مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2476|ئىنكاس: 28

رازۋېدكا خاتىرىسى(سىنىپدىكى «جەڭ») [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 09:30:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئون مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى  چىن چىمىڭ  مىياۋزىنىڭ تېخىچە زەن قويۇپ ئاڭلاۋاتقىنىنى، فاسەينىڭ دەرۋەقە بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ پەرھاتقا دېدى :«راستلا زېرىكىشلىكمىكەن؟ بۇ يەرگە زادى نېمە قىلغىلى كەلگىنىڭلارنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.»
«ساڭا دېدىمغۇ— دېدى فاسەي جاۋابەن—چىڭ دەننى جايلىغىلى كەلدۇق. »
«لېكىن دەرىستىن چۈشۈشكە يەنە خېلى ۋاقىت بار تۇرسا»
«سىنىڭچە دەرستىن چۈشكەندە ئۇنى يەنە جايلىغىلى بولارمۇ»
ھە؟!
فاسەي نېمە دېمەكچى؟ ئەجىبا چىڭ دەن ساقچىلار ئارىسىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغان فاسەيگە قارىتا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرىۋاتامدۇ؟
«توغرا— دېدى فاسەي ئۇنىڭغا جاۋابەن—ئۇنى ياساشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەل ھازىر» .
چىن چىمىڭ دەماللىققا چۈشىنەلمىدى. ھازىر دېگەن دەرس ۋاقتى تۇرسا، قانداقسىگە ...؟
دەل مۇشۇ چاغدا فاسەي كۈتىۋاتقان پۇرسەت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچى ئارقا سەپتە ئولتۇرغان ئۇلارغا قاراپ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ «ئاۋۇ نەچچىڭلار!  گەپ قىلماڭلار! يا گېپىڭلار بولسا ئۈنلۈكرەك دەڭلار! »دېدى.
چىن چىمىڭ دەرھال بېشىنى ئىچىگە تىقتى. ئەمما فاسەي ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىگە پىسەنت قىلماستىن چىن چىمىڭدىن سورىدى: «ھەي، سىنىپ ئىچىدە تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ ھە؟ »
چىن چىمىڭ بېشىنى لىڭىشىتتى ۋە ئۇنىڭغا گەپ قىلماسلىق توغرىسىدا ئىشارەت قىلدى. فاسەي ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن يەنە دېدى «قاملاشمىغان»  
بۇ سۆز نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى - دە، باشلىرىنى بۇرۇشۇپ ئارقاسەپتە ئولتۇرغان فاسەيگە قاراشتى. ئەلۋەتتە، مۇئەللىممۇ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراۋاتاتتى. بىراق فاسەي بىپەرۋا ھالدا ئۆزىنى سەل تىكلەپ قويۇپ يەنىلا ئىككى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇراتتى.
«ساۋاقداش! ئەگەر دەرس ئاڭلىمىسىڭىز باشقىلارنىڭ دەرس ئاڭلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ! »دېدى مۇئەللىم قاتتىقراق پوزىتسىيەدە.
«ئۇنداق ئەمەسقۇ— دېدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ سەل كېرىلگەندەك قىلىپ— ئۆزىڭىز (گەپ بولسا ئۈنلۈكرەك قىلىڭ )دېدىڭىزغۇ؟ شۇڭا ئۈنلۈك دېدىم» .
بۇ سۆزدىن سىنىپتىكى ئويناۋاتقانلارنىڭمۇ نەزىرى ئۇنىڭغا چۈشتى.
«مەن دېمەكچى - دېدى مۇئەللىم قولىدىكى كۆرسەتكۈچ تاياقنى كۆتۈرۈپ - دەرسكە مۇناسىۋەتلىك قانداق پىكىرىڭىز بولسا ئۈنلۈك دېسىڭىز بولىدۇ! »
«ھە— دېدى فاسەي ۋە دوسكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى— مۇئەللىم، بايىقى سوئالنى خاتا ئىشلىدىڭىز»
خاتا؟ نەرى خاتا؟
چىن چىمىڭ دوسكىغا قارىدى. لېكىن ھېچقانداق خاتالىقنى بايقىمىدى.
مۇئەللىم ئۇنىڭدىن نەنىڭ خاتا بولغانلىقىنى سورىدى. ئۇ جاۋابەن «تازا ئېنىق ئېسىمگە ئالالمىدىم. قايتا تەكرارلاپ بېرەلەمسىز »دېدى.
چىن چىمىڭ چۈشەندى. فاسەي ئەسلا دەرس ئاڭلىمىغان!
مۇئەللىم بىرئاز سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ مۇنبەرگە قاراپ ئىككى قەدەم ماڭدى، چىرايىدا بولسا بىرخىل زېرىكىش تەرىقىسىدىكى ئىپادە ئەكىس ئېتەتتى.ئۇ بىرنى ئۇھسىنغاندىن كېيىن كەيپىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن «بولىدۇ. ئۇنداقتا ياخشى ئاڭلا. ئاندىن نەنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر. بولىدىغاندۇ؟ لېكىن كۆرسىتىپ بېرەلمىسەڭ بۇيەردە قالايمىقانچىلىق تېرىماي سىنىپتىن چىقىپ كەت» دېدى.
«بولىدۇ— دېدى فاسەي— ئەگەر سىز راستتىنلا خاتا سۆزلىگەن بولسىڭىزچۇ؟ »
مۇئەللىم يەنە بىرئاز سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرمەستىن بايىقى مىسالنى قايتا سۆزلەشكە باشلىدى. خۇددى ئۆزىچە سۆزلىگىنىدىن قىلچە خاتالىق چىقمايدىغاندەك.
«ياخشى ئاڭلا! بۇ بىر قەدىمكى لوگىكىلىق مەسىلە— دېدى مۇئەللىم— قوشنا ئىككى كەنت بار. بىرى راستچىللار كەنتى،  يەنە بىرى يالغانچىلار كەنتى. راستچىللار كەنتىدىكىلەر پەقەت راست گەپلا قىلىدۇ،يالغانچىلار كەنتىدىكىلەر پەقەت يالغان گەپلا قىلىدۇ. ھازىر سەن راستچىللار كەنتىگە ساياھەتكە بارماقچى. مېڭىپ - مېڭىپ بىر ئاچا يول ئېغىزىغا كەلدىڭ،ئەمما قايسى يولنىڭ قايسى كەنتكە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن . بۇ جايدا ھېچقانداق يول تاختىسى يوق. دەل مۇشۇ چاغدا چاغدا سەن بىر كەنت ئاھالىسىگە ئۇچراپ قالدىڭ. لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ زادى  راستچىللار كەنتىنىڭ ياكى يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۇ ئادەمدىن  پەقەت بىرلا سوئال سوراش ئارقىلىق قايسى يولنىڭ قايسى كەنتكە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئايرىشىڭ كېرەك. »
بۇ سوئال دەرۋەقە كونا ھەم ئاددىي بولغاچقا فاسەي خوشياقمىغان تەلەپپۇزدا دېدى «مۇشۇنداقمۇ ئاددىي سوئالنى ..»
«ئۇنچە ئاددي دېمىگىن، بۇ دەرس دېگەن لوگىكىلىق تەھلىل. تەھلىل بولغاندىكىن بەك مۇرەككەپ سۆزلەپ بەرسەم بولمايدۇ. بولمىسا سەن چۈشىنەلمىيسەن. ئۇنىڭدىن سىرت مەن سەندىن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى سورىغىنىم يوق. جاۋابنى ئاللىبۇرۇن دوسكىغا يېزىپ قويدۇم. مېنىڭ سوراۋاتقىنىم، مەن قايسى جاينى خاتا سۆزلىدىم؟ »مۇئەللىم بىر تېنىقتا مۇنۇلارنى دەپ بولۇپ، فاسەينىڭ ئۆزىگە جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈپ تۇردى.
دوسكىدا سوئالنى جاۋابى يېزىقلىق بولۇپ، بۇ سوئالنى يېشىشتىكى مۇھىم ھالقا ئۆزىنىڭ لوگىكىسىدىن ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ لوگىكىسىدىن ئىكەنلىكى ئىدى. ناۋادا ئۇراستچىللار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا، پەقەت راست گەپلا قىلىدۇ. ئېنىقكى ئۇلاردىن سوراش تولىمۇ ئاددي. لېكىن يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادەملىرى پەقەت يالغان گەپلا قىلىدىغان تۇرسا،بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇچاغدا بۇ ئىككى كەنتتىكىلەرنىڭ لوگىكىسىدىن پايدىلىنىش كېرەك. يەنى بۇ ئىككى خىل ئەھۋالغا ئورتاق ماس كېلىدىغان جاۋاب تېپىش كېرەك.
مۇئەللىمنىڭ يازغان جاۋابى بولسا—— ھېلىقى ئادەمدىن پەقەتلا «قايسى يول ئارقىلىق سىزنىڭ كەنتىڭىزگە بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ» دەپ سورىسىلا كۇپايە.
چۈنكى، ناۋادا ئۇ راستچىللار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا، راستچىللىق بىلەن كەنتىگە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئەگەر ئۇ يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا، چوقۇم يالغان گەپ قىلىدۇ (ئۆز كەنتىگە تۇتاشمايدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ )، شۇڭا يەنىلا راستچىللار كەنتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇڭا ئۇمەيلى قايسى كەنتنىڭ ئادىمى بولسۇن، قايسى يولنىڭ راستچىللار كەنتىگە، قايسى يولنىڭ يالغانچىلار كەنتىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
چىن چىمىڭ ئويلىدى، مۇنداق كونا سوئاللارنى ئۇ تولا ئۇچراتقان. ئېنىقكى بۇيەردە ھېچقانداق خاتالىق يوقتە!  ئۇ بېشىنى بۇراپ سەۋىرسىزلىك بىلەن فاسەيگە قارىدى. چۈنكى ئۇ ئەمدى فاسەينىڭ مۇئەللىم تەرىپىدىن چىقىرىتىلىۋېتىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەنىدى.
ئۇ مىياۋزىدىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى. ئەمما مىياۋزى ئۇنىڭغا قاراپ پەقەت كۈلۈپلا قويدى. قارىماققا پىسەنت قىلمىغاندەك تۇراتتى. بۇنىڭغا فاسەينىڭ بىرنى سوغۇق كۈلۈشى قوشۇلۇپ، چىن چىمىڭنى چۆچۈتىۋەتتى. ئەجىبا فاسەي راستتىنلا خاتالىق تېپىپ چىقالىدى؟ مۈمكىن ئەمەستۇ ؟
مۇنبەردىكى مۇئەللىم ئۇنى ئالدىراتتى:«ساۋاقداش! زادى نەدە خاتالىق بار؟ بولسا چوقۇم تۈزىتىمەن! »
چىن چىمىڭمۇ فاسەينىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا تەقەززا بولۇپ تۇراتتى.
فاسەي يانچۇقىدىن تاماكا چىقارماقچى بولدى - يۇ، بۇ جايدا چېكىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ بولدى قىلدى - ۋە ئورنىدىنمۇ تۇرماي ئۆزىنى سەل رۇسلىۋېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى:«مۇئەللىم، ئەگەر سىز مۇنداق سورىسىڭىز ئېرىشكەن جاۋاب تولۇق 100%لىك بولمايدۇ. »
مۇئەللىم كۈلۈپ قويۇپ ئېيتتى «قانداقسىگە؟ »
«ئەگەر ئۇ راستچىللار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا دەرۋەقە سىزگە راستچىللار كەنتىنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن ئۇ يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا،  سىزگە راستچىللار كەنتىنى  كۆرسىتىپ بېرىشى ناتايىن» .
«ھا ھا ھا ....— مۇئەللىم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى— سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا قەستەن جاۋاب بەرمەمدۇ؟ »
«ياق» دېدى فاسەي بارمىقىنى چىقىرىپ. ئۇ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان كۆپچىلىككە سوئالنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى تەكىتلەپ دېدى «سىز راستچىللار كەنتىگە ساياھەتكە بارماقچى. مېڭىپ مېڭىپ بىر ئاچا يول ئېغىزىغا كەلدىڭىز. بۇ يولنىڭ بىرى راستچىللار كەنتىگە، بىرى يالغانچىلار كەنتىگە تۇتىشىدۇ. لېكىن سىز پەرق ئېتەلمىدىڭىز، شۇنداققۇ؟ »
«توغرا»
«سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندىمۇ تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارما؟ »
«ھە؟! »
فاسەي بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنكاسىنىڭ تولىمۇ ئاستا ئىكەنلىكىنى پەملىگەچ ئەتراپدىكىلەرگە قاراپ قويدى. لېكىن ئەتراپدىكى ھەممەيلەنمۇ ئوخشاشلا قىزىققاقلىق بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە، چىن چىمىڭمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.
«ھېچقايسىڭلار بىلمىدىڭلارما؟ نەرىڭلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى؟—  دېدى فاسەي تولىمۇ ئېچىنغان قىياپەتتە— ئەگەر مۇشۇنداق تەھلىل قىپ كەلسەك بۇ جايدىكى يول جەمئىي ئۈچ بولمامدۇ؟! »
ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چۈشىنىپ يەتتى. بۇ يەردە راستچىللار كەنتى ۋە يالغانچىلار كەنتىگە تۇتىشىدىغان يولدىن باشقا يەنە بىر يول مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كەلگەن يولى!
ئەگەر قارشى تەرەپ راستلا راستچىللار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا ئۇ ھەقىقەتەن راستچىللار كەنتىگە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ يالغانچىلار كەنتىنىڭ ئادىمى بولسا ئۇچاغدا ناتايىن. بۇچاغدا ئۇنىڭ ئىككى خىل جاۋاپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار. بىرى راستچىللار كەنتىگە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتىش، يەنە بىرى بولسا دەل بىز مېڭىپ كەلگەن يولنى كۆرسىتىش. بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا بىز يەنىلا يولنى پەرق ئېتىشكە ئامالسىز قالىمىز. شۇڭا مۇئەللىمنىڭ جاۋابى بويىچە سورىساق ئۇنىڭ توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى ...
«تۆت سەن ئۈچ» دېدى فاسەي يەنە.
«ھە، سەن ئۆزۈڭنىڭ كەلگەن يولۇڭنى قوشۇپ تەھلىل قىپسەن. ئۆزۈڭگە بىر ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇپسەن— دېدى مۇئەللىم— لېكىن مۇنداق تەھلىل قىلساق بۇ سوئال يېشىمسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ »
فاسەي يەنە بىرنى كۈلۈپ قويۇپ دېدى «كىم شۇندق دەيدۇ؟ »
«ھە؟ سەن يېشەلەمسەن؟ »
چىن چىمىڭ فاسەينىڭ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. دېمىسىمۇ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھېچكىم بۇ نۇقتىغا دىققەت قىپ باقمىغان تۇرسا! بىراق فاسەي بۇ نۇقتىغا دىققەت قىپلا قالماستىن ھەتتا جاۋابىنىمۇ چىقىرىپ بوپتۇ.
«جاۋابى مۇنداق، ئۇنىڭدىن <قايسى يوللار سىزنىڭ كەنتىڭىزگە تۇتاشمايدۇ؟ >دەپ سوراش كېرەك»
مۇئەللىم ئۈندىمىدى. سىنىپدىكى بارچە ساۋاقداشلارمۇ ئۈندىمىدى. ھەممىسى كۆزلىرىنى پارقىرىتىشىپ بۇ «بىپەرۋا» مۇئەللىمنىڭ دوسكىدىكى جاۋابنى ئۆزگەرتىشىگە قاراپ تۇرۇشتى.

مەنبە: 双子罗星(ھازىرغىچە ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان) نىڭ «رازۋېدكا خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.
(بۇ تۇنجى قېتىم ھېكايە - ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشىم، ياقتۇرىشىڭلارغا تىلەكدىشمەن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 09:35:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پوۋسىتنىڭ ئوتتۇرىدىكى كىچىككىنە بۆلىكىنى تەۋسىيە سۈپىتىدە مۇنبەردىكى تورداشلارغا تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم. ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا بۇ تەتىلدە تولۇق تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 09:35:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پوۋسىتنىڭ ئوتتۇرىدىكى كىچىككىنە بۆلىكىنى تەۋسىيە سۈپىتىدە مۇنبەردىكى تورداشلارغا تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم. ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا بۇ تەتىلدە تولۇق تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .
بەھرام710 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 05:25:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بىز مەڭگۈ ئوقۇغۇچى ۋە ئىزدەنگۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8328
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4499
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 05:27:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى تىكېستى بولمىغاچقا سېلىشتۇرۇشقا ئىمكان بولمىدى. لىكىن ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، ئىملايىڭىزدا خاتالىق يوقكەن. بۇندىن كېيىنكى تەرجىمە ئىشلىرىڭىزغا  ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەسىرىڭىزنى ياختۇردۇم.

ئەزەلدىنلا قەدىرسىزدۇر ياندا بارى، ئىنسان شۇڭا يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى!    --شەيىخ سەئىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 05:38:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەنغۇ   ،  بولسا  تولۇق   تەرجىمە  قىلىپ  قويسىڭىز   ، مەن  قىزىقىپ  قالدىم  ،  بەكلا  .. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   othor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 05:38 AM  


ئۆچمەس  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 07:15:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
loveuighur يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 05:27 AM
ئەسلى تىكېستى بولمىغاچقا سېلىشتۇرۇشقا ئىمكان بولمىدى ...

ئەسلى مەنبەسى 双子星罗نىڭ 《侦讯记录》ناملىق ئەسىرى. مەن بۇنى بىر كىتاپتىن كۆرگەن(كىتاب ئىسمى  悬疑世界).مېنىڭچە ھېكايە ئىسمىنى بەيدۇ قىلىپ تاپالايسىز.
ئۇنىڭدىن سىرت،  قوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 07:20:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
othor يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 05:38 AM
ياخشىكەنغۇ   ،  بولسا  تولۇق   تەرجىمە  قىلىپ  قويسىڭىز    ...

تەرجىمە قىلىشقا كۆپ ۋاقىت كەتمىگەن بىلەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلارنى تېلىفوندا ئۇرۇشقا بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. قىسقىغىنىسى يۇقارقى بۆلەكنى ئون نەچچە مىنۇتتا تەرجىمە قىلدىم، ئىككى يېرىم سائەتچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تېلىفوندا بېسىپ مۇنبەرگە يوللىدىم.
تەتىلدە ۋاقىت كۆپرەك بولغاچقا چوقۇم تولۇق تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 07:20:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
othor يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 05:38 AM
ياخشىكەنغۇ   ،  بولسا  تولۇق   تەرجىمە  قىلىپ  قويسىڭىز    ...

تەرجىمە قىلىشقا كۆپ ۋاقىت كەتمىگەن بىلەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلارنى تېلىفوندا ئۇرۇشقا بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. قىسقىغىنىسى يۇقارقى بۆلەكنى ئون نەچچە مىنۇتتا تەرجىمە قىلدىم، ئىككى يېرىم سائەتچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تېلىفوندا بېسىپ مۇنبەرگە يوللىدىم.
تەتىلدە ۋاقىت كۆپرەك بولغاچقا چوقۇم تولۇق تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 07:20:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
othor يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 05:38 AM
ياخشىكەنغۇ   ،  بولسا  تولۇق   تەرجىمە  قىلىپ  قويسىڭىز    ...

تەرجىمە قىلىشقا كۆپ ۋاقىت كەتمىگەن بىلەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلارنى تېلىفوندا ئۇرۇشقا بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. قىسقىغىنىسى يۇقارقى بۆلەكنى ئون نەچچە مىنۇتتا تەرجىمە قىلدىم، ئىككى يېرىم سائەتچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تېلىفوندا بېسىپ مۇنبەرگە يوللىدىم.
تەتىلدە ۋاقىت كۆپرەك بولغاچقا چوقۇم تولۇق تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش