|
|
|
|
كومپيۇتېرقوزغالغاندىكى ئابونىت كىرىش ئەسكەرتىشىنى يوقىتىش ئۇسۇلى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز كونا،يېڭى مۇنبەرداشلار! ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تېمايوللاپ، كۆپ ئىنكاس يوللاپ بولالمىغان بولساممۇ، ھەر قايسى دوستلارنىڭ يازمىلىرىنىئاساسەن تولۇق كۆرۈپ، پايدىلىنىپ كەلدىم. ئىھتىياج سەۋەبلىك بۈگۈن بىر مەشغۇلاتئۇسۇلىنى بىلىۋالغان ئىدىم. ماڭا بەك زۆرۈر بولغان، بەلكىم مۇنبەرداشلار ئىچىدىمۇمۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلماقچى بولغانلار بار دەپ ئويلاپ تەڭ پايدىلىنىش ئۈچۈنيوللىدىم. دېمەكچىبولغىنىم، كومپيۇتېر قوزغالغاندا ئابونت نامى ۋە مەخپى نومۇر كىرگۈزۈپ ئاندىنسىستىمىغا كىرىش باسقۇچىنى بىكار قىلىش. بۇنىڭدا مەخپى نومۇر ئىشلىتىدىغانلار ھاجەت ئەمەس، مەخپى نومۇرئورنىتىپ، كېيىن مەخپى نومۇرنى بىكار قىلىۋېتىپ، بىۋاستە قوزغىلىپ سىستىمىغاكىرىشنى ئويلايدىغانلارغا ھاجەت.
كۆزنەك 7 (Win7)سىستىمىسىدا: 1-باسقۇچ: كونۇپكا تاختىسىدىكى windows بەلگىسىنى بېسىپ تۇرۇپ R كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئىجرا كۆزنىكىنى چىقىرىمىز.
2- باسقۇچ: ئىجرا كۆزنىكىگە control userpasswords2 نى كىرگۈزۈپ، مۇقىماشنى باسىمىز.
3- باسقۇچ: چىققان كۆزنەكتىن، ئابونىت نامى ۋە مەخپى نومۇر ئىشلىتىپ كىرىش دېگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى تاللاش يەنى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىمىز.
4- باسقۇچ: 应用 باسقاندىن كېيىن ، كۆزنەك چىقسا ، ئابونىت نامى ۋە مەخپى نومۇرنى( يوق بولسا بوش قويساق بولىدۇ) كىرگۈزۈپ مۇقىملىساق بولىدۇ.
تامام.
ئەسكەرتىش:(مەشخۇلاتنى توغرا قىلىڭ، پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن، كاشىلا كېلىپ چىقسا مەن ئىگە ئەمەس)
يوللىغۇچى: ئەلتېكىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-8 04:21 PM
|
|
|
|
|
|