىتى دىققىتىمنى تارتتى.
-ئوغلۇم،نەچچە ياشىقا كىردىڭلا؟
-6 ياشقا.ئۇزاق ئۆتمەيلا يەتتە ياشقا كىرىمەن.-چۈچۈك تىللىرى بىلەن جاۋاب بەردى ئوغلۇم.
-ئا شەھرىگە نىمىشقا ماڭدىڭلا؟
-مىنىڭ تولا كۆزۈم ئاغرىپ ئاپام مېنى تەكشۈرتكىلى ماڭدى.
-ئاتاڭلا بىللە ماڭماپتىغۇ؟؟
يۈرۈكۈم قارتتىدە قىلدى. بالامنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدىغىنىنى بىلمىسەممۇ بۇ بالام ئىككىمىز ئوخشاشلا ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سوئال ئىدى.
-ئاتامنىڭ خىزمەت ئورنى يىراق.بەك ئالدىراش .شۇڭا ئاپام بىلەن ماڭدىم.-ئوغلۇم سۆزىنى تۈگىتىپ ماڭا قاراپ قويدى.
ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن "خاتاسۆزلىمىگەندىمەن؟"دىگەندەك مەنىنى چۈشىنىپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى.
بالىنىڭ ئاتىسى ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە بارغۇدەك ۋاقتى يوق، ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىلللە بېرىشىنىڭ ئورنىمۇ قالمىدى.چۈنكى ئۇ ھازىر مەن ئۈچۈن پەقەت بالامنىڭ ئاتىسى خالاس.باشقاھېچ نەرسە ئەمەس.
خىيالىمنى كۆزەينەكلىك كىشىنىڭ ئاۋازى ئۈزىۋەتتى.
-قارىسام سىرتنىڭ مەنزىرىسى ئۇنچە چىرايلىقمۇ ئەمەسكەن.كۆزىڭىزنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇپ نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسىز؟-بۇ قېتىم ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى.
ئىچىمدە ئۇنىڭ مېنىڭ خىياللىرىمنى بۆلىۋەتكىنىگە نارازى بولساممۇ يەنىلا ئەدەب يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا:
-ياقەي،ئۆزۈمچە ...-دىيەلىدىم بوش ئاۋازدا.
-ئارقا-ئارقىدىن ئۇھ تارتىپ كەتتىڭىز، كۆڭلىڭىزدە سىزنى ئازابلاۋاتقان بىرەر ئىش بارمۇ نىمە؟
بېشىمنى دەرھال ئۇ تەرەپكە بۇراپ ئۇنىڭ ماشىنىنىڭ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى ماڭا توغىرلاپ قويۇپ،ئەينەكتىن مېنى كۆزىتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچتى.شوپۇرلارنىڭ مانا مۇشۇنداق قىلىقىغا بەك ئۆچلۈك قىلاتتىم.
-ياق ،ھېچقانداق ئىش يوق-دېدىم مەن تەئەددى ئارىلاش.
لىكىن بۇ غەلىتە ئادەم گېپىنى ھېچ توختىتىدىغاندەك قىلمايتتى.
-سىزنىڭ گەپ قىلغۇڭىز يوقلۇقىنى بىلدىم.ئۇنداقتا مەن گەپ قىلىپ بىرەي-دەپ گەپ باشلىدى ئۇ-مەن ق شەھىرىنىڭ پ ناھىيىسىدىن بولىمەن.ئۆزۈم مانا مۇشۇنداق ئۆزىڭىز كۆرگەندەك يۇرتمۇ-يۇرت يۈرۈپ سودا قىلىمەن. 15كۈن ئالدىدا تۇرپانغا قوغۇن يۆتكىگەن .ئەمدى ئۆيگە قايتىشىم.ئۈچ بالام بار،........
ئۇنىمىلەرنى دەۋاتىدۇ قۇلىقىمغا كىرەر ئەمەس.لىكىن ماشىنىدن سەكرەپ چۈشىۋېلىشنىڭ ئورنى يوق.ھېلىمۇ بۇ ئارلىق 2يېرىم سائەتلىك يول بولۇپ قاپتىكەن.بولمىسا ماۋۇ گەپ قىلغىلى ئېرىنمەيدىغان ئادەمنىڭ دەردىدە قۇلاقلىرىم پاڭ بولۇپ كىتەركەن .....
مۇشۇنداق ئۇ گەپ قىلىپ ،مەن ئانچە مۇنچە ئىپادە بىلدۈرۈپ دىگەندەك يولنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقنى تۈگىتىپ بوپتىمىز.ئارلىقتىكى بىر بۆلەك يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولغاچقا بۇ كۆزەينەك ھەقىقەتەن يۇقىرى سۈرەت بىلەن ماڭغاندى.مېىنىڭ گەپ قىلماي ئولتۇرۋالغىنىمدىن خىجىل بولدىمۇ ياكى گەپ قىلىپ ھېرىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ گەپ قىلىشتىن توختاپ قالدى. بالاممۇ ئۇخلاپ قالغان ئىدى.ئەمدى سىرىتقا قاراپ بەھۇزۇر خىيال سۈرەلەيتتىم.
-ناماز ئۆتەمسىز؟-ئۇنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى.
-ھەئە.
-ناماز ئۆتىگىنىڭىز بەك ياخشى ئىش،ئاللاھ ناماز ئۆتىگەننىڭ ئەجرىنى بىرىدۇ...............ئۇ قادناق ۋاقىتتا قانداق ناماز ئۆتەش،سەپەردە ۋە ياكى باشقا سەۋەب بىلەن قالغان نامازنى قانداق تۇلۇقلاش...دىگەنلەر ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىدى.
-ئاپا،ئۇسساپ كەتتىم-بالامنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى.سومكىدىن ئۇسسۇلۇق ئېلىپ بالامغا سۇندۇم.
-ھە شاكىچىك ،ئۇيقۇ تۈگىدىما؟
-ھەئە-بالام كۈلگىنىچە جاۋاپ بەردى.
شەھەرگە بارغانسېرى يېقىنلاۋاتاتتۇق.زاۋۇتلار،ماشىنا رىمنۇت قىلىش ئورۇنلىرى كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولۇۋاتاتتى.
-مەن بۇ تەۋەگە كۆپ ئۆتىمەن.خالىسىڭىز تىلفۇن نومۇرىڭىزنى ئېيتىپ بىرىڭ.ئالاقىلىشپ تۇرايلى-دىدى ئۇ.
مەن ئېغىز ئېچىپ بولغىچە بالام:
-مەن بىلىمەن...........دەپ نومۇرۇمنى ئېيتىپ بولدى.ئاشۇ گەپلەر بىلەن ئا شەھرىدىن ق شەھرىگە قايرىلىدىغان يەرگىمۇ كىلىپ قالدۇق.بۇ يەردە چۈشىۋالسام كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپلا دوختۇرخانىغا بارالايتتىم.
(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-12 12:57 PM